  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					-  دۇنياغا كۆ ز ئاچقۇزدى سېنى تاڭ پەسلى، 
 
سەن ئىدىڭسەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇرنىڭ نەسلى،  
تومۇردىكى شۇ قانلار ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!  
 
<ئەسسالام>نى تامامەن ئۇنتۇپلا كەتتۇق،  
ئەنئەنىدىن ئوبدانلا چەتنىدۇق،كەچتۇق،  
ئازاد بولۇپ <كونا>دىن مۇرادقا يەتتۇق،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!  
 
 
ئۇزۇن چاچلار خەيرى-خوش! كېسىۋەتتۇققۇ،  
مودا ئەمەس قارا چاچ بويىۋەتتۇققۇ،  
دوپپىلارنى يىراققا چۆرىۋەتتۇققۇ،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!  
 
 
خوشياقمايدۇ مۇقاملار كونا نەرسە دەپ،  
باشقىلارنىڭ يېقىملىق تۇيۇلىدۇ زەپ،  
<چولپان> كەلسەيىراقتىن يۈگۈرىمىز بەك،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!  
 
ئانا تىلغا تىل تەگدى ،دەيمەن ئېھتىمال،  
ئەبجەشلەشكەن سۆزىمىز بولغۇسى مىسال،  
باشقا تىلغا ئاشىق بوپ تاپساقمۇ ۋىسال،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!  
 
 
قانات ياساپ يىراققا ئۇچۇپ كەتسەڭمۇ،  
سەن بىزلەردىن ئەبەدىي تېنىپ كەتسەڭمۇ،  
ماكان تۇتۇپ چەتلەردە ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ،  
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى! 
 
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |