مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3229|ئىنكاس: 21

ياۋرۇپالىقلار ۋە ئۇيغۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 06:31:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياۋرۇپالىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەر پەرقى !!!

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا دۇنيا خەرىتىسىنى كۆرۈشكە بەك قىززىقاتتىم. دەرىستىن چۈشكەن ئونبەش مىنۇتلۇق تەنەففۇس ۋاقىتلىرىمدىمۇ سىنىپىمىزنىڭ شىمالى تېمىغا ئېسلغان چوڭ ھەجىملىك دۇنيا خەرىتىسىگە ئىشتىياق بىلەن قارايتىم. مۇ'ئەللىممۇ مىنىڭ بۇ قىززىقىشىمنى كۆرۈپ بەك ھەۋەس قىلاتتى، جۇغراپىيەگە ئا'ئىت سو'ئال سورىماقچى بولسا دا'ئىم مەندىن سورايتى. مەنمۇ جاۋاب بېرىشكە ئامىراق ئىدىم. باشقا دەرىسلەردە بىراز ئارقىدا قالساممۇ لېكىن جۇغراپىيەدە دا'ئىم ئالدىنقى ئورۇندا ماڭاتتىم. مىنى قىززىقتۇرغىنى ئۇمۇمى ھەجمى بىر كۇۋادىرات مېتىر كىلىدىغان بۇ بىرپارچە قەغەزگە پۈتۈن دۇنيا-يەريۈزى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى. يەنە بىر تەرپتىن شۇ جۇغراپىيەدىكى تۈرلى رايۇنلار، ئۇ رايۇندىكى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئالاھىدە پەرقىلىق بۇلىشى، شۇ جايلاردا ياشىغانلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، مىللەت ئىسىملىرىنىڭ پەرقىلىق ئاتىلىشى قاتارلىقلارنى مۇئەللىمدىن ئاڭلىشىم ئىدى. بۇنداق قىززىقىش، يۇرتىمىزدىن سىرىتقا چىقمىغانلىقىم، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتمىغانلىقىم بولسا كېرەك. ئۇ زامانلار يۇرتىمىزدا باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان ھىچكىم يوق ئىدى. ئەتىياز ۋە كۈز كۈنلىرىدىلا ئۆيىمىزگە بىرقانچە قىرغىز كىشىلەر كېلەتتى. ئۇلار ئۆيىمىزدە بىر-ئىككى كۈن تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تائاملار بىلان كەڭ-تاشا غىزالانسا، ئاتلىرىنى ئۆيىمىزدىكى ساندۇقتا ساقلىغان نورمۇلۇق بۇغداي-قۇناقلاردا ئاز-تۇلا يەملەندۈرەتتى. ئۆزلىرى يەنە، بىزدىن ۋە باشقا خوشنىلاردىن بولۇپ، بىرەر تاغاردىن گۇرۇچ، بىرقانچە كىلو سۇياغ توپلاپ، كېيىن تاققا قاراپ يول ئالاتتى. دادامنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ھەريىلى بىزنىڭ قويلىرىمىزنى تاققا ئاپىرىپ بېقىپ بىرىدىغان چارۋۇچى دوستلار ئىكەن. ئۇ چاغلار مەن ئەمدىلا 10 ياشقا تۇلىۋاتقان ۋاقتىم، كۆپ نەرسىلەر مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىلىنەتتى. "بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بىر چوڭراق بالىنىڭ گېپىگە كىرىپ يولدا كېتىۋاتقان بىر ئاتلىق قىرغىز كىشىنى ھەي "قىرغىز-قىرغىز" دەپ قويۇپتىمەن. نەدىن بىلەي، بۇ گېپىمگە ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كېلىدىغانلىقىنى. ئېتىنى مەن تەرەپكە بۇراپ، ئارقامدىن تاپ-باستۇرۇپ قوغلاپ ئۆيگىچە كەلدى. دادام رەھمەتلىك ماڭا بىرھازا كايىپ، ئۇ كىشىگە خېلى ئۆزۈرخالىق ئېيتىپ، ئاران يولغا سالغان ئىدى. ئادەتتە بىرسى بىزنى ھەي "ئۇيغۇر" دىسە ھەرگىزمۇ ئاچچىقىمىز كەلمەيدۇ. بەلكى، بۇ ئادەم بىزنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇرلىقىمىزنى بىلىدىكەندە، دەپلا قۇيىمىز. بەزى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مىللى ئاتالغۇسىدىن چانامدۇ، ئىشقىلىپ ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيا ئاتالغۇسىنى ئاتىسا ئاچچىغى كىلىپ، جېنى چىقىدىكەن. ئۇلاردىن سەن قايسى تىلدا سۆزلەيسەن دەپ سورىسا، ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنى تىلغا ئالىدىكەن. توۋا، ھەممىمىز بىر ئىنسان، ھەممىمىز بىر ئىنساندىن ئاپىرىدە بولغان. بىراق رەڭگىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز، ئۆرۈپى-ئادەتلىرىمىز، خۇسۇسى كۈلتۈرىمىز، كىيىنىشىمىز، ھەتتا يەپ-ئىچىشىمىز، ئىنسانلار ئارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىشىمىز قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە، بىر-بىرىمىزگە زادىلا ئوخشىمايدىكەنمىز". مانا شۇلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ماڭا نىسبەتەن  شۇ چاغلاردىكى ھەممىلا ئادەم ئۇيغۇردەكلا بىلىنەتتى. شۇڭا مەنمۇ دادامدىن دائىم يىراق تاغ ئارقىسىدا قانداق ئادەملەر ياشايدۇ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشامدۇ، بىزمۇ شۇ تاغ ئارقىسىغا بەرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولمامدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى سورايتىم. داداممۇ سۇئاللىرىمغا تەپسىلى جاۋاپ بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش ئادەملەر ياشايدۇ، دەيتى. ئۇنداق بولسا نىمىشقا بارمايمىز ؟ نىمىشقا ئۇلار كەلمەيدۇ؟ دەيتىم. دادام بىراز تۇرۋېلىپ، بالام، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزنى ئاۋۇ جۇدۇن قاپلاپ كەتكەن مۇزلۇق تاغ ئايرىپ تۇرغاچقا، بىزمۇ ئۇلار تەرەپكە بارالمايمىز، ئۇلارمۇ بىز تەرەپكە كېلەلمەيدۇ دەيتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەشۇ جۇدۇنلۇق تۇمان قاپلىغان تاغ ئارقىسىغا بېرىپ بىر كۆرۈش ئىستىكى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، چوڭ بولسام شۇ تاغ ئارقىسىنى بىر كۆرۈمەن دىگەن ئارزۇ-ئىستىكىم شۇ كىچىك ۋاقتىمدىنلا يىتىلگەن ئىكەن.


ھازىر ئويلىسام، دۇنيا ئەنە شۇنداق ئاجايىپ سىرلىق قىسمەتلەر، رەڭگا-رەڭ مۆجىزىلەر بىلەن لىق تولغاچقا، بۇ دۇنيانىڭ تىلسىماتلىرىنى شۇ مەخلۇقاتلارنى يوق يەردىن پەيدا قىلغان بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلەلمەيدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ شۇ بالىلىق دەۋرىمدە ئارزۇ قىلغان يىراق يۇرتلارغىمۇ بېرىپ كۆرۈش ئارزۇيۇمغا ئېرىشتىم. ئوخشىمىغان تىل، ئوخشىمىغان رەڭ، ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقاد، ئوخشىمىغان ئۆرفى-ئادەت، يەنە ئوخشىمىغان مىللى مەدەنىيىئەتلەر بىلەن ئۇچراشتىم، بۇ رەڭگارەڭ جەمىيەتتە بارچە ئىنسانلار ئۆز ئارا تىل تېپىشىپ باراۋەر ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. "بەلكى بۇلارمۇ بۇنداق شارائىتقا كەلگىچە، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغىق يىللارنى، جۇدۇنلۇق تۇمان تاغلارنىڭ مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەندۇ". گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك چۈشەنچە، بىردەك ئېتىقادتا بولمىسىمۇ، ئۆزلىرى بىرلىككە كەلگەن بىر تەرتىپ-تۈزۈم بىلەن ئۆزلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىقتىدارلىقلار ئىقتىدارسىزنى بوزەك قىلىدىغان، پۇلدارلار پۇلسىزنى كەمسىتىدىغان، كۆپ جەمەتلىكلەر ئازساندىكى يالغۇزلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ مەدىكار قىلىۋالىدىغان، ئىنسانى چىرىكلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىيات بەيگىسىدە بىرقانچە قەدەمنى بالدۇر باسقانلىقى سەۋەپلىك، بىزگە ناھايەت جۇدۇن-تۇمان كۆرۈنگەن شۇ تاغ ئارقىسىدىكى جۇغراپىيەلەرنىڭ خېلى كۆپلىگەن جايلىرىدا، خېلى بۇرۇنلا ئىللىق مۇھىت ھازىرلانغان ئىكەن. خۇسۇسەن شىمالى ياۋرۇپا تەرەپلەرگە بارسىڭىز، بىرەر ئاچ-يالىڭاچ، ئۆي-ماكانسىز ئادەمنى تاپالمايسىز. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى تامامەن بىرخىل لاھىيە-سېستىما ۋە بىرخىل شەكىلدە سېلىنغان. ئۆيلەرنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسىدىن ھەرگىزمۇ ماۋۇ ئۆي بايلارنىڭ، ماۋۇ ئۆي كەمبەغەلنىڭ دەپ ئايرىيالمايسىز. پەقەتلا پەرىق قىلىدىغىنى، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى خۇسۇسى  بۇيۇملار. ئۆي بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتا ھەركىم ئۆزى خالىغان مودېلنى تاللاپ ئالغاچقا، پەرقىلىق كۆرۈنىدىغان يەرلىرى شۇلار ئىكەن. باشقا تەرەپلىرى تامامەن بىردەك.


مىنى ھەممىدىن بەكرەك ئويغا سالغىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خاتىرجەملىك بولماستىن، بەلكى ئۇلاردىكى سەمىمىلىك ۋە جىدەلسىزلىك. شىمالى ياۋرۇپادا ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق ھاياتىمدا بىرەر ئورۇندا بولسىمۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن قاتتىق ئاۋازدا ۋاقىراپ، ئۆز-ئارا گەپ تالاشىپ جىدەللەشكەنلىكىنى كۆرمۈدۈم. ئۇلار ئارىسىدا ھەرقانچە زىددىيەتلىك ئىش يۈز بەرسە ئۆزلىرى بىريەرگە كېلىپ چىرايلىق پۈتىشىۋالىدىكەن، ھەرگىزمۇ قاتتىق ئاۋاز چىقىرىشمايدىكەن. ئەگەر ھەرقانچە ھەق تەرەپ بۇلىشىغا قارىماي، قاتتىق ئاۋازدا توۋلىسا، ئېيىپتار تەرەپ ئۆزىنى قانۇن تەرپىدىن قوغداش ھوقۇقى بىلەن ھىمايە قىلىپ، ئۆزىگە تىل تەككۈزمەيدىكەن. بۇ تۈزۈمنى ھەممە بىلگەچكە، بىربىرىگە قوپال سۆزلىمەي چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر ئوتتۇردىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا ئادۋۇكاتلارغا ئىلتىماس قىلىپ، شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن سوت ئارقىلىق ھەل قىلىشىدىكەن. شۇڭا قانۇن ھىمايىچىلىرىنىڭ ئورنى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن.


ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ قانۇنى ھەق-ھۇقۇقى باشقىلار تەرپىدىن پايمال قىلىنغانلىقى ئوتتۇرغا چىقسا، مەزكۇر خاتالىققا بارچە خەلق بىردەك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەق تەرەپكە بارچە كۇچى بىلەن ياردەملىشىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ھەربىر كىشى ئۆزىنى قانۇن بىلەن قوغداپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنىڭ  ۋە خۇسۇسى مال-مۈلكىنىڭ ئىككىنچى بىر شەخىس تەرپىدىن پايمال قىلىنىش، بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىراش تەھدىتلىرىدىن تامامەن خالى ياشايدىكەن. قانۇن ئالدىدا ھەربىر سەخىس باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان، ئادەملەر قانۇننى باشقۇرۇش ئەمەس، قانۇن ئادەملەرنى باشقۇرۇش تەرتىبى "نىسپى بولسىمۇ" ئەمىلىلىشىپ ماڭغاچقا، قانۇن ئەمىلى ئىجرا قىلغان جەمىيەت تۈزۈمى، بۇ جەمىيەت كىشىلىرىنى ۋاقىتلىك بولسىمۇ خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، دەۋرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا دادىل قەدەم بېسىشقا كەڭ ئىمكانىيەت ھازىرلىغان ئىكەن.


ھەرنەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى، ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىندەك، بۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەن، تەرەققىياتقا يۇقىرى سەۋىيەدە يۈزلەنگەنلەرنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىق ھالىتى، ھەممە نەسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان، راھەت-پاراغەتنىمۇ پۇل بىلەن، مېھرى-مۇھاببەتنىمۇ پۇل بىلەن تاپقىلى بۇلىدۇ دەيدىغان، ئاڭ ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە چۇقۇر سىڭگەنلىكى ئۈچۈن، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئائىلىلەر بىر-بىرىگە ھىساپلىماي پۇل بېرىش مۇئامىلىسى قىلىشسا، كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە قەرىزگە بەرسە بېرىدىكەنكى، بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا بىكارغا پۇل بىرىش ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش دىگەن نەرسىنى بىلىشمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا، ئادەم كىچىكىدىن ئىقتىسادنى قانداق سەرىپ قىلىشنى بىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدىكەن. ئەگەر بالىسى مەكتەپ باشلاش يېشىغىلا توشقان بولسا، ئۇنىڭ ئايرىم بانكا ھىساۋى بۇلىدىكەن، ئېلىكترونلۇق ئاپاراتتىن پۇل ئېلىش ئىشى بولسىمۇ ئاتايىن شۇ بالىسىنىڭ قۇلىنى ئاپارات كۇنۇپكىسىغا باستۇرۇپ پۇل ئالىدىكەن.


بۇ ھالەتنى كۆرگىنىمدىن كېيىن بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى خىسلەت، ئائىلىۋى تەرتىپ-تۈزۈم، ئۆزئارا مېھرى-مۇھاببەت، ئاتا-ئانالارغا بولغان ئالى ھۆرمەت، قېرىنداشلارغا بولغان چەكسىز ساداقەت، ئۇرۇق-تۇققانلارغا بولغان مېھرى-شەپقەت، خۇلۇم-خوشنىلارغا بولغان سەمىمى دوستلۇق، مەھەللە-جامائەتلەرگە بولغان ئېھتىرام، يۇتلاردا بىرلىكتە ئۆتكىزىلىدىغان توي-مەرىكىلەر، قەلبىمىزدىكى غەمكنلىككە بېرىدىغان ئىللىق تەسەللى، كۆڭلىمىزدىكى بارلىق كىرلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ھېيىت-بايراملىق ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەتلىرىمىز، دۇنيانىڭ ھىچبىر يېرىدە تېپىلمايدىغانلىقىنى قايتا تۇنۇپ يەتتىم.


ئاخىرقى خۇلاسەم شۇ بولدىكى— ئۇيغۇرلار ھەرساھەدە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئارقىدا قالمايدىكەن، بەلكى ئادىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشقىلارنىڭ بىزدىن ھىچقانداق ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى يوقكەن، بەلكى بىزدىن ئۈگىنىدىغان(ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىنى بولمايدىغان) كۆپلىگەن تەرەپلىرى باركەن. مەنىۋى بايلىقتىن مەھرۇم قالغان ئىنساننىڭ ماددى بايلىقى، ئۇنى قانچىلىك بەخىتلىك قىلار ؟      


(ئەسكەرتىش— بۇ پىكىرلىرىم ھەرگىزمۇ ئۇمۇمى خۇلاسە ئەمەس، مەن كۆرمىگن ياكى بايقىمىغان كۆپلىگەن تەرەپلىرى بۇلىشى مۇمكىن، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە سەمىمى پىكىر بېرىشىنى ئۈتىنىمەن).


ئېھتىرام بىلەن  — مۆلجەرلى

2010-09-09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 08:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:47:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئۇقۇرمەنلەر، يۇقارقى تېمىنى بىۋاستې توردا يازغاچقا كۆپلىگەن ئىملا خاتالىقلىرى باركەن ،توغرا چۈشىنىپ، تۈزۈتۈپ ئۇقىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن،  مۇمكىن بولسا تەھرىرىلەپ-تۇلۇقلاپ قويساڭلار.

رەھمەت.

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6548
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2867 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:50:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋرۇپالىقلاردىمۇ يوق خىسلەتلەر بىزدە بار، بىزدە يوقى ئۇلاردا ...

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83975
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشھۇر يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىمنىڭ ‹ئالتۇن چىشلىق ئىت› ھېكايىسىدىكى مۇنۇ بايانلار ئېسىمگە كەپ قالدى .‹ نېمىسىنى ئېيتاي ، چەت ئەللىكلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەملەركەن ، ئۇلارمۇ ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلايدىكەن ، قورسىقى ئاچسا تاماق يەيدىكەن...›
چەت ئەللككلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم . بەزى جەھەتلەردە بىزلەر بىز تېخى چەت ئەللىكلەردىن مۇكەممەلرەك بولىشىمىز مۇمكىن . لېكىن چەت ئەللىكلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ئادەتلىرى ، مۇھىت ئېڭى ، ئائىلە تەربىيىسى ، ئۆزلۈك ئېڭى ، پەقەت ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشلارغا يېقىندىن نەزەر سېلىپ ، بىۋاستە ئىپادە بىلدۈرۈشلىرى (مەسىلەن ، نەچچەيۈز مىڭ ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتانەچچە شەھەردە نامايىش قىلىپ دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشى ، ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلار ۋاھاكىزالار ...› ،ھەتتا ئەرمەك ھايۋانلارغىچە قوغداش قانۇنى چىقىرىپ ، ئۆزىنىڭ بىر ئائىلە ئەزاسى قاتارىدا كۆرىشى قاتارلىقلار كىشىنىڭ ھەۋەس ، ئىنتىلىشىنى قوزغايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم-ئادەمدەك ياشاش كىرەك،بىزنىڭمۇ يىچ يېرىمىز كەم ئەمەس،بىراق  قۇمدەك چېچىلاڭغۇ،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي ياشاۋاتقان ئىنسانلىرىمىز،خېلى كۆپ نىسپەتنى ئىگەنلەيدۇ.

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15947
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7071 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:21:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسىنى بىزدىن ئۈگەنگەن . مەدىنىيەت ئۇيغۇردىن ...

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6459
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ شۇ بىر نەرسە كەم يەنى تىرىشچانلىق ،ئىجادكارلىق روھى بولمىسا بىزدە ئەقىللىق مىللەت ئاز ئۇچىرايدۇ

گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 04:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپسىز!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2634
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9099
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 04:26:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا ئاپتاپنىڭ ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلقلارنى قوبۇل قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ يوغان چاغلىغانلىقىمىزدىن ، ھورۇنلۇق، كۆرگەن كۈنۈم مۇشۇ دەپ ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ئىدىيىسىدە يۈرگەچكە، بىر - بىرىمىزنىڭ كەينىدىن كوچىلاپ غەيۋەت قىلىپ مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان بىز...

ھايات پەيزىنى سۈرەلەيدۇ كىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33873
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4409
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 07:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت دەپتىكەن كونىلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش