ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى قېرىنداشلار ! كەمنە بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ، قسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان دوستلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ، بەزى ئەزالار ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ، باش سۈرىتىمنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان بولساممۇ ، ئىنشائاللا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەپ ، كۆز قارىشىدا بۇرۇلۇش بولۇشىغا ئىشەنچىم بار .
مەقسەتكە كەلسەك ، بۇندىن بۇرۇن پەقەت ئىنكاس شەكلىدە مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ كەلگەن ، بۈگۈنكى بۇ تېمامدىن باشلاپ <ھاياتىڭىزدا بىلىشكە تېگىشلىك 60 شەخىس>تېما ئاستىدا كۈندە بىر شەخىسنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرىنى يوللاش ئارقىلىق مۇنبەرگە ئازدۇر -كۆپتۇر كۈچ قوشماقچى . ياقتۇرغايسىلەر !
گىگانىتلارنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قازانغان نىيوتون
ئىسىم فامىلىسى :ئىساك نىيوتون ياشىغان ۋاقتى :1642-يىلدىن 1727-يىلغىچە تۇغۇلغان يۇرتى :ئېنگىلاندنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى خۇرسوپ كەنىتى جەمەتىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى :دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى :<تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق قائىدىللىرى >نىڭ دۇنياغا كېلىشى چۈشىنىش ئەڭ تەس بولغىنى :كېيىنكى ئۆمرىدە نۇرغۇن زىھنىنى سەرىپ قىلىپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىشى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى ئامىللار ھاياتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ :ئۇلۇغ بىر ئالىم بولۇش . ئارتۇقچىلىقى :تىرىشچان ، ئجتىھاتلىق ، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ،ئەمىلىيەتچىل . كىشلىك پوزتسىيەسى: ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ، ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىش . جاھاندارچىلىق پىرىنسىپى: ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەسلىك ،ئالدىراپ خاپا بولۇپمۇ كەتمەسلىك . ھايات پائالىيىتى نىيوتون ئېنگىلانىدنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى خۇرسوپ كەنىتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .دادىسى ئۇ تۇغۇلماستىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ .ئاپىسى ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن قايتا ياتلىق بولىدۇ .ئۇ ياشىنىپ قالغان مومىسى بىلەن بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزىدۇ .بەختسىز ئۆسمۈرلۈك دەۋرى نىيوتوننى كەمسۆز ، تارتىنچاق ، غەلىتە ۋە جاھىل قىلىپ قويىدۇ . نىيوتون پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ،قول سېلىپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرەتتى ،بۇ ئۇنىڭ كېيىن ئىلىم -پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنىشىغا مۇئەييەن ئاساس سالغان . نىيوتوننىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ بىر ياۋاش دېھقان بولۇپ ،ئائىلىسىنى بېقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى .بىراق نىيوتون بۇنىڭغا قىلچە قىززىقمايدۇ .12ياشقا كىرگەن يىلى يېقىن ئەتىراپتىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ .ھەم كىراك دورىخانىسىدا يېتىپ قوپىدۇ .ئۇ كونا دورا يېشىكى ۋە ئەينەك شىشىلەردىن بىر سۇ سائىتى ياساپ ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىنى كونتۇرول قىلىدۇ . نىيوتون يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كىتاپ ئوقۇشقىلا قىززىقىپ قالماستىن ،يەنە ھەر خىل كىچىك ئىلمى تەجىربىلەرگە بارغانسىرى مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ . نىيوتوننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئومۇمى نەتىجىللىرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ، پەقەت ماتىماتىكا ، فىزىكا قاتارلىق پەنلەر ھەمدە ھەر خىل تەبىئەت ھادىسلىرىگە كۈچلۈك قىززىقاتتى . نىيوتون ئۆزىنىڭ تەبىئى تالانتى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە 1661-يىلى كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىرىنىتى ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ . 1664-يىلى نىيوتون ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ .ئىككىنچى يىلى باكلاۋېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشىدۇ .ئۇزۇن ئۆتمەي نىيوتوننىڭ ئىلمى تەتقىقات ئىقتىدارى داڭلىق ماتىماتىكا ئالىمى بالونىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ .شۇڭا 1665-يىلى نىيوتون ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان چاغدا ،مەكتەپتە قېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ ، كۈتۈلمىگەندە دەل بىر يىل ئۆتكەندە ،لوندوندا كەڭ كۆلەملىك چۇما كېسىلى تارقىلىدۇ ،نىيوتون يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ . نىيوتون يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىمۇ داۋاملىق تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1665-يىلدىن1666-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ،نىيوتون ئىلگىركىلەرنىڭ پەن -تەتقىقات نەتىجىللىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ،ئىككى ئەزالىقلار تىئورمىسى ، دىففىرناتسىيال -ئىنتگىرالنى ئىجاد قىلىدۇ . ھەمدە ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاق نۇرنىڭ ئەمىلىيەتتە ئوخشاشمىغان رەڭدىكى يەتتە خىل نۇردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ . 1667-يىلى چۇما كسىلى تىزگىنلىنىدۇ . نىيوتون كامبېرىج ئۇنۋېرسىتىتىغا قايتىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . 1668-يىلى نىيوتون دۇنيادىكى تۇنجى نۇر قايتۇرىدىغان تېلىسكوپنى ئىجاد قىلىدۇ .بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى رەسەتخانىلار ئىشلىتىۋاتقان تېلوسكوپلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئاساسەن تەرەققى قىلدۇرۇلغان . 1669-يىلى ،27 ياشلىق نىيوتون <خوككاس ماتىماتىكا لېكسىيەسى > نىڭ پىراففىسورلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ،بۇ ساھەدىكى ئەڭ ياش ئالىمغا ئايلىنىدۇ . 1672-يىلى ، فىزىكا ، ماتىماتىكا ساھەسىدىكى غايەت زور تۆھپىسى بىلەن لوندون خان جەمەتى ئۇيۇشمىسىغا كىرىدۇ . نىيوتون 1727-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 85 يېشىدا لوندوندا ۋاپات بولىدۇ ھەم ۋېستىمېنىستىر چېركاۋىغا دەپىنە قىلىنىدۇ .ۋېستىمىنىستىر چېركاېى بولسا ئەنگىلىيە پادىشاھلىرىغا تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولۇپ ،نىيوتون تۇنجى بولۇپ مۇشۇ جايغا دەپىنە قىلنىغان ئالىم . ھېكايەت بىر قېتىم نىيوتون ئۆيىگە بىر قەدىناس دوستىنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ . تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ،نىيوتون دوستىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ،قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپتۇ . ئۇ ئەمدىلا بوسۇغىدىن ئاتلىشىغا ،تۇيۇقسىز يېقىندىن بۇيان ئىشلەۋاتقان بىر تەجىربىسى توغرىسىدا كاللىسىغا بىر ئوي كېلىپ قاپتۇ -دە ،دەرھال تەجىربىخانىغا قاراپ چېپىپتۇ . ھلقى دوستى بىلەن تاماق يەيدىغان ئىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتۇ . دوستى خېلى ئۇزۇن ساقلاپ ،خاپا بولۇپ ،تاماقنى ئۆزى يالغۇز يېيىشكە باشلاپتۇ . تەجىربە دوكىلاتىنىڭ بىر بۆلىكى ئاخرلاشقاندىن كېيىن ،نىيوتون ئاندىن نېمىلەرنىدۇ خىيال قىلغان ھالدا تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كەپتۇ . ئۇ تاماقنىڭ يېيىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ <ھە ، تاماق يەپ بوپتىمەن دە >دەپ يەنە تەجىربىخانىسىغا قايتىپ كېتىپتۇ . ھېكىمەتلىك سۆزى *مەن تېخىمۇ يىراقنى كۆرىمەن . بۇ سىلەردەك مەشھۇرلارنىڭ مۇرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىمدىن بولسا كېرەك . *ئەگەر دادىللىق بىلەن بىلەن پەرەز قىلىش بولمىسا ،ئۇلۇغ بايقاشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ . *تالانىت -تىرىشىش ، تىرىشىش ،يەنە تىرىشىش دېمەكتۇر .
|