مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2890|ئىنكاس: 23

شىخۇ ئوغلانى مۇھەممەت توختايۇف ( شىياۋجاڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇھەممەتنىڭ ئانىسى توختى ئاتۇشتىن بولۇپ ، قاراشەھەرگە كېلىپ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان . 1888- يىلى مۇھەممەت قاراشەھەردە تۇغۇلغان . مۇھەممەت تۇغۇلۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئاپىسى كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەن . ئۈچ بالا بىلەن قالغان توختى ئاكا ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەتكەن . ئاتۇشقا بارغاندىن كېيىن بۇ ئۈچ بالا چوڭ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان . مۇھەممەت 13 ياشقا كىرگەندە شىخۇغا بېرىپ 1901- يىلى سودىگەرچىلىك قىلىۋاتقان مەسلا باي دېگەن تۇغقىنىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىلگەن . ئۇ تاماق ئېتىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن . بىر ئاز چوڭ بولغاندا ، مەسلا باينىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن . مەسلا باي چوڭ سودىگەر بولۇپلا قالماي ، يەنە كۆپنى كۆرگەن ، مەرىپەتپەرۋەر ، ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ساقلىغان ئىدى . مۇھەممەت كىچىكىدىنلا ئەقىللىق ، زېرەك ئىدى . بۇنى سەزگەن مەسلا باي ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى . مۇھەممەت نەچچە ئاي ئىچىدىلا ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىپ ، سودا ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرالايدىغان بولدى ھەمدە مەسلا باينىڭ ئۆيىدىكى كىتابلارنى بوش ۋاقىتلىرىدا ئوقۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ تۇردى .    1920- يىللىرى مەسلا باي تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەنشىخاڭزا كوچىسىدا تارماق ( شۆبە) شىركەت قۇرۇپ ، مۇھەممەتنى بۇ شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان . سەنشىخاڭزىدا دۇكان ئاچىدىغان تۇرپان ئاستانىلىك بىر سودىگەرنىڭ زىلەيخا ئىسىملىك قىزى بولۇپ ،مۇھەممەت چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن1923 -يىلى بۇ قىز بىلەن توي قىلغان . مۇھەممەت بىر تەرەپتىن ، سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن گېزىت- ژورناللارنى ئوقۇپ ، ئىلغار ئىدىيىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان .   مۇھەممەت 1928- يىللىرى شىخۇغا قايتىپ كېلىپ ، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشقا باشلىغان . ئۇ بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ بىر تەرەپتىن ئۆزبېكىستاندىن كىرگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ،ئۆز دەۋرىدىكى مەلۇماتلىق كىشىلەردىن بولۇپ قالغان ھەمدە شىخۇ شەھىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى نادانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 1932- يىلى ئۆز قوروسىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىپ ، ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلىپ ، يوقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلغان . شۇڭا ئۇ 46 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ 1934-يىلى بىرىنچى قارارلىق تاشكەنتكە بېرىپ ئوقۇيدىغان ياشلار بىلەن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە بېرىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق فاكولتىتىدا ئىككى يىل ئوقۇپ ، 1936- يىلى كۈزدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندە ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇرپان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك  ئىدارىسىنىڭ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان . ساقچى خىزمىتى ئۇنىڭ كەسپى بولمىغاچقا ھەم بۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالىمىغاچقا ، 1937- يىلىنىڭ باشلىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ شىخۇغا قايتىپ كەتكەن .     مۇھەممەت توختايۇف شىخۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ يېڭىچە مەكتەپ سېلىپ ، مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ( ئۇ تاشكەنتكە بېرىشتىن ئىلگىرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا ،خېلى نۇرغۇن ئىقتىسادقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى .) شۇنداقلا ئايالى زىلەيخا قاتارلىق بىر نەچچە ئادەمنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرغان . ئۆزى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان . 1939- يىلنىڭ ئاخىرى شېڭ شىسەي مۇھەممەت توختايۇف سالدۇرغان مەكتەپ بىناسىنى مۇسادىرە قىلىپ تارتىۋالغان . مۇھەممەت توختايۇف بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي ، ئۆزىگە كېلىدىغان خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، شىخۇ بازىرىدا شۇ چاغدا بىردىنبىر ئىككى قەۋەتلىك بىنا بولغان يۇنۇس ھاجىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپنى قايتا تەشكىللىگەن . ئەينى يىللاردا مۇھەممەت توختايۇف ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپ قىلىپ ئىشلەتكەن يۇنۇس ھاجىمنىڭ قورۇ- جايلىرى ھېلىمۇ تارىخقا گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا .   مۇھەممەت توختايۇف ئۆزى مەلەغ سېلىپ مەكتەپ قۇرغانلىقى ، مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغانلىغى ئۈچۈن ، شىخۇ خەلقى بىردەك " مۇھەممەت شىياۋجاڭ" دەپ ئاتىغان . بۇ ئىسىمنى ھازىرمۇ بالىلىرى خۇددى فامىلىدەك قوللانماقتا . مۇھەممەت توختايۇف 1939- يىلدىن 1948- يىلغىچە شىخۇ بازىرىدىكى پەننىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ، شىخۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان .    1948-يىلدىن 1952- يىلغىچە شىخۇ ناھىيىلىك باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان . 1952- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمەتتىن چېكىنگەن . 1966- يىلى قوزغالغان < مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ، كۈرۈش قىلىنغان ۋە شىخۇ ناھىيە بازىرىدىن يېزىغا چۈشۈرۈلگەن . 1974-يىلى 11- ئايدا 86 يېشىدا ۋاپات بولغان .             مەنبە: تاشكەنتچىلەر (3 -كىتاب)  ئاپتورى: ئابدۇراخمان ئابدۇللا .   شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى    2006- 7-ئاي 1-نەشرى، 1- بېسىلىشى .   ئىزاھات: ماۋزۇ ئەسلى ، < مۇھەممەت توختايۇف > ئىدى ، شىخۇ ئوغلانى مۇھەممەت توختايۇف دەپ ئېلىندى .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 11:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:26:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بىر مەرىپەتچى ئۇستازىمىز بىلەن ‹يۈز كۆرەشتۈرگەن›لىكىزدىن خۇرسەنمەن!
ئىجارە ئېلىپ ياراملىق ئەۋلادلارنى تەر بىيلىگەن چاغدا ئىشلەتكەن بىناغا كىرىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84510
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 08:06:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخۇمۇ قەدىمىي دىيارلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . مۇھەممەت توختايۇفتەك ، زەينۇللا سالىيۇفتەك ئوغلانلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن يۇرت .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 08:56:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقمايدىكەنمەن بىلىۋالدىم . ياخشى تىما !

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23733
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 09:40:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم ، رەھمەت .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:06:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبەيدۇللام ، شىخو توغرىسىدىكى نادىر تېمىلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن مۇنبەردىن !
بىر ئەلنىڭ مائارىپقا تۇتقان پوزېتسىيىسىدىن شۇ ئەلنىڭ كەلگۈسىنى كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ . شۇڭا خەلقىمىز مائارىپقا بۇرۇنمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ، ھازىرمۇ شۇ ، گۈزەل كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ . شىخو مائارىپىغا تۆھپە قوشقان مۇھەممەت توختايوفقا ئوخشاش ئالىي جاناپ كىشىلەر ، خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:08:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان مەرىپەتپەرۋەر ئۇستازنى تونۇشتۇرغىنىڭېزغا رەھمەت،شىخۇ بىزگە يېقىن يۇرت،نېسىپ بولسا، ئۇ رەھمەتلىك ئۇستاز مەكتەپ قىلىپ ئىشلەتكەن يۇنۇس ھاجىنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ چىقىمەن.

AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:43:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخۇ مەيلى ئىنقىلاپ تارىخى بولسۇن ياكى باشقا تەرەپلەردىن بولسۇن خېلى نامى بار شەھەر.
مەممەت «شاۋجاڭ» دەك ئېسىل كىشىلىرىمىزنىڭ  ئىش ئىزلىرى مەڭگۈ ئولمەيدۇ . ھازىر بىز ئەجداتلىرىمىز قان تەر بەدىلىگە قۇرۇپ بەرگەن مەكتەپلەرنى يوقىتىۋاتىمىز، ئازراق بېسىمدىن ياكى شارائىتنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن ۋايساپ تاشلاپ چىقىپ كېتىپ بارىمىز، ھەر بىر قېرىندىشىمىز ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئوقىغاندا ھاياجانلىنىپ قويۇپ ، ئورنىمىزدىن قوپساق ئۇنتۇپ قالماي ،ئەجداتلارنىڭ ئېزىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كوپرەك ئويلىنىشىمىز تەدبىرلىك بولىشىمىز كېرەك  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apirida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 12:52 PM  


ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەھمەت !
  ئەمما مۇشۇ روسلارنىڭ مىللەتچىلىك  تامغىسى بېسىلغان «ئوف ، ئىف ، يىف ،يۇف...........» دىگەن ئىسىملارنى كۆرسەم ئاچچىقىم كىلىدۇ .  ئۇلار روسلار بىلەن ھىچقانچە ئۇزۇن ياشىمايلا ئىسمى ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ ، بىز 100 يىلدىن ئاشتى ،ھەزىل - چاقچاقلاردىن باشقا ھىچكىمنىڭ ئىسمىغا ۋاڭ ياكى جاڭ قۇشۇلۇپ قالغىنى يوق .....................
   ئىنكاسىم ئاۋۇ كىشىگىلا قارىتىلغىنى يوق ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلمەن ....................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش