مەن ئارقاڭدىن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپلا قالدىم،سىنى چاقىرغان يىغا ئارلاش ئاۋازىم جىمجىت تەبىئەت قوينىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتتى... مەن بۇنىڭ ئويغانسىلا ھىچقانداق ئاسارىتى قالمايدىغان قابائەتلىك بىر چۈش بۇلىشىنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتىم__ھە! مەن ئېچىنىۋاتىمەن،يەردە قويغان ۋەدىللىرىڭ ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن.
گۈللەر توزىدى،خازاڭلار ئاچچىق،ئىزغىرىن شامالدا ئۇچماقتا،ئەتراپ نىمە دىگەن غېرىپ ھە!
سەن كەتتىڭ،ئايرىلىش ئالدىدا ئارقاڭغا قارىماستىن،ماڭا بىر ئېغىز "خوش" مۇ دىمەستىن جىمجىتلا كەتتىڭ.
لىكىن بۇ بىر رىئاللىق،كىشى قەلبىنى چەكسىز لەرزىگە سېلىپ قىينايدىغان رىئاللىق ئىدى...
كېچە،ئەللەر تاتلىق ئۇيقۇدا،پەقەت مەنلا بىر بۇلۇڭدا، قەلبىمنى تۈگىمەس ئازاپقا سېلىۋاتقان شۇ تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا خامۇش ئولتۇرماقتىمەن.
ئويغاقمەن بۇ كېچە،ئۇيقىدىن بىدار،
قەلبىمدە بىرلا ئوت كۆيىدۇ پىنھان.
نە سەۋەپ بولىمەن بۇنچە خارۇ-زار،
ئۆكۈنۈش ئېچىدە ئۆتىمەن ھامان. * * *
بۇ بىر ،ئازاپقا مۇپتىلا قىلدىغان مۇھاببەت تارىخى.
بۇ بىر جۇپ يۇرەكنىڭ ئۇنسىز نىدالىق مۇھاببەت تارىخى. سەن كېتىپ ئېرىشكەنلىرىم...
سەن كېتىپ_مەن يالغۇز قالدىم،بۇ دەل مۇھەببەتتىكى يالغۇزلۇق،غىرىپلىق،ئازاپ.
سەن كېتىپ_مەن نىمنىڭ مۇھەببەت،نىمنىڭ ئاشىقلىق،نىمنىڭ سۆيگۈ ئىكەنلىكنى بىلدىم.
سەن كېتىپ_يالغۇز ياشاشنى بىلدىم.
سەن كېتىپ_مۇھەببەت كوچىسىغا قايتا رەت قول بولمايمەن دەپ قەسەم بەردىم.
سەن كېتىپ_مەن دۈشمەن كۈلكىسىگە قالدىم.
سەن كېتىپ_مەن ھەممە ئىشەنىچ،باتۇرلۇقنى يوقاتتىم.
سەن كېتىپ_يىغلاشنى ئۈگەندىم.
سەن كېتىپ_شائىر بولدۇم. سەن كېتىپ_دۇنيانىڭ نە گۈزەللىكىنى،مۇھەببەتنىڭ نە مەنىسىنى چۈشنەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
سەن كېتىپ_ھەممە مەندىن يىراقلاشتى،ھەتتاكى دۇنيا مېنى ئۇنۇتتى.
سەن كېتىپ_تىنى بەردەم،يۈرىكى مەجرۇھ ئاجىزغا ئايلاندىم .
قېسقىسى،سەن كەتكەن ئاشۇ مېنۇت، مېنىڭ ھەممىنى يوقاتقان، ھەممىدىن ئۈمۈد ئۈزگەن،ھەممىدىن بىزار بولغان ۋاقتىم بولدى.خەير،ئامان بول،دېگىنىڭلا يادىمدا،ئوتتەك قۇلۇڭ بىلەن مۇزلىغان قولۇمنى تۇتۇپ خۇشلاشقىنىڭ يادىمدا،كۈلگەن مېھىرلىك كۆزلىرىڭ بىلەن،يىغلاپلا قالغان كۆزلىرىمغا قاراپ خۇشلاشقىنىڭ يادىمدا...«خۇش،ھە»دېمەك بەك ئاسانمۇ ؟يىغلاپ قالدىم مەن،بۇ ھالىمدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردارمۇ سەن؟ئېيىتقىنە...
ساڭا بۇنى سوۋغا قىلاي:
قىلغىنىمنى بىلمىدىڭ،
مېنى كۆزگە ئىلمىدىڭ.
ئېيىتقىنە ئەي تاش يۈرەك،
مەن تىكەن،سەن گۈلمىدىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 07:55 PM
|