ئۇيغۇرلاردا «سەن » دىيىش ئېغىر ئەخلاق مەسىلىسىمۇ ؟
(بۇ تىمىدىكى مىسال ھەقىقى بولغان ئىش )
ھاياتلىق يەنى ياشاش ،ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن يەككە يىگانە ھالدا تاماملاش ئېلىپ بارىدىغان ، بىرخىل قائىدە ئىچىدىكى تەبىئى ھالەت بۇلۇپ قالماستىن ،بەلكى ، ئەتىراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان ، ئىجتىمائى ھالەتتىكى ئۆزگىرىشچان جەريان . بۇنى مەن ئەمەس ھەممە ئادەم بىلىپ كىتەلەيدۇ .
ئەمدى مۇشۇنداق بىر سەينادا سىز دائىم بىر خىل ياشتىكى ياكى بىرخىل كەسىپتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىپلا قالماي بەلكى ، ھەر ساھەدىكى ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىدىكەنسىز .
ئۇلار ئارىسدا چوڭلارمۇ ،كىچىكلەرمۇ ، قىزلارمۇ ، ئاياللارمۇ ، ئۇغۇللارمۇ ۋە ئەرلەرمۇ شۇنداقلا ئاددى بولسۇن ياكى يۇقىرى بولسۇن، ھەر خىل ئىمتىيازدىكى ئادەملەر بۇلىدىكەن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋاستىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى سەۋەبلىك، ئالاقە ۋاستىسى بىلەن ئالاقە مۇھىتى مۆلچەرلىگۈسىز ئاۋۇدى ۋە كىڭەيدى ، ئىلگىرىدەك پارچە ھالەتتىكى بىر مەھەللە ئىچىدىلا ياشاش ۋە شۇ مەھەللە ۋە يۇرىت ئادەملىرى بىلەن ئالاقە قىلىش شارائىتى كۆپ ئۆزگەردى .
شۇڭلاشقا بۇ ياشاش مۇھىتى بەزىدە نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ۋە دائىم ئىشلتىدىغان سۆزلەردىكى پەرىقنى ھەدەپ ئاشكارىلاپ قويماقتا.
ئەگەر يۈز-تۇرانە ئالاقە قىلىش جەريانىدا بولسىغۇ، يۈز بەرگەن مەسىلە بولسا بىۋاستە چۈشەنچە بىرىش ئارقىلىق تىزلا ياخشىلىغىلى بۇلىدىكەن.
ئەمما زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋاستىسى ھىسابلنىدىغدن، يانفۇن، چ چ ، قىسقا ئۇچۇر ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىخەت قاتارلىق ۋاستىلەردە بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز ئادەمگە ئويلىغۇسىز ئېغىر كىلىدىغان سۆزلەر ۋە راسىت شۇنداق دىگەنمىدۇ؟ دىگەندەك گۇمانلار كېينى كېينىدىن تۇغۇلۇپ ، ئادەمنىڭ مەيدىسىدىن پەسكە پەقەت چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. ئاشۇنداق ئاددى ھالەتتىكى بەزى مەقسەتىسىز شەكىللەندۈرۈرپ قويغان سەۋەنلىك (قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئىغىر خاتالىق ) يۈز بەرگەندە، سىز تېخىمۇ ئېغىر ۋە ئويلىمىغان جاۋاپقا ئېرىشىدىكەنسىز . نەتىجىدە بۇ سىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگەن بىر ئىش بۇلۇپ قالىدىكەن .
شەخسەن مەن ئۈزۈمنى مىسال ئالسام ، مەن مۇشۇ يىشىمغا كەلگىچە 14 يىل ئاساسى مائارىپ ئۇقۇتقۇچىلىقى قىپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ ئۇقۇتقۇچىلىقنى جەنۇبى شىنجاڭدا ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ماكان، يەنى خوتەن دىيارىدا قىلغان بولغاچقا ، ئۇ ئۇماق پەرزەنىتلىرىمنى كۈپىنچە بالام، ياكى قۇزام ، ئىنىم ، سىڭلىم دەپ ئادەتلەنگەچكە ، ئۈزۈمدىن كىچىكلەرنى بەزىدە بىلىپ، بىلمەي سەنلەپ سالىدىغان ئادىتىم بار، بۇنى مەن قەستەن شەكىللەندۈرگەن ئىش دېسەم توغرا بولمايدۇ. بۇ مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا مەقسەتسىز شەكىللەندۈرگەن ، باشقىلارنى چاقىرىش ئادىتىم . ئەمما مەلۇم سەۋەبتىن تا بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ئادىتىمنىڭ باشقىلار نەزىرىدە ئېغىر ئەخلاق مەسىلىسى پەيدا قىلدى دىگەن ئىنكاسقا قىلىشى ،مېنى بەك ئازابلىدى ، كۈڭلۈم يېرىم بولماي تۇرالمىدىم ، تا ھازىرغىچە بۇ ئىشتا نىمىشقا شۇنداق باشقىلارنى سەنلەپ سالغاندىمەن ، دەپ ئۈكىنىۋاتىمەن ، چۈنكى مىنىڭ بۇ سەنلەپ قىلغان سۈزۈم شۇ سەنلىگەن قارشى تەرەپكە نىسبەتەن بىر ئېغىر ئەخلاق مەسسىلىسى ،يەنە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلماسلىق بۇلۇپ تۇيۇلۇپ ، مەندىن قاتتىق خاپا بۇپ كەتتى. مەن يىنىشلاپ ئەسلى مەقسىدىمنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرىتكەن بولساممۇ ، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ سەنلەش خارەكتىرىدە قىلغان سۈزۈمنى چ چ ئالاقىسىدا ئىشلەتكەن بۇلۇپ ، بۇ سۆزلەرنىمۇ تۇلۇق يازغۇم كەلدى، .
چۈنكى بۇيەردە مەن قىلغان سۆزنىمۇ بىللە دىيىشىم كىرەك، مىنىڭ دىگىنىم « يەر ئۈستىدە بارمۇ سىز ؟ » دېدىم .، بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇدا بىر ئايغىچە ئۇچۇر يازسام جاۋاپ قايىتىمىغان ئىدى .
بۇنىڭغا نىسبەتەن « مەن بار ، جىددى بىر ئىمتاھانغا تىزىملاتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراش » دىگەن جاۋاپ بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەندىن قارىشى تەرەپ كىچىك بولغاچقا ،ئۇقمايلا « ئىمتاھاننى ياخشى بەرگىن ، نىمىگە تىزىملاتتىڭ ؟» دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ساپتىمەن . مۇشۇ سۆزگە قارشى تەرەپنىڭ ماڭا قايتۇرغان ماۋۇ جاۋابى ، « قانداق ئادەم سىز ، نىمە مەن بىلەنلا قالدىڭىز ، گەپلىرىڭىز نىمانداق بىر-بىرىدىن قۇپال ۋە زەھەرلىك »«نىمە سەنلەپ گەپ قىلىسىز ، مىنى ھەتتا دادام ، ئانام، ئاكام ، ئۇكام ۋە مابىتىممۇ سەنلەپ باقمىغان » «باشقىلارنى ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپسىەن بولمىسا تاپمايسەن دەپتىكەن ، سىز مېنى ھۆرمەت قىلمىڭسىز ، مەنمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن » دىگەن ئىنكاس بولدى. مەزكۇر ئىنكاس تا بۈگۈنگىچە راسلا مەيدەمدىن پەسكە چۈشۈپ كەتمىدى. راس گەپ قىلسام بار گەپ شۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلمىغانئىدىم . لىكىن قارشى تەرپ ئېغىر ئېلىپ ماڭا قايتۇرغان ئىنكاسمۇ ماڭا راسلا ئېغىر كەلدى .
ئەمدى سورىشىڭلار مۇمكىن، قارشى تەرەپ بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بۇلغان ئىدى دەپ ، بۇ يەردە ئىنىق دېسەم قارشى تەرپ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ،ئۈزى كەسپى رىياسەتچى ، قىز ، مەندىن مەندىن تەخمىنەن 6 ياش كىچىك ، پەقەت مىنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرىپىملا بار ، نۇرمال كەسپى ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن ، ئۇ تەرەپمۇ مىنى ئاكىسى ئورنىدا تۇرۇپ مەسلەھەت ئالاتتى ،پەقەت كەسپى جەھەتتىلا مۇناسىۋەت قىلاتتۇق . ۋە ئازىراق ھۆرمەت قىلاتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۈزى شۇنداق ياخشى گەپ قىلغان، تۇيۇقسىزلا مەن « سەن» لىگەن ئىش ئۇنىڭغا مىڭىسىگە چىقىپ كىتىپتۇ ، ھەم ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز مىڭىسى تىز ئىنكاس قىلىدىغان ۋە چايقىلىدىغان قىزلار بەك كۆپمىكىن دەيمەن ، يەنە ھازىر كۈپىنچە قىزلار شۇنداق نۇرمال گەپ قىلىپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا ،نەخ مەيداندا ئادەم تىللىيالايدىغان ۋە ئاغىرىنالايدىغان بۇپ كەتكەن ئىدى.
دىمەك ، بىكاردىن بىكار بىر سەنلەپ گەپ قىلغان سەۋەنلىككە ،مەن مۇشۇنچە گەپلەرگە قالدىم، ھەم مەن بۇ ئىشتا قاتتىق رەنجىگەن قارشى تەرەپكە ناماقۇل بولدۇمدە ، بۇ مەسىلىنى تۇنۇلغان رىياسەتچىلەردىن يەنى ئۈرۈمچىدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن ئايال رىياسەتچىدىن مەسلەھەت ئالسام، ئەسلى بەك يىقىن بولسىڭىز سەنلىسىڭز توغرا بۇلىدۇ . بولمىسا سىز دەيسىز دەپ مەسلەھەت بەردى.
مىنىڭچە مەن سەنلەپ باققان ئادەمنى بەلكىم ئۈزى دىگەندەك ھېچكىممۇ سەنلەپ باقمىغان بولسا كىرەك . مىڭ تەستە خاپا بولماڭ دەپ كەچۈرۈم سورىدىمدە چ چ ۋى مىكىرۇ بىلوگلاردىن دەرھال ئۈچۈرۋەتتىم ۋە ئەمدى پەقەت ئالاقە قىلماسلىققا نىيەت باغلاپ ئۈزىگىمۇ شۇ ئالاقىنى ئەۋەتتىم .
ئەمدى بۇ تىمىنى يېزىش ئارقىلىق مەن كەڭ تورداش دوسلاردىن زادى «سەن» لەپ گەپ قىلىش قانداق ھالەتتە قىلىنسا مۇۋاپىق؟ زادى قانداق ئادەملەرنى سەنلەپ گەپ قىلىمىز ، ئۇيغۇرلاردا سەنلەپ گەپ قىلىش راسلا ئىغىر ھۆرمەتسىزلىكمۇ ؟ زادى «سەن» دىيىش بىلە «سىز »دىيىشىنىڭ ئۆلچىمى، ئۇبىكتى ۋە قائىدىسى قانداق بۇلىدۇ ؟ دىگەن مەسىلىدە تەلىم ئېلىش ئۈچۈن بۇتىمىنى يوللىدىم .
بۇ گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ ،ئەمما ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئىش شۇڭا دوسلارنىڭ توغرا مۇنازىرە قىلالايدىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمىنى قىلىپلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،شۇنداقلا كۆپنىڭ ئەقلى دىگەن راسلا ئازغا قارىغاندا بىر قەدەر پىشقان بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ تىمىنى قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىپ يازغان ئەمەس. پەقەت ئۈزۈمدىن ئاغىرىنغان ، شۇنداقلا ھەقىقى ئەقىل تىپىش ئۈچۈن يازغان، شۇڭا دوسلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
2012-يىلى 10-سىنتەبىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 12:51 AM