مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 8

شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياۋرۇپالىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى ماددى ۋە مەنىۋى مەدىنىيەتلەر پەرقى !!!

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا دۇنيا خەرىتىسىنى كۆرۈشكە بەك قىززىقاتتىم. دەرىستىن چۈشكەن ئونبەش مىنۇتلۇق تەنەففۇس ۋاقىتلىرىمدىمۇ سىنىپىمىزنىڭ تېمىغا ئېسلغان چوڭ ھەجىملىك دۇنيا خەرىتىسىگە ئىشتىياق بىلەن قارايتىم. مۇئەللىممۇ مىنىڭ بۇ قىززىقىشىمنى كۆرۈپ بەك ھەۋەس قىلاتتى. جۇغراپىيەگە ئائىت سوئال سورىماقچى بولسا دائىم مەندىن سورايتى. مەنمۇ جاۋاب بېرىشكە ئامىراق ئىدىم. باشقا دەرىسلەردە بىراز ئارقىدا قالساممۇ لېكىن جۇغراپىيەدە دائىم ئالدىنقى ئورۇندا ماڭاتتىم. مېنى قىززىقتۇرغىنى ئۇمۇمى ھەجمى بىر كۇۋادىرات مېتىر كىلىدىغان بۇ بىرپارچە قەغەزگە يۈزىگە پۈتۈن دۇنيا-يەريۈزى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى. يەنە بىر تەرپتىن شۇ جۇغراپىيەدىكى تۈرلى رايۇنلار، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئالاھىدە پەرقىلىق بۇلىشى، شۇ جايلاردا ياشىغانلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، مىللەت ئىسىملىرىنىڭ پەرقىلىق ئاتىلىشى قاتارلىقلارنى مۇئەللىمدىن ناھايىتى قىززىقارلىق ئۇسلۇبتا ئاڭلىشىم ئىدى. يەنە بۇنداق قىززىقىش تۇيغۇسى، يۇرتىمىزدىن سىرىتقا چىقمىغانلىقىم، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتمىغانلىقىم بولسا كېرەك. ئۇ زامانلار يۇرتىمىزدا باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان ھىچكىم يوق ئىدى. ئەتىياز ۋە كۈز كۈنلىرىدىلا ئۆيىمىزگە بىرقانچە قىرغىز كىشىلەر كېلەتتى. ئۇلار ئۆيىمىزدە بىر-ئىككى كۈن تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تائاملار بىلان كەڭ-تاشا غىزالانسا، ئاتلىرىنى ئۆيىمىزدىكى ساندۇقتا ساقلىغان نورمۇلۇق بۇغداي-قۇناقلاردا يەملەندۈرەتتى. ئۆزلىرى يەنە، بىزدىن ۋە باشقا خوشنىلاردىن بولۇپ، بىرەر تاغاردىن گۇرۇچ، بىرقانچە كىلو سۇيېغى توپلاپ، كېيىن تاققا قاراپ يول ئالاتتى. دادامنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ھەريىلى بىزنىڭ قويلىرىمىزنى تاققا ئاپىرىپ بېقىپ بىرىدىغان چارۋۇچى دوستلار ئىكەن. ئۇ چاغلار مەن ئەمدىلا 10 ياشقا تۇلىۋاتقان ۋاقتىم، كۆپ نەرسىلەر مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىلىنەتتى. "بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بىر چوڭراق بالىنىڭ گېپىگە كىرىپ يولدا كېتىۋاتقان بىر ئاتلىق قىرغىز كىشىنى ھەي "قىرغىز-قىرغىز" دەپ قويۇپتىمەن. نەدىن بىلەي، بۇ گېپىمگە ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كېلىدىغانلىقىنى. ئېتىنى مەن تەرەپكە بۇراپ، ئارقامدىن تاپ-باستۇرۇپ قوغلاپ ئۆيگىچە كەلدى. دادام رەھمەتلىك ماڭا بىرھازا كايىپ، ئۇ كىشىگە خېلى ئۆزۈرخالىق ئېيتىپ، ئاران يولغا سالغان ئىدى. ئادەتتە بىرسى بىزنى ھەي "ئۇيغۇر" دىسە ھەرگىزمۇ ئاچچىقىمىز كەلمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ ئادەم بىزنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇرلىقىمىزنى بىلىدىكەندە، دەپلا قۇيىمىز.  توۋا، ھەممىمىز بىر ئىنسان، ھەممىمىز بىر ئىنساندىن ئاپىرىدە بولغان. بىراق رەڭگىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز، ئۆرۈپى-ئادەتلىرىمىز، خۇسۇسى كۈلتۈرىمىز، كىيىنىشىمىز، ھەتتا يەپ-ئىچىشىمىز، ئىنسانلار ئارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىشىمىز قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە، بىر-بىرىمىزگە زادىلا ئوخشىمايدىكەنمىز". مانا شۇلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ماڭا نىسبەتەن  شۇ چاغلاردىكى ھەممىلا ئادەم ئوخشاش بىرخىلدەكلا بىلىنەتتى. شۇڭا مەنمۇ دادامدىن دائىم يىراق تاغ ئارقىسىدا قانداق ئادەملەر ياشايدۇ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشامدۇ، بىزمۇ شۇ تاغ ئارقىسىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولمامدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى سورايتىم. داداممۇ سۇئاللىرىمغا تەپسىلى جاۋاپ بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش ئادەملەر ياشايدۇ، دەيتى. ئۇنداق بولسا نىمىشقا بارمايمىز ؟ نىمىشقا ئۇلار كەلمەيدۇ؟ دەيتىم. دادام بىراز تۇرۋېلىپ، بالام، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزنى ئاۋۇ جۇدۇن قاپلاپ كەتكەن مۇزلۇق تاغ ئايرىپ تۇرغاچقا، بىزمۇ ئۇلار تەرەپكە بارالمايمىز، ئۇلارمۇ بىز تەرەپكە كېلەلمەيدۇ دەيتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەشۇ جۇدۇنلۇق تۇمان قاپلىغان تاغ ئارقىسىغا بېرىپ بىر كۆرۈش ئىستىكى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، چوڭ بولسام شۇ تاغ ئارقىسىنى بىر كۆرۈمەن دىگەن ئارزۇ-ئىستىكىم شۇ كىچىك ۋاقتىمدىنلا يىتىلگەن ئىكەن.


ھازىر ئويلىسام، دۇنيا ئەنە شۇنداق ئاجايىپ سىرلىق قىسمەتلەر، رەڭگا-رەڭ مۆجىلەر بىلەن لىق تولغاچقا، بۇ دۇنيانىڭ تىلسىماتلىرىنى شۇ مەخلۇقاتلارنى يوق يەردىن پەيدا قىلغان بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلەلمەيدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ شۇ بالىلىق دەۋرىمدە ئارزۇ قىلغان يىراق يۇرتلارغىمۇ بېرىپ كۆرۈش ئارزۇيۇمغا ئېرىشتىم. ئوخشىمىغان تىل، ئوخشىمىغان رەڭ، ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقاد، ئوخشىمىغان ئۆرفى-ئادەت، يەنە ئوخشىمىغان مىللى مەدىنىيىئەتلەر بىلەن ئۇچراشتىم، بۇ رەڭگارەڭ جەمىيەتتە بارچە ئىنسانلار ئۆز ئارا تىل تېپىشىپ باراۋەر ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. "بەلكى بۇلارمۇ بۇنداق شارائىتقا كەلگىچە، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغىق يىللارنى، جۇدۇنلۇق تۇمان تاغلارنىڭ مۇساپىسىنى بەسىپ ئۆتكەندۇ". گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك چۈشەنچە، بىردەك ئېتىقادتا بولمىسىمۇ، ئۆزلىرى بىرلىككە كەلگەن بىر تەرتىپ-تۈزۈم بىلەن ئۆزلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىقتىدارلىقلار ئىقتىدارسىزنى بوزەك قىلىدىغان، پۇلدارلار پۇسىزنى كەمسىتىدىغان، كۆپ جەمەتلىكلەر ئازساندىكى يالغۇزلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ مەدىكار قىلىۋالىدىغان، ئىنسانى چىرىكلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىيات بەيكىسىدە بىرقانچە قەدەمنى بالدۇر باسقانلىقى سەۋەپلىك، بىزگە ناھايەت جۇدۇن-تۇمان كۆرۈنگەن شۇ تاغ ئارقىسىدىكى جۇغراپىيەلەرنىڭ خېلى كۆپلىگەن جايلىرىدا، خېلى بۇرۇنلا ئىللىق مۇھىت ھازىرلانغان ئىكەن. خۇسۇسەن شىمالى ياۋرۇپا تەرەپلەرگە بارسىڭىز، بىرەر ئاچ-يالىڭاچ، ئۆي-ماكانسىز ئادەمنى تاپالمايسىز. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى تامامەن بىرخىل لاھىيە-سېستىما ۋە بىرخىل شەكىلدە سېلىنغان. ئۆيلەرنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسىدىن ھەرگىزمۇ ماۋۇ ئۆي بايلارنىڭ، ماۋۇ ئۆي كەمبەغەلنىڭ دەپ ئايرىيالمايسىز. پەقەتلا پەرىق قىلىدىغىنى، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى خۇسۇسى  بۇيۇملار. ئۆي بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتا ھەركىم ئۆزى خالىغان مودەلنى تاللاپ ئالغاچقا، پەرقىلىق كۆرۈنىدىغان يەرلىرى شۇلار ئىكەن. باشقا تەرەپلىرى تامامەن بىردەك.


مىنى ھەممىدىن بەكرەك ئويلاندۇرغىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خاتىرجەملىك بولماستىن، بەلكى ئۇلاردىكى سەمىمىلىك ۋە جىدەلسىزلىك. شىمالى ياۋرۇپادا ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق ھاياتىمدا بىرەر ئورۇندا بولسىمۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال قاتتىق ئاۋازدا ۋاقىراپ، ئۆز-ئارا گەپ تالاشىپ جىدەللەشكەنلىكىنى زادىلا كۆرمۈدۈم. ئۇلار ئارىسىدا ھەرقانچە زىددىيەتلىك ئىش يۈزبەرسە ئۆزلىرى بىريەرگە كېلىپ چىرايلىق پۈتىشىۋالىدىكەن، ھەرگىزمۇ قاتتىق ئاۋاز چىقىرىشمايدىكەن. ئەگەر ھەرقانچە ھەق تەرەپ بۇلىشىغا قارىماي، قاتتىق ئاۋازدا توۋلىسا، ئېيىپتار تەرەپ ئۆزىنى قانۇن تەرپىدىن قوغداش ھوقۇقى بىلەن ھىمايە قىلىپ، ئۆزىگە تىلل تەككۈزمەيدىكەن. بۇ تۈزۈمنى ھەممە بىلگەچكە، بىربىرىگە قوپال سۆزلىمەي چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر ئوتتۇردىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا ئادۋۇكاتلارغا مۇراجەت قىلىپ، شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن سوت ئارقىلىق ھەل قىلىشىدىكەن. شۇڭا قانۇن ھىمايىچىلىرىنىڭ ئورنى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن.


ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ قانۇنى ھەق-ھۇقۇقى باشقىلار تەرپىدىن پايمال قىلىنغانلىقى ئوتتۇرغا چىقسا، مەزكۇر خاتالىققا بارچە خەلىق بىردەك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەق تەرەپكە بارچە كۇچى بىلەن ياردەملىشىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ھەربىر كىشى ئۆزىنى قانۇن بىلەن قوغداپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنىڭ  ۋە خۇسۇسى مال-مۈلكىنىڭ ئىككىنچى بىر شەخىس تەرپىدىن پايمال قىلىنىش، بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىراش تەھدىتلىرىدىن تامامەن خالى ياشايدىكەن. قانۇن ئالدىدا ھەربىر سەخىس باراۋەر ئورۇندا تۇرۇدىغان، ئادەملەر قانۇننى باشقۇرۇش ئەمەس، قانۇن ئادەملەرنى باشقۇرۇش تەرتىبى "نىسپى بولسىمۇ" ئەمىلىلىشىپ ماڭغاچقا، قانۇن ئەمىلى ئىجرا قىلغان شۇ جەمىيەت تۈزۈمى، ئۇ جەمىيەت كىشىلىرىنى ۋاقىتلىك بولسىمۇ خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، دەۋرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا دادىل قەدەم بېسىشقا كەڭ ئىمكانىيەت ھازىرلىغان ئىكەن.


ھەرنەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى، ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىندەك، بۇۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەن، تەرەققىياتقا يۇقىرى سەۋىيەدە يۈزلەنگەنلەرنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىق ھالىتى، ھەممە نەسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان، راھەت-پاراغەتنىمۇ پۇل بىلەن، مېھرى-مۇھاببەتنىمۇ پۇل بىلەن، پۇل بولسىلا ھەممىنى تاپقىلى بۇلىدۇ دەيدىغان، كۆزقاراش ئۇلارنىڭ ئىددىيەسىگە چۇقۇر سىڭگەنلىكى ئۈچۈن، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئائىلىلەر ئۆزئارا بىربىرىگە ھىساپلىماي پۇلبېرىش مۇئامىلىسى قىلىشسا، كۆپلىگەن ئائىلىلەر بىربىرىگە قەرىزگە بەرسە بېرىدىكەنكى، بىر ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۆزئارا بىكارغا پۇلبىرىش ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش دىگەن نەرسىنى بىلىشمەيدىكەن. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىرش بولسا، بىركۈنى بىر تۈرۈك دوستۇمنىڭ پىززاخانىسىغا تاماقلانغىلى كىردىم، يېنىمدا بىر شىۋىت ئەر-ئاياق باللىرى بىلەن تاماقلىنىۋېتىپتۇ، ئۇلار مەندىن بۇرۇنراق تۇرۇشتى، قارىسام كاسسا ئالدىغا ھەربىرى بېرىپ ئايرىم-ئايرىم پۇل تۆلەشتى. بەلكى ئۇلارنىڭ يىگگن تامىقى ئوخشىمىغان تۈردە بولسا شۇنداق قىلغاندۇ دەپمۇ ئويلۇدۇم، كېيىن تۈرۈك دوستۇمنىڭ دىيىشىچى ئۇلار دائىملىق خېرىدارلار ئىكەن، ھەرزامان كەلسە ھەربىرى ئوخشىمىغان يىمەكلەرنى بۇيرۇتۇپ، پۇلىنىمۇ ئايرىم-ئايرىم تۆلىشىدىكەن.  ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا، ئادەم كىچىكىدىن ئىقتىسادنى قانداق سەرىپ قىلىشنى بىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدىكەن. ئەگەر بالىسى مەكتەپ باشلاش يېشىغىلا توشقان بولسا، ئۇنىڭ ئايرىم بانكا ھىساۋى بۇلىدىكەن، ئېلىكترونلۇق ئاپاراتتىن پۇل ئېلىش ئىشى بولسىمۇ ئاتايىن شۇ بالىسىنىڭ قۇلىنى ئاپارات كۇنۇپكىسىغا باستۇرۇپ پۇل ئالىدىكەن.


بۇ ھالەتنى كۆرگىنىمدىن كېيىن بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەن-ئەنىۋى ئېسىل خىسلەت، ئائىلىۋى تەرتىپ-تۈزۈم، ئۆزئارا مېھرى-مۇھاببەت، ئاتا-ئانالارغا بولغان ئالى ھۆرمەت، قېرىنداشلارغا بولغان چەكسىز ئىززەت-ساداقەت، ئۇرۇق-تۇققانلارغا بولغان مېھرى-شەپقەت، خۇلۇم-خوشنىلارغا بولغان سەمىمى دوستلۇق، مەھەللە-جامائەتلەرگە بولغان ئېھتىرام، ھەر يۇرۇتلاردا بىرلىكتە ئۆتكىزىلىدىغان توي-مەرىكىلەر ئارقىلىق قەلبىمىزدىكى غەمكىنلىككە بېرىدىغان ئىللىق تەسەللى، كۆڭلىمىزدىكى بارلىق كىرلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ھېيىت-بايراملىق ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەتلىرىمىز، دۇنيانىڭ ھىچبىر يېرىدە تېپىلمايدىغانلىقىنى قايتا تۇنۇپ يەتتىم.


ئاخىرقى چۈشەنچەم شۇ بولدىكى— ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئارقىدا قالمايدىكەن، بەلكى ئادىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشقىلارنىڭ بىزدىن ھىچقانداق ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى يوقكەن، بەلكى بىزدىن ئۈگىنىدىغان(ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىنى بولمايدىغان) كۆپلىگەن تەرەپلىرى باركەن. مەنىۋى بايلىقتىن مەھرۇم قالغان ئىنساننىڭ ماددى بايلىقى، ئۇلارنى قانچىلىك بەخىتلىك قىلار ؟      


(ئەسكەرتىش— يۇقارقى پىكىرلىرىم ھەرگىزمۇ بىر مىللەت ئۈسىتىكى ئۇمۇمى خۇلاسە ئەمەس، مەن كۆرمىگەن ياكى بايقىمىغان كۆپلىگەن تەرەپلىرى بۇلىشى مۇمكىن، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە سەمىمى پىكىر بېرىشىنى ئۈتىنىمەن).


ئېھتىرام بىلەن  — مۆلجەرلى


2010-09-09




ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84868
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزەە مۆلجەرلى ئەپەندىم،،تىمىڭىزنى ئوقۇپ ياۋرۇپاغا بولغان چۈشەنچىم چوڭقۇرلاشتى،،مىسرانىمدىن تېتىملىق تىمىلار ئۈزۈلمىگەي....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملىك تىما ئوخشايدۇ دەپتمەن ، ئەمما ياخشى تىماكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:22:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى قىتىم يوللىنىپ قاپتۇ . << تەھرىرلەندى>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diyarm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 01:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76525
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-2-25
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قاچانمۇ بارامىزكىن تاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى چۈشەنچەم شۇ بولدىكى— ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئارقىدا قالمايدىكەن، بەلكى ئادىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشقىلارنىڭ بىزدىن ھىچقانداق ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى يوقكەن، بەلكى بىزدىن ئۈگىنىدىغان(ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىنى بولمايدىغان) كۆپلىگەن تەرەپلىرى باركەن. مەنىۋى بايلىقتىن مەھرۇم قالغان ئىنساننىڭ ماددى بايلىقى، ئۇلارنى قانچىلىك بەخىتلىك قىلار ؟

مۇنۇ چۈشەنچىڭىز ماڭا ھەقىقەتەن ياقتى . يەنە بىرگەپ بۇ ئەسەرنىڭ تېمىسىنىڭ ئاخىرىغا (2) دەپ  يېزىپ قويۇپسىز بېشى بار ئوخشىمامدۇ بۇنىڭ

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13404
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 8852 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 03:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىڭ قىتىم ئوقۇساقمۇ بىر قىتىم كۆرگەنگە يەتمەيدۇ . ئاللاھ خالىسا شۇ كۈنلەرگىمۇ نىسىپ قىلسۇن . ئاللاھ

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 02:01 PM
ئاخىرقى چۈشەنچەم شۇ بولدىكى— ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە، دۇ ...

سەمىمى ئىنكاسىڭىزغا ۋە ئىلھام بەرگنەڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەزكۇر تېمىنىڭ باشلىنىشلىرى بۇرۇن يوللانغان ئىدى. “شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر“ “شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر (1)“ “شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر (2)“
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 10:14 PM  


ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش