مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1384|ئىنكاس: 14

پۇل ۋە ئېتىقاد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75569
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 07:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇل ۋە ئېتىقاد

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر؟.. مىسرانىم مۇنبىرىگە يەنە بىر يېڭى تىمىنى يوللاش ئارقىلىق سىلەر بىلەن يەنە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن ناھايتى خوشالمەن .

مەن تورداشلار بىلەن << پۇل ۋە ئېتىقاد >> توغرىسدىكى بۇ تېمىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق  توغرا ئىپادىلەپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق بۇ مەسىللەر ئۆستىدە ئەركىن پىكىرلىشپ ، ئورتاق قاراش تېپىپ چىقساق  دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

بىز پىكىرلەشمەكچى بولغان بۇ تېىما ئۈسىتدە ئىلگىرى ھەممىىز نۇرغۇن ھېكايىلەر ، ماقالىلەر ۋە ئەمەلىىي ئىشلارنىمۇ كۆپ كۆرگەن ۋە ئۇقۇغان ، شۇڭا بىر قاراپلا بۇ تېمىغا نىسبەتەن بۇنىڭغا قانداق توغرا جاۋاب بىرىشنى ھەممىز كۆڭلىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئويلاپ بولغان بۇلىمىز . ئۇنداقتا بىز يەنە بۇلارغا جاۋاب بىرىپ باقايلى ...

بىز شۇ توغرا جاۋابىنى ئويلىغانغا چۇشلۇق ئەمىليەتتە شۇنداق قىلالىدۇقمۇ ؟... قانچىلىكىنى قىلالىدۇق ؟...بىز يەنە ئاغزىمىزدا شۇنداق دەپ  قۇيۇپلا بىلگىنىمىزچە كىتپ بارىمىزمۇ ياكى ئانچە-مۇنچە ئەقلىمىزنى تاپتۇقمۇ  ؟... مۇشۇنداق ئۈزىمىزنى ئالداش بەدىلىگە بىز زىيان تارتىتىقمۇ ياكى پايدا ئالدۇقمۇ ؟.... دىگەندەك بىر قىسىم ئۆتكۈر سۇئاللارنى چۇقۇم بىر قېتىم ئۆزىمىزگە قۇيۇپ بېقىشمىز كېرەك . چۈنكى بۇ ھايات مۇساپىسى ئۇزۇن ، شۇڭا  بۇ  تۇرمۇش ياش چوڭايغانسىرى بىزنىڭ تەنتەكلىكىمىزگە شۇنچە يول قويمايدۇ . شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن بىر ياش چوڭايساق ، ماس ھالدا بىر كىشلىك ئەقىل تېپىشىمىز كېرەك .

مەنمۇ ئىلگىرى ئاغزىمدا شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئۆز يولىمغا كېتىۋىرىدىغانلارنىڭ بىرسى ئىدىم ، ئەمما مۇشۇنداق ئويلاش تۈپەيلى كىينكى كۈنلەردىكى مىنىڭ ۋە تۇنۇشلىرىمنىڭ تارتىۋالغان روھىي ۋە ئىقتىسادي زىيانلىرى مىنى بارا – بارا چۈچۈتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنداق كېتىۋىرسشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكنى ھىس قىلدىم . شۇندىن كىين بۇ ھەقتە ئىزدىنشكە باشلىدىم ،تورداشلارنىڭ ماقالىرى ۋە ئەسەرلىرىنى كۆردۈم ،  كىتابخانىلارنى چۈرگىلدىم ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇدۇم ،دانشمەنلىرىمىزنىڭ كىتابىلىرىنى بىر قۇر كۈرۈپ چىقتىم ، ئەمىليەت بىلەن سېلىشتۇردۇم ، كۆرگەن ۋە بىلگەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ ۋە ئەملىيەتكە تەدبىقلاپ ماڭدىم  ، شۇندىلا ئاندىن بۇتۇرمۇشنىڭ قانداقلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە توغرا چۈشنىپ يەتتىم .

ئۇنداقتا بۇ ھەقتە بىز يەنىلا ئەمەلىي بىر مىسال ئېلىش ئارقىلىق كۈرۈپ ئۈتەيلى .

بۇ ئىش بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن، بايان قىلغان بۇ ۋەقەلىكلەرنى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك يىگىت ئۈزى تورغا چىقرىىشقا  قۇشۇلغان . تورداشلارنىڭ خاتا چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن .

       ئەمسىە ھېكايەمنى باشلاي ...         

     بۇ بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەرنى بەلكىم بىلىدىغانلار باردۇ ياكى يوقتۇ  ؟...شۇنداق بولسىمۇ تېمىغا ماۋزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيتىگە  ئەمەلىي باھا بىرىپ باقساق  دەپ ئويلايمەن . چۈنكى بۇنداق ئىش ھەممىمىزنڭ بېشىدا بار ، شۇڭا  بىزمۇ  سەللا دىققەت قىلمساق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ  يۈز بېرىشى مۈمىكن .

    يەنى بۇ يىگىت شۇ ۋاقىتلاردا بىر قىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ، ئەمما ئۇ قىزغا قانداق دىيشنى پەقەت بىلمەپتۇ ، بىراق مەلۇم بىر پۇرسەتتە يىگىتنىڭ دوسىتى بۇ ئىشنى بۇ قىزغا يەتكۈزۈپتۇ ، شۇندىن باشلاپ بۇ قىزمۇ بۇ ئۇغۇلغا دىققەت قىلىشقا باشلاپتۇ، بۇ ئۇغۇل بۇ قىزغا ياخشى تەسىر بىرىش ئۈچۈن ناھايتى سالماقلىق بىلەن ئىش كۈرۈپتۇ ، قىزمۇ بارا – بارا بۇ يىگىتىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ ، قىزنىڭ قىلغان خىزمىتى بۇ يىگىتنىڭ مەلىسىدىكەن ، ئەمما خىزمەت ئورنى بىلەن ئۈيى بەكمۇ يېقىن ئەمەسكەن ، قىز يىـگىتنىڭ بۇ تەلپنى ئاپىسىغا يەتكۈزۈپتۇ ، ئەمما بۇقىزنىڭ ئاپىسى بولسا قىزنىڭ خىزمەتكە ئىېرىشتۈرۈشنى ۋە ئۈزىگە يېقىن يەرگە ئەكىلىشنى ئويلاپ بۇلارنىڭ تەلپنى رەت قىلىپتۇ ، يىگىت يالغۇز ئاپسى بىلەن بىرگە تۇرغاچقا ئامالسىزلقتىن بۇ قىزغا ئايرىلىش ھېسىياتنى ئىپادىلەپبىر پارچە خەت يېزىپتۇ، خەتنىڭ مەزمۇنىگە نىسبەتەن بۇ بىر ئايرىلىش خېىتى بولسىمۇ  ، ئەمما قىز بۇ خەتنى ئۇقۇغاندىن كىيىن،يىـگىتنىڭ سورىغان << قانداق قارايسىز ؟..>> دىگەن سۇئالىغا ئۈندىمەي جىم تۇرۇۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن يـگىت بۇ قىز كۆڭلىنى چۈشىنىپتۇ ، ھەم قىزنىڭ ئاپسىدىن يۇشۇرۇنچە ئۈتۈپ بېقىشنى تاللاپتۇ ، شۇنداق بولسىمۇ بۇلارنىڭ مۇھەببىتى بارغانىسىرى كۆچىيىپ بېرىپتۇ . ئۇغۇل كۈنلەرنىڭ بۇنداق ئۈتۈپ كەتسە بولمايدىغانلىغنى ، ئاپسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىغنى ئويلاپ ، قىزغا توي قىلىش تەكلىپنى بىرىپتۇ ، قىزمۇ ئاپسىغا دەپتۇ ، قىزنىڭ ئاپسى بۇلسا بۇ يـىگىت بىلەن بىر كۈرۈشۈپ بېقىشنى ئېيتپتۇ ، يىگىت بۇنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلنىپ قاپتۇ ، ئەمما بارمىسا كىينكى ئىشلارمۇ يوق بۇلدىغانلىغنى ئويلاپ قىزغا ماقۇل بۇپتۇ ، شۇنداق قىلىپ بۇ يىگىت كۈرۈش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم  بۇ قىزنىڭ ئۈيىگە كەپتۇ .بۇ ئىشلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىپ قېلىشى بولسا دەل مۇشۇ يەردىن باشلىندۇ . (  بۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى بەش ۋاق ناماز ئۇقۇيدىغان ئىېتىقادلىق  ئائىللەردىن ئىكەن )  شۇنداق قىلىپ بۇ يىـگىت بۇ ئۆيدە مىېھمان سۈپتىدە كۈتىۋاپتۇ  ، قىزنىڭ ئاپسى بۇ يىگىتنىڭ كىلىش مۇددىئاسىنى بىلگەندىن كىيىن ، يەنىلا قىزى بۇ قېتملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە ، يېقىن يەرگە يۆتكەپ ئەكىتىدىغانلىغنى ، توي بولمايدىغانلىغنى ئېيتىپتۇ . يىگىت بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دەپتۇ ، << خۇدايىم بار ،  ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسلە ، قىزلىرى بىلەن  تۇنۇشۇپ خېلى ئىشلاردىن باشتىن كەچۈرۈپ يەنە ئۆيلىرىگىچە كەلدىم، خۇدايىم بۇيرىسا قىزلىرى ئىىمتىھاندىنمۇ ئۈتۈپ قالار ، قىزلىرى ئىېمتىھاندىن ئۆتەلمىسىمۇ قىزلىرىغا ياخشى قارايمەن ...........>>بۇ يىـگىت شۇنداق دېسىمۇ ئەمما قىزنىڭ ئاپسى ئۈزنىڭ يەنە بىر قىزىنىڭ يولدىشى ۋە قۇدىسىنى مىسال قىلىش ئارقلىق ئۇلاردىن تازا رازى ئەمەسلىكىنى ۋە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىغىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ  ، ھەمدە بۇلارنىڭ توي  ئىشى  بولماي قالسا يىگىتنىڭڭ بۇ   قىزنىڭ كەينىگە كېرىۋالماسلىقىنى ئېيتىپتۇ ،  يېگىت بۇنى ئاڭلاپ غەلىتىلىك ھېس قىلىپتۇ ، ۋە مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ : << ئەسىلىدە ۋەدىنى ئۇغۇلنىڭ ئاپسىدىن ئېلىۋالماي ، ئۇ ئۇغۇل بالىدىنلا ئېلىۋالسا ياخشى بۇلاتتى ، چۈنكى ئاپسى قىرىغانىسرى بەرگەن ۋەدىسنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، بىراق ئوغۇل بالا بولسا بىر كۈنلەردە قانداقلا بولسۇن ۋەدىسنى ئىشقا ئاشۇراتتى، ئەگەر سېلى توي ئېشىمىزغا قۇشۇلمىسىلا مەن ھەرگىزمۇ قىزلىرنىڭ كەينىگە كېرىۋالمايمەن ، چۈنكى قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دىگەن گەپ بار ، مەنمۇ باشقا يەرگە ماڭىمەن... >> ئۇغۇل شۇنداق دەپ گەپنى ئاياغلاشتۇرۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن  ئېلىگىرى ياخشى گەپلەر يېنىغا كەلمىگەن ئايال تۇيۇقىسىز چىققان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇددى ياخشى بىر نەرسە تېپىۋالغاندەك خوشال بۇپتۇ ، ھەمدە بۇ ئۇغۇلغا دەرھال مۇنداق دەپتۇ : << ئەگەر قىزىم بۇ قېتىمقى  ئېمتىھاندىن ئۈتەلمەي قالسىمۇ  ، ئەمما قىزىمنى مەلىڭىزگە يېزا كادىرى قىلىپمۇ بولسا ئەۋەتىمەن ، سىزمۇ ئالدىراپ باشقا يەرگە ماڭىمەن دەپ كەتمەڭ >> ..................ئۇغۇل بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئازراق ھەيرانلىق ھېس قىلىپتۇ .  ئۇلارنىڭ پارىڭىمۇ ئاياغلىشىپ بۇ ئۇغۇلمۇ خوشلىشىپ ئۈيدىن چىقىپتۇ ، قايتىش يولىدا كېىتپ بارسا تۇيۇقىسز قىز ئۈيىدىن تېلفۇن بىرىپ يېگىتكە ئۈزىنى شۇ جايدا ساقلاپ تۇرۇشنى ، ھازىرلا يېنىغا چىقىدىغانلىغنى ئېيتىپتۇ ، قىز ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇغۇلنىڭ كەينىدىن يېتىپ كەپتۇ. قىز بۇ يىگىتىتن ئاپسىنىڭ بايام ئۆيدە پاراڭلاشقاندا  نىمە دىگەنلىكىنى ، ئۈزىنىڭ قانداق قارايدىغانلىغنى سوراپتۇ ...يىگىت باشقا گەپنى دىمەپتۇ ، پەقەتلا بۇ قىزنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بىرىشى كېرەكلىنى ، ئەگەر ئۆتەلمەي قالسىمۇ , جېنى تىندا بولسا  بىر ئۈمۈر قىزغا كۈيۈنۈپ ۋە  ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدىغانلىغى ھەققىدە ۋەدە بىرىپتۇ ، قىزمۇ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ يىگىتتىن كۆڭلى خېلى خاتىرجەم بۇلۇپتۇ ،  ئەتىسى يېگىت بۇ قىزغا تېلفۇن بىرىپ ئاپىسنىڭ ئۈزى  كەتكەندىن كىيىن نىمە دىگەنلىكنى سوراپتۇ ، قىز بولسا بۇ يگىتىنىڭ ئاپىسنىڭ كۈزىگە ئىسسىق كۈرۈنۈپ قالغانلىغىنى ئېيتىپتۇ . يېگىت بۇنى ئاڭلاپ خوشال بۇلۇپتۇ . كۈنلەر ئەمدى يەنە باشقىچىلا بىر  تەرىقىدە خوشاللىق بىلەن داۋام قىلىپتۇ . يېگىتنڭ قىزغا بولغان مىھىرى بارغانسىرى ئېىشپ،ئۇنى ئۈزىنىڭ سادىق ھەمراھى دەپ قارايدىغان بۇلۇپتۇ.ئاخىرى قىزمۇ بۇ ئىمتىھاننى بىرىپتۇ ، ئەمما ئۈتەلمەپتۇ ، ھەم ئىشتىن بۇشىتلىپتۇ ، ۋە  ۋاقتىنچە ئۈيىگە قايتىپ كىتىپتۇ ، ئۇغۇلنىڭمۇ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىكەن ، ئەمما ئۇلار ئۈمىدسزلەنمەي يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۈتۈپتۇ ، بىر ھەپتىدىن كىيىن قىز يەنە بىر يىراقراق جايغا خىزمەتكە چۈشۈپتۇ ، ئەمما بۇ قىز بۇ يىگىتتىن ئايرىلىپ قالدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئاتا – ئانىسغا ئۇيەرگە خىزمەتكە بارماسلىقنى يېغلاپ تۇرۇپ ئۈتۈنۈپتۇ ، ئاتا – ئانىسنى قىزنىڭ بۇ ھالىتنى كۈرۈپ ئىككىيلەننىڭ توي ئىشىغا چىن كۈڭلىدىن رازىلىق بەرگەنلىكىنى ، بۇ ئىشلاردىن غەم قىلماي ئۇجايغا خاتىرجەم خىزمەتكە بېرىپ تۇرىشنى  ئېىيتپتۇ ، قىز بولغان بۇ ئىشلارنى ئەتىسى يگىتىگە سۆزلەپ بىرىپتۇ ، شۇ كۈنلەردە بۇ قىزغا باشقا جايدىن لايىق كېلىپتۇ ، بىراق قىز بۇ يېگىتىنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇلارنى قايتۇرۇپتۇ ، شۇنداق بولسىمۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى يەنىلا بۇلارنىڭ تويىنى كەينىگە سۇزۇپتۇ ، ئۇغۇل بۇ ئىشلارنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقاپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ ، شۇنداق بولسىمۇ قىزنىڭ ئۈيىگە بارغاندىكى ئىرادىسىنى ۋە  قىزنىڭ ئاپىسى بىلەن داستىخان تۆپىسىدە قىلىشقان ۋەدىسىنى ھەم شۇنداقلا  قىزغا بولغان مۇھەببىتىنى ئويلاپ يەنە سەۋىر قىلىش ۋە تىرىشىپ بېقىش  نىيتىگە كەپتۇ .يېگىت قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ  ئىشەنچىسگە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق يۈرگەن  كۈنلەردە كىشى ئويلىمىغان دەرىجىدە خېلى زور بەدەللەرنى تۆلەپتۇ . بۇ كۈنلەردە  قىز ۋە يىـگىت يەنە بارا – بارا مۇھەببەتنىڭ قايناملىرىغا چۈكۈشكە باشلاپتۇ . بىر كۈنى ئۇلار خەلق مەيدانىدا بىر نەچچە پارچە خاتىرە رەسىمىگە چۈشۈپتۇ ، قىز بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى پارچە خاتىرە رەسىمنى تاللاپ بۇلارغا ئۆز قۇلى بىلەن   مۇنداق ئېسىم قۇيۇپتۇ ،  << 相爱一对,天生一对 >> ، شۇندىن باشلاپ ئۇلار بىر – بىرىگە تېخىمۇ ئامراق بۇلۇپ كېتىپۇ . قىز تۇيۇقىسز بىر كۈنى يىگىتكە : سىزنىڭ بەك ئاچچىقىڭىز يوقكەن – دەپتۇ ، ئۇغۇل ئۈندىمەپتۇ . ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۇغۇل قىزغا  : سىز بوش ئادەمگە ئۇچرىماپسىز – دەپتۇ ، قىز بولسا ئۇنداق بولسا مېنىڭ تەلىيم بار ئىكەن – دەپتۇ . بىراق بۇ ئىككسى شۇ ۋاقىتا  گەپ سۆزلىرىگە غەلىتلىك ھىس قىلمىغان چىغى . شۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز بۇ قىز تېخمۇ يىراق جايدىكى بىر ئۇرۇنغا ئىمھتىھانغا تېزىملىتپتۇ ، چۈنكى قىزنىڭ قارىشىچە ئۆز يۇرتىدا ئۆز كەسىپىگە لايىق مۇقىم  خىزمەت يوق ئىكەن ، ئەمما بۇنى يېگىتىگە دىمەپتۇ ، رەسىمىي تېزىملاش ۋاقتى تۇشۇشقا ئاز قالغاندا قىز ئىشلەۋاتقان ئۇرۇننىڭ ئۇرۇنىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن يېراق بىر يەرگە ئۆگنىشكە مېڭىپتۇ ، بۇ يېگىتمۇ بۇ ئىمتىھانغا يۇرتىغا تېزىملاتقان بۇلۇپ ، قىزنىڭ قەيەرگە تېزىملاتقانلىغنى بىلمەيدىكەن .. تېزىملاش كۈنىگە بىر كۈن قالغاندا يىـگىت تېزىملاش رەسىميتنى بېجىرۋېتىشنى  ئويلاپ ئۇقىزغىمۇ تېلفۇن قىلىپ نەگە تېزىملاتقانلىغنى سوراپتۇ ، قىز دەپ بىرىپتۇ ، يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ ، بىراق بۇ قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاللشىغا ھۆرمەت قلىپتۇ ، ھەمدە مۇنداق شەرتنى قۇيۇپتۇ ، يەنە ئىككىلىسى ئىمھتىھاندىن ئۆتسە قىز بارمايدىغان ، يېگىت ئۈتەلمەي قىز ئۆتسە يېگىت بارىدىغان بۇلۇپ كېلشىپتۇ ، قىز يېگىتنىڭ بۇ يول قويغىدىن قەۋەتلا خوشال بۇلۇپتۇ .بۇ كۈنلەردە يېگىتنىڭ ئۈيدىكلەر  ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن 3- قېتىم بۇلارنىڭ ئۈيىگە داستىخان تاشلاپ توي ئىشنڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن كەپتۇ . قىزنىڭ ئۈيدىكىلەر بولسا يەنە ئازراق كېچىكتۈرۈپ قىلىشنى ئېىيتىپ ئۇلارنىڭ داسىتخىنىنى قۇبۇل قىلىپ  يولغا ساپتۇ . بۇ چاغدا قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى قىزنىڭ ئۇ جايغا ئىمتىھانغا تېزىملاتقان ئىشىدىن خەۋەرىسىز ئىكەن ، قىزمۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئائىلىسىدىكىلەرگە دىمىگەن ئىكەن،  ئەمما يىگىت ئۇلارنى بىلىدۇ -   دەپ قارايدىكەن . كىينچە ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ چىقىپتۇ  ، ئاقىۋەتتە يېگىىت ئۆتەلمەي ، قىز بىرىنچى بۇلۇپ ئۆتۈپتۇ  ......شۇنداق قىلىپ بۇ يىگىت كىلىشىم بۇيىچە بارىدىغان بۇلۇپتۇ  .مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق كۈنلەردە بۇ قىز بۇ  يېگىتنىڭ شۇنچىلىك ياخشى كۆڭلىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۆڭلىدە مۇنداق قىلىشنى پىلانلاپتۇ ، يەنى كۆڭلىدە : بۇ يېگىتنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ، ئۇمۇ ئۇ يەرگە مىنى دەپ بارسا مەن جاپا تارتىپ قالىمەن ، بىراق ئۇنى بارماڭ دىسەم ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن  ، شۇڭا ئۈزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسگە قاراپ  باقاي ، ئەگەر بارالماي قالسا ئۈزىنىڭ ئىشى ، ئۇ كەمدە ئۈزى كەينىگە چكىندۇ ، مەندىنمۇ يامانلىيالمايدۇ  - دەپ << ئۆز يېىغدا ، ئۆز گۈشىنى قۇرۇش >> نى ئويلاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يگىتنىڭ كۆڭلىنى ياسىغاچ شۇ جايلاردىن يۇشۇرۇنچە لايىق ئىزدەشكە باشلاپتۇ  ، ئەمما نادان يىگىت بۇنى دەسلەپ سەزمەپتۇ ، ئاپىسنى قۇشۇلۇشقا ئاپىسىنى قانداق قايىل قىلىشقا بېشى قېتىپ ئاپسىغا نىمە دىيىشنى بىلەلمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا  بۇ قىزنىڭ خىزمىتى شۇ يەرگە مۇقىملاشقىچە  سۈكۈت قىلىشنى تاللاپتۇ . شۇنداق كۆنلەردە بۇ يېگىتتە تەبئىي مۇنداق بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بۇلۇپتۇ  ، يەنى  بۇ قىزدىن ئايرىلمىسلا خۇددى ئۆز بەختىنى تاپالايدىغاندەك تويغۇ پەيدا بۇلۇپتۇ ، بىراق  ئاپىسىدىن چوڭ ئۈمىدنى ھېس قىلالماپتۇ ، شۇ كۈنلەردە قىزنىڭ دادىسى قىزىغا تۇيۇقىسز تېلفۇن بىرىپ ئۈزىنىڭ بەك ئازابلىنۋاتقانلىقنى ، قېرىغاندا يېنىدا قالغان بۇ ئامراق  قىزنىڭمۇ خىزمەت ئۈچۈن ئۈيدىن ئايرىلىپ يېراق كېتىشكە كۈزى قىيمايۋاتقانلىغنى ئېيتىپ ياش تۈكۈپ يېغلاپ كېتىپۇ ، قىز بۇنى ئاڭلاپ بىردەم چوڭقۇر  ئويغا پېتىپتۇ . ئويلىمغان يەردىن يېگىتمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قىزغا ئەھۋال سوراپ تېلفۇن بەرگەندە قىز دادىسنىڭ بايام تېلفۇن قىلغانغلىغى ، دادىسىنىڭ ئىلگىرى بۇنداق ياش تۈكۈپ باقمىغانلىغىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ . يېگىت بىردەم ئويلىنىپ قىزغا مۇنداق دىدى : بولسا سىز ئۇيەرگە بارماڭ ، ئاتىڭىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشنىڭ ، بىز يۇرتىمىزدا خىزمەت قىلىپ ھەم مۇشۇ يەردە ئۆي تۇتۇپ قالايلى . .. ....ئەمما بۇ قىز خىزمەتتىىن ئايرىپ قېلىشنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتقانلىغنى ، كۆڭلىنى ھېچكىمنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىنى  سۆزلەپ يېگىتنىڭ بۇ سۆزلىرى تېخى تۆگىمەستىنلا  تېلفۇننى قۇيىۋىتىپتۇ .  ئەمدى قىزنىڭ ئاتىسنىڭ گېپىگە بۇنداق قىلىشدىكى سەۋەب شۇكى ،  بۇ قىز ئىمتھانغا رەسىمىي تېزىملىتىشتىن بۇرۇن يىراق شەھەرگە ئۆگىنىشكە بارغان مەزگىلدە ئۇيەرنىڭ تەرەققىياتنى كۈرۈپ ، ئۈزىنى خۇددى يۇرتىدا ھېچنىمە كۆرمەي ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قاپتۇ ، ھەمدە يېگىتكە << بىز تېخى مۇشۇنداقلا ياشاپتىمىز >> دىگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلغان ئىكەن ، شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى ھەۋەس ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاشۇنداق بىر يەردە خىزمەت قىلىپ ياشاش ئىستىكىنى قوزغىغان ئىكەن . بۇنى سەزمىگەن يېگىت بىر قانچە كۈندىن كىيىن قىزغا  ئاپسىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پۇزىتىسىيدىن چوڭ ئۈمىد ھېس قىلالالمىغانلىغنى ، قانداق قېلسا بۇلدىغانلىغنى ھەققىدە بېشى بەك قېتىۋاتقانلىغنى ئېىيتىپتۇ . بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىز يىگىتكە مۇنداق دەپتۇ : ئەگەر ئاپىڭىز سىزنىڭ  ئۇ يەرگە  بېرىشىڭىزغا قۇشۇلمىسا مەن سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشكە رازى – دەپتۇ ، يېگىت ھەيران بۇلۇپ سوراپتۇ : نىمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟ نىمىشقا ئالدىراپلا بۇنداق دەپ كېتىسىز ؟...قىز بولسا : بۇ بەرىبىر دىيلدىغان گەپ ، كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە دىگەن بارغۇ ... يېگىت بۇنى ئاڭلاپ كاللسىدە چاقماق چاققاندەك بۇلۇپتۇ ، تېلفۇننى قۇيۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە قىزنىڭ تۇيۇقىسز دىگەن بۇ گەپلىرى كاللسىدىن كەتمەپتۇ .  بىر دەم ئۆتكەندىن كىيىن بولغان بۇ گەپلەرنى يېگىت ئاپىسغا تۇلۇق سۆزلەپ بىرىپتۇ ، ئاپىشى شۇندىلا ئوغلىغا بۇ ئىشنىڭ توغرا يۇلىنى كۆرسىتىپ  بىرىپتۇ ، ئوغلى بۇنى ئاڭلاپ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بۇلۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەتسى بۇقىز بىلەن كۈرۈشۈپ چىرايلىق ئايرىپ كەتمەكچى بۇلۇپ قىزغا تېلفۇن قىلىپتۇ  ، ھەمدە  قىزنىڭ ئىلگىرى يىگىتكە بەرگەن بىر قىسىم نەرسىلىرنى يېغىشتۇرۇپتۇ ، ھەم شۇنداقلا ئازراق ئۈمىدۋار بۇلۇپ ئالدىن كۈرۈشۈشكە تەييارلاپ قويغان سوۋغاتلىقنىمۇ ئېلىۋاپتۇ ، ئۇلار كونا جايدا كۈرۈشۈپتۇ .

يېگىت يەنىلا ئايرىلىش تەلپنى ئوتتورىغا قويماقچى بۇلۇپ گەپ باشلىشىغا قىز يېگىتنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەرھال چۈشنىپتۇ  ، ۋە دەرھال يېگىتكە :  تۈنۈگۈنكى گەپلەرنى مۇنداقلا دەپ قويغانلىغنى ، بۇ ئىشتا قىز يېگىتىنىڭ ئاپىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ يېگىتنىڭ ئاپىسىنى قايىل قىلالايدىغانلىغنى  بىلدۈرۈپتۇ .

يېگىت قىزنىڭ بۇ گېپىنى  ئاڭلاپ ئاغزىغا كەلگەن  گەپنى يۇتۇۋېتىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يەنە ئەسلىگە كەپتۇ ، يېگىتمۇ قايتىدىن ئىرادىىسىنى چىڭ باغلاپتۇ .

ئەمما بۇ قىز ئېغىزدا بۇنداق دىگەن بىلەن ئەمىليەتتە  شۇنداق قىلىشنىڭ تەسلىگىنى تۇنۇپ يېتىپ يەنە بۇ يىگىتكە يەنە سۇغۇق مۇئامىلە قىلشقا باشلاپتۇ . قىز يېگىتنىڭ ئىمتىھان مەزگىلدىكى بىر قىسىم ياخشىلىقلىرىنى ئاپسىغا ئېيتمىغان بولغاچقا ، ئاپىسىمۇ بۇ  ئىشلارنى تەس كۈرۈپ  ، قىزنى ئايرىلىپ كىىتىشكە دەۋەت قىلىپتۇ .

يېگىت قىزنىڭ بۇ مۇئاملىسىدىن ئەمدى يەنە قايتىدىن ئۇيقىسىنى ئاچقاندەك بۇلۇپتۇ ، ئەمدى يېگىتنىڭ بۇ قېتىم راستىنلا ئاچچىقى كەپتۇ ، چۈنكى بۇ بۇ قىزنىڭ توي ئىشىدا تۇنجى قېتىم گېپىدە تۇرماسلىقى ئەمەسكەن ، ھەم شۇنداقلا ئۈزىنى بۇنداق ئاخماق چاغلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەن ...

شۇنىڭ بىلەن ئۇقىزنى چاقىرىپ ، بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىغنى ، ئۈزىگە ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت بىرىش كېرەكلىنى ئېىيتىپتۇ ، بىراق قىز ئايرىلىپ كىتىش مەقسىتىدە ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ .

يىگىت ئامالىسزلىقتىن قاپتۇ ، ئەمما يىگىت شۇنچە ياخشى كۆڭلىگە قىزنىڭ بۇنداق قىلىشنى ئويلاپ باقمىغاچقا ، قىزغا قايتا – قايتا نەسھەت قىلىپتۇ ، بىراق قىز يەنىلا قارىشىدا چىڭ تۇرىۋاپتۇ .

شۇنىڭ بىلەن يېگىت قىزغا گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلۇقنى ھېس قىلىپ ، قىزغا يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالسا قىزنىڭ دادىسى بىلەن كۈرىشىدىغانلىغنى ئېيتىپتۇ ، قىز ئۇغۇل بالىنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ – دەپ ئويلاپتۇ ، ئەمما يەنىلا  ئازراق ئىككىلنىپ كىينچە بىر نىمە دەيدىغانلىغنى ئېىيتىپ قايتىپ كىتىپتۇ .

قىز كىتپ ئۇغۇلغا ھېچنىمە دىمەپتۇ ، ئۇغۇل ساقلاپ تاقىتى قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن دېگىنى بۇيىچە يىگىت ئىككلنىپ ئولتۇرماي قىزنىڭ دادىسنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ، نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپتۇ ، بولسا قىزنىڭ دادىسى بىلەن ئۈمىدى بىر يەردىن چىقىپ قالسا دەپ ئويلاپتۇ ... ئەمما كىم بىلسۇن ؟.. ئۇلار بۇ ئىشلارنى بالدۇرلار ئويلىشىپ بولغان ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن يىگىت كۆڭلى يېرىم ھالدا قايتىپ كەپتۇ .

ئەتىسى قىزغا تېلفۇن قىلىپ ئۈيگە بارغانلىغنى سۆزلەپ بىرىپتۇ ، قىز بۇنى ئاڭلاپ ھاڭ – تاڭ قاپتۇ ،ئىلگىرى يېگىت  قىزنى ئۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلماسلىققا ، بولمىسا ئۈيىگە بارىدىغانلىقىغا ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن . بىراق قىز ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ ؟- دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك . ئىككى كۈندىن كىيىن  يىگىت يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ بۇ ئىشتىن ئۈمىد ئۈزۈش نيتىگە كەپتۇ ، ۋە قىزغا ئايرىلىپ كىتىش تەلىپنى قۇيۇپ خوشلىشىپتۇ .

بۇ ئىشلار  يۈز بىرىپ ئەتىسى تاڭ سەھەردە يېگىت بىر  چۈش كۈرۈپتۇ ، چۈشىدە قىزنىڭ  ئۈيىگە قايتىدىن تويلۇق داستخان تاشلاپتۇ  ، قىز ۋە ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى  ياخشلىشىپ چۈش كۈرۈپ قاپتۇ .

يېگىت شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى يەنە قايتىدىن ئويلاشقا كىرىشىپتۇ .

يېگىت بىر نەچچە كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق بۇنداق ئىشلارنى ئەسكە ئاپتۇ ، يەنى ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىركۈنى خاپا بۇلۇپ ، بىر كۈنى يارىشىپ دىگەندەك ئۆتكەن كۈنلىرىدە قىزغا  دىگەن << تۇرمۇشتا خاپلىقمۇ بۇلىدۇ ، خوشاللىقمۇ بۇلىدۇ ، شۇنداق بولسىمۇ ئايرىلماي ئۆتەيلى >> دىگەندەك ، ھەم بۇ قىزنىڭمۇ توي ئىشى ئوتتورىغا چىققاندا يىگىتكە  دىگەن << تويمىز بەك تېز بۇلۇپ كېتەمدۇ – نىمە ؟ >> دىگەندەك ، ۋە شۇنداقلا يېگىت ئامراق << ھە بۇلاپتۇ >> دىگەن ناخشنى ئاڭلاۋاتقاندا ، تۇيۇقىسز قىزنىڭ  << بۇ يېگىت ھەجەپ تېز ھە بۇلۇپتۇ – دەيدكەنغۇ ؟...>> دىگەندەك ھەم شۇنداقلا  چوڭلار كۈرۈشۈشتىن بۇرۇن باشقا يەردىن ئەلچى كەلگەندە  قىزنىڭ يېگىتكە << سىز بۇ ئىشتا مېنىڭ قۇلىمنى چىڭ تۇتسىڭىزلا بولدى>> دىگەندەك بىر قسىم بىشارەتلىك سۆزلەرنى ئەسكە ئاپتۇ .

شۇنىڭ بىلەن يېگىت كۆڭلىدە خۇدايىمنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى تېخى بار ئوخشايدۇ ، بەلىكم بۇ بىزگە نىسبەتەن بىر سىناق بولسا كېرەك ،  ئەگەر تاقەت  قىلسام بۇ كۈنلەر راستىنلا كېلىپ قالسمۇ ئەجەب ئەمەس- دىگەننى ئويلاپ سەۋىر قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ  ، ھەم ئۇزاق ئۆتمەي قىزغا تېلفۇن بىرىپ قايتا ياخشلىشىپ قېلىشنى ، ئاتا – ئانىىسڭ ئالدىغان بېرىپ  كەچۈرۈم سورايدىغانلىغنى ئېيتىپۇ ،  ھەمدە يىگىت قىزدىن  نىمە ئۈچۈن ئۈزىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە  قىلغانلىغىنى سوراپتۇ ، قىز بولسا ئېنىق قىلىپ :سەۋەبى بولسا ياخشى كۈرۈش – كۆرمەسلىك مەسلىسى ئەمەس ، بەلكى ماس كېلىش ۋە ماس كەلمەسلىك مەسلىسى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . ھەمدە قىز خىزمەتنى باھانە قىلىپ يېگىتىنىڭ گېپىگە  يېقىن كەلمەيتۇ ،شۇندىن كىيىن بۇ قىز ۋە ئۈيدىكىلەر يېگىتنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي بۇ يېگىتنى ئەيبلەپ ، ئۈزىنى ھەم بۇ يېگىتنىمۇ خاپىچىلىققا چۈشۈرۈپ قۇيۇپتۇ . ، ئارىدىن يەنە 6 ئاي ئۈتۈپ بۇ يېگىت يەنىلا نىيتىدىن يانماي قىزنىڭ ئۈيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، خاتالىقنى تۇنۇيدىغانلىغنى بولسا تويىنى قىلىپ قۇيۇشنى ئۈتۈنۈپتۇ ، ئەمما قىزنىڭ ئۈيدىكىلەر بولسا بۇ ئىشنىڭ ئەمدى مۈمكىن بولمايدىغانلىغنى ، قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كىين ئاتا- ئانىسىغا ئۆز ئاغزى بىلەن بۇ يېگىتىنى بەك << يۇۋاشكەن >> دەپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ، شۇڭا قىزنىڭ تاللىشغا ھۆرمەت قلىغانلىغىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ ، بۇ يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ ، ۋە ئىلگىرىكى تۇيغۇسىنىڭ تېخمۇ توغرا چىققانلىقىغا تۇلۇق ئىشنىپتۇ . يەنى قىزنىڭ << ئۆزيېغىدا ئۆز گۈشىنى قۇرۇش>> قا تاس قالغانلىغنى بىلىپتۇ .

بۇ ئۇغۇل چوڭلارنىڭ ئالدىغا بارغانىلىغى سەۋەپلىك بۇ  ئائىلىنىڭ ۋە قىزنىڭ شۇ يۇرتتىكى ئىناۋىتىگە خېلىلا ئېغىر  تەسىر يىتپتۇ ، قىز ۋە ئائىلىسىكلەر شۇ ئىشتىن كىيىن  بۇ يىگىتكە قوپال مۇئامىلەقىلىدىغان  بۇلۇپ قاپتۇ .

ئەمما يىگىت بۇنى يەنىلا خۇدانىڭ بىر سىنقى دەپ قاراپ ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن قىزدىن ئۈمىد ئۈزمەي كەپتۇ ، ھەمدە ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىرىدىمۇ بۇرۇنقى رەسىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپتۇ ، ھەمدە ئۆز ئۈمىدۋارلىقى ۋە مۇھەببىتنى ئىپادىلەپ قىزغا خەت يېزىپتۇ ، ھەمدە بىر قىسم نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتىپتۇ .

قارىغاندا بۇ بالا سەل گۆدەكمۇ قانداق ؟... ياكى بەلكىم  ئۇنىڭمۇ  ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى باردۇ ر ؟..........

ئۇنداقتا قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ  شۇ يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بۇ يېگىتتىن كۆرىشى توغرىمۇ   ؟....

بىز بۇ ھېكاينى ئۇقۇش ئارقىلىق مەلۇم ئىشلارنى ھېس قىلغاندىمىز .

مەن بۇ ۋەقەلىككە نىسبەتەن مۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ قالدىم .

بۇ قىز ۋە يېگىتنىڭ بىر – بىرىسنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدا گۇناھ يوق ، ئەمما  بىز بىلمىگەن توغرا بولمىغان كىچك تەرەپلەرمۇ  باردۇ ؟...ئۇمۇمەن ئېيتىقاندا بۇلار بىر- بىرىنى ئالداشنى مەقسەت قىلمىغان ، بىراق  تۇرمۇش دىگەن مۇرەككەپ ، ئادەمنىڭ ئېھتىياجىمۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، خاتىرجەم خىزمىتى بارلار ، كۆڭلۈللۈك مۇھەببەتكە تەلپۈندىغان ، كۆڭۈللۈك مۇھەببەتكە ئېرىشكەنلەردىن خىزمەتكە بەكرەك تەلپىۈندىغانلارمۇ ئاز ئەمەس . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارزۇنىڭ ھەممسىنى كۈچلۈك قانائەتلەندۈرۈش تۇيغۇسى ئادەمنى بەزىدە مۇشۇنداق قىيىن تاللاشقا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ . شۇنداق بولغاچقا بۇ قىز كۆڭلۈللۈك مۇھەببەتكە ئىرىشپ كۆڭلى قانائەتلەنگەندىن كىيىن  يەنە  مۇقىم  خىزمەتكىمۇ ئىرىشپ باققۇسى كەلدى .

بۇنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ ، ئەمما بۇ يەردىكى تاللىشى توغرا بولماي قالغان ، يەنى بۇ تاللاشلارنىڭ قايسىسنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەي قالغان ، مەن دىمەكچى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتىقاندا شۇ ئۇغۇل بالىنىڭ ياخشى كۆڭلى بولمىغان بولسا ئېھىتىمال بۇ قىز  ئۇ خىزمەتكمۇ ئىرىشەلمىگەن بۇلاتتى .

ئەمدى ئاتا - ئانىسغا كەلسەك ئۇلار بەش ۋاق ناماز ئۆتىگەن مۇسۇلمان بولغانلىغى ئۈچۈن باللىرىغا ياخشى تەربىيە بىرىشى ، بۇلۇپمۇ پەرزەنتىلىرىگە ئۈلگە بۇلىشى ، بۇنداق نىكاھ مەسىللىرىدە مەنپەتنى ئەمەس بەلكى ئۆز ئىمان – ئىتىقادى بۇيىچە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى .

ھەم شۇنداقلا كەتكۈزۈپ قويغان يەنە بىر يىرى شۇكى دەسلەپتە بۇ ئۇغۇل بۇلار بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەندە خۇدانى تېلغا ئېلىپ قىلغان شۇنچە ياخشى گەپلىرىنى قىزنىڭ ئاپسى قىلچىلىك نەزەرگىمۇ ئېلىپ قويماي ، نىيتى يامانلىق قىلىپ  ئاخرىدا مەنپەتنىڭ گېپى چىققاندا ئاندىن قۇشۇلدى ،قىزنىڭ ئاپىسى ئۇنداق دەپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، قىزى خۇدا نىسىپ قىلغان بولسا شۇ دەسلەپكى ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى ، يېگىت ئاقكۈڭۈللك بىلەن گەپ قىلسىمۇ  ، ئەمما قىزنىڭ ئۆيدىكىلەر نەزىدە  بۇ ئىش يەنىلا شۇ  مەنپەتكە تاقالدى ، گەرچە قىزنىڭ ئاپسى ئۇغۇلغا ۋەدە بىرىپ قىزنى ئەۋەتمەكچى بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئاخرىغا كەلگەندە يەنە شۇ باشتىكى توغرا بولمىغان نىيەت تۈپەپلىدىن مەنپەتنى دەپ ئېزىپ كەتتى . ئەمدى بۇ ئۇغۇل بالىمۇ باينىڭ بالسىمۇ ئەمەستۇ  ؟...بىراق زور ئىرادە بىلەن ئۈزى يالغۇز چوڭلارنىڭ ئالدىغا  قىزنى دەپ كۈرۈشكىلى بارغانلىقىنى خېلى ماختاشقا ئەرزىيدۇ ، ھەمدە يىگىت قىزنىڭ ئاپىسنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا  ئۇلۇغ خۇدانى تۇنۇپ ئىش كۆرگەنلىكى ئۈچۈن گەپلىرى جايدا چىقتى ، شۇڭا بۇ ئايالمۇ  بۇ بالىنى ساقكەن - دەپ ئويلىدى بولغاي توي ئىشىغا قۇشۇلدى . بىراق قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇنجى گەپلىرى تازاتوغرا بولماپتۇ ،  دىمسىمۇ ھەرقانچە  قىلاي دىگەن ئىشلارنى ئۇلۇغ خۇدا نىسىپ قىلمىسا بىز قانچلىك بەندە ؟... بىز تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا  ئۆزىمىزنى ھەرقانچە يوغان بىلسەكمۇ  ، ئەمما باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە بىزدىن قېلىشمايدىغانلىغنى بىلىشمىز كېرەك ،  ھەم شۇنداقلا  بەندىچىلىكىمىز  بىلەن خۇدانىڭ ئالدىدا خۇدا دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىش كۆرمىسەك  قانداق بۇلىدۇ ؟..بۇنى ئۇلۇغ خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ، يامان نىىيەت ئىشقا  ئاشسىمۇ ۋاقىتلىق بۇلىدۇ ، بۇ ئايال نىمىشقا تۇرمۇشتا ۋە نامىزىدا خۇدا دەپ ياشاپ تۇرۇپ يەنە بۇنچىلىك ئىشلارنى بىلمەيدىغاندۇ ؟..

ھازىر بۇ يېگىت بۇ ئىشلارنى بىر سىناق دەپ بىلىپ ھەم ئۇ قىزنى يەنىلا ياخشى كۆرگەچكە بۇ سىناقتىن قانداقلا بولمىسۇن ئۈتۈشنى تاللاپتۇ ، بىراق قىز بولسا دەل ئەكسىچە سىناقتىن ئۈتۈشنى خالىمايدىكەن .

مەنپەئەت دىگەن تۇرمۇشتا خېلى يامان نەرسە ، بۇنى ھەممىمز ئوبدان بىلىمىز ، ئەمما ئۇنىڭمۇ توغرا بولغان ئىرىشىش مەقىستى  ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق مۇۋاپىق قولغا كەلتۈرۈش يۇلى  بۇلىدۇ ، ئۇ پەقەت  ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەجىر مېھنەت ئارقىلىق قولغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقىي بەرىكىتى بۇلىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇ بىزگە ۋە  كىينكى تۇرمۇشىمىزغا  تۆگىمەس روھىي- ئازاپ ۋە ئېغىر  جاپالارنى ئېلىپ كىلىشى مۈمكىن .

ئەمدى مەن دىمەكچى بۈگۈنكى كۈندە ئۈزىنى ئىمانلىق كۆرسەتكەن بىر قسىم چوڭلىرىمىز ۋە ئۇلارنڭ پەرزەنىتلىرى ئۈزىنى بۇنداق نىقابلاپ مەنپەتنىڭ ئالدىمىغا دۈم چۈشۈپ كەتكۈدەك ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا  زادى نىمە بولغاندۇ ؟... مۇشۇ ئۇغۇل بالىدەك شۇنچە ئوڭىشسىزلىققا ئۇچىرىسمۇ يەنىلا ئۈمىدۋار بۇلۇپ يۈرسە بۇ ئەخمەقلىقمۇ ياكى خۇداغا بولغان ئىشەنچمۇ ؟...ئەگەر بىز بولساق قانداق يول تۇتقان بۇلاتتۇق  ؟...

ئەمدى پىكىر ۋە مۇلاھىزە نۇقتىسى سۈپتىدە ئوتتورىغا قۇيماقچى بولغان مەركەزلىك ئۈچ  نۇقتا   شۇكى؛

1. بۇ ئىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئاساسلىق سەۋەپ زادى نىمە  ؟...

2. ، بۇ ئۇغۇل بالا ئۆزىنىڭكى قىزنىڭ ئاپسىغا دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسى ۋە كۆرگەن چۈشلىرى ھەم شۇنداقلا قىزنىڭ بىر قسىم  بىشارەتلىك گەپلىرىگە   ئاساسلىنىپ ئايرىلىپ كەتسىمۇ يەنىلا قىزنى كۈتىشى  توغرىمۇ ؟....

3. تۇرمۇشتا خاتالىققا كۆپ يول قۇيۇش ياخشى ئىش ئەمەس ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا   بۇنداق ئىشلارنى كۆرگىنىمىزدە  ھازىر جەمئىيتىمىزدە قانچلىك ئادەم ھەقىقىي ئۈز مەيدانىنى ئىپادىليەلەيدۇ ؟...

خەلقىمىزدە <<گېپىڭ توغرا بولسا خاننىڭ ئالدىدا دەۋەر ، ئېشىڭ ھالال بولسا تۆت كوچىدا ئولتۇرۇپ يەۋەر >> دىگەن گەپ بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز مۇشۇنداق مەسىللەرگە قانداق مۇئامىلە قىلش توغرىسىدا ئۆز قارشىمىزنى  ئوتتورىغا قۇيۇپ باقساق - دەپ قارايمەن . گەپلىرىم مۇشۇ يەرگىچە بولسا ، كەڭ تورداشلار بىلەن بۇ ۋەقەلىكنى بىللە مۇلاھىزە قىلىپ ، ئۇنىڭدىن توغرا بولغان يەكۈن چقىرىپ ، ئۆزىمىزگە ۋە جەمئىيىتمىزگە  سۇنشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن .


                                                    2012- يىل 9- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 11:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6112
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 08:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ساقلىۋىلىپ ئەتە ئوقۇي ئاللاھ خالىسا

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 08:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75569
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 09:00:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما مەزمۇنى جۈملە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئايرىپ يازغاندەك قىلغان ، يوللاپ بولغاندىن كېيىن قارىسام بەزى جايلىرى بەكلا تۇتۇشۇپ قاپتۇ ، ئالدىراشچىلىقتا بەزى يەرلىرىنى ئايرىپ بۇلالمىدىم ، ئۇقۇغانلار بولسا تېنىۋېلىپ  ئۇقۇقارسىلەر ، سىلەرنى جاپادا قويدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7461
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ ئەتە ئوقۇي بۇنى

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلىۋىلىپ ئەتە ئوقۇمىسام نىمانچە كىچىك بۇ خەتلەر كۆرمەيۋاتىمەن دىسە

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:39:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تەقدىر ئەمدى  لېكىن مەنچە ئاۋۇ بالا بەك ئاق كۆڭۈلكە

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5335
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8012
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ  بېشى بىلەن ئاخىرىنى  ئوقۇدۇم  .   يەنە شۇ  بىر  يىگىت  بىلەن  قىز  
بىر ـ بىرىنى چىن  دىلىدىن  ياخشى  كۆرۈپ   ئارلىشىپتۇ  .   كىيىن  قىزنىڭ  
ئۆيىگە  بىر باي  ئائىلە  ئەلچى  كىرگۈزۈپتۇ  .  
قىز  يىگىتكە  ، ‹‹ كەچۈرۈڭ  ئانام  قوشۇلمايدىكەن ››
‹‹ تەقدىرىمىز  شۇنداقكەن  ››  دەپ  باي  ئائىلىگە  كىلىن بولىدۇ  .
شۇنداق  گەپلەرمۇ  بۇ  تېمىدىكى  ؟   
شۇڭا   ئوغۇل  بالا  خەقكە   يېلىنماي  ،  قەددىنى  تىك تۇتۇپ  ياشاش
دەيدىكەن كۆپ  پۇل   تېپىش  كېرەك  !   مۇھەببەت   پوق  يەمدۇ   ھازىر  ...  
مۇھەببەت  پۇلنىڭ  ئاستىدا  ...  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 02:06 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 06:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل

مۇلازىمەت قىلىپ  پۇل تېپىش، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش، يۇقىرى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش