پەزىلەتلىك - سالىھە ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە شۇنداق دەيدۇ ـ { ئاياللارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، يولدىشى ئۇنىڭغا قارىسا خۇش ـ تەبەسسۇم قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىسا خۇرسەنلىك بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغان، ئىپپەت ـ نۇمىسى ۋە مال ـ مۈلكىنى ساقلاشتا يولدىشىنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردا بولمىغان ئايالدۇر} . دىگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ { دۇنيالىق نەرسىلەر ئىچىدە ماڭا ئۈچ نەرسە چىرايلىق كۆرسىتىلدى. سالىھە ئايال، خۇشبۇي پۇراق ۋە كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان ناماز}، دىگەن . پەيغەمبىرىمىز بۇ مۇباراك سۆزلىرى بىلەن ئايال كىشىگە نەقەدەر سۆيگۈـ مۇھاببەت ۋە مېرى ـ شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ { دۇنيانىڭ ھەممىسى ماتادۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ خەيرىلىك مەۋجۇتلىقى بولسا سالىھە ئايالدۇر }، دىگەن . بۇ ھەدىستىكى مەزمۇن، ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بەرگەن يۇقىىرى مەرتىۋىسىى ۋە كىشىلىك قىممەت ـ قارىشىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ سالىھە ئاياللارنىڭ ئالى ـ مەرتىۋىسى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ ـ {جانابى ئاللاھ كىمگە سالىھە ئايال نەسىب قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دىنىنىڭ ۋە دۇنيالىقىنىڭ يېرىمىغا ياردەم قىلغان بۇلىدۇ. دىنىنىڭ قالغان يېرىمىنى بولسا ئۈزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن مۇھاپىزەت قىلسىۇن } ، دىگەن .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ بۇ خۇسۇستا بىر ھەدىس بايان قىلغان بۇلۇپ، { تۆت نەرسە كىمگە بىرلگەن بولسا ئۇنىڭغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ ياخشى نەرسىلىرى بىرىلگەن بۇلىدۇ . شۇكرى ـ قانائەت قىلىدىغان قەلىب ، ئاللاھنى دائىم زىكرى قىلىدىغان تىل ، بالايى مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىدىغان بەدەن ، ئىپپەپ ـ نۇمۇسىدا ۋە مال ـ مۈلكىدە ئېرىگە خىيانەت قىلمىغان ئايال } . دىگەن .
مېرىبان ئاللاھ ـ بارچە مۇسۇلمان ئەرـ ئاياللارنى يۇقارقى نىمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن.
مەنبە ـ سالىھە ئاياللار پەزىلەتلىرى ناملىق ئەسەر
تەرجىمە قىلغۇچى - مۆلجەرلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 12:18 PM