|
|
|
|
ئۇچقۇر خەت(飞信) باغلانغان تېلفون نومۇرنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
چۈشەنچە:
مەزكۇر تېمامنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپلا مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ دەرسلىك قىلىپ يوللاش كېتەمدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى مەن مۇشۇنچىلىك ئىشنى بىلمەسلىكىم(مۇشۇنداق قىلسام بولدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، ئەمىلىيەتتە تەس ئىش ئەمەس) تۈپەيلى نەچچە قېتىملاپ ئۇچقۇر خەتتىكى دوستلۇرۇمنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان.(ئالىي مەكتەپتە 007 دەك تۇلا تېلفون نۇمۇر ئالماشتۇراتتىم خى خى ...) شۇڭا ئويلاپ قالدىم، مەڭا ئوخشاش « 007 » لەر ھەرقاچان بۇنداق قىلىشنى ئويلاشمايدۇ، كىيىن ئۇچقۇر خەت يوللاش توغرا كېلىپ ئۇچقۇر خەت دىتالىنى ئاچسا بۇرۇنقى دوستلىرى يوق جىلە بولۇپ قالىدۇ.
تېمامنىڭ يوللىنىش سەۋەبى يوقارقىدەك.
ئۇچقۇر خەت دىگەن نىمە؟
تېلفونىڭىزنىڭ GPRS ئېقىم مىقتارىغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللايسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئايدا 5 يۈەنگە 30mb لىق ئېقىم مىقتارى ئېچىپ قويسىڭىز مۇشۇ 30mb غا 50000 ئۇچۇر يېزىشىڭىزدا گەپ يوق. چۈنكى ئۇچۇر ئېقىم مىقتارى خەت ھېسابلىغاندىكىن، يا سىز ئۇچۇرغا رەسىم قوشۇپ يوللىمىغاندىكىن بەك ئەرزان. 50000 ئۇچۇرنىڭ ھەر بىرى بىر مو دىن بولسا ھېسابلاپ بېقىڭ قانچە پۇل بولىدىكەن؟!
داۋامىنى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۇچقۇر خەت دىتالى (飞信) ناملىق تېمامدىن كۆرىۋېلىڭ.
ئۇچقۇر خەتنى ئادەتتە Android ، IOS ، Symbian ، J2ME 3.4.8 ، WindowsPhone ، WindowsMobile ، MTK V2.3.4 ، BlackBerry ، OMS V2.2.0 قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەر قوللايدۇ.
ھازىر ئۇچقۇر خەتنىڭ تور نۇسقىسىمۇ ياسالغان بۇلۇپ سىز بىۋاستە تور بىكەت ئارقىلىقمۇ ئۇچقۇر خەت يوللىيالايسىز، ئادىرىسى: https://webim.feixin.10086.cn
دەرسلىك:
. ئالدى بىلەن ئۇچقۇر خەتنىڭ ئورگان بىتى، http://feixin.10086.cn غا كىرىڭ
. ئۈستىدىكى 个人中心 دىن 更换手机号 نى چىكىپ.
. ئەمدى كونا تېلفون نومىرىڭىز ۋە ئۇچقۇر خەت پارولىڭىز ئارقىلىق بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان ئۇچقۇر خەت تەڭشەش بىتىگە كىرىڭ.
. ئاندىن 账户 دىن 手机号设置 غا كىرىپ يېڭى تېلفون نومىرىڭىزنى تەھرىرلەڭ. بۇ ۋاقىتتا يېڭى تېلفون نومىرىڭىزغا تەستىق كودى كېلىدۇ، شۇ تەستىق كودىنى تولدۇرۇپ جەزىملىسىڭىز ئىش تامام.
مانا ئىش تامام بولۇپ كەتتى، ئەمدى يېڭى تېلفون نومىرىڭىزدىمۇ كونا ئۇچقۇر خەتتىكى دوستلىرىڭىزغا بىمالال ئۇچۇر يوللىيالايسىز.
مەنبە، بىلىملەر مۇنبىرى: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6025
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى bilimlar.com نىڭ مىكرو بلوگى
|
|
|
|
|
|