«پەرھات-شىرىن» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى موسكىۋا كىنو ستودىيىسى ئىشلىگەن.) سىنارىست ۋە رىژىسۇر-ئەژدەر ئىبرايىموۋ ئوپىراتۇر-كونىستانتىن پىتىرچىنكو قەشقەر رادىيۇ-كىنو-تىلۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلىمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. تەرجىمان-تاھىر تالىپ. رىژىسۇر-ئېلى تۇرغۇن. مۇھەررىر-ئابلىز يۈنۈس. ئاساسلىق روللارغا ئاۋاز بەرگۈچىلەر: پەرھات-ئابدۇمىجىت مۇسا. شىرىن-شەھىدە ئېلى. مىھرىبانۇ-گۇلباھار روزى. ۋەزىر-زىمىنجان سىدىق قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: مەلۇم شەھەرنىڭ ئايال پادىشاھى-مىھرىبانۇ گۈزەل ساھىپجاماللاردىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولاتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى-شىرىنمۇ ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئۇلار خوشال- خورام ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شىرىن كىسەل بولۇپ يېتىپ قالىدۇ. سىڭلىسىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرىگەن مىھرىبانۇ شەھەر خەلقىگە مۇراجەت قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ كىسىلىنى ساقايتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. ئاخىرىدا بىر تىۋىپ شىرىننى ساقايتىشنىڭ ئامالىنى تاپىدۇ. ئۇ مىھرىبانۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىدىن كەچكەندىلا شىرىن ساقىيىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مىھرىبانۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىنىڭ بەدىلىگە شىرىننىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىر كۈنى شىرىن يايلاقتا ئات چاپتۇرۇپ ساياھەتكە چىقىدۇ. ئۇ توساتتىن نەققاش يىگىت- پەرھاتنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ.پەرھاتمۇ شىرىننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقلار چىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۈمۈدۇ. پەرھات شىرىننى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن، مىھرىبانۇنىڭ ئالدىغا ئەلچى ئىبەرتكەندە ئۇ:«پەرھات بىستۇن تېغىنى يېرىپ بۇ زىمىنغا سۇ ئېلىپ كىلەلىسە، سىڭلىم شىرىننىڭ ۋەسلىگە يېتەلەيدۇ.»دەيدۇ. باتۇر پەرھات ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن بىستۇن تېغىغا چىقىپ، تاغنى يېرىپ، بىر نەچچە ئايدا بۇ شەھەرگە سۇ باشلاپ كېلىدۇ. پۇخرالار شاتلىققا چۈمۈشىدۇ.توساتتىن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن سۈيى پەرھاتنى ئېقىتىپ كېتىپ ھاياتىدىن جۇدا قىلىدۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان شىرىن پەرھاتنىڭ جەسىدى ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. بۇ فىلىمدە پەرھات بىلەن شىرىننىڭ چىن مۇھەببىتىنى ئوبرازلىق، رۇشەن، ئىخچام ھالدا بايان قىلىنىدۇ. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 10-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر تېل:13779894333 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 12:53 AM
|