مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 8

پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا قەتئىي رىئايە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا قەتئىي رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر:
1. ئاتا - ئانىغا ھەر ۋاقىت ئەدەب بىلەن سىلىق - سىپايە، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، مۇلايىملىق بىلەن يەڭگىل، چىرايلىق سۆزلەش، ئۇلارغا ھەر دائىم ئىتائەتمەن بولۇش، مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، ھەر كۈنلۈكى ھال - ئەھۋالنى سوراپ تۇرۇش، ھەر كۈنلۈكى ئەتىگەنلىكى ۋە ياكى سىرتقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلگەنلەردە ئۇلارغا (قىزلارغا ئېگىلىپ، ئوغۇللار ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ) سالام قىلىش، ھېچ ۋاقىت ئۇلارغا ئاچچىقلانماسلىق، خۇيلانماسلىق، قاپاق تۈرۈپ قارىماسلىق، تەبەسۇم بىلەن قاراش؛
2. ئۇلارنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى قوغداش، ھۆرمىتىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى ئالماسلىق؛
3. ئۇلارنى مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ رازى قىلىش، رەھمىتىنى ئېلىش، ئاتا - ئانىلارنىڭ خۇشاللىقى، رەھمىتى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدۇر؛ ئۇلارنىڭ خاپىلىقى، نارازىلىقى ۋە غەزىپى ئۇلارنىڭ قارغىشىدۇر (ئۇلارنىڭ ئاچچىقى، غەزىپى، يەنى قارغىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن)؛
4. ھەر قانداق چوڭ - كىچىك بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراش، باشباشتاقلىق قىلماسلىق، ئەڭ بولمىغاندا قىلماقچى بولغان ئىشنى ئېڭىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش؛
5. ئۇلار چاقىرغاندا ھەر ۋاقىت لەببەي، خوش، نېمە ئىشكىن دەپ تەبەسسۇم بىلەن قول باغلاپ جاۋاب بېرىش، تاپشۇرۇقلىرىغا دەرھال پەرمانبەردار بولۇش، ئۇلارغا ھەر قاچان سەمىمىي، سادىق بولۇش، ھەرگىز ياسالمىلىق، ھارامزادىلىك، قوۋلۇق - شۇملۇق، ساختىپەزلىك قىلماسلىق، ئۇلار ئالدىدا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەسلىك؛
6. ئۇلارنىڭ دوست - يارەنلىرىنى قەدىرلەش، ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارغا قول باغلاپ ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھەرگىز ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىش؛
7. ئۇلار بىلەن گەپ تالاشماسلىق، ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ چالۋاقىماسلىق، ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنىش، خاتالىقلىرىغا ئايرىم چۈشەنچە بېرىش؛
8. ئۇلارغا سۆز قىلغاندا قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ - جارقىراپ ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك كېرەك. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش، سورىغان سوئاللىرىغا سەمىمىي جاۋاب بېرىش، ئۇقمىغانلىرىغا چۈشەنچە بېرىش، تاپشۇرۇقلىرىنى ئەستە ساقلاش، ئۇلارنىڭ نېرى - بېرى ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بېرىش (مەسىلەن، كىيىم كىيىش، باش تاراش، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇش، ئاپتاپقا سېلىش، يىراقلىرىنى يېقىن قىلىش...)، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن، ئەتىۋار بىلىپ كەتمەسلىك؛
9. ئۇلارنىڭ رازىلىقى (ماقۇللۇقى)نى ئالماي تۇرۇپ سەپەرگە چىقماسلىق، ئالدىراشچىلىقتا كېتىپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتىپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش، قايتىپ كەلگەندە ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ كەچۈرۈم سوراش؛
10. ئۇلار ياتقان ئۆيلەرگە بىۋاستە بېسىپ كىرمەسلىك، ئۇخلاۋاتقان بولسا ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋەتمەسلىك، بىر نەرسىلەرنى سورىماقچى بولسا ئويغانغىچە تەخىر قىلىش، سورىغاندا ئەدەپ بىلەن سوراش، بەرسە رەھمەت ئېيتىش، بەرمىسە خاپا بولماسلىق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاماك چەكمەسلىك، ھاراق ئىچىپ مەست - ئەلەس يۈرمەسلىك؛
11. ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغاندا ئۇلاردىن تۆۋەن ئولتۇرۇش، تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇش، ئۇلاردىن بۇرۇن تاماققا قول ئۇزارتماسلىق، بىرگە يول يۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش، ئۆيگە كىرگەندە ئالدىغا ئۆتۈپ ئىشىكنى ئېچىش، ھارۋىغا، ماشىنىغا چىققاندا قولتۇقىدىن يۆلەش، تاشقىرىغا چىققاندا، كالىچى، ھاسسىسى قاتارلىقلارنى تايىن قىلىش، تەرەت ئالماقچى بولسا تەرەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىش، ئاتا - ئانىلىرى يېنىغا كىرسە ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئولتۇرۇشقا ئورۇن كۆرسىتىش، يوللاردا ئۇچراتقاندا ۋېلىسىپىت ياكى ھارۋىلاردىن چۈشۈپ سالام بېرىپ ئەھۋال سوراش، بالىلار ئالىم، ناتىق، ئەمەلدار، باي بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدى توغرا ئۆتمەسلىك، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاقساقاللىق قىلىپ ساقالغا ياماشماسلىق، گەپ قىلغاندا ئاغزىنى غېرىچلىماسلىق؛
12. ئۇلار بەرگەن نەرسىلەرگە ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ ئېلىش كېرەككى، ھەرگىز ئۇلارنىڭ يېنىنى كولىماسلىق، ئۇلاردىن ئۇنى - بۇنى تەلەپ قىلماسلىق، بىر نەرسىلىرىنى كۆرسەتمەي ئېلىۋالماسلىق؛
13. ھەر قانداق كىشى ئاتا - ئانىسىغا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ ئوخشىشىنى بالىلىرىدىن كۆرىدۇ. بۇ دۇنيادىلا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ. ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلغانلارنى بالىلىرىمۇ رازى قىلىدۇ. قاقشاتقاتلارنى قاقشىتىدۇ. تەھقىقكى، بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەمدۇر! بۇ ئۇزۇن تارىخىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىسپاتلانغان چىن ھەقىقەت! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاتا ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە بالىلىرىڭلار ياخشىلىق قىلىدۇ" دېگەن.
14. ئادەم ھامان قېرىيدۇ، قېرىغاندا ئاتا - ئانىلىرىنى بېقىش پەرزەنتلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇلار مەيلى ئايرىم تۇرۇۋاتقان ياكى بىللە تۇرۇۋاتقان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش كېرەك. ئايرىم تۇرۇۋاتقان بولسا پات - پات بېرىپ يوقلاپ تۇرۇشى، پۇلى بولمىسا پۇل بېرىشى، يېمەك - ئىچمىكى، چاي - تۇزى، كىيىم - كېچىكى، يوتقان - كۆرپىسى، ئوتۇن - كۆمۈرىنىڭ بار - يوقلۇقى، يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، كونىلىرىنى يېڭىلاپ، يوقلىرىنى ھازىرلاپ، كەملىرىنى تولۇقلاپ بېرىشى، قىش كۈنلىرى قارلىرىنى تازىلاپ، يىراقلىرىنى يېقىن قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما پۇل پۈچەك بەرگەندە مانا خەجلەڭلار دەپ جوزىغا، سۇپىغا ياكى يەرگە ئاتماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئاتا - ئانىسى ئېغىر خورلۇق ھېس قىلىدۇ. بالىلار يەنە ئاتا - ئانىلىرى كېسەل بولسا دەرھال داۋالىنىشى كېرەك، بۇنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىتتىرىپ، شەپقەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك؛
15. ئاتا - ئانىلىرىنى تومپاي، ئىش - ھەرىكەتتە، گەپ سۆزدە پەس كۆرۈپ، كەمسىتىپ يەكلىمەسلىك ۋە چەكلىمەسلىك، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك، بۇ ئەڭ پەس قىلىقتۇر. ئادەم ياشىنىپ قالغاندا گېپى تولا، زىل، ئىنچىكە، نازۇك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەككى، ئېتىبارسىز قارىماسلىق، سىلكىشلەپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ ئەيىبلەپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۇنداق قىلغانلارنى ھەرگىز ياخشى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ؛
16. ئادەتتە ئاتا - ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن تاماق تەييارلاپ قويىدۇ. پەرزەنتلەر بىكار ئولتۇرۇپ يەپ - ئىچىپ، قالغان - قاتقانلىرىنى سېرىپ سۈپۈرۈپ، قۇرۇقداپ قويۇشتەك ناچار قىلىقلارنى قىلماسلىقى كېرەك؛
17. ئاتا - ئانىلار ھېيت - بايراملاردا بالا - چاقىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ گۇڭۇر - مۇڭۇر تاماقلىنىشنى ئەڭ كۆڭۈللۈك، پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بالىلار بىلەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ گېزىت - ژورنال ياكى تېلېۋىزورغا چاپلىشىۋالىدىغان ياكى يانپاشلاپ يېتىۋىلىپ، ئىشلارغا يېقىن تۇرماي، تەييارغا ھەييار بولۇۋالىدىغان، داستىخانغا كەلمەي بر چەتتە بۇتناپ ئولتۇرىدىغان، ياكى يامانلاپ ماڭىدىاغن ناچار ئىشلارنى سادىر قىلماسلىق كېرەك؛
18. ياشانغانلار نەۋرىلىرىگە ئامراق كېلىدۇ، نەۋرىلىرىنىڭ بولۇشىنى ئۆزىگە تەسەللى، كۆڭۈل خۇشى دەپ بىلىدۇ. بىراق ئوغۇل، قىزلار بىر بولسا پەرزەنتلىرىنى ئولاشتۇرۇپ ئەكىلىپ تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارنى چارچىتىۋىتىدىغان، بىر بولسا بالىلىرىنى ئەكەلمەيلا قويىدىغان ناچار قىلىقلارنى قىلماسلىقى لازىم؛
19. نەۋرىلەر كۆپىنچە گۆدەك بولغاچقا شوخ بولىدۇ، ئۇلارغا ھەممە نەرسە قىزىق تۇيۇلىدۇ. جىم تۇرمايدۇ، گەپكە كىرمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش گۆدەكلەر بىلەن تېپىشقاندا قىلغىلى قىلىق تاپالماي شوخلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئاتا - ئانىلار ئۇلارنىڭ غەلۋە - غوۋغىسىنى كۆتۈرەلمەي، سىلكىپ، نوقۇشلاپ ياكى ئەدەپلەپ قويۇشى مۇمكىن، بۇنداق چاغلاردا بالىىڭ يېنىنى ئېلىپ ئاتا - ئانىلىرىغا غۇدۇراپ، دوق قىلىپ، سىلكىشتۈرۈپ كەتمەسلىكى ياكى "قىزىم ساڭا ئېيتاي، ئوغلۇم سەن ئاڭلا" دېگەندەك ياپتا گەپلەر بىلەن تەنە - تەئەددى قىلماسلىقى كېرەك؛
20. پەرزەنتلەر بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ۋە قىينانا، قىيناتىلىرىنىڭ يامان گېپىنى، غەيۋەت - شىكايىتىنى قىلماسلىق، گەپ تاراتماسلىق كېرەك. پەرزەنتلەر ئۆزلىرى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەمدە يېتۈك بولۇشتىن تاشقىرى ئۆز بالىلىرىنىڭمۇ بوۋا - مومىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆگىتىشى كېرەك.



مەنبەسى: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى 2009- يىل 3- سانىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 10:57 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 100 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
hokumran + 200 ئەھمىيەتلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 934
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8174
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 965 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر !!ھەقىقەتەن ساقلىۋېلىشقا تىگىشلىك ھىكمەتلەر ئىكەن!!



ئاتا_ئانىنى قەدىرلەش پەرىزدۇر!!

بەختىمنى ئۇلۇغ  اللادىن تىلەيمە ، اللا ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن !!!

..............................

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7450
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا ئاتا ئانىدىن ، بىر تۇغقان قېرىنداشتىن ئارتۇق نەرسە يوق . ئۇلارنى قەدىرلەش بار ۋاقتىدا رازىلىقىنى ئېلىش ھەربىر پەرزەنىتنىڭ مەجبۇريىتى.

..................................

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23165
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3097 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا - ئانا رازىلىقىنى ئېلىش مۇھىم  . ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز .  

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى .ئاتا-ئانىمىزغا كۈيۈنىشىمىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز لازىم .بىرە ئېغىز گېپىنىمۇ يىرېماسلىقىمىز كىرەك بۇلۇپمۇ قېرىغانسىرې بەك نازۇك بوپ قالىدۇ بىچارە ئاتا-ئانىلار

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17453
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1465 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:24:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ!

تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، اللە تەئالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!

ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى، ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم! دىنىمىز بىزنى بۇنىڭغا ئەمر قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ، ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ تونۇغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى بولۇپمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

مەن (ئەبۇلفاتىھ) تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا «ئاتا – ئانا ھەقلىرى» ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. مەقسىتىم ھەر بىرلىرىگە بۇ ھەقتە بىر مەلۇمات سۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: اللەدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ).

ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!»،

رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى اللە تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23 – 25).

بەقەرە 2/83- ئايەت، نىسا4/36- ئايەت، ئەنئام 6/151- ئايەت، ئەنكەبۇت 29/8- ئايەت، لوقمان 31/14- ئايەت، ئەھقاف 46/15- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.

بۇ ئايەتلەر، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:

1 – ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.

ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى «قەزا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2 – ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.

3 – ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.

4 – ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.

5 – ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.

6 – ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ).

7 – ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.

ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» بۇ ھەدىس ئۈچۈن (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد) قا قاراڭ.

مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ اللەغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).

8 – باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

9 – ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە 7- ھەقتە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

10 – ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن اللە تەئالاغا دۇئا قىلىش.

11 – ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

12 – ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.

مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.

ھەقىقەت ۋە نەسىھەتمۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىق، كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:

ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا – مۇشەققەتلىرىنى بىر اللە بىلىدۇ، بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان، كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.

بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد – ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.

ئاندىن كېچە – كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛ بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.

بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىز.

دادىمىزغا كەلسەك، دادىمىز بىزنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بىزنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، بىزنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئۇبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى تەھلىكىلەرگە ئاتىدۇ، مىڭبىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى بىزگە چىقىم قىلىدۇ، بىزنى تەربىيىلەيدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز – كۆزلىرىمىزگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقساق يۈرىكى بىز بىلەن بىللە چىقىدۇ.

ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز! ئەنە شۇ بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھالىتىمىز! ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ، يۇغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى نېمىدېگەن ئىمانسىزلىق، بەلكىدە نېمىدېگەن ۋىجدانسىزلىق- ھە!

قېرىنداشلار! بۇ تېمىنى تۆۋەندىكى بىر ئايەت ۋە ئىككى ھەدىس بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن» (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.




http://www.musulmanlar.com/?p=947


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kuktulpar + 213 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 213   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:45:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئاللاھنىڭ قۇلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30346
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4469
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 09:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق،ئانىسى( قۇرسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى،ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى،(ئى، ئىنسان!)ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن،ئاخىر قايتىدىغان جاي_مېنىڭ دەرگاھىمدۇر(14).
                                                                                      _ سۈرە لوقمان

بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە بىلمىگەننى بىلدىم ،كۆرمىگەننى كۆردۈم،ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دىمە،ئىنسان قىيامەت كۈنى قۇلاق ،كۆز، دىل يەنى سەزگۈر ئەزالېرىنىڭ قىلمىشلېرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سۇئال-سوراققا قالىدۇ(36)سۈرە بەنى ئىسرائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش