ئەر- ئايال توغرىسىدىكى پاراڭلار
1- ئايالسىز ئەر ھايات چۆلدىكى، ئەرسىز ئايال ھاياتنىڭ بوران چاپقۇنلۇق دالاسىدىكى تەنھا يولوچى؛ ئىناق ئەر -خۇتۇن چىمەنلىكتىكى بىر - بىرىگە يار- يۈلەك سەپرداش.
2. ياش ئايال پوتبولغا، ئوتتۇرا ياش ئايال ۋاسكىتبولغا، ياشانغان ئايال تىك -تاك توپ.
3. ئەرلەر مەسئۇليەتسىز جەمئىيەتتە تول ئايال، پاھىشلەر كۆپىيىدۇ؛ ئاياللار مەسئۇليەتسىز جەمئىيەتتە ئىلىم- ھۈنەرسىز ئوغۇللار،سەرگەردان بالىلار كۆپىيىدۇ.
4. ئىككى -ئۈچ ئايال بىر يەرگە كەلسە كىيىمنىڭ گىپى، ئىككى ئۈچ ئەر بىر يەرگە كەلسە ئايالنىڭ گىپى. دىمەك ئاياللار ئۈمۈدىنى كىيىمگە، ئەرلەر ئۈمۈدىنى ئاياللارغا باغلىغاندەك قىلىدۇ.
5 . ئۆزىنى يوقاتقان ئايال پۇراپ قالغان گۈشكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قۇندىغان چىۋىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
6. ئەر كىشى غورور بىلەن ، ئايال كىشى ئىپپەت بىلەن ئادەمدۇر.
7. خوتۇن كىشى بارلىق ئاجىزلىق ۋە ئىللەتنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.
8. ئاياللار ئادەملەرنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىشقا ئەڭ ئۇستا قوۋۇمدۇر.
9 . ئەرلەرنى كۈزگە ئىلماي گىدىيىپ يۈردىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى، بىرى چىرايى ۋە قەددى- قامىتىدىن پەخىرلىندىغانلار، يەنە بىرى مال - دۇنيا ۋە ھوقوقىدىن پەخىرلىندىغانلار، ئەڭ ئاخىرقىسى ئەرلەرنىڭ كۈچ- قۇدۇرتى ھەم ھېسسىياتىدىن گۇمانلىندىغانلادۇر.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتىدىن
بۇ پەقەت گېزىت يۈزدىكىلا پاراڭلار ئىكەن، ئۈزۈم ئوقۇپ مىسرانىمدىكى دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇپ باقتىم ، مىسرانىمدا خانىم -قىزلار كۆپرەك ، شۇڭا مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 07:42 PM