مودا
(ئۇچقۇنى)
جىمى ئەلگە ئىلىم-پەن ئوقۇش مودا،
بىزگىلا شۇ كىر-ئىللەت يۇقۇش مودا.
خەق ئالدىراش بىزچۇ بىز بىغەم ھۇرۇن،
ۋاقتىمىز جىق سۆز-چۆچەك توقۇش مودا.
كۈندە ئويۇن تاماششا چاي ئولتۇرۇش،
بىزدە غەپلەت، مەي-قاپاق سوقۇش مودا.
قىزدا ئىپپەت ئەردە ئەرلىك بۇرۇچ كەم،
تالاپ ۋىجدان ئەقلاقنى چوقۇش مودا.
يوقمۇ بىزدە ئويلىنىش غايە ئۈمىد،
بەلكى قاقشاپ ئەقىلنى نوقۇش مودا.
ئازمۇ دوراش ئوغرىلاش كۆمۈش سۆكۈش،
شۇنچە جىمجىت ئوي-پىكىر قوقۇش مودا.
سايلاشتى
(ئۇچقۇنى)
رەت-رەت بىنا چەت سەھراغا جايلاشتى،
ئاۋات كوچا يولمۇ قولمۇ مايلاشتى.
ھەر ساھەدە يۈكسىلىش زور ئۇشبۇ دەم،
يۇرت گۈلىستان يوقسۇز ئاۋام بايلاشتى.
ئىسىل پىكاپ كاتتا داچا ئولتۇراق،
توققۇزى تەل رەڭگىرويلار ئايلاشتى.
ھەممە خۇشال نىمە ئارمان نىمە غەم،
ھايات پەيزى سۈرۈپ كۆڭۈل تايلاشتى.
ئەپسۇس دۇنيا جىم قويمىدى ھېچكىمنى،
يات ھەۋەستە بەزمە سورۇن چايلاشتى.
چىگرا ھالقىپ شۈكرى تاقەت قانائەت،
بىر-بىرىنى ھەسەت بىلەن پايلاشتى.
كۆز تەگدىمۇ؟ ئاران كەلگەن بۇ بەخت،
ئاۋۇپ رىيا غورۇر ئىمان لايلاشتى.
نەپسى شەيتان سىلىپ دەي-دەي ناي-نايغا،
دىل ئىتىزى ھەي قەھەتتە سايلاشتى.
ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012.9.12
2012.9.12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 04:36 PM