يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون iPhone5 رەسمى ئېلان قىلىندى
كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون – iPhone5 تۆنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىمەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاخىرى ئېلان قىلىندى. يېڭى ئايفوننىڭ سىرتقى شەكلىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر بولغاندىن باشقا، ئەڭ يېڭى A6 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، يانفون تېخىمۇ نېپىزلىتىلگەن، ئېكران بۇرۇنقىدىن سەل ئۇزارتىلغان، يېڭىچە Lightning ئېغىزى سەپلەنگەن ۋە باتارىيە ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئەڭ يېڭى iOS 6 مۇ iPhone5 نىڭ ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى سۈپىتىدە سەپلەنگەن، يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە قارىغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ھېلىھەم بازاردىكى ئەڭ قالتىس يانفوننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان iPhone5 ھەققىدىكى يېڭىلىقلار ئىلگىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاشكارىلىنىپ بولۇنغان بولۇپ، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىگە ھاياجان ئېلىپ كېلىدىغان يېڭىلىقلار ئاساسەن يوق. كىشىگە سەل تەسەللى بولىدىغىنى، ئالما شىركىتى يېڭىدىن لايىھەلىگەن EarPods نامىدىكى نائۈشنىك بىر ئاز كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە iPhone5 ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭغا سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار نۆۋەتتىكى بازاردا يەنىلا كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە.
iPhone5 نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى:
iPhone5 دىكى يېڭىلىقلار:
1. سىرتقى شەكلى ئىلگىرى ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. كەينى قىسمى يېڭىچە لايىھەلەنگەن.
2. يانفوننىڭ قېلىنلىقى نېپىزلىتىلىپ 7.6 مىللىمېتىرغا چۈشۈرۈلگەن! بۇ iPhone 4S قا قارىغاندا %18 نېپىز، ئېغىرلىقىمۇ 112 گرامغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، 4S قا قارىغاندا %20 يېنىك.
3. ئېكران 4 ديۇمغا كۆتۈرۈلگەن، كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 640*1136، 16:9 نىسبەتتە بولۇپ، يانتۇ ھالەتتە تېخىمۇ ياخشى ۋە تولۇق كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
4. GPRS, EDGE, EV-DO, HSPA, HSPA+, DC-HSDPA ۋە 4G LTE تورلىرىنى قوللايدۇ، تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز.
5. ئەڭ يېڭى A6 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، CPU ۋە GPU ئىقتىدارى 4S قا سەپلەنگەن A5 دىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى.
6. باتارىيە جەھەتتىن، 3G تورىدا 8 سائەت پاراڭلىشىشقا، 4G LTE/WiFi/3G ھالەتتە 8 سائەت تورغا چىقىشقا بولىدۇ، 10 سائەت سىن كۆرگىلى بولىدۇ، 40 سائەت ناخشا ئاڭلىغىلى، ھېچنىمە قىلماي 225 سائەت ئوچۇق قويۇشقا بولىدۇ. ئىقتىدارلىرى بۇنچە كۆپ ۋە ھېچقانداق قىرقىۋېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باتارىيەنىڭ مۇنچە ئۇزۇن يېتىشى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.
7. 8 مىليون مېگاپېكىسسلىق كامېرا سەپلەنگەن، سۈرەتكە تارتىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، 1080P لىق سۈرەتكە ئېلىشنى قوللايدۇ.
8. ئالدى تەرەپتىكى كامېرا تېخىمۇ ياخشىلانغان بولۇپ، FaceTime ئىشلەتكەندە تېخىمۇ سۈزۈك ۋە راۋان ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
9. يانفوننىڭ ئاستى ۋە ئۈستى، كەينى تەرەپ قوشۇلۇپ ئۈچ دانە مىكروفون سەپلەنگەن، ئاۋاز سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلانغان.
10. يېڭىچە Lightning ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇچۇر سىمىنىڭ بېشى كىچىكلىتىلگەن ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچەيتىلگەن. يەنى سىز بۇ ئۇچۇر سىمىنى ئوڭ تەتۈر قانداق سالسىڭىز ئىشلەۋېرىدىكەن.
11. يېڭىچە EarPods شەكلىدىكى نائۈشنىك سەپلەنگەن.
تارقىتىلىش ۋاقتى:
iPhone5 كە 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ زاكاس قوبۇل قىلىش باشلىنىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمى سېتىلىشقا باشلايدىكەن. 1-قاراردا سېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە شىياڭگاڭمۇ بار. نۆۋەتتە 16G لىق شىياڭگاڭ مېلىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 4560 سوم خەلق پۇلى ئەتراپىدا ئىكەن.
iPhone 5 ئېلان قىلدى، كېيىنكى جوبس دەۋرىدىكى ئالمىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئارتۇقچىلىقى قالمىدى
iPhone 5 بىلەن iPhone 4S نىڭ پەرقى
ئالما شىركىتىگە كەلسەك، iPhone 4S دىن كېيىن شىركەت تېخى كىشىنى قايىل قىلغۇدەك مەھسۇلات ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئۇنداقتا، خۇددى لو يوڭخاۋ مىكرو بولوگىدا «شەخسىي باشلامچى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان كارخانا باشلامچىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلالمايدۇ، بۇ سودا تارىخىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېگەندەك ئەھۋال رېئاللىققا ئايلىنارمۇ؟ ئالما راستىنلا جوبس دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟ ئالما قوللىغۇچىلىرى نەزىرىدىكى ئالما زېرىكىشلىك بىر شىركەتكە ئايلىنىپ قالارمۇ؟ بىز بۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرالمايمىز، ئالمىنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرغۇدەك يېڭى تەرەققىياتىغا تەشنامىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 04:23 PM