دۇتتارىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۆھتىرەم تور ئەھلى !!! ئۆزىمىزنىڭ سىماسى ،ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازى ،ئۆزىمىزنىڭ ئاھاڭى ،ئۆزىمىزنىڭ دۇتتارى نى پۈتكۈل كائىناتاتقا ئاڭلاتىپ زور تۆھبە –نەتىجە ياراتقان،شۇ ئىككى تارلىق دۇتتارىمىز بىلەن ئۇيغۇر كۈينى دوپپىسى بىلەن قوشۇپ دۇنيا سەھنىسىگە ئىلىپ چىققان پەخرلىك ئوغلانىمىزئابدۇرىھىم ھىيت ئاكا ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالدىدا ئىززەت ئىكرامىنى قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيتى دەپ قاراپ كۇنۇپكا تاختىسىنى تاس-تاس قىلىپ بىردىن – بىردىن بىسشقا مەجبۇر بولدۇم.
كەمىنە كەسپى يازغۇچى ياكى ناتىق بولمىساممۇ ئۆزەمنى چاغلىماي ،يۈرۈكۈمنىڭ قاتلىرىدىن ئۇرغىغان بىر ئوت، بىر مۇھەببەت تەسىرىدە ،پاساھەت دۇردانىلىرىنى ئۆزگىلەدەك ياغدۇرالماسلىق تۈپەيلى نۇمۇسقا قىلىش خەۋپىكە تەۋەككۈل قىلىپ ،‹‹دۇتتارىم››تىمىسىدىكى مەزكۈر تىمىنى ئەزىز دوسلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشقا جۈرئەت قىلدىم.
دۇنيادىكى ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزگە خاس ئاھاڭى ،مۇزىكىسى ،كۈيى بارئىكەن ھەربىر مىللەت شۇ كۈينى ئارزۇلاپ –ئامانلاپ قولدىن چۈشۈرمەي ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋام ئىتىدىكەن شۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭمۇ سازلىرىمىز ئارىسىدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ‹‹دۇۇتتار››ئىسىملىق چالغۇ بار ، ھەم بۇ دۇتتار مەخسۇس بىرسىگىلا ئىجاد قىلىنغاندەك ھەقىقى ۋايىغا يەتكۈزۇپ چالىدغان ئابدۇرىھىم .ھىيىت ئىسىملىق بىر چولپانىمىز بار ،چولپان دىسە كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ناخشا ،ياكى كىنودا داڭقى چىققان كىشىلەر كىلىدۇ ،لىكىن مىنىڭ دەۋاتقان چولپىنىم ئەقلىنى بىلگنىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئوبرازىنى ،ئاۋازىنى ،ئاھاڭىنى ،چۈشۈرۈپ قويماي ئەڭ موھىمى ئادىمىلىكتە ۋايغا يەتكەن ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزمىزنىڭ چولپانىمىزدۇر .
شۇنداق ،داڭلىق ئىتوتچىمىز زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى ،ئابدۇكىرىم .ئابلىز ئاكا توغرا ئىيتقان ‹‹ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى –ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار بىزنى قانداقمۇ ھۆرمەتلىسۇن››. ئابدۇرىھىم .ھىيىت ئاكا ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمەتكە ئىززەتكە لايىق مۇنەۋۋەر ئىنساندۇر.
مەلۇم ئىستىدات ئىگىسى ماڭا مۇنداق بىرسۆزنى ئىيتقان ئىدى: ‹‹ھاجىمدەك ئادەمنىڭ كەينىدە مىڭلاپ مۇرتى بولۇش كىرەك ››(ھازرقى تىلىمىز بويىچە چوقۇنغۇچىسى،تاماشىبىنى ،قوللۇغۇچىسى دىمەكچى)ئەلۋەتتە دۇتتار ناخشىسىنىمۇ ئاڭلايمىز لىكىن يەنىلا بەزى ياش چولپانلىرىمىزنىڭكىنى ئاڭلىغاندەك ئاڭلىيالمايمىز.ئەمىلىيەتتە دىققىتىمىزنى يىغىپ بىرقىتىم ئاڭلاپ چىقساق تارىخمىزنى ،مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى ،ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئىشقىلىپ قەلبىمىزدىكى ھەممىنى شۇ گۈزەل ئاھاڭ ۋە كامالەتكە يەتكەن ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ بىزگە ئارام بەخش ئىتىۋاتقىنىنى ھىس قىلىمىز.
ئابۇدۇرىھىم ھىيىت ئاكىمىزنىڭ كۈيلىرى ،مەيلى ھاياجانلانغاندابولسۇن ياكى مەيۈسلەنگەندە ۋەياكى دەرتلەرگە تولغاندا بولسۇن ھەرقانداق روھى كەيپىياتقا سىرداش دوست ،تەسەللى،بولغاندىن سىرت غەيرەت –شىجائەت ئاتاقىلالايدۇ.
ئۇنىڭ بۇقىتىمىقى پىلاستىنكا توپلىمىدا ئەڭ چوڭ ئۆزگىچىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلىرىمىز ۋەبىزلەر ئايرىپ كىلۋاتقان نۇرغۇن خەلىق ناخشىلىرىنى ئۇيۇرت-بۇيۇرت دىمەي ھەممىسىنى ئوخشاشلا <<ئۇيغۇر خەلىق ناخشى >>دەپ ئاتىغانلىقىدا ،ئۇنىڭ بۇناخشىلارنى يۇرتلارغا تارقىتىۋەتمەي بارلىق خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تەۋە دەپ قاراپ بىز ئاتاپ كۆنۈپ كەتكەن بەزى يۇرت ناخشىلىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسى دەپ ئاتىشى ھەقىقەتەن قايىلىلىقىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ.
ئۇنىڭ بۇنداق ئاتىشى مەدىنەيەت تالىشىپ ئاداۋەت كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بولسا كىرەك.
ئۇشبۇ ۋەجىدىن شۇنداقلا ئۇ پىلاستىنكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزمنى باسالماي لايىقىدا بولمىسىمۇ بىرپارچە شىئىر بىلەن شۇپىلاستكىسىغا بولغان رەھمىتىمنى تور ئەھلىنىڭ ئالدىدا سۇنۇشنى لايىق تىپىىپ تۆۋەندىكى ‹‹دۇتتار شاھىغا مەدىھيە ››ناملىق شىئىرىمنى نەخ مەيداندا سۇنالمىغان گۈل سۈپىتىدە سۇندۇم،كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىيلىككە تولغان يۈرەك سادارىمدىن تەڭ بەھىرلىنىشىنى ئارمان قىلمەن رەھمەت.
دۇتتار شاھىغا مەدىھيە
شۇنداق بىركۈچۈم بولسىدى :ئاۋازىنى ھەم دۇتتارىمىزنىڭ ساداسىنى پۈتكۈل كائىنات-مەۋجۇداتقاداۋام ئاڭلاتسام.
شۇنداق بىرشارائىتىم بولسىدى :ھاياتىنى ئەزىىز خەلقىنىڭ مەنۋىيتى ئۈچۈن سەرىپ ئەتكەن بۇ بۈيۈك ئوغلاننىڭ ئەبەدلىك خىزمىتىدە بولسام.
ئاتام دەيتتى‹‹بىيجىڭدا بىرى بار،
يۈرەكىدە قۇملاركەبى سىرى بار.
بىرتال دوپپا ھەم مۇڭ دۇتتار،
نەخ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئوبرازى بار.››
ئاڭلاپ تۇرۇپ تىڭشاپ تۇرۇپ،
تىتىماي باشقائىزلەپ يۈرۈپ،
كەتتى كۈنلەر قالدى تۈنلەر،
ئىسىت كىرگەن ئەبجەش كۈيلەر.
شۇكرى بولدى ئۇمۇ كەلدى،
شۇكۈيلەردىن تاللاندى يۇلتۇز.
ئەمدى ئازماس مەن ۋە مەنلەر،
تىپىلدى چۈنكى ئىزلەنگەن قۇندۇز.
ياڭراق ئاۋازى ئويغاتتى بىزنى،
شوخ دۇتتارى سۆزلىدى سىرنى،
كىرىپ يات كۈي رەنجىتكەن دىلنى،
تازلىدى يوقاتتى ئۇ قارائىسنى.
سىياقى دەيدۇ‹‹ئەركەكمەن››،
سادارى دەيدۇ‹‹ھولقانمەن››،
دۇتتارى دەيدۇ‹‹گۇلخانمەن››،
ھاياتى دەيدۇ‹‹قۇربانمەن››.
سىزنى بەرگەن رەببىمگە رەخمەت،
سىزنى سۆيگەن دوسلارغا رەخمەت،
سايراتقان دۇتتارنى قولىڭىزمۇ،؟
رازى بولۇڭ بولاي ئىنىڭىزمۇ.؟
تىڭشارمىزئەبەتلىك بۇ ئىسىل كۈينى،
بىرىمىز كىرەككە بۇئەزىز جاننى.
دوسلار بارخەلىق بار توختىماڭ ئاكا،
دەيدۇ بارچە ‹‹كۈيلەرگە قاندۇرغىن يانا››.
ئايرىلمىسۇن قولىڭىز تارىدىن،
ئاۋازىڭىز ھەم مۇڭ نارىدىن.
تاھىر –زۆھرەلەر كەبى ،
ئايرىلمىسۇن خەلىق ئۆزيارىدىن.
يۈسۈپجان.بەرجەس
2012-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 02:06 PM