مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2269|ئىنكاس: 21

شىخۇ ئوغلانى زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا تەۋە شائىر ، ژورنالىست زەينىدىن سالىيۇف ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولغان ل. مۇتەللىپنىڭ تەڭتۇشى ، خىزمەتدىشى ، يېقىن سىردىشى . ئۇ 1922-يىلى3- ئايدا شىخۇدا چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1933- يىلدىن 1940 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىخۇدا ۋە ئۈرۈمچى پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقىغان . 1943- يىلغىچە ل. مۇتەللىپ بىلەن بىللە " شىنجاڭ گېزىتى" ئىدارىسىدا تەھرىر بولغان ۋە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇئەللىم ، ئلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1945- يىلدىن 1947- يىلغىچە شىخۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە باش كاتىپ بولغان . بۇ دەۋرلەردە " تارىخ - قەھرمان" ، " مۇسىبەت " قاتارلىق بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلىرىنى يازغان . 1947- يىلدىن 1955-يىلغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- جۈن 1- ئاتلىق تۇەنىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ، 13- شى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن . شىخۇ ، غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت ۋە زىيارەتتە بولغان . شائىر بۇ دەۋرلەردە " شاۋكەت" ناملىق باللاداسىنى ، " بېيجىڭنى كۆرگەندە "، " ئەل سۆيگەننى سايلايمەن "، " ئۇستازىم لۇشۈنگە "، " نۇرلۇق يول"، " يېڭى قۇرۇلۇش"، " ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق "  قاتارلىق شېئر ۋە مەسەللەرنى يازغان . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيىتى غۇلجىدا يۈكسەلگەن . 1955- يىلىدىن 1962- يىلغىچە " شىنجاڭ گېزىتى " ۋە " شىنجاڭ نېفىت گېزىتى " دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن . " نېفىتچىلارغا "، " ۋەتەن سۆيگۈسى" ، " غۇلاچ تاشلا "، " ئەمگەكتە تاۋلان" ، " ۋەتەن ئىشقى "، قاتارلىق شېئىرلىرىنى يازغان . ئاپتور بۇ جەڭگىۋار ھاياتىنى 46 يىل داۋاملاشتۇرۇپ ، 1968- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .   زەينىدىن سالىيوفنىڭ ئىجادىيىتى  1943- يىلى باشلانغان . شائىر ئىجادىيەتكە كىرىشكەن دەۋر خىلمۇ -خىل ئەدەبىيات- سەنئەت كۇرژىكلىرى ، ئىجادىيەت گۇرۇپپىلىرى ، سەنايى نەفىسلەر ۋە گېزىت - ژورناللار تەسىس قىلىنىپ ، خەلق ئەركىنلىك ، دېمۇكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ، ئاپتورمۇ ئۆز دەۋرىدىكى سەبداشلىرىدىن لوتپۇللا مۇتەللىپ ، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرغان . شۇڭا 1943- يىلنىڭ ئاخىرىدا ل. مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گېزىتخانىدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ ، ئاۋۋال 7- باشلانغۇچ مەكتەپ ، ئاندىن قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىۋېتىلگەن . 1945- يىلى شىخۇغا يۆتكەلگەن . " بىزنىڭ تىلەك" ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا شائىرنىڭ 1943- يىلدىن باشلاپ يازغان شېئىرلىرى تاللانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ، بۇ توپلامغا بېرىلگەن تۇنجى شېئىرى 1946- يىلى شىخۇدا يېزىلغان . شائىرنىڭ ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يازغان " مۇسىبەت " نامىسىمۇ 1946- يىلى ئاۋغۇست دېگەننى قوشۇمچە قىلغان . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ، ئاپتور ل. مۇتەللىپنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن خەۋەر تاپقان . قانداقلا بولسۇن، ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىجادىيىتى 1943-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ ، 1946- يىلىدىن باشلاپ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساپ ، شېئىرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى قىسىملىق رومان " چاياننىڭ تەقدىرى" نى يېزىشقا كىرىشكەن ، لېكىن كېسەللىك تۈپەيلى روماننىڭ ئاخىرقى قىسمىنى تاماملىيالمىغان . ئۇنىڭ 1981- يىلى 3- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان " بىزنىڭ تىلەك " ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 15 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن . توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا ، شائىر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ل. مۇتەللىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، بۇ ھەقتە شائىر ئۆزىنىڭ " غۇلاچ تاشلاپ" ناملىق شېئىرىدا:
   ئۆگەن دوستۇم ، ياشلىقتا ئۆگەن ،
  دېگەنتى شائىر " قاينام ئۆركىشى" .
  بىلىمسىز ئادەم قەلبى ، كۆڭلىدە
ساقلىنار دائىم تۇمانلىق قىشى .
دەپ يازسا ،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يازغان " مۇسىبەت" ناملىق مەرسىيەسىدە ئېنىق قىلىپ :
سېنىڭ يازغان چېكىت - نۇقتاڭ ، سەترەڭ ئەل ئۈچۈن شەمشاد ،
قەلەمكەش دوستلىرىڭ "قاينام" ، ئۇ دۈشمەننى قىلۇر بەربات.
بۈگۈن يازدىم ساڭا دوستۇم مۇسبەت نەقىلزارىمنى ،
ئۇنۇتماس مەڭگۈ "بىخ" دوستۇڭ ئەبەد ساقلار ئىجادىڭنى .
دەپ ئۆزىگە خىتاب قىلغان . ھەتتا بۇ تەسىر ئېلىش ھادىسىسىنى مەرسىيەنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى جۇدالىق ھارپىسىدا شائىر بىلەن قىلىشقان قىسقا دىئالوگىنى؛
كېتەردە قول قىسىپ شائىر دېگەنتىڭسەن " ئامان بولغىن!"
شۇ چاغ نۇرلۇق چىرايىڭدا ئەكس ئەتكەن ئىدى يالقۇن .
دېگەن بىيىتلىرىغا يىغىدۇ .
شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسەن بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇنىڭ " ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق " ناملىق مەسىلى ، " كوممۇنىست" ناملىق قەسىدىسى قاپىيە ، شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىققا ئىگە.
   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2012-يىل 9-ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى گۈلشەن بېتىدە ئېلان قىلىنغان  " زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ " ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى.  ئاپتورى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەد .    ( ئىزاھات: ماۋزۇسى  "شىخۇ ئوغلانى زەينىدىن سالىيۇف ۋە لوتۇپۇللا مۇتەللىپ" دەپ ئېلىندى . ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 05:55 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 300 ئەھمىيەتلىك تېما
narkos + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 568   باھا خاتىرىسى

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:58:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر شىخو دولقۇنى كوتۈرەي دەپسىزدە (چاخچاق)، ئەرزىيدۇ ...ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apirida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 12:13 AM  


ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:03:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر مىللەت سۈيەر قەھىرمان ئوغلانىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ زاتنىڭ نام-شەرىپىنى،تۇنجى ئاڭلىدىم ھەم شۇنداقلا بۇ زاتتىن پەخىرلەندىم.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

كارخانا دىگەنلىك ئىش ئورنى دىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9695
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8824
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 09:42:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخو دىيارىمىزنىڭ شىمالىدىكى موھىم بولغان پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شۇنداقلا ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاسلارنى بىربىرىگە چەمبەرچاس باغلاپ تۇرىدۇ . ئەمگەكچان ، ئاق كۆڭۈل شىخو خەلقى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئەجداتلار قالدۇرۇپ كەتكەن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ ، رايونمىز مىللىي مائارىپى تەرەقىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مائارىپ سېپىدە شام بولۇپ يانغان  كاتتا ئوغلانلارنى بارلىققا كەتۈردى . كامال تاپ شىخۇ ، راۋاجلان دىيارىم .

__ ئىلىغا چىقىپ كەتتى ، يول بىلمەيدىغان باللار .
__ سودىسىنى قىلالارمۇ ، چالا سودىگەر باللار .
__ ئاتۇش كۈيلىرىدىن .....

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:47:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخۇ دېگەن نە ؟
مەن پەقەت ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن .
ئاقسۇدا توقسۇ ناھىيەسىنى شىنخې دەيدىغان ، يەنە كورلىدا خاتۇنسۇمبۇلنى خېجىڭ دەپ قويىدۇ . شىخۇ دېگەن قەيەرنى كۆرسىتىدىغان بولغىيتتى ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:43:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا ،لوتۇپۇللا ئەمەس!

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن !

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12178
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12920 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مايتاغدا 5يىل ئوقۇپمۇ،شۇنچىلىك يېقىن جايدىكى شىخوغۇمۇ بېرىپ باقماپتىمەن دىسە توۋۋا، شۇ چاغلاردا بەك قورقۇنچاق ئوخشايمىز قارىغاندا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 03:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 10:47 AM
شىخۇ دېگەن نە ؟
مەن پەقەت ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن .
ئا ...

شىخو قەيەرنى كۆرسىتەتتى ؟ ھازىرقى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۈرۈمچى بولغان ئارلىقى 260 كىلومېتىر، مايتاغ، كۈيتۈن، شىخو ئۈچى بىرلىشىپ ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكنى ھاسىل قېلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ  بىر- بىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15-20 مىنوتلۇق يول.
ئۇنىڭدىن باشقا شىخونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:
شىخۇ شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، غەربى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربىكىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 7 بازار، 11 يېزا، 178 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 267 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 336 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 6.30% نى، ئۇيغۇرلار 5.17% نى، خەنزۇلار 79.29% نى، باشقا مىللەتلەر 9.24% نى تەشكىل قىلىدۇ.   شىخۇ ئىلگىرى كول قارا سۇ دەپ ئاتالغان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇنسۇرلارنىڭ يېرى ۋە ھونلارنىڭ غەربىي چېگرىسى بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى بولغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيرات موڭغۇللىرىنى خوشۇت قەبىلىسىنىڭ چارۋا باقىدىن يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 26 - يىلى (1761 - يىلى) ئۇ يەردە خان ئامبال قويۇلغان، چيەنلوڭنىڭ 37 - يىلى (1772 - يىلى) بۇ يەرگە ياردەمچى ئامبال قويۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 46 - يىلى (1781 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. چيەنلۇڭنىڭ 48 - يىلى (1783 - يىلى) ئاشلىق ئىشلىرى نازارىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۈرۈمچى باش بۇغىغا قارايدىغان بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) قايتىدىن ئاشلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ كول قارا سۇ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) شىخۇ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان. 1996 - يىلى 7 - ئايدا ناھىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان.   ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقىي جەنۇبىدىن غەربىي شىمالغا قىيسىق، تاغلىق رايون 43.6% نى، تۈزلەڭلىك 44.6% نى، قۇملۇق 11.8% نى ئىگىلەيدۇ. 17 چوڭ - كىچىك دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 920 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 486 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شەمشاد، توغراق، قىيىن، قارلەيلىسى، سۇغىگۈل، قانتېپەر، چۆچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نېفىت، سىڭىر تاش، گىلائۇبېر تۇزى، ھاك تاش، گرانىت، بېنتونىت قاتارلىقلار بار.   شىخۇ شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 37.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2821.4  سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېرتۇرىسى  3685.6℃، قىروسىز مەزگىلى  184 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  158.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2109.9 مىللىمېتىر.   بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 43 مىڭ گېكتار (645 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 179 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 690 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 709 مىڭ 300 گېكتار (01 مىليون 640  مىڭ مو) ئوتلىقى، 22 مىڭ گېكتار (330 مىڭ مو) سۇ كۆلى بار. يەنە 60 مىڭ گېكتار (900 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 333 مىڭ 300 گېكتار (5 مىليون مو) ئورمان ئەھياقىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، ياغلىقدان زىرائەتلىرى، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار، بۇلار ئىچىدە شىخۇ گۈرۈچى بىر قەدەر داڭلىق. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، كىيىم - كېچەك تىكىش، ئېچىتىپ ئىشلەش كەسپى، يېمەكلىك كەسپى قاتارلىقلار بار.   شىخۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى شەھەرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۆت ئەتراپقا تۇتۇشۇپ كەتكەن. 12 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.   بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شارسۇ لام بۇتخانىسى، مانې خاندانلىقىنىڭ قەدىمكى تۇرالغۇسى، ئۇسۇنلار قەدىمكى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. جەنۇبىي تاغ ئارشىڭى داڭلىق مەنزىرىلىك ساياھەت ئورنى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 33 بەك تاپسىلى بوپتۇ،رەخ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 05:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MitsubishiRayon يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 09:42 AM
شىخو دىيارىمىزنىڭ شىمالىدىكى موھىم بولغان پاختا ئىشلە ...

ئاھ شىخورۇم،ئىللىق باغرىڭغا ئاتاي ئۆزۈمنى.   سىزمۇ شىخولۇقما؟ مەن دىيارىمىزدىن مۇشۇنداق كاتتا كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش