مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6734|ئىنكاس: 101

ھىجابلىق خەنزۇ مۇسلىمە ۋە سۇمبۇل چاچ ئۇيغۇر قىزى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3322
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. پۈتۈن ھەمدۇسانا اللەغا خاستۇر، سۆزۈمدە خاتالاشقان بولسام، اللە مېنى مەغپىرەت قىلغاي!.
2005 -يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، مەن ئىسلامغا كىردىم. ياغلىقنى ئوراپ، مۇسۇلمان بولدۇم. ياغلىق ئارتىشغا دائىر ھېكايەممۇ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. ياغلىق ئارتقاندىكى ھېسسىياتىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئىسسىق بەلباغدىكى مالايسىيە دۆلىتىدە، چىرايلىق ئورىنىش مېنىڭ قوغدىغۇچى كۈنلۈكۇم بولدى. ناھايىتى كۈچلۈك قوياش نۇرى ئاستىدا، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ تىرەمگە رىئاكسىيە قىلىشىدىن ساقلايتى. چىرايلىق ئورىنىش يەنە مېنى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلدى. ھەر قېتىم مەن نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى كوچىغا چىققاندا، كىشىلەر مېنىڭ مالايسىيەچە كىيىنىپ ھەم خەنزۇچە سۆزلىگىنىمنى كۆرۈپ ھەيران ھالدا: سىز مالايسىيالىق ئەمەسما؟ دەپ سورايتى. مەن پەخىرلەنگەن ھالدا: مەن جۇڭگۇدىن كەلگەن، مەن جۇڭگۇلۇق مۇسۇلمان! دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. مەن يەنە ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن ئۇلارغا: ئىسلام دۇنياۋىي دىن، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ دىنى ئەمەس! جۇڭگۇدا نۇرغۇن مىللەتلەر ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دەيتىم. ئۇلار قايىل بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتاتتى. شۇ چاغلاردا مەن ئۆزۈمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدىم، چۈنكى مەن بىر مۇسۇلمان ئىدىم! شۇنىڭدىن بۇيان، مەن ئۆزۈمنىڭ ياغلىقىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم.
دەل شۇ كىچىككىنە ياغلىق، مېنى اللەنىڭ سىنىقىغا ئۇچراشتۇرغان، مېنىڭ ئېتىقادىمنى كۈچەيتكەن، اللەنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى ماڭا تېخىمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلدۇرغان ئىدى. مالايسىيا دىگەن بۇ مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق ئورىماسلىقى كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بىر ئىش سانىلىدۇ. دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بېشىمغا ياغلىق ئورىغانلىقىم ئۈچۈن، چۈشىنىشكە بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. ئالدى بىلەن خىزمەت بىر مەسىلە بولدى. قانداقلا بولمىسۇن، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قوبۇل قىلالمايتى، ئىسلامنى چۈشەنمەيتى. ئىككىنچىدىن، ياغلىق ئورىغىنىمغا خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ قىزىقسىنغانلىقىدىن، مەن كۆپچىلىكنىڭ تاماقتىن كېيىن سۆزلىشىدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدىم. بەلكىم مەندە توغرا ئېتىقاد بولغانلىقى، اللەغا بولغان كەسكىن ئىشەنچىم بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۇلارغا پەرۋا قىلمىسام بولىۋېرەتتى. ئەمما مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارغا نۇرغۇن بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسام كېرەك. بەزى تۇغقانلىرىم ھەتتا مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كۆرۈشۈشكە بېرىشىمنىمۇ رەت قىلدى. مەن بىر تاللا قىز بولغاچقا، ئاتا-ئانام ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى. مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى زور ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا بولغاچقا، ئۇلارمۇ ناھايىتى بېسىم ھىس قىلاتتى. ئۇلار تاقەتسىزلىنىشكە، مەن ئۈچۈن ئەنسىرەشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، دەل مۇشۇ ئورايدىغان ياغلىقىم، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى گۈدەك ۋە ئەركە بالا ئەمەسلىكىمنى داۋاملىق ئېسىمگە سالاتتى. بۇ چاغدىكى مەن مۇسۇلمان سۈپىتىدە كۆپچىلىككە يۈزلىنىشىم، مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن سەۋرچانلىقنى ئۈگەندىم. ياغلىق ئورىغانلىقىم ئۈچۈن قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك سۆزلەر ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىگە ئۈنسىز بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك. ئۆيدىكىلەر ھەر قېتىم مېنى ئەيپلىگەندە، مەن بۇرۇنقىدەك ئۈنۇمنى قويۇپ بېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن تاكاللاشمايدىغان، ياكى ئاچچىقىمدا ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتمەيدىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ، سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرىدىغان، ئىچىمدە اللەنىڭ ماڭا ئاسانلىق بېرىشىنى، اللەنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ چۈشەنمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيدىغان بولدۇم. مەن ياغلىقىمنى ئوراپ بازارغا چىقىپ سەي-كۆكتات سېتىۋالىدىغان، تاماق ئېتىدىغان، كىر يۇيۇپ ئۆيلەرنى تازىلاپ يىغىشتۇرىدىغان بولدۇم. بۇ ئىشلارنى بۇرۇن مەن پەقەت كۆزگە ئىلىپ قويمايتىم.
مەن يەنە دائىم بوۋام، موماملارنىڭ يېنىغا بېرىپ ھال سورايدىغان بولدۇم. بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن چاغان ئۆتكۈزگەن چاغلاردىلا، ئىككى مومامنىڭكىگە بېرىپ قوياتتىم. شۇندىمۇ مەقسەت بايراملىق پۇل ئېلىش بولاتتى. ھازىر دىنغا كىرگەن بىر يىلدىن بۇيانقى ئۈگىنىش جەريانىدا، مەن قانداق مۇسۇلمان بولۇش كىرەكلىكىنى، قانداق قىلىپ چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالغان ئىدىم. ھازىر ئۇلارنىڭكىگە پات پات بېرىپ، ياز كۈنلىرىدە ئۇلارنى يەلپۈگۈچ بىلەن يەلپۈسەم، قىش كۈنلىرى ئۇلارنىڭ يوتقانلىرىنى يېپىپ قويىدىغان بولدۇم. ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ياخشى بولمىغاچقا، ئادەمگىياھ دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ سوۋغا قىلالمىساممۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ مۇڭدىشاتتىم. ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ كۈلدۈرەتتىم. بۇلار مەن قىلالايدىغان ئىشلار ئىدى.
مەن بوشاشماي تىرىشتىم. چۈنكى مۇئەللىمىم ماڭا: ئەگەر سەن كۆپچىلىككە ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكى، ئىلغارلىقى، ياخشى تەرەپلىرىنى بىلدۈرمەكچى بولىدىكەنسەن، سەن ئۆزۈڭ شۇلارنى ئۆزلەشتۈرگىن. كۆپرەك ئىشلەپ، ئازراق سۆزلە، دىگەن ئىدى. مەن شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلدىم، چۈنكى مېنىڭ ئېتىقادىم توغرا ئىدى. شۇڭا، مەن ۋاز كەچمىدىم. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن كۆپچىلىككە ئىسلامچە ياشاشنىڭ ناھايىتى ئاددىي بولىدىغانلىقى، پەقەت ئىسلامنىڭلا ئادەمنى مۈكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى ئىدىم.
بۇ ۋاقىتتىكى مېنىڭ ياغلىقىم ھەرگىزمۇ بىر ئاددىي رەخت پارچىسى ئەمەس، ئۇ مېنىڭ ، ئىسلامنى خاتا چۈشەنگۈچىلەرنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشىم، سىرتقى دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشۇمغا ياردەم قىلىدىغان ھەمدە ئېتىقادىمنى پۇختىلايدىغان مۇستەھكەم ساۋۇتۇم؛ مەن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا ماڭا جىمجىت ھەمراھ بولىدىغان، مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى، باشقىلاردىن ئەمەس پەقەتلا اللەدىن ياردەم تىلىشىمنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ئەڭ يېقىن دوستۇم. ھەر قېتىم ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ماڭا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشنى، سەۋرچان بولۇشنى، اللەنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلساملا، مېنىڭ ھەرگىزمۇ زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالمايدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ يەنە مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستازىم، ئۇ ماڭا يالغۇز قىزغىنلىق بولسىلا ھەرگىز كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، داۋاملىق تىرىشىپ ئۈگىنىشىم، ئۆزۈمنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشۇم كېرەكلىكىنى، غورۇرلۇق، ئۆزۈمنى سۆيىدىغان، ئۆزۈمنى باشقۇرىدىغان، ئاكتىپ ۋە سەۋرچان، ئىلگىرىكى ناچار ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتىپ، بىر ئەلا مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمنى، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن مۇشۇ بىر پارچە ياغلىقنىڭ ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدىم.
ئاتا-ئانام مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىدى، ئۆيۈمدىكىلەر مېنىڭ ئىسلامنىڭ مېنى بۇرۇنقىدىن ئىش ئۇقۇشچان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار مېنىڭ ئېتىقادىمغا نىسبەتەن ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىمنى، مېنىڭ ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمنى، ھەرگىزمۇ چېكىنىدىغانلىقىم ياكى سۈلھ قىلمايدىغانلىقىمنى بىلدى. شۇڭا ئۇلار مېنى يالغۇز قالدۇرۇشنى توختىتىپ، ئاستا ئاستا مېنى چۈشىنىشكە باشلىدى. مەن ئىشسىز قالغان ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئۈن-تۈنسىز ھالدا مېنى قوللىدى، مەن ئۈچۈن ئامال ئىزدىدى. دەل مۇشۇ چاغلاردا، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بىر بىرلەپ ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتتى. بولۇپمۇ بوۋام مومام. بىر ئۆمۈر ئازغۇنلۇقتا ئۆتۈپ، ياشانغان ۋاقىتلىرىدا، اللە ئۇلارغا رەھمەت ئىشىكىنى ئاچتى، ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە ئېغىزىنى شاھادەت كەلىمىسى ئېيتقۇزۇپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانغا ئايلاندۇردى. بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن، ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئۆزگىرىش ئېدى! شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار دىنسىزلىقتىن ئۆزگىرىپ، اللەغا ئىشىنىدىغان مۇسۇلمان بولدى. ئۇلار جەننەت بىلەن دوزاق ئارىسىدا تاللاش قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى، دەسلەپكى ئازراق ئۆزگىرىش ـ ياغلىق ئوراشتىن باشلانغان ئىدى.
مەن يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ياغلىقىمنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ ياغلىق مېنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ بىزنى مەسجىتكە باشلىغان، مەسجىتتىكى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلار، ئۇستازلار ئاخۇنلار بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر قىلغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ياغلىققا بولغان ھېسسىياتىمنى، مېنىڭ ياغلىق ئوراش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمنى بىلىدۇ. بۇ كىچىككىنە ياغلىق مېنى كۆپچىلىكنىڭ مەدھىيلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۈردى. مەسجىتتىكى ئۇستازلار ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپلىق بىلەن مەن ئۈچۈن ئامال ئويلاپ، ئۆيۈمدىكىلەرنى قايىل قىلىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت تېپىشىپ بەردى. كۆپچىلىكنىڭ مەن ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان سىماسى ماڭا مەسجىتنىڭ ئىللىق ئائىلەم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلدۇردى. مەن مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى. ئاخىرى، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، مەن مەسجىتتە قوشۇمچە ئىشلەيدىغان ئوقۇتۇش خىزمىتى تاپتىم. خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇم ئاستا ئاستا رېتىغا چۈشتى.
رامازان ئېيىدا، اللە مېنى ياغلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپرەك ساۋاب ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. بۇ ھەقىقىي بىر ۋەقە: بىر قېتىم، مەن ئۆيۈمگە يېقىن بىر سودا سارىيىدا نەرسە ئېلىۋاتاتتىم، بىر پىرگازچىك قىزچاق ماڭا نەچچە قېتىم قارىۋېتىپ، ئەيمىنىپراق: سىز تۇنگانمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: مەن خەنزۇ، مۇسۇلمان بولغان. دېدىم. ئۇ سەل چۈشەنمىگەندەك بولدى. مەن ئۇنىڭ گاڭگىرىغان يوغان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ بىر تۇنگان قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ پاراڭلاشتىم. ئۆز ئارا تېلىفۇن نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە، بىز ئالاقىلىشىشقا باشلىدۇق. ئاندىن مەن ئۇنى شۇ ئەتراپتىكى مەسجىتكە باشلاپ كىردىم. تۇنجى قېتىم مەسجىتكە كىرگەن ۋاقىتتىلا، ئۇ ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتتى، ياغلىقنى ئوراپ، مەن بىلەن بىرگە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى. بىز تونۇشۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن رامازان كىردى. بۇ قىز مەندىن قانداق ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش توغرىلىق سورايتى، مەن بىلەن بىرگە روزا تۇتاتتى، بىرلىكتە مەسجىتكە ئىفتارغا باراتتۇق. مەسجىتتىكى ئۈگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىرلىكتە مەسجىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتۇق. ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۈگىنىپ، نەچچە ئون يىل مۇسۇلمان بوپ ئۆتكەن بەزى تۇنگانلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى. مەسجىتتىكى يۇرتداشلار قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى كۈتىۋالاتتى، ئۇستاز ئۇنىڭغا چىرايلىق مۇسۇلمانچە ـ ئىمان دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى. مەسجىتتىكى قېرىنداشلار ھەر قېتىملىق ئەرەب تىلى دەرسى بار چاغدا ئۇنىڭغا خەۋەر قىلاتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مانا شۇنداق ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇ ھەقىقىي بىر ۋەقە. ئۇ ماڭا، ياغلىقنىڭ دىننى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۈردى. بەزىدە، ئەمەلىي ھەرىكەتكە سېلىشتۇرغاندا، سۆزلەشنىڭ رولى كۈچسىز بولاتتى.
بۇمۇ مېنىڭ ياغلىق ئوراشتىكى ئىرادەمنى چىڭىتتى. ھەر قېتىم نەرسە سېتىۋالغان، ئىش بېجىرگەن ۋاقىتلاردا، مەن «تولۇق قۇراللىناتتىم»، مەيلى قانچىلىك ئىسسىق ياز كۈنلىرى بولسۇن، يەنىلا ئۇزۇن كېيىمىمنىڭ ئۈستىگە ياغلىقىمنى ئورايتىم. بۇ كىچىككىنە ياغلىق، بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكىدەك، ئورىسىمۇ ئورىمىسىمۇ بولىدىغان بىر شەكىل ئەمەس ئىدى. بۇ ياغلىق، مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى. مەن مۇسۇلمان، مەن اللەنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەڭداشسىز كۈچلۈكلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن اللەنىڭ تەلىپى بويىچە قىلىشىم كېرەك. اللەنىڭ تەلىپى نىمە؟ اللەدىن قورقۇش ۋە بويسۇنۇش، ئائىلە ئەزالىرىغا مۇلايىم بولۇش سەۋرچان بولۇش، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارنى يېتەكلەش، قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا كەڭ قوساق بولۇپ، ئۇلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەمدە بولۇش. ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەزاسىنىڭ بىر قىسمىدەك كۆيۈنۈش، چۈشەنمەيدىغانلارغا ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە ئىسلامنى يەتكۈزۈش، ئۆزىمىزگە قارىتا:«مۆئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، اللە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تولۇق خەۋەردار.(30). مۆئمىنەلەرگە ئېيىتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقىي زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقىي زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن...باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئى مۆئمىنلەر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اللەغا تەۋبە قىلىڭلار.(31)»(24-سۈرە) مانا بۇ اللەنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغانلىرى، مۇۋاپىق ھەم چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن. دىمەك ئاسان، قىلماق تەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ نەپسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز، ئۈگىنىش، ياغلىق ئوراش، ناماز ئوقۇش، رامازان تۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىنى اللە بىلەن مۇستەھكەم باغلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن بويسۇنغان بولىمىز، ھەم بىز بويسۇنغان ۋاقتىمىزدىلا، اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئۆزىمىز بىلەن اللەنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالايمىز. ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق قىلىپ ھەقىقىي ياشاشنى، ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ياشاشنى ھېس قىلالايمىز. مەن ئېتىقادىمنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ياغلىقىمنى ياخشى كۆرىمەن.
بۇ ماقالامنى بۇنداق تىزلا ئاياقلاشتۇرماقچى ئەمەس ئېدىم. ئەمما ئىككى كۈن ئىلگىرى، مەن توردا «كىم ياغلىق ئورىغان قىزغا خىزمەت تېپىشقا ياردەملىشەلەيدۇ» دەپ يازسام، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. شۇڭا، مەن بالدۇرراق ماقالامنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، كۆپچىلىككە ياغلىققا بولغان مۇھەببىتىمنى بالدۇرراق يەتكۈزۈشنى ئويلىدىم.ئالدى بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەمدە تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر زىدىيەتنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
راست، ياغلىق ئوراش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بىز ھەر بىر مۇسۇلمان ھەمشىرىلىرىمىزنى ياغلىق ئوراشقا ئىلھاملاندۇرىشىمىز كېرەك. مالايسىيادا بولغان بولساق، مەن بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن كوچىدا ماڭسام، مەن ياغلىق ئارتىپ ئۇ ئارتمىغان بولسا، كۆپچىلىك چوقۇم: ئۇ نېمىشقا ياغلىق ئورىمايدۇ؟ دەپ سورايدۇ.(بۇ يەنە جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغا چېتىلىدىغان مەسىلە) دۆلەت ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر، ھەتتا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرمۇ، دائىم مەندىن: نېمىشقا نۇرغۇن تۇنگان ئاياللار ياغلىق ئورىمايدۇ، سەن بىر خەنزۇ تۇرۇپ، نېمىشقا ياغلىققا بۇنچە كىرىشىپ قالىسەن؟ دەپ سورىغان.(بۇ بىز مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوبراز مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ)
ئىككىنچىدىن، ياغلىق ئوراش پەرز. ھىچقايسى ئاخۇن ياغلىق ئوراپ خىزمەت ئىزدەش مەسىلىسىنى سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۈگەنگەن، پەرزگە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر بىلىدۇ. ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. خىزمەت تاپالماسلىقتىكى قېيىنچىلىققا قارىتا، بىز قىزغىنلىق بىلەن ئامال ئويلىشىشىمىز، چارە تۈزىشىمىز، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش تورىدىن بىرنى قۇرىشىمىز كېرەك.بۇنداق بولغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئىتتىپاقلىشىپ بىرگە خىزمەت قىلىدۇ، بىرگە ناماز ئوقۇيدۇ، بىرگە روزا تۇتىدۇ. مۇسۇلمانلار سەمىمىي، ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان، قىزغىن، ئاقكۆڭۈل بىر جامائەت. ھەر قانداق بىر كارخانا بىزنى ئىشلەتسە زىيان تارتمايدۇ. بۇ بىز بىلەن كارخانىلار تەڭ مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى. ھازىر كەمچىل بولۇۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ۋاستە. ياكى بولمىسا، كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ، تېخىمۇ ياخشىراق بولغان چارە تۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممە ئىشنىڭ بېشى تەس، كېيىنچە بارغانسىرى ئاسان بولىدۇ.
سۆيۈملۈك دوستلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا-سىڭىللار، سىلەر مېنىڭ ھىكايەمنى كۆرۈۋاتقىنىڭلاردا، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مېنىڭ ئۆزگىرىشىم، مېنىڭ ياغلىق ئورىشىم سەۋەبىدىن، بىز پەخىرلىنىدىغان ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بىلگىنىڭلاردا، بىزنىڭ قايمۇقىۋاتقان ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ياغلىق ئورىغىنىم ئۈچۈن مەن بىلەن تونۇشۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا اللە ياخشى كۆرىدىغان يولغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، يەنە قانداقسىگە مېنى ياغلىقنى ئېلىۋەت دەپ نەسىھەت قىلىشقا كۆڭلۈڭلەر ئۇنايدۇ؟
بۇ بىر پرىنسىپ مەسىلىسى. خىزمەتنى بانا قىلىپ، دەسلەپتە ياغلىقنى ئېلىۋىتىپ، خىزمەت تاپقىنىڭلاردا، خوجايىنلىرىڭلار سىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەيدۇ، بىلگەندىمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن ناماز ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەيدۇ، شىركەتنىڭ ھاراق سورۇنلىرىغا سىلەرنى قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كېيىنچە، بىز خوجايىنلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىگە قارىتا ياق دىيەلمەيدىغان، نامازغا سەل قارايدىغان، قاتناشمىساقمۇ بولىدىغان سورۇنلارغا قاتنىشىدىغان بولىمىز. كېيىنچە ناماز تاشلىنىپ قالىدۇ، غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن.... ئەڭ ئاخىرىدا، بىز پەقەت چوشقا گۆشى يىمەيدىغانلا بىر جامائەت بولۇپ قالىمىز! بىز ئاستا ئاستا غەيرىي مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىمىز. ئەگەر مەن باشتا ياغلىق ئوراشتا چىڭ تۇرمىغان بولسام، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە سىرتتىكى كىشىلەر مېنى: ئىسلامنى چوڭ سانىمايدۇ، دەپ قاراپ، ئۇلارمۇ مېنىڭ ئېتىقادىمغا ھۆرمەت قىلمىغان بولاتتى. مەن ئۇلارغا كەسكىنلىك بىلەن ياق دىگەچكە، ئۇلار ئاستا ئاستا ماڭا ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇشتى. بىر گەپكە يىغىنچاقلىغاندا، ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە ئېتىبار بەرمىسەڭ، يەنە كىم ساڭا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ؟ پرىنسىپلىق مەسىلىلەردە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. بىزنىڭ ياشىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىز كۆپچىلىككە ئۆزىمىزنىڭ تاللىشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىمىز كېرەك، بۇ توغرا. شۇندىلا، بىز ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىگە سازاۋەر بولالايمىز. مانا بۇ اللە بىزگە ۋەدە قىلغان شان-شەرەپ.
«ئېتىقادىڭ كۆڭلۈڭدە بولسىلا بولىدۇ، ئۇنچە ئىپادىلەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، خىزمەت مۇھىم ئەمەسمۇ!»
شۇنى دىگۈم كېلىدۇ: ئالدى بىلەن، ئېتىقاد بىباھا، ئۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ بارچىسى. خىزمەت پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى، مەن بىباھا نەرسىنى قىممىتى چەكلىك بولغان نەرسىگە تېگىشەلمەيمەن! مەن بۇرۇن ئېلىكتىر سايمان بازىرىدا دىنىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىزغا يولۇققان، ئۇ قىز مېنى كۆرۈپ بەكلا سۆيۈنگەن ئىدى. چۈنكى مېنىڭ ياغلىقىم ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى بىراقلا قىسقارتقان ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئايلىقى بىر نەچچە يۈز يۈەنلىك خىزمەت ئۈچۈن ياغلىقىدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن. بۇ مېنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى. مەكتەپنىڭ تەربىيىسى، جەمئىيەت ئېتىبارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى. مەن ئۇنداق قىلمايمەن، چۈنكى ئىسلام ئىلغار بىر دىن، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان مۇسۇلمانلار ئالىيجاناپ، كەسكىن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشلارنى ياغلىق ئوراپ تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدۇ، پەقەت شۇ ۋاقىت تېخى كەلمىگەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ اللەنىڭ سىناقلىرىدىن بىرى.
ئىككىنچىدىن، ئېتىقاد بىلىش، ئىشىنىش، ئەمەل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قائىدىنى چۈشەنگەن، ئۇنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ئىشەنگەن ئىكەنمىز، ئەڭ ئاخىرىدا تۇرمۇشىمىزدا چوقۇم ئۇنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك. بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن جۇغلىنىپ توپلىنىدۇ. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەمەلىي كارتىنىسى. ئۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەپسانە ئەمەس. ئىشەنگەن ئىكەنسەن، چوقۇم ئەمەل قىلىشىڭ كېرەك!
مىسالغا ئالساق، ھازىر كوچىدا بەزى كىشىلەر پۇل تېپىۋېلىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، باشقىلار بۇنى ئەخمەقلىق دەپ قارايدۇ. ئەمما، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە، كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى ئالسا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار اللەنىڭ توغرا يولىغا ئىشەنگەچكە شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر پەقەت بىلىپلا قويۇپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمىسەك، تۇرمۇشىمىزدا چوقۇم مەسىلە كۆرۈلىدۇ. خۇددى جەمئىيەتتكى ئېتىقاد كىرىزىسىدەك، كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش، شىركەت بىلەن خادىم ئوتتۇرىسىدىكى سودا تالاش-تارتىشى دىگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ «قەلبىمىز»دە بار، «ئەمەلىيىتىمىز» دە يوق بولغاچقا كېلىپ چىققان. شۇنداقمۇ سوراپ باقايلى ئۆزىمىزدىن: زادى بىزنىڭ قەلبىمىزدە بارمۇ يوق؟ ئانام دائىم:«ئۆزۈڭ ئىشەنسەڭلا بولغىنى. ياغلىق ئورىمىساڭمۇ بولىدۇ. ئۇ پەقەتلا بىر شەكىل» دەپ، ياغلىقنى ئېلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن مەن ھەر قېتىمدا:«ئانا، سىزچە مەن ئاغزىمدىلا مەن سىزگە ۋاپادار دەپلا قويسام، لېكىن تاماق ئەتمەي، كىر يۇيماي، ئۆي ئىشلىرىغا قاراشماي، ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ قەلمەي، سىز قېرىغاندا سىزنى كۆزگە ئىلمىسام، ئەمما مەن سىزگە ۋاپادار دەپ توختىماي ئەسكەرتىپ تۇرسام، مەن زادى سىزگە ۋاپادار بولغان بولامدىم بولمامدىم؟» دەپ سۇئال قايتۇراتتىم.«مۇشۇنىمۇ ۋاپادارلىق دېگىلى بولامدۇ؟»،«مۇشۇنىمۇ ئېتىقاد دېگىلى بولامدۇ؟»، مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنگەنسىلەر؟
اللە بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى بۇيرۇمايدۇ، بۇ توغرا، مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇرئاندا، چوشقا گۆشىنىڭ مەينەتلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەسلىكىمىز، پەقەت ئامالسىز قالغاندىلا چەكتىن ئاشماي يىسەك، اللەنىڭ بىزنى ئەيپلىمەيدىغانلىقى سۆزلەنگەن. چۈنكى اللە ئىنساننى ياراتقان، ئۇ بىزگە نىمىلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، نىمىلەرنى مۇۋاپىق چەكلەشنى بىلىدۇ. چەكتىن ئاشۇرۋېتىش ياكى يىتەرلىك قىلماسلىقنىڭ ھەر ئىككىسى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئەمما ئالدىنقى شەرتى بىز نىمىلەرنىڭ پەرز، چوقۇم ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك، نىمىلەرنىڭ سۈننەت، ئۈگىنىش ئارقىلىق چۈشەنگەندىن كېيىن، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىپ، نەتىجىسىنى اللەغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك.(قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن نامۇۋاپىق ھالدا نەقىل كەلتۈرۈشمۇ گۇمراھلىق) ئەتراپقا قاراپ باقايلى، قانچىلىك ئادەملەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تىرىشچانلىقىنى تولۇق كۆرسەتتى. مېنىڭ ئۆيۈم جىڭجۇدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسجىتنىڭ يېنىدا، ئارىلىقى 5 مىنۇتلۇقمۇ كەلمەيدۇ. ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدا كەم دىگەندىمۇ ئىككى تۇنگانلار ئولتۇراق رايونى بار. ئانام جىڭجۇ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەك شىركىتىدە ئون نەچچە يىل ئىشلىگەن. تۇنگانلارغا قارىتا، پەقەت بىرلا چۈشەنچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ چوشقا گۆشى يىمەسلىك. باشقا جەھەتلەردىن خەنزۇلارغا پۈتۈنلەي ئوخشاش. ئىسلامنى مەن ئاڭلاپمۇ باققىنىم يوق ئىدى. ئەمما مەن مالايسىياغا كەلگەن ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ، بەزى مۇسۇلمان دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە مەسجىتلەرگە باردىم. مالايسىيانىڭ نوپوسى 20 مىليۇن، ئۇنىڭ تارىخى نەچچە يۈز يىلغا يەتمەيدۇ. جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپوسى قانچە، ئۇنىڭ تارىخى قانچىلىك؟
دوستلار، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى تولۇق كۆرسەتتۇقمۇ؟ بىز پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ ئۈگەندۇقمۇ، تولۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ناماز ئوقۇدۇقمۇ؟ بىز تولۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئىسلامنى تەشۋىق قىلدۇقمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغان بولساق، بىز يەنە قانداقسىگە اللە بىزنى ئەيپلىمەيدۇ، دىيەلەيمىز؟ سىلەرچە شۇنچە كۆپ قىز-ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەن ياغلىق ئارتىشقا ئىقتىدارى يەتمەي قالدىمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ جاسارىتى يوق. بىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى توغرا تىكلەنمىگەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ رەڭلىك كۆزەينەك(ناتوغرا قاراش) بىلەن قارىشىدىن قورقىدۇ. سىلەرچە، بىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ھەمشىرىلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزگەنمۇ يوق؟ بىر غەربلىك مۇخپىر بىر مىسىرلىق مۇسۇلمان ئۇنىۋېرسىت ئوقۇغۇچىسى قىزدىن، بۇنچە ئىسسىقتا ياغلىق ئورىسىڭىز ئىسسىپ كەتمەمسىز؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ:«ئۇلارغا ئېيتقىنكى، دوزاق ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر»(9-سۈرە 81-ئايەت) دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ھەدىستە، ئۆزىنىڭ ئەۋرىتىنى تولۇق ياپمىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قىيامەتتە دوزاق ئوتىدا ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان بار. بەلكىم، نەسىھەت زادى ئاچچىق بولۇشى مۈمكىن. ئەمما چوقۇم دېيىشىمىز كېرەك، چۈنكى مەن دۆلىتىمىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەن مۇسۇلمان ئاكا-ئۇكىلىرىمىزنى، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ دۇنيادىمۇ ئاخىرەتتىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەرنىڭ بىزگە، ئىسلامدا پەقەت تاماكا چەككەن ھاراق ئىچكەن چوشقا گۆشى يىگەنلەرلا لاياقەتسىز مۇسۇلمان، دىيىشىنى خالىمايمىز. ئەسلى توغرا يولدا ماڭالايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، بىز ئۇلارنى قوللاپ ۋە ياردەم قىلمىغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، داۋاملىق ئازغۇنلۇقتا ئۆتۈۋېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدمىز. قىيامەت كۈنىدە، بىز بىلىپ تۇرغۇچىلار، ئىقتىدارى تۇرۇپ، تولۇق كۈچ چىقارمىغانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھىچقايسىسىمىز مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. مېنىڭ كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىم بار، بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز پەقەتلا يېتەرلىك ئەمەس، ئىنقىلاب غەلبە قازانغىنى يوق، كۆپچىلىك يەنىمۇ تىرىشىشى كېرەك!
شۇڭا، ھەممەيلەن قىزغىنلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئاتلىنايلى! ئىتتىپاقلىشىپ، ئەقىل توپلاپ، ھەمشىرىلىرىمىز ئۈچۈن ئامال ئويلايلى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى قوغدىغان ئاساستا خىزمەت قىلىپ ياشىسۇن. «تۆگىنى باغلاپ ئاندىن اللەغا تەۋەككۈل قىلسۇن.» شەخس ئېتىقادىنى يوقاتماي، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، ئائىلە تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئازغۇنلۇقتا بولمايدۇ، جەمئىيەت شۇندىلا مۇقىم بولىدۇ. كىشىلەرگە، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىڭ ئىلمىيلىكى، ئىلغارلىقىنى چۈشەندۈرەيلى، قەلبىمىزدىكى ئىسلام بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىدىكى دىنىي خۇراپاتلىق ئادا جۇدا بولۇشسۇن. كىشىلەر ھەر بىر مۇسۇلماننى قوبۇل قىلسۇن، باشقا مىللەتتىكى ھەمشىرىلەرمۇ بىزنىڭ ھەمشىرىلىرىمىزگە ئەگىشىپ ياغلىق ئورايدىغان، چىرايلىق ياغلىقى يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بولسۇن! ئامىن!

تەرجىمىدە:ۋىسال سىتودىيسى


مەنبە خەنزۇچە ئىسلام تور لىنيەسى.

مەزمۇننىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز ئەينى كۈچۈرۈپ كىلىندى!


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kigiz + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
خەلىفە + 50 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
orhunogli + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 159   باھا خاتىرىسى

يىقىنياقى تور ساقچىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك ھەركەتكە كەلدى، تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا بەك دىققەت قىىشىنى سورايمەن!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16181
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 6920 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دىگەننىڭ مىللىتى يەنىلام ئاچا مىللەتكەن ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-14 12:52 PM):
ئىنكاسىمنى نەقىل ئالماڭ . تىللاپ ئۇجۇقتۇرمەن بىكا ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TILSIMAT + 10 بەزى سۆزلىرىڭىزدىن بە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى ئالداپ قويۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىسى بولسا..........

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28959
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3638 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەن مىللىتىدىن ھەر قانداق ئادەم تىپلىدىغان بولدى .

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-82393-1-1.html

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ قىلمايدىغان ئىشى يوق ...................................؟   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مۇسلىمە كۆپىيىپتۇ  ،  ئىنشىئاللا!

çok sevmek hataysa, ben büyü

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5702
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي قانداق قىلاي.....مۇسلىمە بولغان بولغان ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۇ خەنزۇ قىزغا، ساۋابىنى ئۆزى ئالىدۇ...ئەمدى سۇمبۇل چاچ ئۇيغۇر قىزىغا سېلىشتۇرۇپ نىمە كەپتۇ؟؟؟

شۇ خەنزۇ قىزغا شۇنداق دىگۈم كەلدى...بولسا چىرايلىق خان،شۇ رومالىڭىزنى ئوراپ شىنجاڭدا ياشاپ كۆرۈڭچۇ.....بولدىلا گەپ قىلماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adarqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 01:02 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-12 09:52 PM):
ماۋۇ  ئىنكاسنى يازمىغان بولاي.....تۇز بارمۇ سىز ئاكا، بۇ ئىنكاسىمنى يوقىتىڭە

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8921
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 5896 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەن مىللىتى نىمە قىلسا ئۇلارغا سىياسەت كەڭرى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3841
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ دىيارىمىزغا كىلىپ ساياھەت قىلىشىنى سورايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28959
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3638 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەرنىڭ نىرۋىسى چاتاقمۇ قانداق ؟ باشىقىلار مۇسۇلمان بولسا تەنە قىلىپ كىتىپتۇغۇ . ھەسەتخور ئىچى-تار توبا باشلار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 01:22 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش