ئېغىرلاپ بارماقتا ھاياتتا يۈكۈم
قىلىنىپ «مۇددەتسىز قاماق»قا ھۆكۈم،
ئېغىرلاپ بارماقتا ھاياتتا يۈكۈم.
جىنايەت مەنبەسى ـ «دىيابىت كېسەل»،
ئويلىسام ھۈرپىيەر تېنىمدە تۈكۈم.
شىپاسى يوقمىكىن، يوقمىكىن ئامال؟
چاچلىرىم ئاقاردى ئازابتا قاردەك.
چاڭقىغان باغرىمدا كۆيىدۇ دۇزاق،
بىر ئۆمۈر تۈگىمەس گۇناھىم باردەك.
دۇنيانىڭ جىلۋىسى كۆرىنەر خىرە،
بۇزۇلغان ئىكراندەك لىغىرلاپ كۆزۈم.
ئاقساققا ئوخشىغان چىشلىرىم شالاڭ،
سارغىيىپ تۇرىدۇ نۇر قاچقان يۈزۈم.
ماغدۇرسىز، بالدۇرلا يوقالغان دەرمان،
ئۆزىنى كۆرسىتەر يۇمشىغان سۆڭەك.
تۇرىدۇ كۈزدىكى ياپراقتەك تىترەپ،
مۇھەببەت-سۆيگۈگە قانمىغان يۈرەك.
ئىشتەينىڭ نەغمىسى يېقىمسىز ياڭراپ،
ئۆگىتەر شامالدىن شەيتانغا ئۇسسۇل.
كۆرۈمسىز باغلارغا يۇشۇرۇن كىرىپ،
سايرايدۇ پىغاندا زارلىنىپ بۇلبۇل...