yarun222 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 07:29 PM
جاھان كۆرمىگەن سەھرا قىزىنى ئالغاندا بىلەسىز
سىز نېمىگە ئاساسەن بۇ گەپنى دەيسىز ؟ تەنە قىلىۋاتامسىز ؟
ئەمەلىيەتتە ، ئاشۇ سىز ، مەن دېگەن سەھرا قىزلىرى ، بىر قىسىم شەھەر قىزلىرىدەك
ئالغان مائاشىنى ئورفىلەمنىڭ ، ئەمۋاينىڭ قىممەت باھالىق يۈز يۈيۈش ، ئاقارتىش
ھۆسىن تۈزەش ، ماي ـ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتسۇنچۇ ؟ ياسىنىپ ، كىيىمىنى پاكىز
ئوڭلاپ كىيسۇنچۇ ، ئاشۇ ئالىي مەلۇماتلىق بىلىم ئىگىللىرى ، قۇرسىقى قۇرۇق
نەزىرىيلەرگە تۇشۇپ كەتكەنلەر ئۇنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ .
گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلسام ، نەچچە يىل ئوقۇپ يەنىلا ئازغىنە مائاشقا ئىشلەۋاتقان
بىلىملىك بىلەن ، ساۋاتسىز باققالنىڭ كۆپ پەرقى يوق .
ئالىي مەكتەپ ، بىلىم توغرۇلۇق سۆزلەشمەيلى ! بۇنى ھازىر ئوقۇۋاتقانلاردىن
سورايلى ! ئۆزى جاۋاب بەرسۇن .
ئالىي مەكتەپنىڭ ھېچقانداق دەرىسلىكىدە قانداق ئادەم بولۇش ، ئەخلاق ـ پەزىلەت
جاھاندارچىلىق سەنئىتى ، پۇل تېپىش توغرۇلۇق دەرىسلەر ئۆتۈلمەيدۇ .
بىزگە پەقەت قانداق ئۆگىنىش توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىدۇ .
ئەلۋەتتە كۆپ ئوقۇمىغان سەھرا قىزى بولسىمۇ ئۆي تۇتۇشنى ، ئانا بولۇشنى ،
تاماق ئېتىشنى بىلسە ، بىلىم دىگەننى ، قىزىقىش بولسا ئۆيدە بالا باققاچ
ئۆگەنگىلى بولىدۇ . ھەر خىل كىتابلارنى ئىزچىل ھالدا ئوقۇپ بەرسە
ئۈنۋىرسال ساپاسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ھەتتا نەچچە يىل ئالىي مەكتەپ
تەربىيسى كۆرگەن كىشىلەردىن ئېشىپ كەتكىلى بولىدۇ .
مۇتلەق بولمىسىمۇ ، بىر قىسىم يىگىتلەرنىڭ كۆزلەيدىغىنى قىزنىڭ بىلىمى
ئەمەس ، بەلكىم مائاش كارتىسسىكى پۇل . شۇڭا ئوقۇغاننى تاللايدۇ .
ئەلۋەتتە مەن بىلىمسىز بولسىمۇ ئائىلە سەنئىتىنى بىلسىلا ، ئېتىقاد
غۇرۇرى بولسا كىشىلىك قارىشىمىز ، مىجەزىمىز چىقىشسا سەھرا قىزىنى
تاللايمەن . بىلىمنى سىيلىق سۆز ، ئىلمىي گەپ ، ياخشى كىتابلارنى
ئەكلىپ بېرىپ بىلىمنى ئۆيدە ئۆگىتىۋالىمەن .
بەك نادان ، جاھىل بولسا كۆتىگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 10:06 PM