مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1480|ئىنكاس: 22

بۈگۈن ماڭا ،ئەتە ساڭا«ھەمكارلىق» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 04:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى بۇنداق قۇيۇشتىكى سەۋەپ ، بۈگۈن سىز ماڭا ياردەم قىلىسىز، ئەتە مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن،   

تەپسىلىي مەقسەتكە كېلەيلى،

مەن كورلا شەھرىدە كومپىيۇتىر سېتىش ۋە ئېلانچىلىقنى بىرلەشتۇرۇپ بىر دۇكان ئېچىپ كىلىۋاتىمەن.، يېقىندا دۇكاندىكى كومپىيۇتىرلارغا ئۇيغۇرچە سېستىما[يىڭى چىققان،ماسلىشىشچان] قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاش  مۇلازىمىتىنى يولغا قويماقچى بۇلۇپ ، ئۇندىن باشقا يەنە  دۇكانغا ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق تاختا كومپىيۇتىر ۋە ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈپ ،  ئۇستەل كومپىيۇتىر، خاتىرە كومپىيۇتىر، تاختا كومپىيۇتىر، ئەقلىي يانفۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، ۋە ئەقلىي يانفۇن ۋە كومپىيۇتىرلارغا ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاش قاتارلىق ،تىلدا قىينىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە ئۇيغۇر يىزىقىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلارنى دۇكانغا كىرگۈزمەكچى ئىدىم، ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە سېستىمىنى قوللايدىغان ئاندورويىد سېستىمىلىق خەنزۇچە سېستىما بار يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە سېستىما ۋە ئۇيغۇرچە دىتاللارنى قاچىلاش مۇلازىمىتىنىمۇ يولغا قويماقچى بۇلىۋاتىمەن،
بۇ مۇلاىمەتنى يولغا قويغان ھامان شەھەر ئىچىدە 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات تارقىتىش ۋە ئىتبار باھالىق مال سېتىۋېلىش ، بۇ مۇلازىمەتنى يولغا قۇيۇپ 30 كۇنگۈچە يولغان ۋاقىت ئىچىدە كومپىيۇتىرلارغا ئۇيغۇرچە سېستىمىنى ھەقسىز قاچىلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇ ھەم مەن ئۈچۈن بىرر تەشۋىقات بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكانغا كىرگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇيغۇرچە سېستىما بارمۇ دەپ بەك كۆپ كىرىدۇ،


،يىڭى ئاچقاندا 100مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن ئىش باشلىغان، 4 ئاي بولدى، دۇكاننىڭ كۆلىمى 75كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ،

مەن يېقىندا كۈزلۈك بازارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن  دۇكانغا ئىستىقبالى بار، بازىرى ياخشى مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزمەكچى ئىدىم، بىراق ئازراق مەبلەغ كامچىل بۇپ قالدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،

ماڭا 15-30 مىڭ يۈەن گىچە مەبلەغ لازىم بولۇپ قالدى، مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغانلار بىلەن تۆۋەندىكىدەك ھەمكارلاشماقچى؛

ھەمكارلاشقۇچى ياكى قەرز بېرىپ تۇرغۇچى ماڭا 15-30 مىڭغىچە بىر يىللىق ئۆسۇمسىز قەرز بېرىدۇ، ياكى ھەمكارلىشىش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدۇ، مەن بىر يىلدىن كېيىن قەرز بېرىپ تۇرغۇچىلارغا قەرزىنى بىر يىلدىن كېيىن قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ ، ئۇندىن باشقا قەرز بەرگۈچى قانچىلىق قەرز بەرگگن بولسا مەن بىر يىلدىن كېيىن شۇ كىشىگە شۇنچىلىك قەرز بېرىمەن، يەنى ئۇ كىشى 15 مىڭ پۇلنى بىر يىللىق قەرز بەرسە، مەن بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ 15 مىڭنى قايتۇرۇپ، يەنە ئۆز يېنىمدىن 15 مىڭ چىقىرىپ . ئۇ كىشىنىڭ بىر يىللىق ئىشلتىىشىگە قەرز بېرىپ تۇرىمەن،مەن بۇ يىل ئۇ كىشىنىڭ 15 مىڭ يۈەن پۇلى بىلەن بىر يىل تىجارىتىمنى كېڭەيتىۋالسام، كېلەر يىلى ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشىغا مەنمۇ قەرز بېرىپ تۇرىمەن، بۈگۈن سىز ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ئەتە مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن دىمەكچى،

ئەمدى ھەمكارلىشىشقا كەلسەك ، ھەمكارلاشقۇچى ماڭا 15-30مىڭ يۇەنگىچە مەبلەغ سالىدۇ، مەن بىر يىلدىن كېيىن ئۇ كىشىگە پۇلىنى قايتۇرغاندىن سىرت، شۇ كىشىنىڭ ماڭا قانچىلىق مەبلەغ سالغان بولسا مەنمۇ شۇ كىشىگە شۇنچىلىك مەبلەغ سېلىپ ئۇنىڭ ۋە مىنىڭ پۇلۇمنى بىرلەشتۇرۇپ، شۇكىشى خالىغان جايدا كومپيۇتېر سېتىش، ۋە ئېلانچىلىك مەركىزى ئېچىشقا ياردەم قىلىمەن، ۋە بىر قوللۇق يىتەكلەيمەن، سودىدا زىيان تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن، يېقىندىن ماسلىشىپ ، تەڭ ئىلگىرلەپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىمىز، شىرىك بولۇش ئەمەس بەلكى شۇ كىشىنىڭ تىجارىتىگە يېكىندىن ياردەمدە بۇلىمەن، ىيان تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن دىمەكچى، ئەگەر شۇ كىشى بىر يىلدىن كېيىن دۇكان ئېچىپ تىجارىتى ئەپلەشمەي قېلىپ، تىجارەتنى توختاتماقچى بولسا ، دۇكانغا كىرگۈ زگەن ،قېلىپ قالغان بارلىق ماللارنى مەن ئەسلى باھاسىدا قايتۇرۋېلىپ ئۆز دۇكۇنۇمدا سېتىپ چىقىرىمەن، ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان بارلىق ماللارنىڭ پۇلىنى ئەسلى باھاسى بويىچە قايتۇرمەن.

يۇقارقىدەك قەرز ئېلىم بېرىم  ۋە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش  مۇناسىۋىتىنى قانۇن بويىچە ئىشەنچىلىك قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن، توختام بويىچە ئىش قىلىپ، قاتتىق ئەمەل قىلىمەن، ئەگەر يۇقارقىدەك تۇرلەردە مەن بىلەن ھەمكارلىشىنى خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،

ئىسمى ؛ يۈسۈپچان، يانفون 13070006713   0996-  2505510     چچ؛872795362

دۇكان ئورنى. كورلا شەھىرى لەنگەر يولى سەي توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ يېنىدىكى جىنپېڭ ئولتۇراق رايۇنىدا .

ئەگەر كورلا ياكى باشقا جايدىكى كىشىلەر دۇكۇنۇمغا كېلىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاندىن ھەمكارلىشىشنى ئويلاشسىمۇ بولىدۇ.

بۈگۈن سىز مىنى يۆلىسىڭىز مەن ئەتە سىزنى يۆلەپ ، بىر- بىرمىزگە ياردەم قىلىپ پۇل تاپىمىز، ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز مەنمۇ سىزنى ھەرگىز ئۈمىد سىز قويمايمەن. قېنى ئۇنداق بولسا تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى ئۆز ئاغزىمدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،

ئاللاھ سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئوڭۈشلۇق قىلسۇن ، تىجارىتىمىزنى بەركەتلىك قىلسۇن.
خۇدايم بىزنى كارخانچىسى ۋە  زاۋۇتى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي

[ دۇكاننىڭ تىجارە كېنىشكىسى، باج كېنىشكىسى ۋە باشقا رەسمىيەتلەر تۇلۇق،] مەن بىلەن ئالاقىشىپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ، ئۆز نامىمدا]

يەنە بىر گەپ؛  ئەگەردە سىزدە 100مىڭ يۇەن بولسا تەڭ شىرىك بۇلۇپ ،چوڭ ئىشلارنى بىللە قىلساقمۇ بۇلىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز بۇنىمۇ ئويلىىشپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. دۇكۇنۇمنىڭ ئىستىقبالى ۋە ئورنى ناھايتى ئەۋزەل ئۇرۇندا. مەندە تېخنىكىمۇ ۋە تەجىربىمۇ بار. خالىسىڭىز ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قۇدرەت تاپساقمۇ بۇلىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 04:28 PM  


بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 06:50:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مالچى بۇرادەر ، ماۋۇ خوتەندە بولۇپ قالغان بولساڭلار ئىدى مەن شىرىك بولىدىغان ئادەمنى تېپىپ بېرەلەيتتىم ئەممە سىلە كورلىدا ماۋۇسى خوتەندە بولسا تەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

كورلىلىق مۇنبەرداشلار خېلى كۆپ مىسرانىمدا ، ئىش كۈتىۋاتقان ياكى دەسمى بار نىمە ئىش قىلىشنى ئۇقالماي گاڭگىراپ  قالغانلارمۇ بار چۇقۇم چىقىپ قالىدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئىشەنجە قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسى ئېغىر بىزدەك كونا تۇنۇشلار بولسىغۇ ئىشىنىشىمىز .

كىيىنكى ئىنكاسلارغا قاراپ باقايلى قېنى :

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3080 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىسىت ...... مەندەك ئوقۇغۇچىلارغا پاي قۇشۇش پۇرسىتى بولمايدىكەندە، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73979
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3832
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەمكارلېشېشنې   خالايمەن   100000  نې   مەن چېقېرېمەن  مەن بېلەن ئالاقېلشېڭ  25563861   چ چ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 289 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچىنىڭ چىقىپ ئىشلىرڭىزنىڭ روناق تىپىشغا تىلەكداشمەن.

سورۇدۇم مەن ئاسماندىن يايرىم سىنى،
بۇ مىنىڭ ساڭا بولغان سىغىنىشىم،
يۇمۇلغۇچە بۇ كۈزۈم كىتەر بولساڭ،
ئىيتار ئىدىم مەن ساڭا كەتمە يىراق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
〓重新开始〓 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 07:47 PM
مەن ھەمكارلېشېشنې   خالايمەن   100000  نې   مەن چېقېرېمەن  م ...

  ھەمكارلاشقۇچى چىقىپ بوپتۇغۇ مانا.... بولمىسا مېنىڭ بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە قولۇمغا چۈشىدىغان نەچچە تۈمەن پۇل بار ئېدى، شۇ پۇل ۋاقتىدا بولغان بولسا بۇ ھەمكارلىققا مەبلەغ سېلىپ باقىدىكەنمەن دەپ ئويلاۋاتاتتىم....

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بو؛سۇن

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elqvn يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 07:56 PM
ھەمكارلاشقۇچى چىقىپ بوپتۇغۇ مانا.... بولمىسا مېنىڭ بى ...

ئۇ بالىنىڭ چىچىسى ئەمەسكەن، ئۇ بىر چچى توپىكەن. خالىسىڭىز ئىككىمىز پاراڭلىشىپ باقايلى، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 10:22 PM  


بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
huxqiray يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 06:50 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مالچى بۇرادەر ، ماۋۇ خوتەندە بولۇپ  ...

كورلىدا پەقەت مەن بىلەن  ئىككى ئۇيغۇرلا كومپىيۇتىر سودىسى قىلىدۇ،  مىنىڭ دۇكۇنۇم كۆلەملەشكەن چوڭ دۇكان،ئۇيغۇرلار بازىرىغا ئۇرۇنلاشقان،

مەن بۇ ئىشنى چۇقۇم قىلىمەن، تاكى قۇلۇمغا پۇل كىرگەن ھامان چۇقۇم باشلايمەن،

ۋىندوۋسنىڭ يىڭى چىققان ۋىندوۋس 8 ئۇيغۇرچە سېستىمىسىنىڭ كورلىدىكى ۋاكالاتچىلىكىنىمۇ ئاللاھ خالىسا چۇقۇم ئالىمەن،

دۇكاندىكى بارلىق كومپىيۇتىرلارغا ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاپ ئۇيغۇرلار 32 يىلدىن بۇيان تەشنا بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز، ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ شۇنداق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 10:28 PM  


بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش