ئۇ بىزنى دەپلا ياشىدى
ئازات ئابدۇللا
بۈگۈن 24- مارت،ئانامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى.يەنى ئانامنىڭ بۇ يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكىنىگە توپ-توغرا بەش يىل بولغان مۇسىبەتلىك كۈن.
مەن بىر قانچە كۈندىن بېرى ئانامنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۆيدە ياغ پۇرىتىپ،دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قويۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن ئىدىم. بىراق بۈگۈن ئەتتىگەندىلا كۈنەس ناھىيىسىدىكى ئىنىم شۆھرەت ماڭا تېلىفۇن قىلىپ،ئەتە پەيشەنبە كۈنى ئانامغا ئاتاپ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمام-مەزىنلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان،قولۇم-قوشنىلارنى چاقىرىپ ياغ پۇراتماقچى ئىكەنلىكىنى،مېنىڭ نەزىرگە قاتنىشىپ بېرىشىمنى ئالاھىدە جېكىلىگەن ئىدى.مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ناھىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن،ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبى تاغ-باغرىغا جايلاشقان قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئالدىم.
ئەنە چاقما ساي ئېغىزى،شىۋاقلار قاپلاپ كەتكەن پاكار-پاكار دۆڭلۈكلەر باغرىدا چوقچىيىپ-چوقچىيىپ ياتقان زۇمچەك-زۇمچەك مۇڭلۇق قەبرىلەر ئۈستىدە بوز تورغاي ۋە سېرىق قۇچقاچلارنىڭ چۇرۇقلاپ سايراشلىرى قەلبىمگە مىسكىنلىك بېغىشلايتتى.يالغۇز ئاياغ چىغىر يول بويلىرىدا كاككۇك گۈلى ۋە سېرىق چېچەكلەر ئېچىلىپ دىمىغىمغا باھار ھىدى ئۇرۇلماقتا.مانا بۇ كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئارامگاھى ئارىسىدىن قەدىردان ئانامنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ تېپىپ،دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتتىم.يولبويى ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ،كۆزلىرىمدىن ياشلار توختىماي تۆكۈلمەكتە.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئانامنىڭ چوڭايتىلىپ رامكىغا ئېلىنغان سۈرىتىگە قاراپ،ئانامنىڭ يېقىملىق رۇخسارىنى كۆز ئالدىمدىن قايتا-قايتا ئۆتكۈزدىم.ئەنە ئانامنىڭ سارغايغان چىرايى،ئاقارغان ساغۇچ چاچلىرى،نۇرسىز كۆكۈچ كۆزلىرى،ئۇزاق ئۆتمۈشنىڭ جەبرى-جاپالىرى، غەم-غۇسسە،مۇدىھىش قارا تۈنلىرى ئىز سېلىپ ئۆتكەن قورۇقلىرى. ..
ئانامنىڭ ئىسمى راھىلە،ئانىسىنىڭ ئىسمى ھۆرلەم،دادىسىنىڭ ئىسمى مىرھاكىم ئىدى.ئانام ئوتتۇرا بوي،ئاق يۈزلۈك كەلگەن،سېرىق چاچ،كۆك كۆز،قائىدە-يوسۇنلۇق،ئەمگەكچان،ئاقكۆڭۈل،دىيانەتلىك ئايال ئىدى.
ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ئانام 1922-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە،ھازىرقى ئابدۇللا روزىباقىيوف كوچىسىدا ئوقۇمۇشلۇق،ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،روسچە ساۋادىنى يەسلىدە چىقارغان ئىكەن.1928-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى‹‹سوپى زارۋات››مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ،ئابلەي مۇھەممىدى،تەلىپ ئەنسەرى،ئابدىغوپۇر غۇلامۇف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرىس ئاڭلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋادىنى چىقارغان ئىكەن.(شۇ چاغدىكى ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمى ھازىرمۇ بار) 1929-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ ئىچىكى ئۇرۇش ۋە سىياسىي مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ھەر مىللەت زىيالىلىرى،جامائەت مۆتىبەرلىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار قولغا ئېلىنغان ھەم قاتتىق باستۇرۇلغان ئىكەن.شۇ ۋەجىدىن ئالماتا شەھىرىدىكى خەلىقلەر چەتئەل ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشقان ئىكەن.
1929-يىلى كۈز ئايلىرىدا بوۋام مىرھاكىم،ئابدۇللا روزىباقىيوف (بوۋامنىڭ چوڭ دادىسى)كوچىسىدىكى ھەشەمەتلىك ياسالغان ئىككى يۈرۈش كەڭىرى قورا-جاينى تاشلاپ،باللىرىنى ئىككى ئات قوشۇلغان بىرىچكا ھارۋىسىغا سالغىنىچە،كېچىلىرى يوشۇرۇن قېچىپ،كۈندۈزلىرى ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلاردا يوشۇرنۇپ يۈرۈپ،قورغاس چېگىراسى بىلەن ئىلىغا ئۆتۈپ توققۇزتارا ناھىيىسىگە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن،ئانام توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى‹‹چولپان››باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ 3-4- سىنىپلارنى ئوقۇغان ئىكەن.
1933-يىلى مىرھاكىم بوۋام بالا-چاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ،غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغىرچى مەھەللىسىدىن قورا-جاي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن.مانا بۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ جىددىي بولۇپ،تۇڭگان سوقۇشى ئاخرلىشىپ قالغان ئىكەن.ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپلا جاللات شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي زۇلۇمى چېكىدىن ئېشىپ،خەلىقنى تۇتقۇن قىلىپ،تۈرمىلەرگە تاشلاپ،دەھشەتلىك باستۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەن مىرھاكىم بوۋام‹‹چىل بۆرىدىن قېچىپ،يولۋاسقا تۇتۇلۇپتىمىز،ئەمدى بۇ ئەبلەخنىڭ قولىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىز؟››دەپتۇ.راستىنلا ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي،شىڭ شىسەينىڭ زۇلىمى دەستىدىن1940-يىلى بوۋام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.ئانام1941-يىلى غۇلجىدا دادام بىلەن توي قىلىپ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئۈچ دەرۋازا مەھەللىسىدىكى قورۇ-جايغا كېلىپ تۇرىۋاتقان مەزگىللەر ئىكەن. شىڭ شىسەي داداملارنىڭ ئائىلىسىگە ئىشپىيۇن قويۇپ،مەخپىي نازارەت ئاستىغا ئاپتۇ،بۇنى سەزگەن دادام،چوڭ دادام،كىچىك داداملار1943-يىلى باھار پەسلىنىڭ بىر كېچىسى يوشۇرۇن ھالدا كۈنەس ناھىيىسىگە چىقىپ كېتىپ، تىجارەت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ.1944-يىلى ئىلىدا مىللىي ئىنقىلاپ پارتلاپ،داداملار مىللىي ئارمىيىگە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ ‹‹ئارقا سەپ››تە مىللىي ئارمىيىگە گۆش يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپتۇ.
مەن چوڭ بولۇپ ئېسىمنى بىلىگەندىن كېيىنكىسىنى دېسەم،بىزنىڭ ھويلىمىزنى قوشنىلار،مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى‹‹گۈلزارلىق ھويلا››دېيىشەتتى.چۈنكى ئانام گۈلگە ھېرىسمەن ئايال ئىدى.ھويلىمىزغا، قىزىلگۈل،ئەتىرگۈل،مەخمەلگۈل،بۇغدايگۈل،خىنەگۈل،سېرىق سەبدە، سەكسەن ساپاق،سىماپگۈل،چۇغلۇق قاتارلىق شۇ چاغلاردىكى گۈللەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تېرىيتتى،ياز كۈنلىرى بۇ گۈللەر ئېچىلىپ ھويلىمىز گۈپپىدە ئەتىر-ئىپار پۇرايتتى.ئالا-يىشىل كېپىنەكلەر گۈل ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇشۇپ،ھويلىمىزنىڭ ھۆسنىگە-ھۆسىن قوشۇپ ئاجايىپ چىرايلىق قىلىۋېتەتتى.قولۇم-قوشنىلار ۋە باشقا تونۇمايدىغان كىشلەرمۇ ھويلىمىزغا كىرىپ گۈللەر ئارسىدا رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتى،بېغىمىزنىڭ ئاخىرى مېۋىلىك باغ ئىدى.ئۈچ مودىن كۆپىرەك كېلىدىغان بۇ باغدا مېۋىلەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى تاپقىلى بولاتتى.بۇ مېۋىلەرنىڭ ئاستىغا بېدە تەرگەن بولۇپ، بۇ بېدىلەرنىڭ ئارسىدا بۆدۈنە ۋە غۇرۇلدايلارنىڭ ئۇگىسى ۋە بالىلىرى بولاتتى، كېچىلىرى بۆدۈنىلەر تەرەپ-تەرەپتىن سايرىشىپ كىشى قەلبىگە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايتتى.ئىشىك ئالدىمىزدا كىچىكرەك بىر ئۆستەڭ سۇ يازىچە توختىماي ئېقىپ تۇراتتى.ئۆستەڭ بويىدا ئاسمانغا تاقاشقان قاپاق تېرەكلەر بار ئىدى.بىز بالىلار بىلەن ئۆستەڭگە چۆمۈلۈپ ئوينايتۇق.مانا بۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدىن مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قوي سويۇلۇپ تۇراتتى.ئانام مېھمانلارغا تاماق ئېتىپ،چاي تەييارلاش،داستىخان راستلاش بىلەن ئاۋارە بوللاتتى.دادام بولسا مېھمانلارنى كۈتۈش،مېھمانلارنى ئۇزۇتۇش بىلەب بولاتتى.داداملارنىڭ تاغدىكى قازاق مالچىلىرى سېمىز قوي،تۇلۇم-تۇلۇم قىمىزلارنى ئېلىپ كېلىپ بىزنىڭ ئۆيدە بىر-ئىككى كېچە قونۇپ،بازاردىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرشۈپ كېتەتتى.ئۇلارنىڭ دادامغا قىلغان چاقچاقلىرى ھازىرمۇ ئېسىمدە،‹‹ھاي ئەبدەكە!ئېسىگىڭىزدىڭ ئالدىغا كۆكباس-قىزىباس قورايلاردى ئېگىپ ئالىپ،سوغان مەز بولۇپ ئوتىرسىزبا؟بىز تاۋداغى تابىيغى گۈلدەردىڭ ئىشىندە ئوتىرامىز،نەبىز ئول گۈلدەردى سۇۋارمايمىز،ئېكپەيمىز،ئۆزى چىغادىغۇي،قۇداي بىزدى سولاي جاراتقانغۇي!››دەپ كۈلىشەتتى.مانا بۇ گۈلزارلىق ھويلىدىكى بەختىيار،خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزمۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى.
1964-يىلى ئېلىپ بېرىلغان سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيە ھەركىتىدە دادام بىلەن ئانامغا،ئابدۇراخمان كىچىك دادام ۋە خانەم كىچىك ئاپاملارغىمۇ ‹‹باي چارۋىدار››دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلۈپ نەزەر بەنىت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.1966-يىلىدىكى‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دا‹‹قوش يۈرەك››دەپ قارىلىپ كۈرەش،پىپەن ئوبىيكتى بولدى. 1970-يىلىدىكى‹‹دۇپىگەي›› (كۈرەش،تەنقىد،ئۆزگەرتىش) ھەركىتىدە ‹‹ جىن-شەيتان››دەپ ئەيىپلىنىپ،يۈز-كۆزلىرىنى بوياپ،ئۇزۇن قالپاق كىيدۈرۈپ كوچا-كويلارنى ئايلاندۇردى.10يىللىق بالايى-ئاپەتلىك يىللاردا، ھەر كۈنلىكى 16سائەتلىك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك،روھىي زەربە،تاياق،تىل- ئاھانەت ئاتا-ئانامنىڭ قەددىنى ئەگدى،يۈرەك-باغرىنى زىدە قىلدى،بۇ دۇنيانىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى ھارغىچە تارتقان دادام‹‹بولدىلا،بۇ دۇنيانى ئەمدى كۆزۈم كۆرمىسۇن››دېگەندەك بىزنى ۋە ئانامنى تاشلاپ 1976-يىلى1-ئاينىڭ26-كۈنى،ئۇ دۇنياغا كەتتى.ئەنە شۇ كۈندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرى ئانامنىڭ ئۈستىگە قالدى.ئانام بىزگە ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ،بىز ئالتە بالىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇپ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە قىلدى.يەنە ھەممىزنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ نەۋىلىرىنىمۇ ھاپاشلاپ بېقىپ چوڭ قىلدى.
ئانام بەش ۋاق نامازنى قازا قىلمايدىغان،تەقۋادار ئايال بولۇپ،ئۆز تەڭ تۈشلىرىنىڭ ئىچىدە خېلى ئوقۇمۇشلۇق ھېسابلىناتتى.ئۇ قۇرئاندىن باشقا گېزىت-ژورنال ھەتتا قېلىن-قېلىن رومان كىتابلارنىمۇ(رۇسچە،سىلاۋيەنچە) ئوقۇيتتى،ئۆيىمىزدىكى يوغان قارا ساندۇقنىڭ ئىچىدە رۇسچە،ئۆزبېكچە كىتاب،بوكېۋارلارنى‹‹قۇلخوجا ئەھمەت››،‹‹سوپى ئاللا يار››دېگەن نەزمى كىتابلارنى،بەزىبىر داستانلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن قوليازما نۇسخىلىرىنى،شاھ مەشرەپ،نەۋائىيلارنىڭ غەزەللىرىنى ساقلايتتى.
ئانام بىزگە كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ئۆگەتكەندىن سىرت رۇسچە بۇكىۋارنىمۇ ئۈگىتەتتى.بەزى-بەزىدە ئۆز ئاكىسى قاھار چوڭ دادىمىزنىڭ يازغان شېئىر،داستان قاتارلىق قوليازمىلىرىنى‹‹قۇلخوجا ئەھمەت››،‹‹سوپى ئاللا يار›› دېگەن نەزمى كىتابلارنى ئوقۇپ بېرەتتى.
ئانام بىز ئالتە بالىنىڭ(تۆت ئوغۇل،ئىككى قىز) ئېلىپبە ساۋادىنى ئائىلىدە چىقارغان ئىدى ۋە بىزگە ئۇيغۇر تارىخى،ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە بىلدۈرگەن ئىدى.ئانام ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنى،قوشاقلىرىنى ۋە ماقال-تەمسىللىرىنى خېلى ئوبدانلا بىلەتتى،ئاماننىساخان،نوزۇگۇم،چىن تۆمۈر باتۇر،مايمىخان،گۈلەمخان،سادىر پالۋان،رىزۋانگۈل قاتارلىق سەنئەتكار،خەلىق قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى،ئېيتقان قوشاقلىرىنى بىز ئالتە بالا تۇنجى قېتىم ئانامدىن ئاڭلىغان ئىدۇق.
ئانام بىزگە كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭ-چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى تولا سۆزلەپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ئانام بىزگە سادىر پالىۋاننىڭ ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ئىز-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ كېلىپ،‹‹بالام سىلەرنىڭ داداڭلارنىڭ ئاپىسى گۈلزارىخان موماڭلار113يېشىدا ۋاپات بولغان،كۆپ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن،ئەقىللىق،چېچەن،خاتىرىسى كۈچلۈك ئايال ئىدى.شۇ موماڭلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشچە،ھازىرقى ئۈچدارۋازىدىكى لۇجۇ(بوستان)كىنوخانىسىنىڭ ئورنى بوۋاڭلارنىڭ(زاكىر تاشكەنىت)قورۇ-جايى بولۇپ،بۇ قورۇ-جاي ئەينى ۋاقىتتا سادىر ئىنقىلابىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى بولغان ئىكەن.1964-يىلى بايانداي سېپىلىنى قانداق ئېلىش،قانداق پارتلىتىش،قەيەرنى پارتلىتىش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشقان،موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ،سادىر پالىۋان،زاھىر پالىۋان(گۈلزارىخان مومامنىڭ دادىسى)، زاكىر پالىۋان(سابىت بوۋامنىڭ دادىسى) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا 20گە يېقىن كىشلەر ھەر كۈنى ساراي ئۆيدە يىغىن ئېچىپ،ئىش-پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇراتتىكەن. بۇ مۇزاكىرىنى ئاساسلىقى موللا بىلال باشقۇراتتىكەن،چۈنكى موللا بىلال باشقا يولداشلاردىن ئوقۇمۇشلۇق،بىلىملىك زىيالىي ئىكەن.ھەر كۈنى بۇ ئۆيدە بىر-ئىككى قوي سويۇلۇپ،تاماق ئېتىپ تۇراتتىكەن.مېھمانلارغا تاماق تارتىلغاندا ئالدى بىلەن موللا بىلالغا قويۇلاتتىكەن››دەيتتى.
ئانام بىزگە چار پادىشاھنىڭ ئىلى خەلىقى ۋە تاتار خەلىقلىرىگە سالغان زۇلۇملىرىنى تولا سۆزلەپ بېرەتتى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى چار پادىشاھنىڭ نەچچە مىڭلىغان تاتار ياشلىرىنى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلغان ۋاقىتلىرىدا بۇ ياشلارنىڭ بېشىغا كەلگەن جۇدالىق ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىنى سۆزلەپ كېلىپ،چار پادىشاھنىڭ تاتار خەلىقىنى دەھشەتلىك باستۇرغانلىقىنى،ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ،بىر قىسمىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى،نەچچە مىڭلىغان ياشلارنى سىبىرىيىگە پالىغانىلىقلىرىنى بايان قىلاتتى.سىبىرىيىگە پالانغان تاتار ياشلىرىنىڭ نەچچە ئون يىل سىبىرىيىدە تۇرۇپ،ئۆز يۇرتىغا كېتەلمەي ئېيتقان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتى.
ئاپى يىراق،ئاپى يىراق،
ئاپىدەن قازان يىراق.
ئۆز ئېلىمگە قايتاي دېسەم،
كاپىتالىم ئازىراق.
......
ئايخاي دۇنيە تويدۇم سېندىن،
سېندە تويغانسىېن مېندىن.
ياشىم يەتتى ئوتتۇز بېشكە،
ئېي!راقات كۆرمەدىم سېندىن.
........
چار پادىشاھ 1871-يىلى ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 56مىڭ ئۆيلۈك ئۇيغۇرنى ئالماتا،ياركەنىت،چېلەك،قاراقۇل،تالغىر قاتارلىق جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى تارىخنى سۆزلەپ كېلىپ،‹‹ئەنە شۇ يىللىرى چار پادىشاھ ئۇيغۇر خەلىقىنى يۇرتىدىن،ئۆي-ماكان،باغۇ-بوستانىدىن ئايرىپ ئېلىپ ماڭغاندا خۇددى بىر قىزىل قىيامەت بوپتىكەن،ھەممە كىشىنىڭ كۆزى ياش،باغرى خۇن،يۈرىكى زېدە بپلغان ئىكەن.قارىشلىق قىلغانلىرىنى نەق مەيداندىلا ئېتىپ تاشلاپ،قالغانلىرىنى باغلاپ،ئۇرۇپ ئېلىپ كېتەتتىكەن.ئەنە غۇ چاغلاردا خەلىق ئارسىدا ‹كۆچ-كۆچ› ناخشىسى چىققان ئىكەن›› دەپ نۇرغۇنلىغان قوشاقلارنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
‹‹كۆچ-كۆچ››دېسە بىلمەيدۇ،
كۆچۈپ كۆرمىگەن ئەللەر .
ئۆز يۇرتىغا يېتەمدۇ،
بېرىپ كۆرمىگەن يەرلەر.
بىز ئىلىدىن چىققاندا،
ئالتىنچى ئايدا روزا ئىدى.
بۇ جۇدالىق كۈنلەردە،
ئاتا-ئانام بولسىدى.
......
ئۇ بىزگە:‹‹پادىشاھ نىكولاي1916-يىلى غۇلجىدىن1000نەپەر ئۇيغۇر ياشلرىنى رۇسىيىگە لاشمانلىققا تۇتۇپ ئاپىرىپ،ئۇلارنى تۆمۈر يول ياساش،تونىل قېزىش،قارىغاي كېسىش،ئاكۇپ (لەخمە) كولاش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ،نۇرغۇن ياشلار چۆل-باياۋانلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.شۇ چاغلاردا ‹‹لاشمان قوشاقلىرى››چىققان ئىدى.دەپ تۆۋندىكى‹‹لاشمان››قوشاقلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭسام،
نوغايلارنىڭ مونچىسى.
لاشمانلىققا كەتكەنلەر،
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسى.
......
بۇ بېشىمدىن قارا كۈن،
زادى ئەگىپ كەتمىدى،
لاشمانلىققا كەتكەنلەر،
بىرسى ھايات كەلمىدى.
ئوقنى ئاتتى يۈرەككە،
كېلىپ تەگدى بىلەككە.
نىكولاينىڭ زۇلىمى،
ئورناپ كەتتى يۈرەككە.
......
ۋە يەنە 1916-يىلى قىرغىستاننىڭ قاراقول دېگەن شەھىرىدە بولغان مۇنداق بىر ۋەقەنىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:
شۇ يىلى قاراقولدا تۇڭگان تۆرىلىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ،پادىشاھ نىكولاينىڭ زۇلۇمىغا قارىشى تۇرۇپ،رۇسلارنى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال دېمەي قوللىرىغا كەتمەن،گۇرجەك،پالتا،پىچاق ئېلىپ چاپتى،چانىدى،قىردى.ھەتتا ئۇلار رۇس باللىرىنىڭ چاتراقلىرىنى يىرتىپ،تېرەكلەرگە ئېسىپ قويدى.رۇسلاردا قىرغىنچىلىق ئېغىر بولدى.كۆپلىگەن رۇسلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كېتىشتى،بۇ ھالدىن غەزەپلەنگەن نىكولاي نەچچە مىڭلىغان قۇراللىق قىسىملىرىنى قىرغىستانغا ئەۋەتىپ، قاراقولدىكى تۇڭگانلارنى قىرىپ تاشلاپ،ئاخىرىسىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تازلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ،مۆكىنىۋالغان،قىرغىزچە كىيىنىۋالغان تۇڭگانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.پول ئاستىغا كىرىپ مۆكىنىۋالغان تۇڭگانلارنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ،چېپىپ،ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ يول بويلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويدى.ئۇلارنىڭ جەسىتىنى ھېچكىمگە ئالغىلى قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ جەسەتلەر سېسىپ،كۈننىڭ ئىسسىقىدا كېسەل تارقىلىشقا باشلىدى.قاراقولدىكى باشقا خەلىقلەرمۇ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.شۇندىن كېيىن نىكولاي ئەسكەرلىرى غالجىرلىشىپ،ھەر مىللەت خەلىقىگە بولغان سىياسىي زۇلۇمنى كۈچەيتتى.ھەدېسىلا خەلىقلەرنى باستۇرىدىغان،ئوق چىقىرىدىغان،تۇتقۇن قىلىدىغان بولىۋالدى.نەتىجىدە،كۈن ئالالمىغان تۇڭگانلار شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشتى.
ھېلىقى ئاچارچىلىق يىللىرى بولسا كېرەك،زىمىستان قارا قىشنىڭ ئۇزۇن- ئۇزۇن كېچىلىرىدە،دېرىزىلىرىگە قەغەز چاپلانغان،پاكار سوقما تاملىق ئۆيىمىزدە قازانغا كاۋا،ياڭيۇ(بەرەڭگە)،قىزىلچىلارنى سېلىپ قويۇپ،ئوچاققا سامان قالاپ ئولتۇرۇپ،ئانام يۇقارقىدەك ئەسلىمىلىرىنى،ئاڭلىغان،كۆرگەن،بىلگەنلىرىنى،ھەر كۈنى دېگىدەك سۆزلەپ بېرەتتى.
ئەمدى ئويلىسام،ئانام بىزگە سەبى،گۆدەك قەلبىلىرىمىزگە ئەدەبىياتنىڭ تۇنجى ئۇرۇقىنى سىڭدۈرگەن،تارىخىي ۋەقەلەردىن دەرىس بەرگەن تۇنجى ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئوقۇتقۇۇچىمىز ئىكەن.
مېنىڭ ئەنە شۇ قەدىردان ئانام1997-يىلى3-ئاينىڭ24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە،بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپ،بىزنى قان-قان يىغلىتىپ 76 يېشىدا ئۇ دۇنياغا كەتتى.مەن ھەر قېتىم نۇرغۇن كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئانامنى ئەسلىگىنىمدە،‹‹ئانامغا››نامىلىق بۇ مەرسىيەم قەلبىمنى كېزىدۇ.
ئانا سېنى خويمۇ سېغىندىم،
چۈشلىرىمدىن چىقمايسەن قەۋەت.
نەگە بارسام،نەلەردە يۈرسەم،
خىيالىمدىن كەتمەيسەن پەقەت.
سېنى بىزدىن ئەيلىدى جۇدا،
بۇ رەھمىسىز باغرى تاش قىسمەت.
يىغلاپ-ئۆكسۈپ،داد-پەريات ئۇرۇپ،
چەكتۇق ئەمدى تۈگىمەس ھەسىرەت.
يېشىم ئەمەس،كۆزۈمدىن ئاققان،
باغرىم لەختە،يۈرىكىم قان-قان.
نىتەي ئەمدى؟بۇ دەرت ئالدىدا،
بىچارىمەن ئارماندا قالغان.
سەن يوق ئانا ئەمدى ئۆيىمدە،
سەن يوق ئانا ئەمدى تۆرىمدە.
پەرىشتىدەك كۆرۈپ قالىمەن،
سەھەرلەردە سېنى چۈشۈمدە.
سېغىنغاندا سېنى جان ئانا،
قانماي-قانماي خىيال سۈرىمەن.
پىراقىڭدا ئاچچىق تولغۇنۇپ،
ئۇزاق ئۆتمۈش،مۇڭغا تولىمەن.
سېغىنغاندا بولۇپ بىر مەجنۇن،
دالا كېزىپ،سۆزلەپ قالىمەن.
ئاشۇ مىسكىن قەبرەڭگە بېرىپ،
ئىچ-ئىچىمدىن بوزلاپ قالىمەن.
تۈنەپ قالدىم،تالاي رەت ئانا،
باغ-باغ ئېتىپ،مۇڭلۇق قەبرەڭنى.
ياسىن ئوقۇپ تاڭلار ئاتقۇزدۇم،
يوقاتقاندەك تاقەت-سەۋرەمنى.
ئاقباش چوققا پەرىشتە سۈپەت،
تاغنى كۆرسەم سېنى كۆرىمەن.
لالە رەيھان ئېچىلىپ تۇرغان،
باغنى كۆرسەم سېنى كۆرىمەن.
قارا زۇلمەت تۈننى يورۇتقان،
ئاينى كۆرسەم سېنى كۆرىمەن.
مېھرى ئاتەش،چېھرى نۇر-زىيا،
كۈننى كۆرسەم سېنى كۆرىمەن.
ئانا سېنىڭ قەلبىڭ بىر ئاسمان،
مىڭ قۇياشنىڭ نۇرى مۇجەسسەم.
ئانا سېنىڭ قەلبىڭ بىر ئوكيان،
مىڭ دەريانىڭ سۈيى مۇجەسسەم.
ئاھ!ئانىجان،جانىم ئانىجان،
غەمگۇزارىم،باغرىم ئانىجان.
سەندىن جۇدا بولدۇم مەڭگۈگە،
كۆزدىن ئاقتى قانىم ئانىجان.
ئانام ھايات ۋاقتىدا ئۆز زېممىسىگە يۈكلەنگەن بارلىق ئېغىر-يىنىك ۋەزىپىلەرىنى تولۇق ئادا قىلغان،بۇ دۇنيانىڭ جەبرى-جاپالىرىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ تارتقان جاپاكەش،قەيسەر ئانا ئىدى.شۇڭا مەھەللە-كويدا،پۈتۈن ئەل-يۇرت ئىچىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئۆتتى.
ئاپتۇر: (غۇلجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدە)
مەنبە: ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى (21-سان)
ئاللاھ بوۋا - موماملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي. ئاتا - ئانام ۋە چوڭ دادام (ئازات ئابدۇللا) نىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ، تىنىچ خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەيمەن .
( ئابدۇللا شۆھرەت ئوغلى نىجات(ئىلىخو) )
يوللىغۇچى: نىجات شۆھرەت(ئىلىخو)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ILIHO تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 06:06 PM