قايتقان باھار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇماق دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ساڭا ئۇلۇغ ئاللادىن بەخت-ئامەت ،خۇشاللىق تىلەيمەن.
ئۇماق دوستۇم، سەن بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۆزۈمنى بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ ، ھەقىقى بىر ئىسلام ئۇيغۇر ئوغلى بۇلۇشقا ھەقىقەتەن ئىشەنمىگەنتىم .
سەن بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ئالدىدا بىغەم كۈنۈم ئوتسىلا شۈكىرى قىلىپ كەپتىكەنمەن ، ئون كوي پۇل تاپسام باۋيې قىلىپ پۇل تاپمىسام دوسلۇرۇمنىڭ يا بولمىسا ئاكا ئاچىلىرىمنىڭ ئۆيىدە كىنو كۈرۈپ ئۈتۈپتىكەن ، شۇ كۈنلىرىمنى ئويلىسام ، قاتتىق ۋاقىراپ ۋە ياكى قاتتىق تامغا قۇلۇم قاناپ يېغىر بوپ كەتكۈچە مۇشلىغۇم ، ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئۇدۇل كەلگەن دەرەخ ، ئوت چوپلەنى يانجىسام دەيمەن .
سەن بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ئالدىدا ، بىر ۋاخ نامازنىمۇ ئادا قىلماپتىكەنمەن، ئاتا - ئانامنى قاقشىتىپلا كەپتىكەنمەن، ئىشىنەمسەن؟ ھازىر سىنىڭ ھەممە بايلىقىڭ ھەممە نەرسەڭ مىنىڭ دىسەڭ ئىككىلەنمەيلا ھەممە ماڭا تەۋە بولغان نەرسىلەرنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن .
ئۇلۇغ ئاللانىڭ قۇدىرىتى بىلەن سەن بىلەن ۋەي ۋەي دە تۇنۇشۇپ قالدىم ، كۈندە سەن بىلەن پاراڭلىشىپ ، قىززىق پاراڭلارنى قىلىشىپ بەك خۇشال بۇلاتتىم ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ساڭا كۈنۈپ قالغىنىمنى ياكى سىنى سۈيۈپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، تورخانغا كىرسەملا ، سىنى ئىزدەيدىغان ، مەيلى نىمە ئىش قىلاي، سىنىئويلايدىغان بولدۇم .
مەكتەپتە ئۇقۇيالمىغىنىمغا ، ھېچقانداق بىر ھۈنەر بىلمىگىنىمنى ئويلاپ ئۈزۈمگە ئېچىنىدىغان ، ئۇلۇغ ئاللاغا نالا-پەرياد قىلىدىغان، ئورۇنسىز ئاتا-ئانامغا قاقشايدىغان، ئىشقىلىپ بىرخىل ساقايماس كىسەل ئادەمدەك بولۇپ قېلۋاتاتتىم ، ئادەم بېشىغا ئېغىر بىر ئىش كەلمىسا ياراتقان ئىگىسىنىمۇ تۇنۇمايدىكەن.
توغرا مەنمۇ بىر ئۇغۇل بالىغۇ ؟ سەن بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ساڭا تىلفۇن قىلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىشىم كىرەك ، ناھىيىگە تەۋە بولغان سىمونت ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدا ئايدا 4000 يۈەندىن ماشىنىغا سىمونت قاچىلدىم، شۇ ۋاقىتلادا نىمىشقا ياخشى ئۇقۇمىغاندىمەن؟ نىمىشقىمۇ 21 يىل ئۆمرىمنى بىكارغا ئىسراپ قىلغاندىمەن؟ دەپ بەك ئۆكۈنەتتىم ، سەن بىلەن كۈندە كۆرشۈپ تۇردۇق، لېكىن ئۇ ۋاقىتلادا مەن سىنى تېخى كۈرۈپ باقمىغان ۋاقىتلار ، كۈندە چ چ دا، يا بولمىسا تىلفۇندا كۆرشۈپ تۇردۇق .
بىر كۈنى سىنى سەن توردا ئىنى قىلۋالغان سىنىڭ ئىنىڭ بىلەن بىز كومپىيوتىر ئىكرانى ئارقىلىق كۈرۈشتۇق ، سىنى كۈرۈپ مەندە ساڭا بولغان ئىشەنچىم ۋە ساڭا بولغان سېغىنىشىم ئېشىپ ساڭا تېخىمۇ ئامراق بوپ كەتتىم ، سەن بىر دىسەڭ بىر، ئىككى دىسەڭ ئىككى دەپ ئىشقىلىپ ، سەن نىمە دىسەڭ ھە دەپ سەن بىلەن پاراڭلىشاتتىم .
مانا مەن بىرىنجى ئايلىق مۇئاشىمنى ئالدىم ،4000 يۈەن پۇلغا قاراپ بەك خوش بوپ كىتىۋاتاتتىم ، شۇ پۇل ئارقىلىق يېنىڭغا چىقىشنى ئويلاتتىم ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، 2000 ئاپامغا تاپشۇرۇپ قالغىنىنى بىر ئاي خىراجەت قىلدىم ، سەن بىلەن تىلفۇن تور ئارقىلىق كۈرشۈپ تۇرغىنىمغا خوش ئىدىم .
ئىككىنجى ئايلىق مۇئاشىمنى ئېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاكام بىلەن تاش قېزىش ماشىنىسىدا قاش تېشى كولايدىغان بولۇپ بەك خۇشال بوپ كەتتىم ، شۇ كۈندىن باشلاپ بەش ۋاخ نامىىزىمنى باشلىۋالدىم ، كۇندە ئاز-ئاز قاشتېشى چىقاتتى ،چىققان تاشنىڭ پۇلىسى ماشىنىغا ماي قۇيۇشقىمۇ يەتمەيدۇ ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە سىز بىلەن تىلفۇندا يېرىم سائەت كۇندە شۇنداق پاراڭلىشىپ، ئۇچۇردا بىر-بىرىمىزگە ياخشى تىلەكلەنى تىلىشىپ تۇردۇق .
كۈندىزى تاش كولۇدۇم، كەشتە سىز بىلەن كۈرۈشۈپ بۇلۇپ خىيال دېڭىزىغا غەرىق بۇلاتتىم، ئۇلۇغ ئاللادىن تاش چىقىشىنى ، سىزنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى ھەر ۋاخ نامىزىمدا تىلەيتتىم ، خىياللىرىم بىرخىل ئەمەس ئىدى ، تاش چىقسا مىليونىر بوپ كەتسەم، ئاندىن سىزگە ئىرشەلەيمەن، بەخىتلىك بۇلالايمەن، دەپ ئويلايتتىم .
بىر كۈنى ئەتتىگەن سىز بىلەن كۈرۈشۈپ بۇلۇپ ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كانغا كىردىم ، تاش چىقتى،يۈرىكىم بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدىغاندەك ، كوزلىرىمدە خۇشاللىق يېشى توختايدىغاندەك ئەمەس، ئىشقىلىپ بەكلا خوش بوپ كەتتىم ، تاش 500000 يۈۋەنگە سېتىلدى . ماڭا 200000 يۈەن كەلدى ، بۇ پۇلغا بىر ئۆي، بىر تىلفۇن سېتىۋېلىپ يەنە كانغا چىقتىم ، سەن بىلەن تۇنىشىپ مەن بۇنچە باي بوپ كىتىشىم ھەممىسى سىنىڭ ماڭا بەرگەن ساپ دوسلۇقۇڭدىن كەلدى.
كاندا ئىككى ئاي تۇردۇم، ھېلىمۇ ئىسىمدە، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە سىز گە ناخشا ئۇقۇپ بىرىمەن دەپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن دىگەن ناخشىنى ئۈگىنىمەن دەپ بىر كۈن ئىش قىلماي ، ئاخىرىدا سىنىڭ ۋاقتىڭ تەگمەي ئېيتىپ بىرەلمىگەن ئىدىم ، كۈندە شىرىن خىيال ئىچىدە ئۇخلاپ قالاتتىم ، مىليونىر بوپ كەتسەم چوڭ مۇسۇلمانچە سودا ساراي سالسام ، بىز توي قىلساق ،ئۇماق ئوغلۇم بولسا ،ئايالىمنى ئۇماق ئوغلىمنى ئېلپ ساياھەتكە چىقسام ، ئىشقىلىپ خىياللىرىم بەك شىرىن تاتلىق ئىدى.
ئىككى ئاي جەريانىدا ماڭا <سىنىڭ> دەپ ئارىلغان پۇل 500 مىڭدىن كوپرەك ، ساق ئىككى ئاي بولاي دىگەندە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى تاش كولىشىمىزنى چەكلىۋەتتى، يەنە بىكار قالدىم ، ئۇقۇيمۇ دەپ ئويلىدىم ، سەن ئۇقۇغان مەكتەپتە ئۇقۇشنى ئويلىدىم ، بىراق مۇمكىن ئەمەستەك ئانام قۇشۇلدىغاندەك ئەمەس .
ئۇنى -بۇنى قىلىپ بىر دىپلوم سېتىۋالدىم ۋە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ يىڭى مەھەللە ئاھاللە كومتىتى بىرلىكسەپ تۈزەپ ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا ئۆتتىم ، بۇ ۋاقىتلاردا سىز بىلەن كۈرۈشمىگىلى بىر ئايدەك بولغان.
ئىدارىنىڭ ئالدىدا كومپىيوتىر مۇلازىمەت ئورنى ئاچىدىغان دوستۇم بىر كۈنى ، ئاداش ناھىيمىزدىكى قىمارخاننى ساتىدىكەن ، بىللە ئېلىپ تىلفۇن شەھەرچىسى قىلىپ ئىجارە بەرسەك ،دىدى.
شۇنداق قىلىپ دۇكاننىمۇ ئالدۇق ، ئۆزگرتىپ ئىجارىگە بىرىۋاتىمىز ، بىزنىڭ يىڭى مەھەللە ئاھاللە كومتىتىغا تەۋە بولغان سودىسى ئېقىۋاتقان رىقابەت ماشىنا يۇيۇش بىزەش ئۇرنىنى ساتىدىغان بوپتىكەن، ئۇنىمۇ سېتىۋالدىم . ھازىر كۈنلىكىم ئوتتىرا ھىساپ بىلەن 700 يۈەندىن چۇشمەيدۇ ، بۇرۇنقى كۈنلىرىمنى ئويلىسام سىزگە ھەممە بىساتىمنى بەرسەممۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يەنە قەرىزداردەك ھىس قىلىمەن.
ئۈزىمنى ، بەش ۋاخ نامىزىمنى باشلىۋالغاندىن ھازىرغىچە بىر ۋاخ نامازنىمۇ قازا قىلماي ئۇقۇۋاتىمە، ھەرۋاخ نامىزىمدا سىنىڭ ئىشلىرىڭغا ، كۇنلىرىڭگە ،ئائىلەڭگە ، تىنىڭنىڭ سالامەت ئۈگۈنىشىڭنىڭ ھەممە باللادىن ياخشى بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەپ كىلۋاتىمەن .
سىنىڭ ماڭا بەرگەن مۇشۇ دوسلۇقۇڭغا مەن بەك رازى ، ئەمدى سىزنى ياخشى كۇرۇمەن، دەپ بېشىڭنى ئاغرىتمايمەن، ئۇ خىياللارنى قىلمايمە ن.
ئۇماق دوستۇم Bextim Uchun ساڭا ھەقىقەتەن كوپ رەخمەت ، مىنىڭ ھەممە بىساتىمنىڭ يېرىمى سىنىڭ ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىڭ ئورنىڭدا غېرىپ، مىسكىن، ئاجىز ئادەملەرگە ياردەم بىرىپ كىلۋاتىمەن .
روزا ھىېيتتىمۇ 15 قوي سېتىۋېلىپ گۆشىنى قوربان ھىېيت كۈنىسى ھەقسىز ئاجىز كىشىلەگە تارقىتىپ بەردىم ، ئەڭ ئەقەللىسى مەن ئىسلامنى، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇپ يەتتىم ، ساڭا كۆپ رەھمەت .
ئۇلۇغ ئاللانىڭ يادىمى بۇلدىكەن، مەن كوزلىگەن مەقسىتىمگە يىتىپ ، سەن ئۈچۈن تېخىمۇ كوپ ئاجىز كىشلەرگە ياردەم قىلىمەن .
ئۇلۇغ ئاللادىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاسان كۇنلىرىنىڭ خاتىرجەم ،ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن.
ئەسكەتىش: تىنىش بەلگىلىرىگە، ئىملا خاتالىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ ھەرپلىرىنى توغرا ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 07:29 PM