ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ
ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.
كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.
تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردە بىرلىككە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ئايال.
ئىشەنچ ئەسلىدىنلا بىرخىل سېھرى كۈچ. ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.
ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن ئېرىنى، بالىلىرىنى سۆيۈش تەبئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك.
چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال.
تويدىن كىيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولىدىغان ئەھۋال. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك،كىچىك ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىنى،ھېسسىياتىڭ سۇسلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال.
ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر«غوجىدار»بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر. توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگەللەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ،غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆزىنىڭ قىزىقىش، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال.
ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كىيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.
كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى
http://www.radioxj.com/n16846c27.aspx