مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 5

جام ۋە مەي تەرىپى (ئەلىشىر نەۋايى غەزىلىگە شەرھ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جام ۋە مەي تەرىپى

(ئەلىشىر نەۋايى غەزىلىگە شەرھ)

                           

                           ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات


         بۈيۈك مۇتەسەۋۋىپ شائىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلىرى جەملەنگەن «خەزايىنۇلمەئانى» («مەنالار خەزىنىسى»، يەنى «چاھار دىۋان») نامىدىكى تۆت دىۋانىغا شائىرنىڭ 2600 پارچە (بۇ ساندا يەنە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن) غەزىلى جەملەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق بىر شائىرغا بۇ دەرىجىدە كۆپ غەزەل يېزىش نىسىپ بولمىغان. نەۋايى غەزەللىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، ئىپادىلىگەن مەنا قاتلاملىرى تولىمۇ مۇرەككەب بولۇپ،  نەۋايى تەتقىقاتىغا قول ئۇرغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نەۋايى ئىدىيەسىدە تەسەۋۋۇپنىڭ مەركەزلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەن ئېلىشقان. بۇ ھەقتە تۈركىيە ئالىمى ئاگاھ سىررى لەۋەند نەۋايىنىڭ تەسەۋۋۇپ نەزەرىيىسى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە يەنە نەۋايىنىڭ 1476 ـ يىلى ئابدۇللا ئەنسارىينىڭ «تەبەقەتى مۇشەيخى سۇفىيە» («سوپى ۋە شەيخلىك دەرىجىلىرى»)، ئەبۇ ئابدۇرەھمان سۈلەمىينىڭ «تەبەقەتى سۈلەمىي»، ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى مۇتائىلە قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇراھمان جامىينىڭ تەسەۋۋۇپقا ئائىت ئەسىرى «نەفاھەتۇل ئۇنس» نى ئۆگىنىشكە كىرىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن①. يەنە ئۆزبېكستان تەسەۋۋۇپشۇناسى ئىبراھىم ھەققۇلمۇ ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان دىسسىرتاتسىيەسىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئۇلۇغ شائىر تەسەۋۋۇپنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىنساننى  ئۆز تەبىئىتىدىكى نۇقسانلار، تەپەككۇردىكى ماغدۇرسىزلىق، جاھالەت ۋە شەخسىيەتچىلىك، رىياكارلىق ۋە ئەقىدەپەرەستلىك توزاقلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان، ئىنسانغا ئۆزلۈكىنى تونۇتىدىغان، يەنى ئىلاھىي – ئىشقىي مەنزىل ۋە مەقاملارغا كەڭ يول ئاچىدىغان ھۆر بىر مەسلەك دەپ بىلدى»②. ئىبراھىم ھەققۇل يەنە «نەۋايىنى چۈشىنىش مۇشەققىتى» نامىل ماقالىسىدە بۇ پىكىرىنى مۇنداق تەكىتلەيدۇ: «نەۋايى شېئىرلىرىدا سەنئەتكارلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن مەنا ۋە تىمساللارنىڭ زاھىرىي قاتلاملىرى خۇسۇسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش بىلەن چەكلەنمەستىن، ئۇلارنىڭ باتىنىي، قاتلاملىرىنى ھەم ئېچىش كېرەك. بۇنى تەسەۋۋۇپىي ئىلىمگە ئىگە بولماستىن يۈزگە چىقىرىش تولىمۇ مۈشكۈل»③.

          دەرھەقىقەت نەۋايى غەزەللىرىدىكى كۆپ قىرلىق مەنىۋىيەت قاتلاملىرى بۈيۈك شائىرنىڭ ئاجايىپ تىرەن تەپەككۇرىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرماقتا. نەۋايىنىڭ پەلسەپەۋىي ئىدىيەسىنى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى بىلەن باغلاپ تەھلىل يۈرگۈزگە كىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسىنتى، دوكتۇر، تەسەۋۋۇپشۇناس ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەتمۇ ئۆزىنىڭ «تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى» ناملىق كىتابىدا نەۋايى ئىجادىنى تەسەۋۋۇپتىن ئايرىم چۈشىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. شۇنىڭدەك نەۋايىنىڭ ئۇستازى ئابدۇراھمان جامىينىڭ تەسىرى بىلەن نەقشبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەنلىكى تارىخ كىتابلىرىدىن مەلۇم. تۆۋەندە بىز نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانلار توپلىمىنىڭ بىرىنچىسى بولغان «غەرايىبۇسسىغەر» («بالىلىق غايىبلىرى») گە كىرگۈزۈلگەن بىرىنچى غەزىلى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈمىز (غەزەلنىڭ ئەسلى چاغاتايچىسىدە ۋە ئۇيغۇرچە نەشرىدىمۇ تىنىش بەلگىلەر قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ قويمىدۇق):


ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىلكەئسى ئەنۋەرۇلھۇدا

يار ئەكسىنى مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم

يوقتۇر ئەي ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا

ئەي خۇش ئول مەيكىم ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سەفال

جام ئولۇر گېيتىنەما جەمشىد ئانى ئىچگەن گەدا

جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر

يۈز جەھان ھەردەم نىسار ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا

دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغانى ئەي مۇغبەچە

جامى مەي تۇتساڭ مېنى دىۋانەدىن قىل ئىپتىدا

تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر

چىھرەئى مەقسۇد مەھۋ ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا

ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرە كىم

جامۇ مەي لەفزىن دېگەن بىر ئىسم ئىلە قىلغاي ئەدا

سەن گۇماندىن قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئىرۈر

بىلمەيىن نەفئ ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن زاھىدا

تەشنەلەپ ئولما نەۋايى چۇن ئەزەل ساقىسىدىن

ئەشرەبۇ يائەييۇھەل ئەتشان كىلۈر ھەر دەم نىدا

        

        نەۋايىشۇناس ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتىراپىغا كۆرە بۇ غەزەلنى نەۋايىنىڭ ئەمدىلا بالاغەت يېشىغا يەتكەن مەزگىللىرىدە يازغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. نەۋايى تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمەي تۇرۇپ يازغان بۇ غەزىلىدە پەقەت تەسەۋۋۇپقىلا خاس بولغان «جام»، «مەي»، «ۋەھدەت مەيى»، «مۇغبەچە»، «ساقىي»، «دەير»، «مەيخانا» قاتارلىق سىمۋوللۇق سۆزلەردىن بۇ شېئىردا تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. پەرىزىمىزچە بەزىلەر نەۋايى ئەمدىلا بالاغەت يېشىغا يەتكەن مەزگىلىدە يازغان مۇشۇ غەزىلىدە تەسەۋۋۇپ ئىددىيەسىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، «مەي» ۋە «جام» نىڭ شۇ قەدەر چوڭقۇر مەنىسىگە يېتىپ بولغان بولغىيمىتى؟! دەپ سوئال سوراشلىرى مۇمكىن. بۇنىڭغا يەنىلا نەۋايىنىڭ ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ. نەۋايى بالىلىق ۋاقتىدا  پەرىدىدىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» («قۇشلار تىلى») نامىلىق تەسەۋۋۇپىي ئەسىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۇنى مۇتائىلە قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ ئەسەر گۆدەك ئەلىشىرنىڭ ئىدىيەسىگە كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن نەۋايى «مەنتىقۇتتەير» دىكى ئىدىيەلەرنى بىر ئۆمۈر كاللىسىدىن يىراق قىلالمايدۇ ۋە ئاخىرى مۇشۇنداق بىر ئەسەر يازمىسا ئارماندا قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ قولىغا قەلەم ئالىدۇ. «مەنتىقۇتتەير» نىڭ نەۋايىغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى نەۋايى ئۆز قەلىمى بىلەن مۇنداق يازغان:


يادىمە مۇنداغ كېلۈر بۇ ماجەرا

كىم تۇفۇلىيەت چاغى مەكتەب ئارا

كىم چىقار ئەتفالۇ مەرھۇمۇ زەبۇن

ھەر تەرەفدىن بىر سەبەق زەپتى ئۈچۈن

ئەلگە نۇرلار چۇن سەبەق ئازارىدىن

يا كەلامۇللاھنىڭ تەكرارىدىن

ئىستەبان تەشخىس خاتىر ئۇستاد

نەزم ئوقۇلۇر كىم رەۋان بولغاي سەۋاد

نەسىردىن بەئزى ئوقۇر ھەم داستان

يا گۇلىستان يەڭلىغۇ يا بوستان

ماڭا ئول ھالەتدە تەبئى بولھەۋەس

«مەنتىقۇتتەير» ئەيلەپ ئېردى مۇلتەمەس

تاپتى ساكىن خاتىر ئول تەكرارىدىن

سادە كۆڭلۈم بەھرە تاپتى ياردىن

تەبئ ئول سۆزلەرگە بولغاچ ئاشنا

قىلمادى ھەيل ئۆزگە سۆزلەرگە يانا

ئادەت ئەتتىم ئول ھىكايەتلەر بىلە

قۇش مەقالىدىن كىنايەتلەر بىلە

چۇن بىرەر سۆزدىن تاپىپ تەبئىم كۇشاد

تاپسە ئېردىكىم نېدۇر ئاندىن مۇراد

زەۋق كۆپ خۇشھال ئېتەر ئەردى مېنى

شەرھى ئانىڭ لال ئېتەر ئەردى مېنى

چۇن بۇ ئەھۋالىغا بولدى ئۇستاد

بولدى ئول دەفتەرغە غالىب ئېئتىقاد

ئۇلەكىم ئەلدىن ئۈزۈلدى ئۇلفەتىم

ئول كىتاب ئەردى ئەنسۇ خىلۋەتىم

خەلق رەسمى سۆزلەرىدىن قىلۇ قال

ئۆتسە تەبئىمغە يېتەر ئەردى مەلال

ئاقىبەت ئىشق ئەيلەدى شەيدا مېنى

بۇيلە مۇشفىق ئەتتى بۇ سەۋدا مېنى④


         نەۋايىنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا «مەنتىقۇتتەير» گە قايسى تەرىقىدە مۇبتەلا بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە ئىشققا شەيدا بولۇپ خىلۋەتلىككە ئىنتىلگىنى ئۆز تىلىدىن يۇقىرىقىدەك بايان قىلىنغان. بىز تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن نەۋايىنىڭ يۇقىرىقى نەزمىي بايانلىرىنى نەسرىيلەشتۈرگەن موللا سىددىق يەركەندىينىڭ نەسرىي بايانىغا قاراپ باقايلى:

«بۇ ھادىسە زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ، باللىق چاغلىرىم ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم. بالىلار ھەر تەرەپتن كېلىپ ئۇستازلارنىڭ زورى بىلەن ساۋاق تەكرالايتتى. ئۇلار تەڭرىنىڭ سۆزى («قۇرئان») نى تەكرار تەكرار ئۆگىنەتتى. ئۇستاز بۇ بالىلارنىڭ خاتىرسىنى كۈچەيتىش، زېھنىنى ئېچىش ۋە ساۋادىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن نەزمىي ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇتاتتى. بەزىلەرگە نەسىردىن «گۈلستان» نى ئۆگەتسە بەزىللىرگە نەزمىي «بوستان» نى ئوقۇتاتتى. بۇ چاغدا مىنىڭ بۇ ھەۋەسكار تەبىئىتىم «مەنىقۇتتەيىر» نى ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. ئەس يادىم ئۇنى تەكرارلاش بىلەن بولدى. خاتىرەم ئاشۇ ئارقىلق تەسكىن تاپاتتى. ساددا كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىشقا باشلىدى. تەبىئىتىم بۇ ئەسەردىكى سۆزلەرگە شەيدا بولۇپ قالغاچقا يەنە باشقا سۆزلەرگە مايىللىق كۆرسەتمىدى. بۇ ئەسەردىكى ئاجايىپ ھېكايىلەرگە، قۇش تىلى بىلەن ئېيتىلغان كىنايىلەرگە ئادەتلىنپ قالدىم. ئۇنىڭدىن ھەر بىر سۆزدىن تەبئىتىم يايراپ، مۇرادىمنى تاپاتتىم. ئۇنىڭ زوقى مېنى ناھايىتى خۇشال قىلاتتى. ئۇنىڭ شەرھىلىرى مېنى ھەيرانلىق ئىچىدە لال قىلاتتى.

        مېنىڭ بۇنداق ھالىتىمگە تەبئىتىم ئۇستاز بولماقتا، بۇ كىتاپقا بولغان ئېتىقادىم كۈنسىرى ئاشماقتا ئىدى. شۇ تۈپەيلىدىن مەن خالايىق بىلەن بولغان ئۈلپەتچىلىكتىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ كىتاپ مېنىڭ خىلۋەتتىكى ئەڭ قەدىرلىك سىردىشىم  بولۇپ قالدى. بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ياشاش ئادەتلىرى ۋە سۆز ھەرىكەتلىرىدىن تەبىئىتىمگە مالاللىق يېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئىشق مېنى شەيدا قىلدى...⑤

        نەۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا بىغۇبار قەلبىگە سىڭىپ كىرگەن تەسەۋۋۇپ تەسىرىنىڭ شائىرنى بىز تەھلىل قىلماقچى بولغان ئۇشبۇ غەزەلنى يېزىشقا تۈرتكە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.


غەزەلنى بېيت بويىچە يەشمە بېرىپ تەھلىل قىلىپ باقايلى:

ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىلكەئسى ئەنۋەرۇلھۇدا

يار ئەكسىنى مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا

(قۇياشتەك يورۇپ تۇرغان جامنىڭ شولىسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنىدى، جامدىن يارنىڭ ئەكسىنى مەيدە كۆرگىن دەپ سادا چىقتى)


          بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان جام بىلەن مەي بىز ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ تۇرىدىغان قەدەھ بىلەن ھاراق بولماستىن بەلكى، جام-ئىچى مەرىفەتكە تولغان ئارىفنىڭ بەدىنىگە، مەي بولسا شۇ بەدەننى پاكلاشقا سىمۋول قىلىنغان ئىلاھىي ئىشىققا  سىمۋۇل قىلىنغان تەسەۋۋۇپىي ئوبرازلاردۇر. ئىككىنچى مىسراسىدىكى يار سۆزى خۇداغا سىمىۋۇل قىلىنغان بولۇپ،  بۇ بېيتنىڭ مەنىسى بەدەننى پاكلاپ كامىل ئارىفلىق مەقامغا يەتكەندىلا، شۇ ئارىفنىڭ قەلبىدىن ئۆزى ئاشىق بولغان ئاللاھنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

         تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك، تەسەۋۋۇپ تەرىقىتىگە قول بەرگەن كىشى پەقەت ئاللاھقىلا ھەقىقىي مۇھەببەت باغلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يار – پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھلا ئىدى. بۇ خىلدىكى ئىلاھىي ئىشق تەلىماتىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى رەبىئەتۇل ئەدەۋىيە (717-801) ئىسىملىك بەسرەلىك ئايال سوپى بولۇپ  ئۇنىڭ «ئىلاھىي ئىشق» قارىشى  تەسەۋۋۇپنى چۇڭقۇر مەنىۋىي يۈكسەكلىككە باشلاپ كىرگەنىدى. رىۋايەتلەرگە كۆرە، رەبىيە ئەسلىدە قۇللۇققا سېتىۋېتىلگەن دېدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ساداقىتىگە، تەقۋادارلىقىغا قايىل بولغان خوجايىنى ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن رەبىيە ئۆمۈر بويى ياتلىق بولماي، ئۆمرىنى تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئاللاغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ پۈتۈن ئىشقىنى ئاللاغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاللا مەڭگۈلۈك گۈزەللىك بولۇپ، بۇ گۈزەللىككە يېتىشنىڭ يولى ئۆزىنى ئۇنتۇغان  ھالدىكى چەكسىز ئىشقتىن ئىبارەت ئىدى.

          ئەلۋەتتە تەسەۋۇۇپنىڭ مەنىۋىي ئۇل تىشى بولغان «ئىلاھىي» ئىشىق نەۋايى ئىددىيەسىدىمۇ مۇئەييەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. دېمىسىمۇ تەسەۋۋۇپتىن نىسىۋىدار ھەرقانداق بىر تەرىقەت ئەھلىنىڭ ئۆز ئىشقىنى ئاللاغا بېغىشلىماي تۇرۇپ ئاشىقلىق دەۋاسى قىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا نەۋايى بالىلىق چېغىدىلا تەسىرىگە ئۇچرىغان تەسەۋۋۇپنىڭ «ئىلاھىي ئىشق» تىن ئىبارەت مەنىۋىي ئىلھامىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆز ئىشقىنى ئاللاھقا بېغىشلىغان ۋە ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئاللاھنى «يار» سۆزى بىلەن سۈپەتلەپ، پەقەت ئۆزىنى ئۇنتۇغان  ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەلبىنى پاكلىغاندىلا، كىشى قەلبى قۇياشتەك نۇرلىنىدۇ ۋە ئۆز يارى بولغان ئاللانىڭ ئەكسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دېگەن مەنىدىكى مۇشۇ بېيتنى يازغان. گەرچە نەۋايىنىڭ ئىلاھىي ئىشىق قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن باشقا غەزەللىرى بولسىمۇ، لېكىن نەۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا يېزىلغان غەزەللىرىدىن تەركىب تاپقان دىۋانىنىڭ بىرىنچى غەزىلىنىڭ باشلانما بېيىتى بولغان بۇ مىسرالارنى بىز نەۋايىنىڭ ئىلاھىي ئىشق قارىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا نامايان بولۇشى، دەپ قارايمىز.


غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم

يوقتۇر ئەي ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا

(غەيرى تەسىردىن كۆڭۈل جامىدا غەم غەشلىكى پەيدا بولسا ئەي ساقى، بۇنى ۋەھدەت مەيىدەك تازىلىغۇچى يوقتۇر)


          بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان ساقىي ئالدى بىلەن ئاللاھقا، ئۇنىڭدىن كېيىن تەرىقەت پىرلىرىغا قارىتىلغان خاس نام بولۇپ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ بېيتتا تەرىقەت پىشۋالىرىغا سىمۋۇل قىلىنغان. «ۋەھدەت» سۆزىبىردىبىر ھەقىقىي بارلىق ھېسابلانغان ئاللانى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ بېيتتا شائىر ئۆز پىر – مۇرشىدىدىن ۋەھدەت مەيى (بىرلىك شارابى) تەلەپ قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلدە پەيدا بولغان غەشلىكنى  تازىلىماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «غەم غەشلىكى» بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئىشق – مۇھەببەتتۇر. ئادەم مۇھەببەت خىيالى بىلەن ئىشق سەۋداسىغا مۇپتەلا بولۇپ قالغاندا كۆڭلىنىڭ ئارامىنى يوقتىدۇ. ئەس يادى خېيالىدىكى مەشۇقىنىڭ پىكىرى بىلەن بەند بولىدۇ. دېمەك كۆڭلىدە ئاجايىپ مۇرەككەپ بىر غەشلىك بولىدۇكى، كىشى بۇ غەشلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەشۇقى بىلەن ۋېسال تېپىش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسانىي مۇھەببەت يەنىلا ئىلاھىي ئىشقنىڭ ئىنسان خېيالىدا تەبىئىيلا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ قارىشىچە ئىنسانلار بىر بىرىگە بولغان ئىشقى بىلەن پەقەت پانىي دۇنيادىكى ھايۋانىي تەلىپىنىلا قاندۇرالىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلار يەنىلا ئىشق - مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. بىر – بىرىنى ياخىشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ مۇھەببىتىمۇ كۆپ ھاللاردا تۇراقسىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا كىشى كۆڭلى تېخىمۇ غەشلىككە تولىدۇ. ئەگەر بۇنداق غەشلىكتىن قۇتۇلماقچى بولغانلار ياكى بۇ خىل غەشلىكتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغانلار ئۆزلىرىنى ئىلاھىي ئىشققا بېغىشلاشلىرى كېرەك؛

يەنە بۇ «كۆڭۈل غەشلىكى» باشقىلارغا قارىتا كۆڭلىدە غۇم ساقلاش ياكى ئۆچمەنلىك قىلىش بولۇپ، نەۋايىنىڭ قارىشىچە بۇنداق غۇم ھەم ئۆچمەنلىك ئىللەتلىرى چىن ئىشق ئەھلى ئۈچۈن ئەيىبتۇر. شۇ سەۋەبتىن شائىر كۆڭۈلدىكى ئۇنداق غەشلىكلەرنى «ۋەھدەت مەيى» ئارقىلىق تازىلاش تەرەپدارى. ھېكايەت قىلىنشىىچە كىشىلەر «ئىلاھىي ئىشق» تەلىماتىنڭ بەرپاچىسى بولغان ئايال سوپى رەبئەتۇل ئەدەۋىيەدىن «ھەقنى سۆيەمسەن؟» دەپ سوراشقاندا، رەبىئە «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگەن. كىشىلەر يەنە «شەيتاننى ئۆچ كۆرەمسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ«ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن. كىشىلەرنىڭ «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالىغا «شۇنىڭ ئۈچۈنكى رەھمان (ئاللاھ) سۆيگۈسى ئىچىمگە شۇنچىلىك توشۇپ كەتتىكى، شەيتانغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئۇنىڭغا سىغمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

دېمەك، ئىشق ئەھلى كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئاشۇنداق غەشلىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «ۋەھدەت مەيى» گە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا شائىر بۇ بېيتتا كۆڭلىدىكى غەشلىكلەرنى پەقەت ئىلاھىي ئىشق بولغان «ۋەھدەت مەيى» دىن باشقا ھېچنىمىنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ پىر – مۇرشىدىدىن (ساقىيدىن) «ۋەھدەت مەيى» تەلەپ قىلغان. دەرۋەقە، نەۋايىنى ھەق يولىغا يېتەكلەپ «ۋەھدەت مەيى» سۇنغان ساقىي – پىر مۇرشىدى ئابدۇرەھمان جامىيدۇر. نەۋايىنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان خاندەمىر ئۆزىنىڭ نەۋايىنىڭ پەزىلەتلىرىگە بېغىشلاپ يازغان «مەكارىمۇل ئەخلاق» ناملىق رىسالىسىدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇستازى ئابدۇراھمان جامىيدىن تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «...خۇسۇسەن ئالىيجاناب ئەمىر مەخدۇمىي جامىيغا يېقىن مۇلازىمەتتە بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ھوزۇرىدا دەرۋىش ۋە سوپىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش بلەن بولاتتى. ئۇ جاناب جامىيمۇ بۇ بابتا قىلغان تەسنىفىلىرىنى ئەمىر ھوزۇرىدا مۇتالىئە قىلار ۋە بۇ كىشى (نەۋايى) ئۇ كىتابلارنىڭ نازۇك نۇقتىلىرىنى پەيزلىك خاتىرلىرى لەۋھىگە نەقىشلەر ئىدى. تېخى ئول ئالىيجاناب بۇ ئەسەرلەرنى ھىدايەتلىك ئەمىرنىڭ ئىسمى شەرىپىگە بېغىشلاپ يازغانىدى...⑥

          كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى نەقشىبەندىيە تەرىقىنىڭ پىر – مۇرشىدلىرىدىن بولغان ئابدۇراھمان جامىيدىن تەسەۋۋۇپ ئەھكاملىرىدىن تەلىم ئالغان ئەلىشىر نەۋايى ئۆزنىڭ بۇ زات ھەققىدە ئېيتقان بايانلىرىدا ئۇستازىم دەپ قىلغان خىتابىدىن قارىغاندا، ئابدۇراھمان جامىي ئەلىشىر نەۋايىنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئۇستازى ھەم تەرىقەتتىكى پىر – مۇرشىدى ئىدى. شۇڭا نەۋايى تەسەۋۋۇپ تەلىماتى ئەكس ئەتكەن مىسرالىرىدا خىتاب قىلغان «ساقىي» ئىبارىسىنىڭ ئابدۇراھمان جامىيغا قارىتىلغىنى ئىھتىمالغا يېقىن.


ئەي خۇش ئول مەيكىم ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سەفال

جام ئولۇر گېيتىنەما جەمشىد ئانى ئىچگەن گەدا

(ئەي، مەي شۇنداق ياخشى نەرسىكى، قۇيۇلغان جام سۇنۇق ساپال بولسىمۇ ئۇ جام جەمشىت تىلەپ ئىچكەن جەھاننامەگە تەڭدۇر)


           بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان مەي ئىلاھىي ئىشققا؛ سىنغان سەفال –تېخى تەرىقەتنى چۈشەنمىگەن كىشىگە؛ گېيتىنەما - جاھاننى كۆرسىتىدىغان جام بولۇپ مۆمىن ۋە كامىل ئارىفنىڭ قەلبىگە؛ گەدا-ئىلاھىي نۇرغا مۇھتاج بولغان تەرىقەت ئەھلىگە سىمۋۇل قىلىنغان. شائىر بۇ بېيتتا ئىلاھى ئىشق تەرىقەتنى چۈشەنمەيدىغان بىر كىشىنىڭ قەلبىگە كىرسە، يەنى ئىشقتىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق بىر ئادەتتىكى كىشى ئىلاھىي ئىشققا مۇيەسسەر بولسا، ئۇ چاغدا بۇ كىشى قەلبى كامىل ئارىفلىق مەقامىغا يېتىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن. جەمشىد بولسا مەشھۇر قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، رىۋايەتلەردە جەمشىدنىڭ پۈتكۈل جاھاننى كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر مەي ئىچىدىغان جامىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ. شۇڭا شائىر بۇ يەردە كامىل ئارىفنىڭ قەلبى بولغان جامنى جەمشىدنىڭ ئاشۇ جاھاننى كۆرۈپ تۇرىدىغان جامىغا ئوخشاتقان.


جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر

يۈز جەھان ھەردەم نىسار ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا

(جام بىلەن مەي شۇنداق نەرسىكى جام ئۈچۈن يۈز جاھاننى، مەي ئۈچۈن مىڭ جاننى پىدا قىلىشقا ئەرزىيدۇ)


         يەنى، قەلبى پاك بولغان كامىل ئىنسان بولۇش ئۈچۈن يۈزجاھاننى، ئىلاھىي ئىشىققا يېتىشىش ئۈچۈن مىڭ جان بولسىمۇ پىدا قىلسا بولىدۇ.

مەنىۋى كامالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىنسانىي كامىللىق بولۇپ، بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان جام دەل شۇ كامىل ئىنساننىڭ پاك ۋۇجۇدىدۇر. تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ قارىشىچە ئىنسان ئۆزلۈكتىن كېچىپ، مەنىۋى جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن، قەلبىدە ئىشقتىن باشقا ھېچنەرسە بولمىغاندا، بارلىق قۇسۇر - نۇقسانلاردىن خالاس بولغاندىلا ئاندىن كامىل ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈزلەپ شەھەرنى تىگىشىشكىمۇ رازى بولىدۇ. قەلبى پاك بولغان كامىل ئىنسانلار ئاندىن ئىلاھىي ئىشققا سىمۋۇل قىلىنغان مەيگە مۇيەسسەر بولالايدۇ، بۇ مەي ئۈچۈن مىڭ جېنى بولسىمۇ پىدا قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

         تەرىقەت ئەھلىلىرىدىن ھېكايەت قىلىنىشىچە، مەجنۇننىڭ زامانىدىمۇ نۇرغۇن گۈزەللەر بار بولۇپ، ھەتتا ئۇلار لەيلىدىن چىرايلىقراق ئىكەن. بىراق مەجنۇن ئۇلارنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىكەن. بىر كۈنى كىشىلەر ئۇنىڭغا «لەيلىدىن گۈزەلرەكلەرنى ساڭا كۆرسىتەيلى، ئېلىپ بېرەيلى» دېيىشكەن. مەجنۇن بولسا «مەن لەيلىنىڭ سۈرىتىگە (يەنى تاشقى كۆرۈنۈشگە) ئاشق بولغىنىم يوق ھەم ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. لەيلى مېنىڭ قولۇمدىكى بىر جامغا ئوخشايدۇ. مەن بۇ جامدىن مەي ئىچىۋاتىمەن. چۈنكى مەن مەيگە ئاشىقمەن. سىزنىڭ كۆزىڭىز پەقەت جامدا، ئىچىدىكىنى بىلمەيسىز» دېگەنىكەن. بۇ ھېكايەتنى مىسال كەلتۈرگەن جالالىددىن رۇمىي ئۆزىنىڭ «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر» ناملىق كىتابىدا بۇ ھېكايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «...مېنىڭ قولۇمغا ئالتۇن بېزەكلىك بىر قەدەھ تۇتقۇزسايۇ، ئىچىدىكى نەرسە شارابدىن باشقا نەرسە بولسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ مەن ئۈچۈن شاراب تولدۇرۇلغان ئەسكى پۇچۇق ئىدىش ئالتۇندىن بېزەلگەن بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىگەن قەدەھتىن ياخشىراقتۇر. قەدەھتىكى شارابنىڭ مەززىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشق ۋە شەۋق كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئون كۈندىن بېرى ھېچ نەرسە يېمىگەن ئاچ بىلەن كۈندە بەش مەرتە غىزالىنىپ يۈرگەن توقنىڭ نانغا بولغان قارىشى بىر خىل ئەمەس. چۈنكى، توق ناننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا كۆرسە، ئاچ ئۇنىڭ ماھىيىتىنى كۆرىدۇ. نان قەدەھ بولسا، مەززىسى قەدەھتىكى شاراب كەبىيدۇر. بىراق، شاراب پەقەت ئىشتىھاسى ۋە شەۋقى بولغان كۆزگىلا كۆرۈنىدۇ. سەنمۇ ئۆزۈڭدە ئىشتىھا ۋە شەۋق ھاسىل قىل، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى ماھىيەتنى كۆرگەيسەن.»⑦

           دېمەك، جام ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ پاكلانغاندىكى كۆرنىشى بولسا، مەي شۇ پاكلانغان ۋۇجۇد ئىچىدىكى ئىلاھىي ئىشق، يەنى ماھىيەتتۇر. شۇڭا شائىر بۇ بېيتتا ئەنە شۇ پاك بولغان ۋۇجۇدقا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن يۈز جاھاننى، شۇ ۋۇجۇدقا ئىلاھىي ئىشقنى ئورۇن ئالغۇزۇش ئۈچۈن مىڭ جاننى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.


دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغانى ئەي مۇغبەچە

جامى مەي تۇتساڭ مېنى دىۋانەدىن قىل ئىپتىدا

(ھۇشى بار ئادەملەر رەسۋا بولۇش ئۈچۈن مەيخانىغا كېلىشىدۇ، ئەي مەي قۇيغۇچى يىگىت، مەي قۇيۇلغان جامنى تۇتماقچى بولساڭ مەن دىۋانىدىن باشلا)


           بۇ بېيتتىكى دەير – چىركاۋ، بۇتخانا، مەجۇسىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ يەردە ئارىفلار يېغىلىدىغان مەجلىسخانا مەنىسىدە كەلگەن. مۇغبەچە – مەي توشۇغۇچى يىگىت بولۇپ، بۇ يەردە ئارف بىلەن ئارىفىلىققا يېتىش ئارزۇسىدىكى تەرىقەت ئەھلىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاستىچىغا سىمۋۇل قىلىنغان. شائىر بۇ بېيتتا ھۇشى بار ئادەملەر ئارىفلارنىڭ مەجلىسىگە ئۆزلىكىنى يوقتىپ ئىلاھىي ئىشققا يېتىش ئۈچۈن كېلىشىدۇ، ئەي مەي قۇيغۇچى يىگىت، مەي قۇيۇلغان جامنى، يەنى ئىلاھىي ئىشق بىلەن تولغان ئارىفنىڭ قەلبىدىكى ئىلھامنى ماڭا سۇنۇشتىن باشلا، دېيىش ئارقىلىق تەرىقەت ئەھلىنىڭ ئىلاھى ئىشىق ئارقىلىق ئارىفلىققا يېتىشتىكى ئىنتىلىشلىىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

        لېكىن بۇ بېيتتىكى «ھۇشى بار ئادەملەر رەسۋا بولۇش ئۈچۈن مەيخانىغا كېلىشىدۇ» دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئەجەبا رەسۋا بولۇش دېگەنلىك شەرمەندە بولۇش، يۈزى تۆكۈلۈش دېگەنلىك ئىدىغۇ؟ بىز بۇ سۆزنىڭ ئەينى مەناسىغا قارىساق مۇشۇنداق چۈشىنىشىمىز مۇمكىن. لېكىن تەسەۋۋۇپتا «رەسۋا» بولۇش ھەرگىزمۇ يۈزى تۆكۈلۈش، شەرمەندە بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. مەيخانىغا، يەنى قەلبى پاكلانغان كىشىلەرنىڭ دەرگاھى بولغاي ئارىفلار ماكانىغا جەم بولغان كىشىلەرنىڭ روھىي ئىلاھىي ئىشىقتىن بىھۇش بولغان بولىدۇ. بۇ خىل بىھۇشلۇق ئۇلارنى دۇنيا ئىشلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. دېمەك ھۇشى بار ئادەملەر بۇ ئەزىز دەرگاھقا كېلىپ ئۆز ھۇشىنى يوقىتىپ ئىلاھىي ئىشىقتىن مەست بولىدۇ. نورمال ئادەملەر قاتارىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلاھىي ئىشققا بېرىلگەن بۇ كىشىلەر روھىي مەستخۇشلۇق ھەم جىسمانىي بىھۇشلۇقتىن ئۆز خۇدىنى يوقىتىشىدۇ. چۈنكى بىر كىشىنىڭ بىرەرسىگە بولغان ئىشىق – مۇھەببىتى ئاشكارا بولسا رەقىبلىرى مەشۇقى ھەققىدە بولمىغۇر گەپلەرنى ئېيتىپ ئۇنىڭ ئىشقىغا دۈشمەنلىك قىلىشى، مەشۇقىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەش بىلەن بىرگە يەنە ئاشىق بولغۇچى ھەققىدە بىمەنە پىتنە – پاساتلارنى توقۇپ ئاشىق بولغۇچىنى ئەل – ئاۋام ئارىسىدا رەسۋا قىلىشقا، ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكۈشكە ئۇرنىشى مۇمكىن. ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىنسانىي ئىشققا بولغان بۇنداق ناچار مۇئامىلە ئەلۋەتتە ئىلاھىي ئىشق بىلەن ئەس – ھۇشىنى يوقاتقان چىن ئاشىققىمۇ بولىنىشى مۇقەررەر. چۈنكى ئىلاھىي ئىشق بىلەن ئېسىنى يوقاتقان ئاشق دۇنيانىڭ بارلىق ئىشلىرىنى يادىدىن چىقىرىپ سەرسان – سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئاشىق ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل گەپلەردە بولماسلىقى، ئۇنى نىرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ، ساراڭ بوپتۇ دەپ داۋراڭ سالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ئەجەبا بۇ ھۇشى بار ئادەمنىڭ ئىلاھىي ئىشقتىن مەست بولۇپ، ئەس ھۇشىنى يوقتىپ دۇنيا ئىشلىرىدىن بىراقلا قول ئۈزۈپ تەركىي دۇنيا بولۇپ كېتىشى، گويا ئۇ كىشىنىڭ ئىلاھىي ئىشىقتىن بىھۇش بولغانلىقىنى بىلمەيدىغان خەلقنىڭ نەزىرىدە رەسۋا بولغانلىق، يۈزى چۈشكەنلىك ئەمەسمۇ؟!


تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر

چىھرەئى مەقسۇد مەھۋ ئولغاي ھەم ئول دەم مائەدا

(تاكى ئاشۇ كۆڭۈل جامىدىكى مەيدىن مەقسەتنىڭ چىھرىسى جىلۋە قىلغاندا نازۇ نىمەتلەر بىر چەتتە قالىدۇ)


             يەنى، كىشى قەلبى ئىلاھىي ئىشققا يېتىشىشتىن ئىبارەت مەقسەتكە يەتكەندە، ئۇ كىشىگە بۇ دۇنيانىڭ نازۇ – نىمەتلىرىنىڭ كىرىكى قالمايدۇ. ئىلاھىي ئىشق بىلەن ئۆزىنى بىھۇش قىلغان چىن ئاشىقلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى پەقەت ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشتۇر. ئاللاھنىڭ جامالىغ امۇشتاق بولغان ئىشىق ئەھلى ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان نازۇ – نىمەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى، باقىي ئالەمنىڭ جەننەتلىرىدىكى نازۇ – نىمەتلەرمۇ ھېچنەرسە ئەمەس. چۈنكى چىن ئاشىقلار نازۇ – نىمەتلەر غەۋغاسى ياكى جەننەت تاماسىدا ئىبادەت قىلمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت ئاللاغا بولغان چىن ئىشقلا بار. ھېكايەت قىلىنىشىچە، رەبىئە تۇل ئادەۋىييە دائىم ئۆز ئىبادىتىدە شۇنداق مۇناجات ئېيتىدىكەن «خۇدايا پەرۋەردىگار! ئەگەر مەن ساڭا دوزاختىن قورقۇپ ئىبادەت قىلسام، مېنى دوزاخقا تاشلاپ كۆيدۈر، ئەگەر جەننەت ئۈمىدى بىلەن ئىبادەت قىلسام، جەننەتنى ماڭا ھارام قىل... ئەگەر سېنى دەپ ئىبادەت قىلسام ماڭا دىدارىڭنى نېسىپ قىل...». مانا بۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىلاھىي ئىشقتىن مەست – بىھۇش بولغان چىن ئاشىقنىڭ چىن سۆزىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىلاھىي ئىشق ئورۇن ئالىدىكەن، شائىر مۇشۇ بېيتتا ئېيتقاندەك ھەر ئىككىلى ئالەمنىڭ نازۇ – نىمەتلىرى بىر چەتتە قالىدۇ.


ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرە كىم

جامۇ مەي لەفزىن دېگەن بىر ئىسم ئىلە قىلغاي ئەدا

(مەي بىلەن جام ئارقىلىق كىشى ۋەھدەتكە مۇيەسسەر بولالايدۇ، جام بىلەن مەي سۆزىنى تىلغا ئالغانلار ئۇنى ئادا قىلالايدۇ)


          بۇ بېيتتا شائىر ئىلاھىي ئىشىق ۋە كامىل ئارىفلارنىڭ قەلبى ئارقىلىق ئىلاھىي بىرلىككە يېتش مۇمكىن، ئارىفلارنىڭ قەلبى بىلەن ئىلاھىي ئىشق يولىنى تۇتقانلار ئەلۋەتتە بۇنى ئادا قىلالايدۇ، دېيىش ئارقىلىق تەرىقەت ئەھلىنى كامىل ئارىفلارنىڭ قەلبىدىن چىققان ئىلھام تەسىرى بىلەن ئىلاھىي ئىشق يولىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان.


        بۈيۈك مۇتەسەۋىپلارنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان مەۋلانا جالالىددىن رۇمىي بىر قېتىملىق سۆھبەتتە «ماڭا  ۋەھدەت (بىرلىك) مەيىنى تۇتقىن، باشقىلارنىمۇ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىل، تاكى جامائەت جەم بولۇپ، پەقەت سۈرەت شەكلىدىكى پەرقلەرنى بىر تەرەپ قىلايلى. بىز ھەممىمىز يىگانە دەرەخنىڭ شاخلىرى، يىگانە قوشۇننىڭ نەۋكەرلىرىمىز» دەپ ئېيتقانىكەن. مەۋلانە رۇمىينىڭ بۇ قىسقىغىنە بايانى بىزگە «ۋەھدەت مەيى» گە مۇيەسسەر بولغانلار پەقەت كۆرىنىش جەھەتتىكى پەرقلەردىن مۇستەسنا بولۇپ «بىرلىك» تىن ئىبارەت يەككىلىكە، يەنى ۋەھدەتكە يېتىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇ خىل بىرلىكنى ئەلۋەتتە جەم ۋە مەيگە ئىنتىلىپ تۇرغان، ۋۇجۇدىنى پاكلاپ ئىلاھىي ئىشقتىن مەستخۇش بولۇشقا تەييارلانغان كىشىلەر ئادا قىلالايدۇ.


سەن گۇماندىن قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئىرۈر

بىلمەيىن نەفئ ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن زاھىدا

ئەي زاھىد، سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جام بىلەن مەي مەۋجۇت، بۇنى بىلمەستىن مەيخانا ئەھلىنى قوغلىما)


          بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان زاھىد – دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلگەن، لېكىن روھىي كامىللىق ھاسىل قىلالمىغان كىشىگە، مەيخانا قەلبى پاك ئارىفلارنىڭ يېغىلىدىغان ئورنىغا سىمۋۇل قىلىنغان.

تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان زاھىدلىق ئىقىمى ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتىشىشنىڭ ئاۋانگارت يولى ئىدى. زاھىدلار ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتىشىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئالاھقا ئىبادەت قىلىشنى، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈشنى تەرغىپ قىلاتتى. لېكىن تەسەۋۋۇپنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان «ئىلاھىي ئىشىق»، «ۋەھدەتى ۋۇجۇد»، «فەنا» قاتارلىق ئىقىملار زاھىدلىقنىڭ پەقەت بىر خىل تاماگەرلىكنى خارەكتىر قىلغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زاھىدلىقنى تەنقىد قىلىدىغان سۆز – ئىبارىلەر، شېئىىري مىسرالار ۋە ئاجايىب پاساھەتلىك جۈملىلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. زاھىدلىقنى تۇنجى بولۇپ تەنقىد قىلغان كىشى يەسسەۋىيە تەرىقەت ئىقىمىنىڭ بەرپاچىسى خوجا ئەھمەد يەسسەۋىي بولۇپ، ئۇ بىر شېئىرىدا زاھىدلىقنى قارلاپ ئاشىقلىقنى تەرغىپ قىلىپ مۇنداق يازغان:


قۇل خاجەئەھمەد زاھىد بولما ئاشىق بولغىل

بۇ يوللاردا بىباك يۈرمە سادىق بولغىل

         دېمەك، «ئىشق» قارىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان زاھىدلىقنى ئىنكار قىلىش، ئۇنى شەكىلۋازلىق، ئالدامچىلىق، رىياكارلىق ھېسابلاپ  تەنقىدلەش، سۆكۈش خاھىشلىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ، تەسەۋۋۇپدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنىدى. مانا بۇ نەۋايىنىڭ بۇ بېيتتا زاھىدلىقنى قامچىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. شۇڭا شائىر ئەي زاھىد، سەن گۇمان قىلغاندىنمۇ باشقا مەي بىلەن جام مەۋجۇدتۇر، بۇي مەي بىلەن جام قەلبنى پاكلاش ۋە ئارىف قەلبكە ئىگە بولۇشتۇر، سەن بۇنى بىلمەستىن ئارىفلىققا يېتىشىش ئۈچۈن يېغىلغان تەرىقەت ئەھلىنى قوغلاپ يۈرمە، دېيىش ئارقىلىق زاھىدلىقتىن ئاشىقلىقنى، يەنى خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن، خۇداغا ئاشىق بولۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.


تەشنەلەپ ئولما نەۋايى چۇن ئەزەل ساقىسىدىن

ئەشرەبۇ يائەييۇھەل ئەتشان كىلۈر ھەر دەم نىدا

(ئەي نەۋايى، تەشنا بولما، چۈنكى تەقدىر ساقىيسىدىن «ئەي تەشنالار، ئىچىڭلار» دەپ ھەر نەپەستە نىدا كېلىۋاتىدۇ).


       بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان تەقدىر ساقىيسى – ئاللاھ بولۇپ، شائىر ئەي نەۋايى، سېنىڭ تەشنالىقىڭنى بىلگەن بۇ تەقدىرنىڭ ساقىيسى بولغان ئاللاھتىن «تەشنالىقىڭنى ئىلاھىي ئىشق بىلەن قاندۇر» دەپ نىدا كېلىۋاتىدۇ، دېيىش ئارقىلىق شائىر تەرىقەت ئەھلىنى ئىلاھىي ئىشق ئارقىلىق قەلبىدىكى تەشنالىقنى قاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.  بۇ يەردىكى «تەشنالار» بولسا قەلبى ئىلاھىي ئىشققا تەقەززا بولغان چىن ئاشىقلاردۇر.

        يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، نەۋايىنىڭ بۇ غەزىلىدە مەي ۋە جامنى تەرىپلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇپىي ئىدىيەسىنى نامايان قىلغان. دېمەك ئەلىشىر نەۋايىنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەسەۋۋۇپ زور رول ئوينىغان.

          بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، نەۋايى ئىجادىيىتىدىكى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش  كۆڭۈلنىڭ مەسچىد - خانىقاغا ئەمەس مەيخانىگە مايىللىقى مەزمۇن قىلىنغان، جام ۋە مەي تەرغىباتى ئەكىس ئەتكەن مىسرالاردا ئىپادىلەنگەن ئىددىيەنىڭ تەسەۋۋۇپىي ئاساسى بار ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، شائىرنىڭ ئىددىيەسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا غايىۋىيلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشلار ئىلمى تەتقىقاتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

          دەر ھەقىقەت نەۋايىمۇ بىر ئىجتىمائىي شەخس. ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى ھەممە مىسرالار نوقۇل تەسەۋۋۇپقىلا بېغىشلانغان ئەمەس. شائىر ئۆز ھاياتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە بولغان كۆز – قاراشلىرىنىمۇ ئۆز غەزەللىرىدە ئىپادىلىگەن. بۇنداق ئوچۇق قاراشلار ئەكىس ئەتكەن شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشلىرىگە قۇلايلىق بولغىنى بىلەن لېكىن بىز يۇقىرىدا تەھلىل يۈرگۈزگەن تەسەۋۋۇپ ئىددىيەسى بىلەن سۇغۇرۇلغان شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەرنى سەل گاڭگىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. مۇشۇ خىل گاڭگىراش تۈپەيلى نەۋايىغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان شائىرلارنىڭ ئىددىيەسى بۇرمىلانغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يەكۈنلەنمەكتە. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوتسىنتى، دوكتۇر ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەتنىڭ «تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى» ناملىك كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تەسەۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامەيەندىلىرى بولغان نەۋايى كەبى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى تەسەۋۋۇپىي ئىددىيەرلەرگە قارىتا كىشىلەردە مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىزمۇ مانا شۇ خىل چۈشەنچىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەزرەت نەۋايىنىڭ ئۇشبۇ غەزىلى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشقا جۈرئەت قىلدۇق.

ــــــــــــــــــــــــــــــ

①  ئاگاھ سىررى لەۋەند: «ئەلىشىر  نەۋايى»، 1 ـ جىلد، ئەنقەرە،  1965 ـ يىل نەشرى، 239 ـ بەت.

②ئىبراھىم ھەققۇل: «ئۆزبېك تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» – فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن يېزىلغان دىسسېرتاتسىيە، تاشكەنت، 1995- يىل، 34- بەت.

③ ئىبراھىم ھەققۇل: «مىراس ۋە ماھىيەت»، (ماقالىلەر توپلىمى)، «نەۋايىنى چۈشىنىش مۇشەققىتى» ماۋزۇلۇق ماقالە، تاشكەنت، 2008 – يىل نەشرى، 84 – بەت.

④ ئەلىشىر نەۋايى: «لىسانۇتتەير»، «بۇلاق»، 1994- يىل، 2- سان ، 93- بەت.

⑤ موللا سىدىق يەركەندى: «لىسانۇتتەير»، «بۇلاق»، 1993- يىل، 4 ـ سان، 85،-86 - بەتلەر.

⑥خاندەمىر: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، (مۇھەممەد تۇرسۇن سىددىق نەشرگە تەييارلىغان) «بۇلاق»، 2011 – يىللىق 3 – سان، 16 – بەت.

⑦ جالالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، (ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەت تەرجىمىسى)، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتى، 2007 – يىل نەشرى، 69 – بەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 03:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84919
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 04:34:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىنى تۇتۇپ يېزىپسىز،  بىلمەستىن بۇ كلاسسىك شائىرلىرىمىز ھاراقكەشمىدۇ؟ دەپ قالىدىغانلارمۇ بار. ئەدەبىياتتا ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز، ئىملاغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1569
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14209
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ شائىرنىىڭ نەزمىللىرىنى دىننى ئىتقادى  غەيرى ئىقىمدىكى كىشىلەر ياقتۇرغان بىلەن . كۆپ سانلىق ئسلام فىىقى ئالىملىرى ياقتۇرمايدۇ . بۇ يەردىكى سەۋەپ بۇ شائىرنىڭ پۇتۇن شېئرلىردا كىنايە ،مەجاز ، ئوخشىتىش ....قاتارلىق سۈپەتلەر %90 دىن ئارتۇق قوللىنىلغان بولغاچقا كۆپ سانلىق كىشىلەر بىر قىتىملا ئەمەس بىر قانچە رەت ئوقۇسىمۇ . شېئرنىڭ ماناسىدىن ئاللاھقا سىغىنىش ،ئاللاھقا ئىشقى باغلاش توغۇرسىدا بىرەر مەنانى ئالدىراپ ھىس قىلالمايدۇ . بۇ شائېرنىڭ نەزمىللىرىنى چۈشىنش پەقەت تىل-ئەدىبىياتتا پىششىق ۋە تىل-سەنئىتى بابىدا يىتەرلىك بلىمى بار كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كىلىدۇ . شۇڭلاشقا شەرىقنىڭ كۆپ سانلىق ئىسلام ئالىملىرى بۇ شائېرنىڭ نەزمىللىرىگە سەلبىي باھا بەرگەن . دىمەك بۇ شائېر ئۈستدە تالاش-تارتىش توختاپ قالغىنى يوق .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 10:05 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 02:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى دەرىسلىكتىن باشقا يەردە كۆرۈش نىسىپ بولمىدى ماڭا

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:18:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       «بۇ شائىر» نىڭ «نەزمىلىرى» گە سەلبى باھا بەرگەن شەرقنىڭ كۆپ قىسىم ئىسلام ئالىملىرى كىملەر بولغىيتى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:18:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

.

      . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 10:18 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش