مانا ھەش پەش دىگۈچە سىنىڭ بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالغىنىڭغا نەچچە يىلار بولدى.
سەن كەتتىڭ. مىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سىنى سۆيدىغان يۈرۈكۈمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتىڭ.
گەرچە مەن تىرىك بولساممۇ ئاللا بۇرۇن ئۆلگەن ئادەم. چۇنكى مەندە پەقەت مۇشۇ قۇرۇق ئۇستىخانلا قالدى چۇنكى مىنىڭ بۇ قۇرۇق بەدىنىم جىسمىم بىر كۈنى تۇپراقنىڭ ئاستىدا توپىغا ئايلىنىدۇ.
ھەركۈنى ئاخشىمى دېرىزە تۈۋىدە مۇڭلانغان ھالدا سەن بىلەن ئۆتكەن شۇ كۇنلەرنى ئەسلەيمەن.
سىنى ئويلىمىغان ھەر بىر كۈن ماڭا ھارام. چۈشلۈرۈمدە پەقەت سىنى ئويلايمەن.
مۇھەببىتىمزنىڭ مازىرىنى يوقلاش ماڭا ئادەت بۇلۇپ قالدى.
ئىسڭدە بارمۇ بىز تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقىتتا سەن ماڭا قارىغان ۋاقتىتا مەن قىزىرىپ كەتكەنتىم
نىمىشقا سەن قارىساڭ قىزىرىپ كىتىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بەكمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم.ھەرقېتىم كۈزلىرىمىز ئۇچراشقاندا ئىككىلىمىز قىزىرىپ كىتاتتۇق. شۇ چاغلارنى ئويلىسام ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ يىغلىغۇم كىلىدۇ. سەن ھازىر مىنىڭ قايسى ھالەتتە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى كۈرۈپ تۇرۋاتامسەن؟ بىر چاغلاردىكى كۆزلىرى پاقىراپ تۇردىغان چىرايى نۇرلۇق مۇھەممەت يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا كۆزلىرى سوغوق غەمكىن بىچارە بىر ئادەم ئالماشتى.
سەن بىلەن قىلىشقان ھەربىر پاراڭلىرىمىز ھەربىر ۋەدىلىرىمىز ھەربىر ئېغىز سۆزۈڭ مىنىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە. بىلەمسەن بىرقېتىم تۇيۇقسىز توردا ساڭا شۇنچىلىك ئوخشايدىغان بىرقىزنىڭ سۈرۈتىنى كۈرۈپ ئۆزەمنى تۇتالمدىىم. خۇددى سەن تۇيۇقسىزلا قايتىپ كىلدىغاندەك شۇنداق تۇيغۇدا بۇلۇپ قالدىم. لىكىن سىنىڭ قايتىپ كىلىشىڭ مۇمكىنمۇ؟ سەن ئاشۇ قارا تۇپراق ئاستىدا بەلكىم مىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمنى تىڭشاپ تۇرۋاتقانسەن.
مەن مەڭگۇ مۇشۇنداق ئۆتىمەن. مەڭگۇ سىنى ئارمان قىلىپ ئۆتىمەن.
ئىشقىڭدا مەجنۇن بۇلۇپ مازارلاردا ياتىمەن. پەقەت ئەنە ئاشۇنداق يەرلەردىلا سەن بىلەن ئۇچۇرشالىشىم مۇمكىن.
چۇنكى يۈرۈكۈم ھەر بىرقېتىم سوققاندا سىنىڭ ئىسمىڭنى زىكرى قىلىدۇ گۈلۈم.
ساڭا قىلغان ھەربىر ئېىغىز قاتتىق گىپىم ئۇچۇن ئۆزەمگە ھىساپ بېرۋاتىمەن.
بىزگە بۇ ئالەمدە مۇھەببەت ۋىسالى نىسىپ بولماپتۇ گۈلۈم.
مەن دۇنياغا مىڭ قېتىم كەلسەممۇ مۇھەببىتىم پەقەت ساڭىلا مەنسۇپ.
بۇ يالغان دۇنيادا كۆزۇم پەقەت سىنىلا يۈرۈكۈم پەقەت سىنى سۆيدى گۈلۈم.
كۈزۈمنىڭ نۇرى ئىدىڭ. ئەمدى سەن يوق. كۈزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.
سىنى سۆيىمەن دىگەن گىپىڭنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا شۇنچىلىك خوشال بولدۇم.
چۇنكى بۇ يالغان دۇنيادا يۈزۈم ھىچقاچان شۇ كۇندىكىدەك كۈلۈپ باقمىدى..
ھەرقېتىم قەبرەڭگە مۇڭلۇنۇپ قارىغان ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ ئاللا قاچان سىنىڭ كەينىڭدىن كىتىپ بولغانلىقىمنى ھىس قىلدىم
مەنبە ئۆزەم.