مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 30

بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79738
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3197
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا


  
      مەن ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ، گۈلباھار سىدىقنىڭ بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لار توغرىسىدا يازغان ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم.
      ماقالىنىڭ ئاساسىي ھەل قىلماقچى بولغان ئىدىيەسى بىزدىكى قەدىمدىن تارتىپ مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان «يامان بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلماقچى بولغان.
      ماقالە ناھايىتى ئوبدان يېزىلغان بولۇپ، مۇنازىرگە قويۇشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
      مەن بۇ يەردە بىرنەچچە تۈرلۈك «يامان بولىدۇ» لارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي، مۇنبەرداشلارنىڭ بىرلىكتە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن.
      «كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ، كۈندۈزدە ئالغىن» مانا بۇ بىزلەرنىڭ كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا - ئانىمىز قولىقىمىزغا قۇيۇپ سېڭدۈرۈۋەتكەن يامان بولىدىغانلارنىڭ بىرىنچىسى.
      دادام ئاپامغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ئوقۇمىغان ئايال دېگەن شۇنداق بولىدۇ - دە، كەچتە تىرناق ئالسا نېمىشقا يامان بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ پەيغەمبىرىمىز ياشىغان مەزگىللەردە توك بولمىغاچقا، كەچتە تىرناق ئالسا قولىنى كېسىۋالىدۇ دەپ، كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ، دېگەن. ھازىر توك بولغاچقا كېچە بىلەن كۈندۈز ئوخشاش. تىرناقنى قانداق ۋاقىتتا ئالسا بولۇۋېرىدۇ، تازىلىققا رىئايە قىلىش ئىسلام دىنىدىكى پەرھىزلەردۇر» دەيدىغان.
      دەۋىرنىڭ ئالمىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نۇرغۇن سەۋەبلەر ئەمەلىيەتلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بەرمەكتە.
      مەن بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قاتنىشىپ قالدىم، قارىشىۋاتقانلارنىڭ بىرى قۇرئان ئوقۇۋاتقانلارغا تاماق ئېتەيلى دېدى، بولمايدۇ، ئۆلۈم چىققان ئۆيدە ئۈچ كۈنگىچە تاماق ئەتسە «يامان بولىدۇ» دېدى. مانا بۇ يامان بولىدۇلارنىڭ يەنە بىرى.
      بىز مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قائىدىمىز، ئۆزئارا ياردەم قىلىشتۇر.
      مىيىت چىققان ئۆي ياكى توي - تۆكۈن بولغان ئۆيلەردە، ئۆي ئىگىسىگە ھاردۇق يەتكەن بولىدۇ. كىرىپ - چىقىدىغان ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن بىر ئىش قىلىش قولايسىز بولىدۇ. شۇڭا قولۇم - قوشنىلار تاماق قىلىپ، تاۋاق سۇنىدۇ. بۇ خىل پائالىيەت نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم بولغان ئۆيلەردە نەچچە كۈنلەپ تاماق ئېتىلمەيدۇ.
      تەدرىجىي بۇ پائالىيەت قائىدىگە ئايلىنىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن مىيىت چىققان ئۆيدە تاماق ئەتسە يامان بولىدۇ، دېگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ.
      دېمەك، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ شەكىللىنىشىدە بىر ئىش سەۋەب بولىدۇ.
      يۇقىرىقىدەك «يامان بولىدۇ» نى ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز.
      بەزىلەر بالىلىرىغا تەربىيە - نەسىھەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ. بۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ، ئادەم ئۇرساڭ يامان بولىدۇ دەپ، ئادەم ئۇرسا نېمە ئۈچۈن يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەي، قاتمال ھالەتتە «يامان بولىدۇ» بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەت دەۋرمۇ - دەۋرە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
      مىللىتىمىزنىڭ سۆز - ئىبارىلىرىدە نۇرغۇن «يامان بولىدۇ» لار سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
      ناننىڭ ئۇگىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە يامان بولىدۇ، سۇغا تۈكۈرسەڭ يامان بولىدۇ، چوڭلارغا سالام بەرمىسەڭ يامان بولىدۇ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىسەڭ يامان بولىدۇ، ئسراپچىلىق قىلساڭ يامان بولىدۇ.
      دېمەك بۇلار ھېكىمەتلىك «يامان بولۇش» لاردۇر. بۇ ھېكىمەتلىك «يامان بولۇش» لار ئۆز دەۋرىدە قانۇن - تۈزۈملەردەك ئۆز رولىنى نامايان قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ سالمىقى بار.
      مېنىڭچە ھازىردىن تارتىپ ئەۋلادلىرىمىزغا «يامان بولىدۇ» لارنىڭ مەنىسىنى بىرگە چۈشەندۈرۈپ ماڭغان بولساق ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىپ ماڭغان بولاتتى. نېمىنىڭ ھەقىقىي يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولاتتى.
      مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ بىر كىچىك بالىدىن سوراپ باقتىم. ھەي بالام، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمىسا، نېمە ئۈچۈن يامان بولىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي ئىدى «شۇ يامان بولىدۇ».
      مېنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداق تۇيغۇ بولىدىغان، ھوي تونۇرنى تەپسەڭ يامان بولىدۇ دېسە، نېمىشقا يامان بولىدىغاندۇ؟تونۇرنىڭ ئىچىدە جىن بار ئوخشايدۇ، دەپ تونۇرنىڭ يېنىغا يالغۇز بارالمايدىغان ئىدىم. دېمەك چۈشەنچە بولمىسا ئىنكاسمۇ بولمايدىغان ئىشكەن.
      تەربىيەنى كىچىك ۋاقىتتىن باشلىغان ياخشى، چۈشەنچە بالدۇر بولسا، ئىنكاسمۇ تېز بولىدۇ.
      ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى تەييارلىق سىنىپلاردىن باشلاپلا كۇرسلاردا ئوقۇتۇۋاتىدۇ، مېنىڭچە كېيىن سالغان ماددىي مەبلەغدىن بۇرۇن سالغان مەنىۋى مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى ياخشى دەپ قارايمەن.
      مەن ئۆزۈمگە قاراڭغۇ بولغان «يامان بولۇش» لارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىشلار ئورنىدا  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تونۇشىمدىن سوراپ باقتىم.
      ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر - چىراغلاردا سۇيۇقئاشنى تاق چوكىدا ئىچمىسە «يامان بولىدۇ»، ھەتتا ئۆلۈممۇ جۈپ بولۇپ قالىدۇ، دېگەننىڭ ئاساسى بارمۇ؟
      يوق، چوكىنىڭ تاق - جۈپلۈكى بىلەن ئۆلۈمنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۆلۈم، نەزىر - چىراغلاردا ئادىم كۆپ بولغانلىقتىن چوكا يېتىشمەيدۇ، بۇمۇ بىر سەۋەب.
      چوڭلار ئارىسىدا، ئۆلۈم پەتىسىدىن يېنىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرسە يامان بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، بۇنىڭمۇ ئاساسى بارمۇ؟
      بۇ خىل ئىللەت بىزلەردە خېلى ئېغىر، بۇنىڭمۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن رەنجىش بەك نادانلىق.
      مەن قايتىپ كېلىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم، بىزدە نۇرغۇن  ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە «يامان بولىدۇ» لىرىمىز بار بولۇپ، بۇ بىزنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ گۈزەل ھەم ئەخلاقلىق قىلىپ نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. بىز ئەنە شۇ ئېسىل دۇردانىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لارنى توغرا قوبۇل قىلالايمىز دەپ قارايمەن.
      مەنبە: بىزدىكى «يامان بولىدۇ» لاردىن پايدىلاندىم.

بىر ئادەمنىڭ ھاجىتى بولمىسا .ھەرگىز ھاجەتخانىغا بامايدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 03:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

كەچتە تىرناق ئالسا يامان بۇلۇدىنى ، مەنمۇ  سوراپ باققان ، نەق يۇقارقىدەك جاۋاپ بەرگەن ، مەن يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۈيىدە لەڭمەننى چۇكىدا قىسىسا يامان بۇلۇدۇ ؛دەپ  قۇلىنى يۇيۇپ پولو يىگەندەك يىگەننى كورگەن ، بۇمۇ بەلكىم ئاشلىقنى قەدىرلەش ، ئىسراپ قىلماسلىق ،ئەڭ چېكىگە يەتكەن بىر تەرىپى بولسا كېرەك ،مەنمۇ ھەدىسلەرنى بەك ئۇقۇيمەن ،بىزدە  بەزى پەتىۋالار ھەقىقەتەن ئېشىپ كەتكەن ، بۇرۇن ھەدىسىلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ،قۇرئان كەرىممۇ 1985-يىلىلائەتراپىدا  تەرجىمە قىلىنغان، ئەرەپ تىلىنى بىلىدىقانلار ئاز ، شۇڭا نۇرغۇن گەپلەر قۇلاقتىن -قۇلاققا يىتىش جەريانىدا ،ئانچە -مۇنچە ئوزگىىرىپ كەتكەن بۇلۇشى مۈمۈكىن ،
  ئۈلۈم بولغاندا ئاق باغلايدىقان ،قىرىق كۈنگىچە  ساقال بۇرۇتنى ئالمايدىقان، پەيشەنبە كۈنى ياغ پۇرىتىدىقان ، سۇ يېغىنى  پىلتە قىلىپ شام ياقىدىقان، ئىش ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان بۇدتا دىنى ۋە شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى  ،بولسا كېرەك مەن دىنى تەربىيە ئېلىپ باقمىغان تەرجىمە قۇرئاننى ، ھەدىسلەرنى ئۇقۇپ ئەمىليەتكە سېلىشتۇرۇپ ھىس قىلغانلىرىم، تورداشلار خاتا ياكى چولتاگەپ قىلىپ قويغان بولسام تۈزۈتۈش پىكىر بەرسە  ،  جانابى ئاللا  بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلسۇن  ، ئىمىانىنى تېىخىمۇ كۈچەيىتسۇن ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimlih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 03:58 PM  


كامىل يۇۋاش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5735
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1462 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 04:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

بەكمۇ  ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت

كامىل،يۇۋاش

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7820
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 4833 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 05:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

ئىلگىرى شۇنداق يامان بولدۇ دىگەن سۆز بىلەن باللار خېلى گەپ ئاڭلايدىغان ،
كىچىك ۋاقتىلىرىمدا مەنمۇ شۇ گەپنى ئاڭلىسام بەكلا قورقاتتىم  ، دوستلار ئارا تېخى يامان بولدۇ خۇدايىم قاتتىق نان بېردۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلشاتتۇق .

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 05:34:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

بەك ياخشى تىيما يوللاپسىز. گۇلباھار سىدىقنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن. زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى دىگەن كىتابى شۇنداق ياخشى چىققان بىر كىتاپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3540
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 06:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

مىنىڭچە بەزى بىر «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ئاساسى بار . مەسىلەن : چەينەكنى قۇرۇق قويسا يامان بولىدۇ ، كىيىمنى تەتۈر سالسا يامان بولىدۇ دىگەندەك ... مەنىسى بولسا ئۇ نەرسىلەرنى يەنە ئىشلەتكەن ۋاقىتتا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن . تىمىدا دىيىلگىنىدەك «يامان بولىدۇ»لارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئىشلەتسەك بىزگە قولايلىقلارنى كەلتۈرىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇ « يامان بولىدۇ» لار ئەجداتلىمىزنىڭ كۆپ يىللاردا باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق سوغۇقلىرىدىن پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17917
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3854 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 06:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىچىك بالىلارنى تەربىيلەشتە ئىشلەتكەن 《يامان بولىدۇ》لىرى ئاساسەن ئىلمىلىككە ئىگە،قوللانغان ئۇسۇلىمۇ توغرا.كىچىك بالىغا يامان بولىدۇ دەپ تومتاق دەپ ۋاختىنچە يامان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسا،بالىغا ماھىيەتنى چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئاشۇ《يامان بولىدۇ》لار قۇلاققا سىڭىۋېرىپ خۇددى كەررە يادلىغاندەك بولۇپ كېتىدۇ،كېيىنچە ئەقلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا مەنىسىنى بىلىۋالدۇ.
مەنمۇ كىچىگىمدىن شۇنداق  《يامان بولىدۇ》لارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان،چوڭ بولۇپ نىمە ئۈچۈن يامان بولۇشنىڭ سەۋەپلىرىنى ئۆزۈم بىلىۋالدىم،ھازىر بالامغا شۇنداق تەربىيە قىلىمەن،سەۋەبىنى بەك كوچىلاپ تۇرۇۋالسا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن،چۈشىنەلمەي قالسا ئەمەلىيەت بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
بوسۇغۇدا تۇرساڭ يامان بولىدۇ دېسەم،نىمىشقا دەپ تۇرۇۋالدى ئوغلۇم.مەن دەرھال ئىشىكتىن چىقماق بولۇپ ئۇنى قىستاپ قويدۇم،ئۇ ۋايجانلاپ كەتتى،دېمەك بوسۇغۇدا تۇرۇۋالساڭ باشقىلارنىڭ ئۆيگە كىرىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ سالىسەن دېدىم،شۇندىن كېيىن بالام بوسۇغۇدا تۇرمايدىغان بولدى.
بىر كۈنى ئۆستەڭ بويىدا بىر يولداش ئېشەكتەك سۇغا سىيىپ تۇرۇپتۇ،مەن ئوغلۇمغا كۆرسىتىپ بالام سۇغا سىيسە يامان بولىدۇ،سەن ھەرگىز ئۇنداق قىلما دېسەم،نىمىشقا يامان بولىدۇ؟دەپ سورىدى،چۈنكى ئۇ سۇنى تۆۋەندىكىلەر ئىچىدۇ بالام دېسەم،بىز ئۆستەڭدىن سۇ ئىچمىسەك دەيدۇ.مەن دېدىم بىز ئىچمىگەن بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئىچىدۇ،بۇ خۇددى بىراۋ كېلىپ سىېنىڭ تاماق قاچاڭغا سىيىپ قويغاندەكلا بىر ئىش،ئەجىبا سەنمۇ باشقىلارنىڭ قاچىسىغا سىيىشنى خالامسەن دېسەم،ياق دادا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن دەپ جاۋاپ بەردى.دېمەك چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيتى بار مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش كېرەك،چۈشىنەلمىگەننى كېيىن ئۆزى ئاستا-ئاستا چۈشىنىۋالىدۇ.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3926
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 08:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

ئىسىل تىما!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 08:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

مەنبەسى بىزدىكى يامان بولدۇلار.....................

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84152
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 08:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
مىنىڭچە  ئائىلە تەربىيسىدە بالىلارغا ‹يامان بولىدۇ› دىگەننى ئىشلىتىپ ئۇلارغا تەربىيە ئىلىپ بارساق،چوقۇم شۇ ‹يامان بولىدۇ›نىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ياكى بولمىغاندا ئاددى بولسىمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندۇرۇپ ،مەنىسىنى يىشىپ (بىلگىنىمىزچە)بىرىشىمىز كىرەك.ئۇنداق بولمىغاندا بالىلار شۇ ‹يامان بولىدۇ›نى ‹ يامان بولسا قانداق بولىدىغاندۇ›دەپ سىناپ بىقىشى ،ئاقىۋەت نەتىجىسى ياخشى بولماي قىلىشى مومكىن.
ئەگەر چۇشەندۇرەلمەي ،يامان بولىدىغانلىقىنىلا بىلسەك ئەڭ ياخشىسى ئۇ‹ يامان بولىدۇ›نى دىمىسەك بولغۇدەك.
ياكى بولمىسا ‹يامان بولىدۇ›نى‹ياخشى بولىدۇ›غا ئۇزگەرىتسەكچۇ،مەسىلەن؛‹كۇندۇزدە تىرناق ئالسا ياخشى بولىدۇ،بوسوغىدا تۇرمىسا ياخشى بولىدۇ،چوڭلارنى ھۆرمەت قىلسا ياخشى بولىدۇ، چەينەككە سۇئىلىپ قويسا ياخشى بولىدۇ› دىسەكچۇ،مىنىڭچە بالىلارنى دەسلەپكى تەربىيەدە مانا مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇپ،گۇزەل سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ،ئۇلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلماي تەربىيەلىسەك تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش