مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 30

ئاناڭغا ئالايساڭ كور بولۇر كۆزۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3838
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئاناڭغا ئالايساڭ كور بولۇر كۆزۈڭ  

      ئەي يىگىت ئاناڭنىڭ بالىسى ئۆزۈڭ ،
      ئاناڭغا تارتىپتۇ قاش بىلەن كۆزۈڭ ،
      ئاناڭنىڭ ئاق سۈتى تومۇرلىرىڭدا ،
      ئاناڭ بار نۇرانە ئالمىدەك يۈزۈڭ ،
      ئاناڭسىز كۈلمەيدۇ بەخت يولتۇزۇڭ ،
      ئاناڭسىز زۇلمەتلىك كېچە - كۈندۈزۈڭ .

      ئويلاپ باق كىم سېنى تۇغۇپ چوڭ قىلدى ،
      كىم ساڭا بىر ئۆمۈر بەردى مېھرىنى ،
      كىم سېنىڭ بەختىڭنى قۇتلۇق ئوڭ قىلدى ،
      كىم ساڭا قۇربانلىق قىلدى زېھنىنى ،
      دەل ئاناڭ پۈتۈنلەي ئۇنۇتما ئۆزۈڭ ،
      ئاناڭغا ئالايساڭ كور بۇلۇر كۆزۈڭ .

      ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن قىلما ئاڭا دوق ،
      ئەقلىڭنى تاپقاندا ئاناڭ بۇندا يوق ،
      پۇشايمان ئىلكىدە تۆكسەڭمۇ ياشلار ،
      جان ئانا دەپ قانچە يۈتساڭ ھەسرەت چوغ ،
      تاپالماي قالىسەن قەبرىگە قاراپ ،
      تىكلىگىن ئاناڭنى مەڭگۈ ئۈلگە - تۇغ .

     ئەسلىدە شۇ ئاناڭ قامەتلىك ئىدى ،
     ياش چاغدا كۆزلەردىن ئالار ئىدى ئوت ،
     شىجائەت - غەيرەتلىك ئامەتلىك ئىدى ،
     يار ئىدى قەدەمدە ئاڭا چەكسىز قۇت ،
     سەن ئۇنى رەنجىتىپ سىلكىمە توۋلاپ ،
     ئەيىبلەپ كۈن بويى ھوقۇشتەك ھۇۋلاپ  .

     شۇ ئاناڭ چۆللەرنى بوستان ئەيلىگەن ،
     بوستاندا بۇلبۇللار خەندان ئەيلىگەن ،
     شۇ ئاناڭ ياراتقان جەننەتنى كۆپلەپ ،
     شائىرلار يالقۇنلۇق داستان ئەيلىگەن ،
     سەن شۇڭا بىر ئۆمۈر قىلمىساڭ ھۆرمەت ،
     ياغدۇرار ئەل ساڭا ھەر قاچان نەپرەت .

     بىل ئاناڭ يىغلىسا يىغلايدۇ جاھان ،
     ئاناڭنىڭ كۆز يېشى بولار سەل - قىيان ،
     ئاناڭنى قاقشاتساڭ ۋىجداننىڭ سوتى ،
     سوتلايدۇ ئاقىۋەت ، بولىسەن ۋەيران ،
     ئاناڭغا مۇلايىم بولسۇن گەپ - سۆزۈڭ ،
     قاقشاتساڭ مۇقەررەر كور بولۇر كۆزۈڭ .

       مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 07:59 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
pah + 155 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 205   باھا خاتىرىسى

سىز ۋە بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئانامنىڭ بارىدا  ئانام جىنىم ئانام
ياتار جايىم مەخمەلتى  ئانام جىنىم ئانام
سەن ئانامدىن ئايرىلىپ  ئانام جىنىم ئانام
ياتار جايىم داق قالدى  ئانام جىنىم ئانام

بۇ ناخشىلار يوقاپ كەتتىغۇ  ئانىنىڭ ئورنىنى مەبەت ئىلۋاپ بارامدۇ ؟

تىمىڭىزغا رەھمەت.

بولاي دىسەڭ جەننىتى ئاتا-ئاناڭنى رازى قىل .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4777
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاپ كىتىڭ ئۇلۇغ اللە قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىللىرىمىز ئامان بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3353
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەرلەر يەنە مەيدانغا كەلگنىگە قاراپ خۇش بۇلۋاتىمە جۇمۇ

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يېزىلىپ تۇ !!مۇشۇ شېئىرنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تېمىغا چاپلاپ قويساق بولغۇدەك جۇمۇ!!

بەختىمنى ئۇلۇغ  اللادىن تىلەيمە ، اللا ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84514
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىغۇ ئانىغا ئالىيىش ئىكەن ئانامغا،،قىڭغىر قاراپمۇ باققان بالا ئەمەسمەن

تىما ئىگىسىگە رەخمەت،،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11405
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئانا ھاياتلىقنىڭ قۇياشى، مېھرى مۇھەببەتنىڭ بۇلىقى، سىرلار كانى، ئالەمنىڭ گۈلتاجى!

             ئانا دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى دېڭىز -ئوكيانلاردەك چوڭقۇر، ئالەم بوشلۇقىدەك كەڭ ، تاڭ قۇياشىدەك يارقىنكى، بۇنى تەرىپلەشكە تىل، يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجداتى ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ جۆرىسى ھەۋۋا ئانىدىن تارتىپ بارلىق ئىنسانلارنى تۇغۇپ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.

              ئالەمدىكى جىمى ئىنسانلار ئانىدىن تۇغۇلغان، ئانىدىن ئاق سۈت ئەمگەن، ئانىنىڭ(ئاتىنىڭ) پەرۋىشىدە چوڭ بولغان.

               ئانا -  ئىنساننى پەرۋىش قىلغۇچى، ئەقلىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى تۇنجى ئىنسان . شۇ ۋەجىدىن بارلىق  شان -شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇق ئانىلارغا خاس. ئۇلۇغلۇقتا ئانىلارغا تەڭداش يەنە بىر ئىنسان تېپىلماس!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83370
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىگەنگەمۇنداق تىمىلارنى يولىمامدۇ نەدە ئاقماس سەپسەپە يوللىغىچە
تىمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەھمىيەتلىك ئىكەن مۇھەببەتكە دۈم چۈشۈپ ئانسىنى ئۇنتۇپ قالغانلار
سەل بولسىمۇ ۋىژدان ئازابى تارتا
ئىسىل تىمالارنى ئايمىغايسىز

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش