|
|
|
|
روتېر(路由器) نىڭ تەڭشەش بىتى ئېچىلماسلىقنى ھەل قىلىش
چۈشەنچە:
روتېرنىڭ تەڭشەش تور بىتىنىڭ دائىم ئېچىلماسلىق مەسلىسىگە يۇلۇققاندا شۇنداق جىلە بولۇپ كىتەتتىم، بەلكىم مۇنبىرىمىزدىكى نۇرغۇن تورداشلارمۇ بۇنداق مەسسىللەرگە يۇلۇققان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەزكۇر تېمىنى يوللاش مەقسىتىگە كەلدىم. ئەگەر كۈنلەردە مۇشۇنداق مەسلىگە يۇلۇقۇم قالسىڭىز بىلىملەر تورىنى ئەسكە ئېلىپ ئىزدەش بىتىمىزگە « روتېر » دەپ ئىزدىسىڭىز تىزلا ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىسىز.
روتېر دىگەن نىمە؟
روتېرنىڭ ئاسالىق ئالاھىدىلىكى بىر دانە تور سىمىنى نەچچەگە شاخلاشتۇرۇش. ھازىر ئاساسلىق سىمسىز روتېر ئاساس قىلىپ ئىشتىلىدۇ، بۇنىڭدا سىز ئۆيىڭىزدىكى كەڭ بەلۋاغلىق توردىن يەنە نەچچە سىملىق كومپىيۇتېرنى شاخلاشتۇرۇپ ئۇلىغاندىن سىرىت يەنە WIFI سىگىنالى تارقىتىپ 300MB ئەتىراپتىكى ھەرقانداق WIFI تورى قوللاىديغان ئۈسكىنىلەردە(تېلفون، تاختا كومپىيۇتېر، لەپتۇم ۋە باشقا) ھەقسىز تورغا چىقىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. كومپىيۇتېر شەھەرچىلىرىدە باھاسى 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە، تاۋ باۋ تورىدا 60 يۈەندىن 100 يۈەن ئەتىراپىدا.
ھازىر تورلاردا بەكرام سېرتىلىۋاتقان روتېرلاردىن
水星 MW300R 300M 无线宽带路由器 无线路由器 无限WIFI 双天线
包邮 TP-LINK TL-WR841N 300M 双天线 无线路由器 WIFI 流量控制
独立团 腾达宽带无线路由器 300M穿墙王 超高速 无限WIFI 三天线
دەرسلىك:
. ئاۋال كومپىيۇتېرنى بىر قوزغىتىپ يەنە بىر روتېر باشقۇرۇش بىتىنى ئېچىپ باقايلى.
. ئەگەر يەنىلا روتېر باشقۇرۇش بىتىگە كىرەلمىسەك 开始 تىزىملىكىدىن 运行 نى بېسىپ cmd دەپ يېزىپ جەزىملەڭ.
. ئاندىن بىر قارا رەڭلىك DOS كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، كۆزنەككە ping 192.168.1.1 دەپ يېزىپ Enter كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
. ئەگەر Request time out (تەكشۈرۈش ۋاقتى ئېشىپ كەتتى) ، Lost (ئۇچۇر تېپىلمىغان) %100 دىگەندەك ئۇچۇر چىقسا بەلكىم IP تەڭشەشتە مەسلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.
. ئەمدى كومپىيۇتېر ئېكران يۈزىدىن « تور خوشنام » نىڭ خاسلىقىنى ئاچىمىز.
. ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن « يەرلىك ئۇلانما » نىڭ خاسلىقىنى ئاچىمىز.
. ئەمدى ئېچىلغان كۆزنەكتىن « Internet 协议 » نى قوش چىكىمىز.
. ئېچىلغان كۆزنەكتىن « 使用下面的IP地址 » نى تاللاپ IP地址 دىگەنگە 192.168.1.X يېزىڭ(X گە 2-254 ئارىسىدىكى خالىغان ساننى يازسىڭىز بولىدۇ)، 子网掩码 دىگەنگە 255.255.255.0 نى يازىمىز، 默认网关 دىگەنگە 192.168.1.1 دەپ يازىمىز.
. ئەمدى روتېرنىڭ تەڭشەش بىتىگە كىرىپ بېقىڭ.
. ئەگەر كىرمەي قالسا روتېرنىڭ كەينىدا زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش كونۇپكىسى بار، شۇنى سىناپ بېقىڭ.
ئەسكەرتىش:
مۇنبىرىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئۇستازلار بار، بۇلار ئۈچۈن يوقارقى دەرسلىك كىچىك ئىش، لىكىن يەنە نۇرغۇن مۇشۇ مەسلىدە قىينالغانلارمۇ بار ھەم كىيىن چىقىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇستازلارنىڭ دەرسلىكنى ئاددى كۆرمەسلىكىنى ئۈنۈد قىلىمەن.
بىلىم، خورىماس بايلىق!
مەنبە، بىلىملەر مۇنبىرى: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6022
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى bilimlar.comنىڭ مىكرو بلوگى
|
|
|
|
|
|