ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ياخشىمۇسىلەر !؟
يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى مەئبۇئات ئورۇنلىرى نۇرغۇنلىغان ياخشى كىتابلارنى نەشىرقىلىپ بازارغا سېلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا ياخشى كىتاپ ئوقۇش شارائىتى بەخشى ئەتتى. نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئەدەبىيات تۈرىدىكى تارىخ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئاساسىي لېنيە قىلىغان رومانلىرىمىزدىن باشقا يەنە تۈرلۈك-مىللىي ئۆرىپ-ئادەت، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى، پەلسەپە بىلىرملرى، ئەقلى تەپەككۇر قاتارلىقلارغا ئائىت نۇرغۇنلىىغان ياخشى كىتابلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.
بۇ كىتابلار بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەئبۇئات، نەشرىياتچىلىق تارىخىدا مەڭگۈ ئۆچمەس يادنامىلەرنى قالدۇردى. پېقىر ئاددى بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئويغۇر ئەدەبىياتدىكى يېڭىلىقلارغا يېقىندى دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، شۇنداقلا يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ھەر خىل ژانىردىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ ئۇنىڭدن زوق ئىلھام ئالىمەن.
يېقىندىن بۇيان بىر قانچە كىتابنى ئوقۇپ چىققان ھەم ئۇنىڭدن مۇئەييەن ھاسىلاتقا ئىگە بولغان ئىدىم. بۈگۈن تويۇقسىز شۇ ئوقۇغان كىتابلرىمدىن تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈش ھەم بۇ كىتابلارنى ئەزىز تورداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلشنى ئويلاپ قالدىم.
كىتاب بىلىم بولىغى دەيدۇ كونىلار. ياخشى بىر كىتابنى ئوقۇغانلىق ياخشى بىر يول تاپقان بىلەن باراۋەر، ياخشى كىتابنى تاللاپ ئوقۇش كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ پىكىر يولىنى ئاچىدۇ. شۇڭا مەن ئەزىر تورداشلارغا تۆۋەندىكى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلدىم، تورداشلارنىڭ ئىمكانىيتىى يار بەرسە كۆرۇپ بېقىىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنداقلا تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ئىسمىنى بۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى، كەڭ تورداشلار بىلەن ئەركىن ئازادە پكىر ئالماشتۇرۇپ نادىر كىتاپ ۋە نادىر ئەسەرلەردىن بىرلىكتە ھوزۇر ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن ! تۆۋەندە مەن تورداشلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغان كىتاپ ئىسمى:
[ ‹خويمۇ ئۇز خوتەن›
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان .
«خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق بۇ كىتاب ئويغۇرچە «خوتەن گېزىتى» نىڭ 2007- يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئارام» بېتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىغان ئەسەرلەردىن تاللاپ تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابقا 115 ماقالە ۋە 148 پارچە بەدىئىي سۆرەت كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان كەڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادىتى، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيتى، ياشاش مۇھىتنى ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبى، ئەنئەنىۋى ھۆنەر-سەنئەت كەسپى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ئۆزىگە خاس ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرى، يۇرت-ماكان، يەر جاي ناملىرى تەزكىرىسى، تۇرمۇش ۋاستىلىرى قاتارلىقلار ناھايىتى ئىخچام بايانلار ئارقىلىق شەرھىلەپ ھازىرقىلارغا سوۋغات، كېينىكىلەرگە مەڭگۈلۈك نەمۇنە سۈپىتىدە سونۇلغان. كىتاب جەمئىي 12 سەھىپىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماقالىلارنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان رەڭدار بەدىئى سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ كىتابنىڭ رەڭدارلىقىغا ھۆسۈن قوشۇپ، جەلبكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
خوتەن گۈزەل دىيار ئۇز دىيار. تارىخى ئۇزۇن گۈل دىيار، ئەگەر تورداشلارنىڭ خوتەن توغۇرلۇق كۆپرەك بىلگۈسى كەلسە بۇ كىتابنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر بۇ كىتاب توغۇرلۇق تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالايدىغان دوسىتلارنىڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-52518-1-1.html
يۇقارقى ئادىرىسقا كىرىپ پېقىرنىڭ بۇ كىتاب توغۇرلۇق يازغان ماقالىسىغا نەزەر ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
غەرىبنىڭ تەپەككۇرى
ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتاب بىر سۇئال-جاۋابلىق كىتاب بولۇپ سۇئال دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىدىرىدىن كەلگەن. شۇ سۇئاللارغا ئولۇغ مۇتەپەككۇر پەيلاسوپلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى، شۇ سۇئال، شۇ مەسلە توغرىسىدىكى دانا يەكۈن، ئىلغار ئىدىيىۋى ئوي پىكرلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
پىكرى ئويغاق، زېھنى ئۆتكۈر ھەر بىر تورداشنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى كىتاپ.
ئاخىرىدا كەڭ تورداشلارنىڭ بىر-بىرىگە كىتاب تەۋسىيە قىلىشىنى، ئەگەر مۇنۇ تېمامدا ئوتتۇرغا قويۇلغان كىتابلارنى ئوقۇغان ياكى شۇ كىتابلار توغرىسىدا مۇئەييەن كۆز-قاراش چۈشەنچىگە ئىگە بولغان تورداشلارنىڭ ئەركىن-ئازادە پىكىر قىلىپ بۇ ھەقتىكى قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر، كۆز قاراشلىرىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا يوللىدىم. ۋاقىت ئىمكانىيتىم يار بەرسە بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇغان كىتابلىرىم ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان زوق-ئىلھام، ھاسىلاتلىرىمنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشارمەن دېگەن ئۈمىدتە مەن ! ئاخرىدا مىسرانىم تورى مۇنبىرىدىكى كەڭ خزمەتچى خادىملار ۋە مەركۇز مۇنبەرگە ئەزا بولغان ھەر بىر قېرىنداشنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوتۇقلۇق، كۈنلىرىنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 01:42 PM