مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 254|ئىنكاس: 5

ئەقىدە گۈلى ( نەسر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ئەقىدە گۈلى

       قەلب دەپتىرىمگە يارقىن مىسرالارنى پۈتمەكچى بولدۇم . ئىلھام قۇشلىرى تەرەپ - تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى . بىراق قەلب دەپتىرىمنىڭ قالايمىقان سىزىق ، چېكىتلەر بىلەن بۇيۇلۇپ كېتىشىنى خالىمايتتىم . شۇڭا ، ئۇنى يۈرىكىمنىڭ ئىچىگە يۇشۇردۇم . قەلبىمدىكى پىنھان ھېسلىرىمنى غىدىقلىغۇچى ئىلھام قۇشلىرى جەزبىدار كۈيلىرىنى ياڭراتقىنىچە ، لىرىكىغا تۇيۇنغان قاناتلىرىنى يېنىك ئۇرۇپ ، سۈتتەك ئاپئاق قەغەز ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە باشلىدى .
      تاغلار مەغرۇر ، قەيسەرلىك بىلەن ئالدىمدا قەد كۆتۈردى . دەريالار ھاياتىي كۈچكە تولغان شاۋقۇنى بىلەن قىيا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ، ئاپئاق بۇژغۇنلىرى بىلەن گۈلدەستە تىزدى .
      تۇساتتىن سەن قۇمۇش نېيىڭنى ئىلاھى جەزبىدارلىققا تويۇنغان لىرىك كۈيلەرگە سازلىغىنىڭچە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدۇڭ .
قۇلۇڭدا باھار ھىدىغا تولغان بىر دەستە ئەتىرگۈل كۈلۈپ تۇراتتى .ئۇنىڭدىن تاراۋاتقان خوشبۇي ھىدتىن تاشقا ئايلانغان يۈرىكىم سۆيگۈنىڭ شېرىن شارابىدا مەست بولغاندەك تۇيغۇغا كەلدى .ئىلھام قۇشلىرى ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى . تاغلار يۈرىكىنى تۇتقىنىچە قېتىپ قېلىشتى ، گۈلنى ئۇزاتتىڭ . چەكسىز ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىدا قۇلۇڭدىن ئالدىم . سەن ئۇنىڭدىن گۈلچەمبىرەك ياساپ بوينۇمغا ئېسىپ قويدۇڭ. مەن ئۇنىڭ مېھىر گۈزەللىكىگە مەپتۇن بۇلۇپ تۇرغىنىمدا ، سەن تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدۇڭ .
      كۈن - كۈنلەرنى قوغلاپ ئايلارغا ، ئاندىن يىللارغا ئۇلىشىۋەردى . باغلار نەچچە چېچەك ئېچىپ ، نەچچە خازان تۆكتى ، سەن كەلمىدىڭ . بوينۇمدىكى گۈلچەمبىرەكنىڭ خازان بولۇشىغا ئەگىشىپ ، ئاپئاق قەغەزنىڭ رەڭگىمۇ ئۆچۈشكە باشلىدى . مەن سېنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم ...
      ئىلھام قۇشلىرى باش ئۈستۈمدىن چۇرۇقلىشىپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى . تاغلار ئېغىر خورسىنىش ئىچىدە ئېڭىكىنى سىلىدى . دەريالار زەرب بىلەن ئۆزىنى قىرغاققا ئۇردى . قارىغايلا ئەلەم بىلەن سىلكىندى . مەن سېنى ئەڭ زور چىدام ، غەيرەت بىلەن كۈتتۈم . گۈلچەمبىرەك قۇرۇپ ، ئەڭ ئاداققى جەلپكارلىقىنى يوقاتتى . قەغەزمۇ ئاللىقاچان رەڭگىنى يوقاتقانىدى . مەن يەنىلا ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە يوللىرىڭغا قارىدى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ مۆجىزىگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇشىڭنى تىلىدىم .
      ئەتراپ باھار پەيزىگە چۆمۈلگەن بىر كۈنى سەن تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدىڭ . مەن تىلىكىمگە يەتكۈزگەن مۇھەببەت ئىلاھىغا ھەمدۇسانالار ئېيتىشقا باشلىدىم ، ئويلىماپتىمەن . سەن بوينۇمدىكى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان گۈلچەمبىرەككە ۋە قولۇمدىكى كونىرىغان قەغەز ، رەڭگى ئۆڭگەن بوياق بىلەن دات باسقان قەلەمگە قارىدىڭ - دە ، سۈكۈتكە تولغان ئېغىر قەدەملىرىڭنى يۆتكەپ كېتىپ قالدىڭ . مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئارقاڭدىن قاراپ قالدىم .
       ئەپسۇس ، سەن بوينۇمدىكى گۈلچەمبىرەك ۋە قۇلۇمدىكى قەغەزنىڭ سېنى كۈتۈش بەدىلىگە بىۋاق سولغانلىقىنى بىلىشكە قادىر بولالمىدىڭ . بىمەزگىل قروۋ قونغان قەلب دەپتىرىمنىڭ قات - قاتلىرىدا ساڭا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىمنىڭ باھارىستان ئاپتىپىدا پەرۋىشلىنىپ ، بەرق ئۇرۇۋاتقان رەڭدار گۈل - غۇنچىلار چېچەك ئاچقان ئەمەسمىدى ؟...


        مەنبە : قەشقەر ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqak1219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 08:25 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kapsizparixta + 100 ياقتۇردۇم
bayhenim + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1769
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1532 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:57:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھىر ئاڭلاپ ئاشىق ئولدۇم سۇڭرە يەتسە كۈھى غەم،
نە ئەجەب ئىشق ئىپتىداسى ئەيىن ئېرۇر بايانى قاف

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:55:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزىكىدىن بىرنى قىستۇرىۋەتكەن بولسىىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1180
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17441
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6290 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:15:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قــەلـب چـېـچـەكـلـىـرى





مەن ساڭا دەرت تۆكمەكچى ئەمەس ، قەلبىم چېچەكلىرىنى ساڭا تۇتماقچىمۇ ئەمەس ياكى ساڭا نەسىھەت قىلماقچىمۇ ئەمەس ۋە يەنە...
شاتۇتى پەقەت باشقىلارنىڭ دېگىنىنىلا دورىيالايدۇ ؛ ھۆپۈپ بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىلا توۋلاپ ئۆمرى ئۆتىدۇ ؛ بۇلبۇل ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى گۈزەللىككە ۋە ئاشىقى گۈلگە ئاتىغان .

بىر چاغلاردا يۈرۈكىم سېنىڭ سېھىر بىلەن تولغان كۆزلىرىڭگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن يۈرۈكىمنى ساڭا تاپشۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ رومانتىك دۇنياغا كىرىپ كەتكەنلىكىمنى ئەمدى ھېس قىلماقتىمەن . ئەقىل كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا ، يۈرۈكىم خۇرسىنغان ھالدا يېنىمدا دومىلاپ يۈرۈپتۇ...يۈرۈكىمنىڭ سەرسان بولۇپ بۇ ھالەتتە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن سېنىڭ بىر سادىق يۈرەككە ئىگە بولالمايدىغانلىقىڭنى ، جىسمىڭنىڭ لەۋزىڭگە ئوخشاشلا ساختىلىق بىلەن يارالغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشۈنىپ يەتتىم .

تەنتەكلىكىڭدىن ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە ، ئۇدۇل كەلگەن كىشىلەرگە ئاغزىڭغا كەلگەننى دەۋېرىپ ، ئاقىۋەت ئۆزۈڭ رەسۋا بولدۇڭ . رەسۋا بولغانلىقىڭنى بىلگىنىڭدە ، پۇشايمان تاغىرى ئۈستۈڭدىن بېسىۋالغان ئىدى .

سەن مۇقەددەس سۆيگۈنىڭ شېرىنلىكىنى ۋىسال ئوتىدا كۆيگەن مەشۇقنىڭ يۈرۈكىدىن ئىزدەشنى بىلمىدىڭ . سەن كۆزلىرىڭنى ئالا - چەكمەن قىلغان نازىنىنلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشىپ ، ئاخىرى ئۆزلۈكىڭنى ھەم بىساتىڭنى يوقۇتىپ قويغۇنىڭدا ، ۋىسال ئوتۇدا پۇچىلانغان مەشۇقنىڭ يۈرۈكى كۆيۈپ ، كۈنداشلىقىڭ ھەسرەتلىك ئوچاقلىرىدا كۈلگە ئايلانغان ئىدى .

پەسلى باھاردا كۆڭلۈمنى سېنىڭ ئىختىيارىڭغا تاپشۇرغان ئىدىم ، ئەمما پەسلى كۈزدە كۆڭۈل گۈلۈمنىڭ خازان بولغان ھالىتىنى كۆرگىنىمدە ، قەلبىمدىكى ئورنۇڭغا لەنەت تامغىسى بېسىلغان ئىدى .



مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.



توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13651
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبى ئىقتدار بولسا ،ھۆپۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلىپ سايراتقىلى،قېرى ئىشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلىپ چاپتۇرغىلى بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش