غىرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان
غېرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان،
پۈتۈپ كەتكەن باھاردا ئۈنۈم.
ئەمدى، ئۆتكەن-كەچكەنگە قاراپ،
ئۇزاپ ماڭار ئاخىرقى كۈنۈم.
غېرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان،
ياشاپ ئۆتكەن قەقىنۇس بولۇپ.
ئالتۇن چاغلار ھېلىمۇ ئەستە،
تۇرغان شېرىن تۇيغۇغا تولۇپ.
غېرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان،
سادىق ھەمراھ سالپايغان قانات.
ئۆتەر ھارغىن كارۋانغا ئوخشاش،
خىيال بولۇپ ئاخىرقى ھايات.
غىرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان،
يىراق كۆككە تەلمۈرگەن كۆزۈم.
ئورناپ سەبىي دىللاردا قالغان،
ئېيتىپ كەلگەن ئاخىرقى سۆزۈم.
غېرىپ قۇشمەن بالكۇنغا قونغان،
ھېكمەت كانى قاغجارغان كۆڭلۈم.
قامۇس بولار ھەممىگە بەلكى،
ماڭا كەلگەن ئاخىرقى ئۆلۈم.
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن،
ئېلىپ ياشار ئۆزىدىن قىساس.
شېرىن پۇراق تارقالغان سەھەر،
ئاشىق بۇلبۇل سالسىمۇ قىقاس.
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن،
ئوقۇپ يۈرەر ئاھاڭسىز نەزمە.
يىغلار ۋىسال تاپمىغان سۆيگۈ،
قۇرۇپ ئازاب ئۈستىگە بەزمە.
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن،
قارا تۈندە ئايلىنار غۇمغا.
شەيتان كۈلۈپ ئوينىغان ھېسلار،
سۇنۇق دىلنى باستۇرار قۇمغا.
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن،
ناخشا ئېيتار سەۋدايى بولۇپ.
سۈكۈت باسقان پايانسىز دالا،
پىريات چېكەر ھەسرەتكە تولۇپ.
گۈلنىڭ يۇمران بەرگىدە تىكەن،
ئۆسۈپ چىقار تۇمانلىق سەھەر.
بۇلبۇل سۆيۈپ قاندۇرغان گۈلشەن،
ھۇشسىز ياتار ئىچكەندەك زەھەر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 07:25 PM