رەخمەت سىزگە ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز ،
بۇ قىسقىغىنا فلىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى تۇتالمايلا قالدىم
ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك فىلىمكەن .ئاتا- ئانىنىڭ خزىمىتىنى قىلىش ھەقىقى سائادەتتۇر .
كونىلاردا« 9 بالنىنى بىر ئانا باقالايىدۇ ، بىىر ئانىنى 9 بالاباقالمايدۇ » دىگەن گەپ بار ھەقىقەتەن شۇنداقكەن ،
ئۇلۇغ ئاللاھتىن بەندىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، ھىدايەت تىلەيلى ،
« ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ »
(ئابدۇرېھىم مۇھەممەتنىڭ)
ئاياپ جوراڭنى، قەھرىڭدىن ئاناڭنى تىلىغان سەنمۇ؟
يىگىتلىك پەيلى -پەخىرىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
سىنى چوڭ قىلغۇچە رەڭگى سۇنۇپ نە بولسا بولغاندۇ .
تېنىپ شۇنداقمۇ ئەسلىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
بالاڭ -پۇشتۇڭمۇ شۇ مەزلۇم قولىدا قوينىدا ئۆستى .
گۇۋاھلىق يوق نەسلىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
ئاناڭ تىللانسا رەنجىڭ يۇق، ئايالىڭ رەنجىدىن ئەنسىز ،
بۇلۇپ ئازمىشتا ئەقلىڭدىن ئاناڭنى تىلىغان سەنمۇ ؟
ئاناڭدا قەھرى -قەغىش يۇق، قىساس كىملەرنى تاللايدۇ؟
يېنىپ قال ئەمدى پەيلىڭدىن ،ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نازىخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 07:18 PM