ئاقىل ئىدىڭ بولالمىدىم سەنچىلىك،
قورقماس ئىدىڭ بولالمىدىم سەنچىلىك.
ھاياتىڭدا قىلدىڭ شۇنچەياخشىلىق،
ياخشىلىق قىپ قىلالمىدىم سەنچىلىك.
جاسارەتلىك بولالمىدىم سەنچىلىك،
پاراسەتلىك بولالمىدىم سەنچىلىك.
يامانلىق يوق ئىدى سىنىڭ كۆڭلۈڭدە،
ئاق كۆڭۈل بوپ بولالمىدىم سەنچىلىك.
باتۇر بولدۇم بولالمىدىم سەنچىلىك،
قەيسەربولدۇم بولالمىدىم سەنچىلىك.
مەرتلىكتە سەن ئايىمايتتىڭ جېنىڭنى،
مەرت بولۇپ ھەم بولالمىدىم سەنچىلىك.
تەمكىن ئىدىڭ بولالمىدىم سەنچىلىك،
ئىجىل ئىدىڭ بولالمىدىم سەنچىلىك.
چىدايتىڭ سەن ئۇچرىساڭمۇ ئەلەمگە،
دەرت ئەلەمگە چىدالمىدىم سەنچىلىك.
قۇربان بەردىڭ بېرەلمىدىم سەنچىلىك،
مېنى سۆيدۈڭ سۆيەلمىدىم سەنچىلىك،
مەن گۈل بولسام گوياباغۋەن جان دادام،
مېھىر بېرىپ ئۆستۈرگەن شۇئەجرىڭگە،
مەنمۇ مېھىر بېرەلمىدىم سەنچىلىك.