تۇغما قابىلىيەت ۋە كەسىپ تاللاش
ئورىسون مادىن ئامرىكىلىق بولۇپ ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىلمىنىڭ 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇل سالغۇچىللىرىنىڭ بىرى .
مادىن يەتتە يېشىدا يېتىم بولۇپ قالغان . بىر تاسادىپى پۇرسەتتە ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان شوتلاندىيلىك يازغۇچى سامۇئىل سىملىس يازغان: << ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش >> دېگەن كىتابنى كۆرۈپ قېلىپ ، ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالغان، ۋە ئۆز تېرىشچانلىقى ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە بەل باغىغان .
ئىقتىساد گۈللەنگەن دەۋەرلەردە مادېن يۈلتۇز دەرىجىلىك رەنجىرسىمان مىھمانخاننىڭ خۇجايىنى بولغان . مادېن مىېھمانخانىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى باشقىلارغا تولۇق تاپشۇرۋېتىپ ئۆزىنىڭ كۆپرەك ۋاقتىنى يېزىقچىلىققا سەرىپ قىلغان .
ئۇ << ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش >> قا ئوخشاش كىشىلەرنى روھلاندۇردىغان كىتاب يېزىشنى كۆڭلىگە پۈككەن .
ئىقتىسادىي قالايىمقانچىلىقى ، خەلىق تۇرمۇشىنىڭ مۇقۇمسىزلىقىنى كۆرگەن مادېن كىشىلەر مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج، دەپ قارىدى .
بەزى كىشىلەر مىھمانخانا دېرىكتورلىقىغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ رەت قىلدى .ئۇ يېڭىۋاشتىن كىتاب يېزىشقا كىرىشتى ، ھەپتىسىگە بىر يېرىم دوللارغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ، ساناقسىز جەبىر ـ مۇشەققەت ۋە جەبىر ـ جاپالارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، كىچە ـ كۈندۈز ، تىنىمسىز ئىشلەپ ، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىلھام بېرىدىغان << ھاياتلىق كاپىتانى >> ، << توغرا پىكىر يۈرگۈزۈش ياراتقان مۆجىزە >> << مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىلىمىنىڭ پىرىنسىپلىرى >> قاتارلىقلارنى يازدى .
<< جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش >> تۇنجى نەشىرى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن دەرھال جامائەتچىلىكنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى . دۆلەت باشقۇرشىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئۇنى دەرىسلىك كىتاب ياكى پايدىلىنىش ماتىريالى قىلىپ بېكىتتى .
شىركەت ۋە سودا ئورۇنلىرى خادىملىرىغا تارقىتىپ بەردى . بۇ كىتاب مائارىپ خادىملىرى ، مىسسئونېرلار، سودىگەرلەر ۋە كەسپىي دېرىكتورلار ئارىسىدا ئىنتايىن قارشى ئېلىنىپ ، كىشىلەرگە غەيرەت بېغىشلايدىغان قۇدرەتلىك كىتاب دەپ ئورتاق ئىتراپ قىلىندى . ھەمدە يىگىرمە بەش خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ سېتىلىش
مىقدارى نەچچە مىليۇن پارچىغا يەتتى .
مادىننىڭ ئەسەرلىرى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىشىنىچ تۇرغۇزۇشنىڭ مەنىۋى ئەڭگۈشتەرى، ۋە
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىلھام قامۇسىدۇر .
بۇ كىتاب نۇرغۇن ماتىريال يىغىش ئاساسىدا ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان نۇرغۇن زاتلارنىڭ تەجرىبىللىرىنى پىششىقلاش ئارقىلىق يېزىلغان .
كىتاب كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇردىغان ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان زاتلارنىڭ قانداق قىلىپ
قىيىنچىلىقلارنى يېڭى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن مىساللار يېزىلىپ ياشلارنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ خام ماتېريالى قىلىنغان .
شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇر ماتېرياللارنى دۆۋلەپ قويۇشتىن ساقلىنىپ ، بۇلارغا قارىتا ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە باھا بەرگەن .
كىتابتا سۆزلەنگەن ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ، ھېلىقى << ئەزەلدىن خوۋلۇق كۆرمىگەن <<رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا جاي تاپالمىغان >> ياشلارغاقىيىن ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئېيتىپ بېرىدۇ . بىلىملىك ، قەئىي ئىرادىلىك بىر ياشنىڭ ئىشلىرىنى ھېچقانداق نەرسىنىڭ چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى دەللىلەپ
بېرىدۇ.
خۇددى ئاپتۇر ئېيىتقاندەك : بۇ كىتابنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت بىر خىل يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق، نامرات ياشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى سۆزلەپ بېرىشتىن ئىبارەت ، بىراق ئۇنىڭدا سولومۇن ھىكايىللىرىدىن كىيىن كىشىلەرئەڭ ئاسان قۇبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل قوللىنىلغان . ھالبۇكى ، بۇلار ئاللىقاچان
كونىراپ كەتكەن دەپ قارىلدىغان ھېكايە ۋە كونا گەپ تېمىللىرى ، بەلكىم ئۇلارغا ئىنسان ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى يۇشۇرۇنغان .
ناپالېئون خېئول : << مادىننىڭ كىتابى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ پوزىتسىيسىنى پاسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆزگەرتتى، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلدى >> دېگەندى .
بىر كىتابنى بىر دۆلەتنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيا بىلەن باغلاشتىن بۇ كىتابنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
مادېننىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ھەرخىل تىللاردا نەشىر قىلىنىپ چەتئەللەردە ناھايتى بازار تاپقان، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھۆكۈمەت باشقۇرغان مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكى قىلىپ بېكىتىلىپ كەلمەكتە . ئامرىكىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ماك كىبنىلىي ياشلارغا يازغان تەۋسىيە خېتىدە مۇنداق دېگەندى : << مادېننىڭ كىتابلىرى ئالىيجاناب ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بارلىق ياش كىتابخانىلار ئۈچۈن غايەت زور ئىلھام مىنىڭچە ھەر بىر ئامرىكىلىق ياش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان
مادېننىڭ كىتابلىرىدىنمۇ چارە ھېچقانداق نەرسە يوق .>>
__ لىكىن مەن يەنىلا بۇ ئىشنى قىلالايمەن ، _ دېدى بىر يىگىت ئۆزىنىڭ ناچار نەتىجىسى تۈپەيلى ئىشتىن بوشتىۋەتمەكچى بولغان سودىگەرگە يالۋۇرۇپ
_ پىركازچىقلىققا ئېيىتقاندا سەن لاياقەتسىز ئىكەنسەن ، _ سودىگەر شۇنداق قارىغان ئىدى .
_ ئەپەندى ، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ياراملىق ئادەم بولالايدىغانلىقىمغا ئىشنىمەن ،دەپ تاكاللاشتى يىگىت .
_ قانداق بولالايسەن ؟ ئېيىتقىنا سەن قانداق قىلىپ ياراملىق ئادەم بولماقچىسەن ؟
_ بۇنى بىلمەيمەن ، ئەپەندى ، بىلمەيمەن .
_ مەنمۇ بىلمەيمەن ، سېسى سودىگەر يىگىتنى زاڭلىق قىلىشقا باشلىدى .
_ مىنى ئىشتىن ھەيدىۋەتمىسىڭىزلا بولدى ئەپەندى مىنى ھەيدىۋەتمەڭ. مىنىڭ باشقا جەھەتلەردىن ئۇرۇنۇپ بېقىشىمغا يول قويۇڭ . مەن مال سېتىشنى قاملاشتۇرالمىغانلىقىمنى بىلىمەن ، بىراق باشقا ئىشلارنى قىلالىشىم مۇمكىن .
_ قولۇڭدىن كەلمەيدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن ، _ دېدى سودىگەر ، _ ئەسلىدە بۇ بىر خاتا تاللاش ئىكەن .
- لىكىن مەيلى قانداقلا بولسۇن ، مەن ئۆزۈمنىڭ كارغا كىلىدىغان تەرەپلىرىمنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن ، _ دېدى يىگىت گېپىدە چىڭ تۇرۇپ ، ـ مەن ئۆزۈمنىڭ ئىش قىلالايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشى قوبۇل قىلىنىپ ، ئۇ بۇغالتىرخانىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇلدى ئۇ يەر ناھايتتى تىزلا ئۇنىڭ سان جەھەتتىكى تۇغما قابىليىتىنى نامايەن قىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ، ئۇ كاتتا سودا ـ ساراينىڭ كاسىرى بولۇپلا قالماي،ياراملىق بۇغالتىر ،يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتچى بولۇپ قالدى .
سىز ماگىنىت يىڭنىسىنىڭ باشتىن ـ ئاخىرى شىمالىي قۇتۇبنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىدىن باشقا ھېچنېمىنى بايقىيالمايسىز ، سىز بۇنىڭدىكى سەۋەبنى چۈشنىشكىمۇ ئامالسىز .چۈنكى بۇ نەرسىلەرگە سىرلىق بىر قول قۇماندانلىق قىلىدۇ ، شۇنىڭدەك سىرتىغا نەرسىلەر ئورىۋېتىلگەن بولىدۇ . خۇدا ئاشۇ يىڭنىگە مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن .
شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچى بۇيىنچە نىشاننى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . سىز ئادەمنىڭ ھەرىكەت شەكىلى ۋە تۇغمىلىقىغا لايىق كەلمەيدىغان تەربىيە ئارقىلىق ئۇنى ئايلاندۇرغان تەقدىردىمۇ ، شۇنداقلا ئۇنى شېئىر ، قانۇن ، سەنىئەت ، تىبابەت ياكى سىز ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق كەسىپ يۈلىنىشنى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان تەقدىردىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى بىكاردىن ـ بىكار زايە قىلغان بولىسىز .
چۈنكى ، ئۇ يىڭنە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھامان ، يەنىلا ئۆزى كۆرسىتىشكە تېگىشلىك يۈلىنىشكە
قايتىپ كېلىدۇ .
روبىرىت ۋات مۇنداق دەيدۇ : << تالانىتلىق ئەربابلار ھەمىشە قارشىلىق كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل ھاياجان بىلەن بىر خىل كەسىپكە ئىشتىياق باغلاپ قالىدۇ ،غۇنىڭدەك بۇ كىشى مانا شۇ خىل كەسىپ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . مەيلى ئۇنىڭ ئىستىقبالى قانچىلىك قاراڭغۇ ، غۇۋا بولسۇن ئۇنىڭ ئەتراپىدا قانچىلىك
قىيىنچىلىق بولسۇن ، بۇ خىل كەسىپ يەنىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسى بۇيىنچە ئىنتىلدىغان بىردىنبىر كەسىپ بولىدۇ . بۇ جەھەتتىكى تېرىشچانلىق ئۇنىڭ تېرىكچىلىكىنى قامدىيالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن نامرات ، ۋەيرانە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان چاغدا ، بەلكىم بېرنىسقا ئوخشاش ھەسراتلەنگەن
ھالدا ئۆتمۈشىنى ئەسلىشى ، شۇنىڭدەك ئۆزى باشقا بىر كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان بولسا ، ئەھۋالىنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىن .لىكىن ،شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ،ئۇ يەنىلا ئۆزى كۆڭۈل بەرگەن ئىشقا ئىنتىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ .>>
ھەر بىر كىشى ئۆزىگە لايىق كىلىدىغان خىزمەتنى تاللىيالىغان بولغان چاغ _ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە تەرققىي قىلغاننىڭ بەلگىسى بولالايدۇ .
كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇننى تاپقان چاغدىلا ، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ . ئۇ خۇددى پاراۋۇزغا ئوخشايدۇ ، پاراۋۇز رىلىس ئۈستىدىلا كۈچلۈك بولالايدۇ ، رىلىستىن ئايرىلغان ھامان ئازراقمۇ سىلجىيالمايدۇ . << خۇددى دەريادىكى كېمىگە ئوخشاش ، _ دەيدۇ ئېمىرسۇن ، - ھەر بىر بالا بىر نىشاندىن
باشقا ھەرقانداق يۈلىنىشتىكى تۇسالغۇ جىسىملاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ، پەقەت ئۆزى تاللىغان يۈلىنىشتىلا بارلىق تۇسالغۇلارنى يېڭىپ ، چۇڭقۇرلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان دېڭىز بوغۇزىدىن كېمىسىنى تىنىچ ھەيدەپ ئۆتۈپ ، بىپايان ئوكيانغا يېتىپ بارىدۇ . >>
دىككىس بالىلارنىڭ قۇل قىلىنىش تارىخىنى شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىپ چىقالىغانكى :بۇ بالىلارنىڭ ئۈمىدى ۋە قىزىقىشى نادان ئاتا ـ ئانىللىرى تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن بۇ بالىلارنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلۇقى ، دۆتلۈكى ياكى بىنۇرماللىقى ، گۆدەكلىكتىن دەپ قارالغان ؛ ئۆزىگە خاسلىققا ئىگە بۇ بالىلار
مەجبۇرىي ھالدا يۇمىلاق ئۆڭكۈرگە كىرگۈزۈۋېتىلىپ ، تۇغما خارەكتىرىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن ؛ بىراق ، << قانۇن >> ، << تىبابەت >> ، << سەنىئەت >> << ئىلىم ـ پەن >> ، << سودا >> ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى يېتىپ كەلگەندە بولسا بۇ بالىلار يەنىلا دىنىي كىتابلارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان .
بۇ بالىلار بۇرمىلانغان ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى بىزار بولغان ئىش ئورنىدا ھەرقانداق ئاكتىپچانلىقىنى ئىپادىليەلمىگەن ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى ھەر بىر نىرۋا تالاسىدا قارشىلىق ئېڭى ئىپادىلىنىپ تۇرغان .
يىراقنى ئويلىغاندا ، بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى قىلىپ تەربىيلەشنى ئۈمىد قىلىش خىيالى تار ھالەتتىكى شەخسىيەتچىلىك خىيالىدۇر .
ئېمىرسون ـ << سىز ئاشۇ بالىنى ئىككىنچى ئۆزىڭىز قىلىشقا تېرىشسىز . لىكىن بىر ئۆزىڭىزمۇ
يېتەرلىك ئىدىڭىز >> دېگەندى .
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بۇيىنچە بولغاندا ، گاللىي دوختۇر بولۇپ چىقىشى كېرەك ئىدى . بىراق ئۇ ئاناتومىيە ۋە فىزولوگىيەنى تەتقىق قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا ، ئۇ ئېۋك بىلەن ئارخىمىدنى يۇشۇرۇپ قويغان ھەمدى يۇشۇرۇن ھالدا نۇرغۇنلىغان سىرلىق مەسلىلەرنىڭ ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بارغان . ئۇ بىسا چىركاۋىدىكى چىراغنىڭ تەۋرىنىشىنى تەتقىق قىلغان . شۇنداقلا ماياتنىڭ قانۇنيىتىگە ئېرىشكەن چاغدا تېخى ئون سەككىز ياشتا ئىدى . ئۇ دۇربۇننى كەشىپ قىلىپلا قالماي يەنە مىكروسكوپنىمۇ كەشىپ قىلىپ ، ماكرو ۋە مىكرو جەھەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدا كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى ئاچتى .
بۇنداق مىساللار كۇرمىڭ ، ھەر بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ، نەتىجە قازانغان ئەربابلار ئاتا ـ ئانىسى ۋە باشقىلارنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇغما قابىليىتىگە ماس كەلمەيدىغان كەسىپكە مەجبۇرلىنىپ قابىليىتى كۆمۈلمەكتە...
ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ، خۇدا ئىككى پەرىشتىگە ۋەزىپە بېرىپ ، بىرىنى كوچا سۈپۈرۈشكە ، يەنە بىرىنى بىر پادىشاھنى ئىدارە قىلىشقا بۇيرۇپتۇ . ئۇلار ئۆز كەسپىنى ئۆز ـ ئارا ئالماستۇرسا بولمايدىكەن ، دېشەتتى .ئەمەلىيەتتە ، بىر كىشى خۇدا ماڭا بىر تۈرلۈك پەۋقۇلئادە خىزمەتنى تاپشۇردى دەپ قارىغان چاغدا ، جان ـ دىلى بىلەن بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەلىسە ئاندىن بەخىتكە ئېرىشەلەيدۇ . بىر كىشى ياش ۋاقتىداغايىسىدىكى كەسپىنى تېپىۋالالايدىغان بولسا ، باشقا ھەرقانداق خىزمەت ئۇنى ۋە باشقىلارنى رازى
قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس . بىر كىشى ئۆزىگە ھەقىقىي مەنسۇپ بولغان ئورۇننى تېپىپ بولمىغان بولمىسىلا ، ئۇنىڭ تەبىيئى خاھىشى ئۆز غايىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن توختاپ قېلىشقا يول قويمايدۇ . ئۇ خۇدا ئۆزىگە ئاتا قىلغان تۇغما ئىقتىدارىنى قانائەتلىنەرلىك ئىپادىلىگۈچە ئىچكى تەبىيئى خاھىشى ئۇنى
ئورىۋالىدۇ ، شۇنىڭدەك ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ . بۇ كىشى خۇدا ئاتا قىلغان تۇغما ئىقتىدارىنى قانائەتلىنەرلىك ئىپادىلىگەن ، ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا قايتىپ كەلگە چاغدىلا ئۇنىڭ تەبىئىي خاھىشى بولدى قىلىدۇ .
بىر ئات ھارۋىسى بەيگە مەيدانىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتىدۇ ، بۇ نېمدىگەن بىمەنىلەرچە ئىپادە ھە ؟ ھالبۇكى ، بۇ خىل ماسلاشماسلىقنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قانۇن ، سودا ،مىدىتسىنا ھەر بىر كىشىگە ماس كىلىدىغان ئەڭ ياخشى كەسىپ، دېگەن قارشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئۇ چۇقۇم بەك ئاجىزلىق قىلىدۇ .
ئامېرىكا ئۈنۋېرسىتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن قىرىق ئىككى پىرسەنىتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قانۇن ئۆگەنگەن . ئەجىبا بۇ تۇلىمۇ بېمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟قانچىلىغان ياشلار نەتىجە ياراتقان دادىسىنى ئويلىنىپ باقمايلا دوراپ
يارامسىز خادىم بولۇپ قالمىدىمۇ ؟ ئوخشاش سەۋەپ تۈپەيلى ، جەمئىيتىمىزدىكى قانچىلىغان بىچارە دوختۇرلار ، ئادۇۋكاتلار پەيدا بولمىدىمۇ ؟
دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىلا ئۆز كەسپىگە لايىق كەلمەيدىغان كىشىلەر بار ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىكغۇربەتچىلىك ، خىزمىتىدىن بىزار بولۇش ، ئىشىنچىسىزلىك ، ئۈستىبېشى ۋەيرانە بولۇش ھەتتا سىرىتتا قۇنۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالماقتا .
جىددى مەنىدىن ئېيىتقاندا ، كىيىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا مەكتەپنىڭ تەربىيسىدىن نەپ ئالغان بىرەر ئوقۇغۇچى يوق، بەلكى بۇنىڭدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، كۆڭۈل قۇيۇپ قىلغان تەييارلىقىغا تايىنىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە دە قانداق ئۆگىنىشتىن ئىبارەت . مەكتەپ قورۇسىدىن چىققان ئاشۇ چاغدىن باشلاپ ، ئڭ ئۆزنى تۇلۇق قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان كىتابىي بىلىملەرنى تەدبىقلاشنى توختىتىدۇ _ دە ، ئۆزىنى ھەقىقىي قانائەتلەندۈرەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ .
بىز يەڭگىللىك بىلەن : بىر كىشى بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ تۇرۇپ يەنىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىالمىسا ، ئۇ ھەر قانداق ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ ، دېگەن خۇلاسىنى چىقارساق بولمايدۇ .
ساھىلدا جان تالىشىۋاتقان ئاۋۇ بېلىققا قاراڭ ، ئۇ ساھىلدا ئۆلىدىغاندەك قىلىدۇ . لىكىن سىز يەنە بىر قېتىم قارىغىنىڭىزدا ، غايەت زور بىر دولقۇن ھۋلىقى بەخىتسىز جانلىقنى يالماپ ئېلىپ كەتتى . ئاشۇ پەيىتتە ئۇنىڭ قاناتلىرى سۇغا تەگدى ، ئۇ يەنە ئۆز دۇنياسىغا قايتىپ كىلىپ ، ھەقىقىي ئۆزىگە ئايلاندى .
ئۇ خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش تېزلىك بىلەن دېڭىز دولقۇننى كىسىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ قاناتلىرى ئەمدى ئەھمىيەتلىك نەرسىگە ئايلاندى . ، ھالبوكى ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار ھاۋادا بىھۇدە تىپىرلاپ ھېچقانداق رول ئوينىيالمىغان ، ئەكىسچە بىر تۇسالغۇ بولۇپ قالغاندى.
ئەگەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆز خىزمىتىڭىزنى ئۇرۇندىيالمايدىغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن خىزمەت سىزنىڭ تۇغما خارەكتىرىڭىزگەمۇۋاپىق كىلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىغا ياكى بۇ خىزمەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ مۇساپىسى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېقىڭ .
ئەنگىلىيەلىك كاۋف ئادۇۋكاتلىقتا مەغلۇپ بولغان ، ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچاق ئىدى ، ھەتتا بىر دېلو ئۈچۈن ئاقلىغۇچى بولۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى .
لىكىن ئۇ بىزگە بىر مۇنچە ئىسىل ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ بەردى .
ۋولتېر بىلەن بېتراك قانۇندىن ۋاز كېچىپ ئالدىنقىسى پەلسەپىنى ، كىيىنكىسى شېئىرنى تاللىدى .
ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاب ـ ئوقۇبەتىنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، ھەر قانداق ساھە ـ تەتقىقات ساھەسىدە پەۋقۇلئادە تالانتىنى ئىپادىليەلەيدۇ . مۇلەق كۆپ ساندىكى ئوغۇل ـ قىزلار ئون بەش ، يىگىرمە يېشىدا ئۆز ئارزۇسى بۇيىنچە خىزمەت ئورنى بېرىلگەنتەقدىردىمۇ ئۆمۈرلۈك كەسپىنى بېكىتىشى تۇلىمۇ قىيىن چۈشىدۇ .
ھەر بىر كىشى ئۆز تەپەككۇرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ ، مۆجىزىدەك بىر خىل تالانىت بىلەن ئۆزىنىڭ قايسى خىل خىزمەتكە مۇۋاپىق كىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالماقچى بولىدۇ . بۇنداق تالانىت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس.
سىزدىكى مەسئۇلىيەتنى بىكاردىن ـ بىكار يۇقۇتۇۋېتىشكە ھېچقانداق سەۋەب يوق . ئەنگىلىيە يازغۇچىسى سامۇئىل سىملىس ئكزىنىڭ تۇغما قابىليىتىگەماس كەلمەيدىغان خىزمەتنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ، ھالبوكى ئۇ ئىنتايىن ئىخلاسمەنلىك بىلەن بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان ، بۇ كەچۈرمىش ئۇنىڭ كىيىنكى يازغۇچىلىق ھاياتىدا ناھايتى زور رول ئوينىغان ، يازغۇچىلىق بولسا ئۇنىڭغان ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان كەسىپ ئىدى .
يېنىدىكى خىزمەت ۋە كۈندىلىك مەسئۇلىيتىگە سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش سەمىمىيلىككە تولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇ بىلەن ئاتا ـ ئانىمىزغا خۇجايىنىمىزغا، ئۆزىمىزگە ۋە خۇدايىمىزغا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك .
بۇلار مۇۋاپىق پەيىتتە نۇرغۇن كىشىلەرنى پارلاق يولغا باشلاپ بارالايدۇ .ئەگەر گارفىېلىد بۇرۇن قىزغىن ئۇقۇتقۇچى ، مەسئۇلىيەتچان ئەسكەر ، ساداقەتمەن سىياسىيۇن بولمىغان بولسا ، ئامرىكا زۇڭتۇڭىمۇ بولالمىغان بۇلاتتى .
مەيلى لىنكولىن ياكى گىرانىت بولسۇن ، بوۋاق ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ ئاقسارايغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردىغان ئالاھىدە بەلگە ياكى كىشىلەرنى تاڭ قالدۇردىغان تۇغما تالانتى بولغان ئەمەس، شۇڭلاشقا ھېچكىم بۆشۈكىدىكى ۋاقتىدا كاتتا سوۋغاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرمەيدۇ .
ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قولىدىكى ئىشنى كۈچىنىڭ بارىچە قىلىش ، ئەڭ ياخشى قىلىش ، شۇنداقلا ئۆزىدە بار بولغان تۇغما قابىلىيەت يېتەكلىگەن نىشان بويىچە ھەربىر زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا باستۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم . بۇرۇچنى نۇرلۇق يول كۆرسەتكۈچ يۇلتۇزغا ئايلاندۇرۇش لازىم . مۇۋەپپىقىيەت ھەر بىر كىشىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ۋەتېرىشچانلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان تاجدۇر.
نۇرغۇن كىشىلەر : <<ئۆمۈرلۈك كەسىپ دېگەن نېمە ؟ مىنىڭ ھاياتىمدا شۇغۇللىنىدىغا كەسىپىم نىمە بولۇشى كېرەك ؟ >> دەپ سورىشىدۇ .
ئەگەر تۇغما قابىليىتىڭىز ۋە قەلبىڭىز سىزنىڭ ياغاچچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا ، سىز بىر ياغاچچى بولىسىز ! قەلبىڭىز سىزنىڭ مېدىتسىنا بىلەن شوغۇللىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا ، سىز دوختۇر بولىسىز . سودىگەر بولۇشىڭىزنىتەلەپ قىلسا سودىگەر بولىسىز ! ئۆزىنىڭ تاللىغا قەتئىي ئىشەنگەن ۋە بوشاشماي تېرىشچانلىق كۆرسەتكەندە چۇقۇم مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ .
لىكىن ، سىزدە
ھېچقانداق تۇغما قابىلىيەت بولمىسا ياكى قەلىب سادايىڭىز تۇلىمۇ ئاجىز بولسا سىز ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان تەرەپ ۋە ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئۈستىدە سالماقلىق بىلەن تاللاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ . بۇ دۇنيا سىزنىڭ ئىجاد قىلىشىڭىزغا قاراشلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانماڭ !
ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت ئۆز مەسئۇلىيتىنى كۆرۈنەرلىك ئادا قىلىش ، ئۆز رولىنى ياخشى ئويناشقا باغلىق ، بۇنى ھەربىر ئادەم قىلالايدۇ .
ئالدىنقى قاتاردىكى بىر ھاممال بولۇشمۇ ئىككىنچى قاتارلىق باشقا روللاردىن ئۈستۈندۇر .
ئىلگىرى ناچار ، دۆت ، ئەقىلسىز دەپ نام چىقارغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇ دۇنيا ئىنتايىن كەڭ قۇرساق بولۇپ كەتتى ، چۈنكى بۇنداق نۇرغۇن كىشىلەر كىيىن غايەت زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى . ئەلۋەتتە ، ئۇلار زەربىگە ئۇچرىغان ۋە خاتا چۈشىنىپ قېلىش مۇھىتىدا تېركىشىپ يۈرگگن چاغلارمۇ ئىنتايىن جاپالىق ئىدى .
ھەر بىر بالىغا بىر ئادىل پۇرسەت بېرىش ، ئىلھاملاندۇرۇشلازىمكى ، دۆتلۈكىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن چاغلاردىمۇ ئەيىبلەۋەرمەسلىك كېرەك .
چۈنكى ھېچ توغرا يېرى دەپ قارىغان ئاشۇ بالىلار ، زىھنى ئاجىز ، دۆت ، گومۇش بالىلار ، ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت ئادەتتىكى ئىشلىتىلدىغان ئۇسۇللاردىنھالىقىپ كەتكەن ياكى نامۇۋاپىق مۇھىتتا تۇرغان ،خالاس .
بۇرۇن ئانىسى ۋېللىنگىتورنى ناچار ئوقۇغۇچى دەپ قارىغاندى ، ئىلتوندا ئوقۇغان ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇ
ئەقلىي كەمتۈك ، دۆت ، گومۇش دەپ قارالغان .
ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندى . چۈنكى ئۇنى ھەممىنى باشتىن باشلىشى ، ئۆگىنىشى كېرەك دەپ قارايتتى . ئۇ ھېچقانداق تۇغما قابىليىتىنى ۋەئارزۇسىنى بىلدۈرمىگەندى .
ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭدىكى قەيسەرلىك كەمتۈكلىكىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدىغان بىردىنبىر نەرسە ئىدى.
لىكىن قىرىق ئالتە يېشىدا ئۇ ، << يېڭىلمەس >> ناپالىئۇن ئۈستىدىن غالىپ كەلدى .
بۇرۇن مۇنداق بىر سۆز كەڭ تارقالغاندى: ئۆز تالانتىنى تۇنۇيالمىغان كىشىلەردىن يارىماسقا ئايلانمىغانلار يوق ؛ ئۆز تالانتىغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ قويۇپ ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ قېلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان بىرمۇ ياراملىق كىشى يوق .
__________________________________________________________
بىر كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ شانلىق بايلىقى ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا چىڭ تۇرىدىغان مەلۇم ئىنتىلىشىنىڭ بارلىقىدىدۇر . بۇ ئۇنى بۇ خىل ئىنتىلىش يېتەكلىگەن خىزمەت بىلەن ئۇڭۇشلۇق شۇغۇللىنىش ، شۇنىڭدەك بەخىت ۋە شان ـ شەرەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ .
___ ئېمىرسون
ئىنسانىيەت ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ، ھەر قانداق شائىر ، سەنئەتكار پەيلاسۇپ ياكى ئالىمنىڭ تالانتى ئاتا ـ ئانىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماي قالمىغان . بۇنداق مىساللار ئىچىدە ، تالانىت قاتمۇقات تۇسالغۇلارنى يېڭىشقا تايىنىپ غەلبە قىلغان ، ئۇ بۇنداق ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى ، شۇنداقلا
ئاسىيلىق قىياپىتى ۋە باتۇرلۇق شىجائىتى بىلەن ئېلىشىنى ، ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن ۋە سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بەدەل قىلىشتىن يانماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ .
__ ۋىپىل
ئاپتۇرنىڭ << جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش >> نامىلىق كىتابىدىن يوللاندى.
داۋامى بار . 2 ـ بابىدا ،كەسپىي ھاياتنى تاللاش توغرۇلۇق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 06:59 PM