مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15755|ئىنكاس: 76

سىرلىق ئۆي (فانتازىيىلىك،ۋەھىمىلىك)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27281
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8341 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىرلىق ئۆي

(پوۋىسىت)


ئاپتورى: سوفىيە(مەلىكە)

ئەسەر ژانىرى: فانتازىيىلىك،ۋەھىمىلىك


<1>


ئۇف...


<<باي بولاي دىسەڭ كۆچۈپ باق>> دەپ كونىلار بىكار ئىيتمىغان ئىكەن ئەسلى...
ئۆيدە كۆرۈنمىگەن نەرسىلەر كۆچكەندە بىر-بىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆيگە لىققىدە تىقىلىپ كەتكىنىگە ھەيرانمەن... توۋا...نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ھىلىمۇ ئۆيگە پىتىپ كىلىۋاتىپتىكەن بۇ نەرسىلەر...
ئەتىگەندە كۆچۈشنى باشلىغان  ئۆينى كەچ بولاي دىگەندە ئاران كۆچۈپ بولدۇم...

خۇدايىم بۇيرىسا مۇشۇ يىل كىرىپ كۆچكەن 4-ئۆيۈم...ئامال قانچە؟! ئۆي ئالاي دىسەم ئۇنچىلىك پۇلنى قانچە يىل ئىشلەپ تاپالايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، <<ئۆيى يوقنىڭ جىنى يوق>> دىگەن گەپكە ئىشەنمەسلىككە ئامالىم يوق ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى بۇ ئۆينى بىرەر قۇر تازلاپ قويغان بولغاچقا قىينالمايلا ئورۇنلىشىۋالدىم. شۇندىمۇ چوڭ-كىچىك سومكىلارنىڭ ئىچىدىكى تاراق-تۇرۇقلارنى رەتلەشكە تىخى بالدۇر ئىدى، ياتىدىغان كارۋىتىمنى بىر قۇر رەتلەپ قالغىنىنى ئەتىگە قالدۇردۇم. ئولتۇرۇپ يىڭى <خانەم>گە بىر قۇر قاراپ چىقتىم.

ئۆينىڭ ئىچى كاللامدەك قۇپقۇرۇق، بىرياتاق،بىر مىھمانخانە، زالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ قويغان چوڭ-كىچىك يەشىك،سومكىلار ئۆينى تىخىمۇ غىرىپ تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. كۈننىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي ئۆي ئىچىدىكى نەم زەي پۇراق كىشىنى بىئارامسىزلاندۇراتتى. شۇنداقلىقىغا باقماي ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارە پۇلى مەن ئۈچۈن خىلىلا قىممەت توختىغان ئىدى. ئايلىقى 1200يۇەن! بۇ ئۆي مەندەك بىر ئايدا ئاران 2800يۇەن ئالىدىغان خىزمەتچى ئۈچۈن...ھەي بولدىلا، بۇ گەپنى قىلماي...

تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: ھىچ بولمىغاندا خوتۇن بولغان بولسىمۇ بۇ دىشىۋارچىلىقنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆزۈم
تارتمايتتىم -دە ، ھە-ھۇ دىيىشىپ ئىككى ئادەم بىر دەمدىلا قىلىپ بولاتتۇق، كىم بىلىدۇ، تىخى ئىقتىساد قىلىپ ئۆيمۇ سىتىۋالامدۇق تىخى...ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈمچە مەمنۇن بولغۇنۇمچە كۈلۈپ قويدۇم.

سائەتكە قارىدىم، چۈشتىن كىيىن بەش يىرىم بولغان ئىدى، بۈگۈن بىركۈنلۈك دەم ئىلىشىمدىن پايدىلىنىپ ئۆي كۆچىمەن دەپ، چۈشلۈك تاماقنىمۇ يىمىگەنلىكىم ئىسىمگە كەلدى...قورساق دىگەن ئاجايىپ نەرسە، ئويلىمىسا ئاچمايدىغان، شۇنداق ئويلىدىڭمۇ، بولدى، ئاچلىقتىن خۇددى ئايلاپ تاماق يىمىگەندەك، تاماقنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك...

تازلىق ئۆيگە كىرىپ يۈز-قوللىرىمنى بىر قۇر يۇيۇپ تازلىدىم، كەينىدىن چىقىپ كىتەي دىۋىدىم، پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى، قارىۋىدىم، كونا ساپما كەش بولۇپ چىقتى، ساپما كەشنىڭ ئۈستىدە خۇددى يىڭى تارالغان چاچتىن چۈشكەن ئۇزۇن-ئۇزۇن قاپقارا تال-تال چاچتىن بىرنەچچە تال تۇراتتى...ئاستا پەسكە ئىڭشىپ چاچنى ئەخلەت چىكىگە تاشلاپ ساپما كەشنى بىر يانغا ئىلىپ قويدۇم.

قىززىق ئىش، ئالدىنقى كۈنى ئۆي تازلىغاندا بۇ يەرنى تازلىغاندەكمۇ قىلغان...ھەي...ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق يىرىم ياتا ئىش قىلىدىغان بولامدىغاندۇ دەيمەن. قارىغاندا ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسام كىرەك...قوسقۇمنىڭ پىژىلداپ ئىچىشى مىنى تىزرەك تاماق يىيىشقا ئۈندەيتتى...


ئۆينى تاقىدىم-دە ،پەسكە يەنى ئاشخانىغا قاراپ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىم...



<2>


ھىلىمۇ ياخشى يىڭى كۆچۈپ كەلگەن بۇ قورانىڭ دەرۋازىسى يىنىدىلا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىكەن.
چۈش ۋاقتى بولغاچقىمۇ ئادەممۇ خىلى كۆپ ئىكەن. كىرىپ ئورۇنلاشتىم.

كۈننىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىقىغا قارىماي بۇ ئاشخانىنىڭ ئىچى ئوبدانلا سالقىن ئىدى.

ئەمدى تازا ياخشى بولىدىغان بولدى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل مۇشۇ يەردە تاماق يىسەم...ئۆيگىمۇ يىقىن...ئىپى كەلسە بۇ يەرنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى يىزىۋالسام، ئارام ئالغان كۈنلىرىم غاچچىدە تىلفۇن ئۇرسام، ئوخشىتىپ تاماقلارنى ئىلىپ چىقىپ بەرسە...پاھ...پاھ...نىمىدىگەن قولايلىق-ھە!

__نىمە تاماق يىگۈڭىز بار؟

خىيالىمنى يىغۇشتۇرۇپ بىشىمنى كۆتۈردۈم، ئوماققىنە بىر قىزچاق تاماق تىزىملىكى بىلەن قەلەمنى تۇتۇپ تۇراتتى.
كۈننىڭ ئىسسىق بولىشىغا قارىماي كىيىۋالغان قىلىنلا چاپىنى مىنى سەل ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

__ماڭا ،مەيلى نىمە بولسا، قايسى تامىقىڭلار بەكرەك ئوخشايدۇ؟

قىزچاق ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى،ئۇنىڭ كۈلكىسى بەئەينى ئىچىلىۋاتقان گۈلنىڭ ئۆزىلا ئىدى.
__ بىزنىڭ ئاشخانىنىڭ ھەممىلا تامىقى ئوخشايدۇ، لەغمەن يەپ باقامسىز يە؟
__مەيلى، لەغمەن بولسۇن.

__لەغمەندىن بىرنى!!
قىزچاق كۈلۈمسىرىگىنىچە يىنىمدىن ئايرىلدى، ئەستەخپۇرۇللا شەيتان! بۇ قىزغا قاراپ قىزىقىپ قالغانلىقىمنى سىلەردىن يۇشۇرمايمەن. بىرخىل ئامراقلىقىم كىلىپ قالغان ئىدى.

چاي ئىچكەچ تاماق ساقلىدىم، ئاشخانىنىڭ ئىچىنىڭ سوغۇقلۇقى توخۇ ئەتلىرىمنى ئۆرلىتىپ قويغان ئىدى،ئەتراپقا قارىۋىدىم،ھىچبىر يەردە ھاۋا تەڭشىگۈچ،ياكى شامالدۇرغۇچ دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆرمىدىم، زاماننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشىلىقى-دە بۇ، تۇمۇز ئىسسىقتىمۇ زىمىستان قىشتىكىدەك ئولتۇرالايمىز...زىمىستان قىشتا بولسا يازدەكلا...


مانا لەغمەندىن بىر تەخسە ئالدىمغا قۇيۇلدى:
__رەھمەت سىزگە.

بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئوماق قىزنى كۆرەرمەن،دىۋىدىم، نەدىكىنى، قىلىنراق پوپايكىدىن بىرنى كىيگەن شاپ بۇرۇت تاڭجاڭ ھومايغاندەك قاراپ قويۇپ،  قولىدىكى باشقا تاماقلارنى ئىلىپ يىنىمدىن كەتتى. ساراڭمۇ نىمە بۇ...ئىچىمدە شۇنداق دىدىم، ئوخشىغان بىر تەخسە لەغمەننى كۆرۈپ تاڭجاڭنىڭ قىلىقىنىمۇ ئىغىر كۆرمىدىم-دە تاماقنى ئىشتەي بىلەن يىيىشكە باشلىدىم.

تاماق يەپ بولغۇچە لەغمەننىڭ سەيلىرى قىتىپ قالغىلى تاس قالدى. ئەتراپقا قارىۋىدىم، ئۇ قىزچاق باشقا مىھمانلارنىڭ ئالدىدا تاماق تىزىملاۋاتىپتۇ،  مىھمانلارمۇ خۇددى بۇلارغا ئوخشاشلا قىلىن قىشلىق كىيىملەرنى كىيىۋىلىشقان ئىدى. ئۆزۈملا خۇددى غىرىپ ئادەملەردەك يىلىڭ كىيىنىپ ئولتۇراتتىم. قارىغاندا بۇ تاماقخانىغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كىلىدىغان بولسا كىرەك.
ئۇ قىز يىنىمدىن ئۆتىۋىدى، قىزنى چاقىردىم:

__قىزچاق، ئاشخانەڭلەر بەك سوغۇقمۇ نىمە؟ قاراڭ، لەغمەننى يەپ بولغۇچە سەيلىرى قىتىپ قالدى.
__ھە، ھاۋا سەل سوغۇق بولغاچقا مۇشۇنداق بوپتۇ، كىرىپ ئوتنى ئۇلغايتىپ قوياي.
__ئوت؟؟؟
__ھە ئوتنى، مۇزلىدىم دەۋاتسىڭىز،ئەلۋەتتە كۆپىرەك ئوت قالىشىم كىرەكتە، خاتىرجەم بولۇڭ، سەل تۇرۇپ ئىسسىپ كىتىدۇ. سىرتنىڭ سۇغۇقىمۇ خىلى بار،شۇڭا...

__ھە؟!__قايمۇقۇپ قالدىم، ھاۋا سوغۇق؟  نەدىكىنى، تالا ئوتتەك ئىسسىق تۇرسا، تىخى ئوتنى ئۇلغايتىپ قوياي دىگىنىنى...ھە...ھە...چۈشەنگەندەك بولدۇم، قارىغاندا مىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا كىرەك، كىتابلاردىمۇ مۇشۇنداق مەنىلىك گەپنى قىلىشاتتىغۇ؟؟ بۇ قىزنىڭ دىگىنى يۈرىكىڭىزنى مۇزلاپ قالمىسۇن، مەن ئوتنى ئۇلغايتىپ قوياي،دىگىنى... ئۆزۈمنىڭ ئەقىللىقلىقىمدىن تۇنجى قىتىم پەخىرلىنىپ قويدۇم...

ئەمدى يارىشىغا بىر ئىغىز گەپ قىلاي دىۋىدىم، ياندىكى جوزىدا ئولتۇرغان قىزىل ياغلىق ئارتقان بوغماق ئايال يىغلاۋاتقان بالىسىنى بەزلىگىنىچە قىزچاققا قاراپ توۋلىدى:
__ئەي سىڭلىم، ماڭا ئاشنىڭ سۈيىدىن بىر پىيالە ئەكىلىپ بىرىڭە.
قىزچاق__ھە مانا، دىگىنىچە يىنىمدىن ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئايرىلدى.

ئارقىسىدىن كۆزۈمنى ئۈزلمەيلا قالدىم دىسە...

تاماقنى يەپ بولۇپ پۇل تۆلەش ئۈچۈن ئىشىكنىڭ يىنىدىكى كىچىك پۇكەينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ئايالغا كۆزۈم چۈشتى.
ئۇ ئايال توڭلىغاندەك ياغلىقنى چىڭڭىدە ئورىغىنىچە تۇرۇپ-تۇرۇپ چاپانلىرىنى چىڭراق يۆگىگەندەك قىلىقلارنى قىلىپ قوياتتى...

توۋا...ساراڭمۇ بۇ خەق، بۇنداق قىينالغىچە سوغۇق ھاۋا كىرىدىغان يەرنى ئىتىۋىتىپ، يىلىڭ كىيىنىپ ئولتۇرسا بولمىدىمۇ؟ باشقىلار كۆرسە قانچىلىك مەسخىرە قىلار-ھە؟ لىكىن...لىكىن...باشقا مىھمانلارمۇ قىلىن كىيىنىشكەن...قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى...قارىغاندا بۇمۇ بۇ ئاشخانىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولسا كىرەك...
ھازىر پۇل تىپىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاپ تىپىشىدىغان بولۇپ كەتتى دىسە.

__قانچە پۇل بولدى؟
__6يۇەن.

__ھە؟

نىمە تاماق يىگەنلىكىمنى بىلمىدىمۇ نىمە؟ ھازىر لەغمەننىڭ باھاسى ئاز دىگەندىمۇ 10 يۇەندىن 15 يۇەنگىچە تۇرسا، بۇلار 6يۇەن دەيدۇغۇ؟ مىنى سۇيقاش يىدى،دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كىرەك.
__مەن لەغمەندىن بىرنى يىدىم.
__شۇ لەغمەن 6يۇەن، ھازىر گۆشمۇ ئۆسۈپ كەتتى، كۆكتاتمۇ شۇ...3-4 كويغا لەغمەن كەلمەيدۇ ھازىر...
ئايال قاپاقلىرىنى سەل تۈرۈپ قويدى.

توۋا...بۇلار ساراڭمۇ يە مەن قىززىپ قالدىممۇ؟  ئاتۇقچە گەپ قىلماي 10 يۇەندىن بىرنى بەردىم، بۇ ئايال پۇلغا قاراپ قويدى، كەينىدىن پۇلنى قولۇمغا ئىلىپ قىزىل رەڭلىك بىر يۈەنلىك پۇلدىن تۆتنى قايتۇرۇپ بەردى، ماڭا پۇل قايتۇرغىچە پۇل سالىدىغان كىچىك تارتمىسىغا مۇنداقلا قاراپ قويىۋىدىم...پاھ...پاھ...ھەممىسى90-يىللارنىڭ 100 يۇەنلىك كۆك پۇل،50 يۇەنلىك يىشىل پۇل،10 يۇەنلىك كۆمۈش رەڭلىك پۇل...يەنە 2 يۇەنلىك يىشىل پۇل، 1 يەنلىك قىزىل پۇللار تۇراتتى...
ھىسابتا ھەممىسىنىڭ يىغىپ-ساقلاش قىممىتى بارئىدى. كۆزلىرىلىرىمنىڭ كونا پۇللارنى كۆرۈپ ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتكەنلىكىنى سىلەردىن يوشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن.
راسىتمنى دىسەم ئۆزۈمنىڭ كونا پۇل يىغىپ-ساقلاش ئادىتىم بولغاچقىمۇ ئۇ كونا پۇللاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم.

__نىمە بەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ يىگىت؟ پۇل كۆرۈپ باقمىغانما؟؟؟__ئايال مەسخىرە قىلغاندەك پۇل سالىدىغان كىچىككىنە تارتمىسىنى شاققىدە كۈچەپ يىپىۋەتتى.

شۇنداق نۇمۇس قىلدىم، كۆڭلىدە مىنى يامان نىيەتلىك ئادەم دەپ ئويلاپ قالغان چىغى...كىم مىنى خەقنىڭ پۇل قويغان يىرىگە قارىسۇن دەپتىكەن.

ئاشخانىدىن چىقىشىمغا يەنە ئوتتەك ئىسسىق قىينىغىلى تۇردى، كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىۋىدىم<<ئانار تىز تاماقخانىسى >> دىگەن ۋىۋىسكىنى كۆردۈم. ئىختىيارسىز ئىشىككە قارىۋىدىم، بايامى ئوماق قىز ئىشىك تۈۋىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى. كۆزلىرىم ئۇچراشتى، قىز لىپپىدە ئۆزىنى بىر يانغا تارتتى.

قىزنىڭ بۇ قىلىقى كۆڭلۈمنى تىخىمۇ ئىللىق قىلىپ قويدى، شەيتان قىز ، كۆڭلۈمگە لاۋۇلدىغان ئوتنى تاشلىدىڭغۇ-ھە؟ ئۆچۈرۈشنىڭ ئامالىنى ئۆزۈڭ قىلمىساڭ مەن ئاجىز كىلىپ قالغۇدەكمەن...تاتلىق خىياللارنى قىلغىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.


<3>



ئۆيگە كىرىپ دۆۋە-دۆۋە قويۇلغان لاقا-لۇقىلارغا بىزارلىق قىياپىتىدە قارىدىم، بۇلارنى قاچان جايلاشتۇرارمەن ئەمدى...مەيلى،ھازىرچە ئۆيۈمگە كىلىدىغان مىھمان بولمىغاندىن كىيىن كىلەر قىتىملىق دەم ئىلىشىمدا يىغۇشتۇرارمەن ئەمدى. ئايىغىمنى سىلىپ ساپما كەشىمنى كىييپ ئۆي ئىچىدىكى بىردىنبىر رەتلىك بولغان كارىۋاتقا كىلىپ ئولتۇردۇم.

ئۆينىڭ رەتسىزلىكى ئىچىمنى پۇشۇراتتى، ھازىر توي قىلىدىغان ۋاقتىممۇ كىلىپ قالدى، پۇلسىز ئەرگە قىزلار يا تەگمىسە، پۇلسىز،دىسەم كۆز ئالدىڭىزغا كۆك نامرات كەلگەندۇ-ھە؟ ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس،ھىچ بولمىغاندا بانكىدا تويلۇققا ئاز-تولا پۇل راسلاپ قويدۇم. لىكىن قىزلار ئويلىغاندەك 100-200مىڭ ئەمەس، 30مىڭدىن سەل كۆپىرەك...
بۇ پۇلنىمۇ خىلى تەستە يىغدىم، يىزىدا بولسام كاشكى، بۇنچىلىك پۇل بىلەن ئوبدانلا توي قىلالايتتىم، كىم مىنى شەھەرگە ئورۇنلاشسۇن،دەپتىكەن، ھەرنىمە بولسا دۆلەت مەمۇرى، مۇشۇ تەرىپىمنى دەپ بولسىمۇ تىگىدىغانلار چىقىپ قالار بەلكىم...
تۇرۇپ بايامقى قىزچاق كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى...

كۈلۈمسىرىگەن تۇرقى نىمىدىگەن ئوماق-ھە؟ ئىشىكنىڭ يىنىدىكى سىماسى، تىخى <ئوتنى ئۇلغايتىپ قوياي> دىيىشلىرى، گەرچە قايسى مەنىدە دىگەنلىكى ئىنىق بولمىسىمۇ ئۆزۈمچە < قاغىلار قاق ئىتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئىتىدۇ> دىگەندەك ئۆزۈمچە شۇ گىپىدىن خۇش بولۇپ قالدىم...راس گەپنى قىلسام ئۇ قىزغا بۆلەكچىلا قىزىقىپ قىلىۋاتاتتىم، ئىشقىلىپ ئويلىغانسىرى ئويلىغۇم كىلىپ تۇراتتى...ئاھ ئوماق قىز، ئەمدى سىز ئۈچۈن بولسىمۇ مۇزلاپ قىتىپ قالدىغان لەغمەنلەرنى يىيىشكە رازىمەن...
ئۇنى ئويلاپ بۇنى ئويلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن....



<4>



سائىتىمنىڭ قوڭغۇرىقى سايراشقا باشلىدى، ئۇيقۇلۇق كۆزۈمنى يىرتىپ دىگۈدەك ئىچىپ سائىتىمگە قارىۋىدىم، سائەت 7نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دىمەك ئىشقا يەنە بىر سائەت قالدى دىگەن گەپ. ئۇيقۇم تولۇق ئىچىلمىدىمۇ ئەيتاۋۇر بىشىم قىيىپ كۆزلىرىم ئىلىشىپلا قالدى...ھەي ئۆلگۈر باشلىق...بىر مىنۇت كىچىكسە 20 يۈەن يوق...

ئامالسىز تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ساپما كەشىمنىڭ بىر پىيىنى كىيىپ يەنە بىر پىيىنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم،شۇندىمۇ يىرىم ئۇخلاپ يىرىم ئويغاق دىگۈدەك تازلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم...

سۇ دىگەن ياخشى نەرسە جۇمۇ، مۇزدەك سۇدىن ئوچۇملاپ ئىلىپ ئۇيقۇسىراپ كەتكەن يۈزلىرىمگە چاچتىم...بايامقىدىن ئوبدانلا سەگىدەپ قالغان ئىدىم. بىرەر قۇر ئەتىگەنلىك تازلىقلارنى قىلىپ دىگەندەك تازلىق ئۆيىدىن چىقىۋىتىپ پۇتۇمغا يەنە بىر نەرسە ئۇرۇندى، قارىۋىدىم، ئوخشاشلا ساپما كەش ۋە ئۈستىدىكى يىڭىدىن تارالغان بىرنەچچە تال چاچ بولۇپ چىقتى.
چاچقا قاراپ ھەيران قالدىم، بۇ چاچلار نەدىن كەلدى؟ ئىسىمدە قىلىشىچە تۈنۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاچنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكىنىم ئىسىمدە...ئەينەككە قاراپ باقتىم، چىچىم بۇنچىلىك ئۆسۈپمۇ كەتمەپتۇ...
بۇ چاچلار زادى كىمنىڭ بولغۇيتتى؟؟؟؟

راستىمنى دىسەم بۇ ئىش مەن ئۈچۈن سىرلىق تىپىشماقتەكلا تۇيۇلدى...سائىتىمگە قارىۋىدىم، ئىشقا چىقىدىغانغا يەنە يىرىم سائەت ۋاقىت قاپتۇ.
ئۆزۈمچە بۇ سىرلىق چاچنى مۇلاھىزە قىلغاچ زالغا چىقتىم...

زالغا چىقىپلا ئاغزىمنى ئىچىپ تۇرۇپلا قالدىم، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىرەر تال چىۋىن چاغلىق نەرسە ئاغزىمغا كىرىپ بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ (چىقىپ كەتمىسىمۇ مەيلى)  مۇشۇ ھالىتىمنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.

سەۋەب:
زالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى لاققا-لۇقۇلار تۇيۇقسىزلا رەتلىك ھالدا ئۆز ئورنىغا چىرايلىق قىلىپ تىزىلغان ئىدى. نەرسە-كىرەك سىلىنغان خالتام بولسا بىر تەرەپكە رەتلىك قىلىپ يىغىلغان ئىدى.

كونىراپ كەتكەن پەردىلىرىم نىقتاپ تىقىلغان سومكىدىن ئايرىلىپ چىرايلىق دىرىزىگە ئىسىلغان ئىدى، ئۆينىڭ ئىچىدىن قاچانلاردىدۇر چىچىلغان سۇس ئەتتىر پۇرىقى كىلىپ تۇراتتى...
بىر قاراشتا سىرىپ سۈپۈرۈلۈپ،كىرىسلو_جازلىلار، ئەينەكلەر سۈرتۈلگەندەك پارقىراپ تۇراتتى.

كۆزۈمگە بىر ئىشىنىپ-بىر ئىشەنمەي قالدىم، تىخى شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان قۇپقۇرۇق مىۋە سىۋىتىگە تولدۇرۇلۇپ ئالما،نەشپۈت،ئۈزۈم...دىگەندەك مىۋە-چىۋە تىزىلغان...
بىر چەينەك بىلەن بىر پىيالە قويۇلۇپ، سۈزۈك بىر ئىستاكانغا ھەسەل تولدۇرۇلغان...
ناندىن ئىككى-ئۈچى دەستىلەنگەن ھالدا تىزىلغان...

چۈش كۆرىۋاتىمەنمۇ نىمە؟؟ كۆزلىرىمنى كۈچەپ ئۇۋىلىدىم، كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، كۆزۈمنى ئاستا ئىچىۋىدىم يەنە شۇ مەنزىرە...
ئاستا بىرىپ چەينەكنى سىلىۋىدىم، قىززىق تۇيۇلدى، ما كارامەتنى كۆرۈپ ،تىخى چايمۇ دەملەنگەن...

قەسەم قىلىمەنكى بۇ ئۆينى بىر ئايال زاتى تازلىغان.
تىخى ئىچىل داستىخاندەك قويۇپ قويۇلغان ناشتىلىق...

ئاۋۇ شىرەگە تىزىلغان مىۋە-چىۋىنى،نان-ھەسەلنى مەن تىزمىغان، ھەم ئۇ نەرسىلەرنىمۇ ئالمىغان...چاينىمۇ مەن قايناتمىغان...مەن دەملىمىگەن!
ئەمىسە كىم ئالغان؟؟ كىم تىزغان؟؟كىم چاي قايناتقان؟؟؟

مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە ئىدى.

كۈچەپ ئۆزۈمنى بىر شاپىلاق سالدىم، كۆزلىرىمدىن يۇلتۇز ئۇچۇپ چىقتى...ئاغرىدى، دىمەك راست. چۈش ئەمەس.
ھازىر نىرۋىلىرىم جىددىيلىشىپ كاللام بۇيرۇق بىرىشتىن، پىكىر يۈرگۈزۈشتىن توختاپ قالغان ئىدى.

توختا...توختا...چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، كەينىدىن ئىككى ئۈچ قىتىم بىشىمنى كۈچەپ چايقىدىم.

تۈنۈگۈن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىم راست، كارۋىتىمنى رەتلىگىنىم راسىت، ئاندىن ئاشخانىغا چىقىپ تاماق يىدىم، تىخى ھىلىقى ئوماق قىز،(ئۇ قىزنى ئويلاپلا كۆڭلۈم ئىسسىق بولۇپ قالغىنىمۇ راسىت، لىكىن ھازىر بۇنى ئويلاشنىڭ ۋاقتى ئەمەستە)  سۆرۈن چىراي يىگىت، پۇل يىغقۇچى ئايال... مۇزدەك ئاشخانە ،ئاندىن...ئاندىن ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالدىم، ئەزبىرايى خۇدا!! ما ئىشلارنى مەن قىلمىدىم...

شۇنداق بۇ ئىشلارنى مەن قىلمىدىم، ئۇنداقتا ...ئۇنداقتا بۇ ئۆينى كىم رەتلىگەن؟؟؟

كاللام ئوماچ بولۇپ كەتكىلى تۇردى... نىمە ئىشلار بولۇپ كەتتى ئەمدى...ئەجىبا  نايناق ئۆي ئىگىسى ئۇ خوتۇن مىنى ياختۇرۇپ قىلىپ ئۆزىچە ئۆيۈمنى رەتلەپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە...
بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭلار،
قايسى كۈنى ئۆيىنى ئىجارىگە بىرىدىغاندا نايناقلاپ سۆزلەپ، ئۆزىگە ياراشمىغان بىر خىل قىلىقلارنى قىلىپ ماڭا ئەركىلەپ كەتكەن.  قىلىقلىرىدىن يىرگىنىپمۇ قالغان ئىدىم.شۇندىمۇ ئۆي ئىجارىگە ئالىمەن،دەل ئالدىغا كەلگەنلىكىم ئۈچۈن زورمۇ-زور ھىجىيىپ قويغان.

توغرا دەل شۇ...بولمىسا ئۆيۈمدە ئۇ خوتۇننىڭ چىچى نىمە ئىش قىلىدۇ؟؟؟ (ئۇ چاچنى شۇ خوتۇننىڭ دەپ مۇتلەقلەشتۈردۈم،چۈنكى ئۇ خوتۇن ياق ئۇ ئايالنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق ئۇزۇن قارا چىچى بار ئىدى)

مۇشۇ زاماننىڭ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ يۈزلىرى پولۇ بولۇپ قالغانمىكىن،دەيمەن، قىلچە نۇمۇس قىلىشنى بىلمىگەن...نىمە ئىش قىلسا ماڭا دەپ قويسا بولمامدۇ دەيمەن...

خوتۇن دىسەم كۆز  ئالدىڭلارغا قىرى خوتۇن كەلمىسۇن، ئۇ ئايال 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆزى كىچىك قىزلاردەكلا ياسىنىپ يۈرىيدىغان خىلى كىلىشكەن ئايال ئىكەن، ئاڭلىشىمچە ئىرى يوقمىش.
ھەرقانچە خوتۇن ئالمىساممۇ قىرى خوتۇنغا قاراپ يۈرمەسمەن ئەمدى...

مۇشۇ خوتۇنمۇ ئۈستىنكى قەۋەتتە ئولتۇراتتى. سەل پۇلى جىق بولغاچقىمۇ ئۆيدىن ئىككىنى ئىلىپ قويۇپ، بىرىدە ئۆزى  ئولتۇرۇپ بىرىنى مەندەك ئۆيىسى يوق< مۇساپىر> لارغا بىرەتتى.

ئۆتكەندە ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بەرگەندە بىر تال ئاچقۇچنى زورمۇ زور ئىلىۋالغان، ئۆي ئىگىسىدە بىر تال ئاچقۇچ بولمىسا بولمايدۇ دەپ.
ئۆي سىنىڭ بولغاندىن كىيىن نىمە قىلساڭ قىلمامسەن،دەپ ئويلاپ مەيلى دىگەن.

قارىغاندا مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئاستا كىرىپ ئۆيۈمنى رەتلەپ ماڭا ياخشىچاق بولماقچى ئىكەندە؟؟؟
تىخى ناشتىلىقلىرىنى...ناشتىلىققا قاراپ كۆڭلۈمنىڭ بىرخىل ئىللىپ قالغانلىقىنى سىلەردىن يۇشۇرمايمەن.

نەچچە يىل بوپتىكەن ئۆيدە ناشتا قىلىپ باقمىغىنى، خوتۇن ئالساممۇ مۇشۇنچىلىك قىلار بولغۇيتتى بەلكىم.
لىكىن ئۇ خوتۇن قايسى ۋاقىتلاردا بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندۇ؟؟
مەن ئۇخلاپ قالغاندا؟؟؟ ئەجىبا مەن ھىچنىمىنى تۇيمىغۇدەك شۇنداق قاتتىق ئۇخلىغان بولغۇيمىتىم؟؟؟

ۋۇ ئەدەپسىز خوتۇن!! تۇرۇپ ئۇ خوتۇنغا ئاچچىغىم كەلدى.
ھەرقانچە ئۆي سىنىڭ بولسىمۇ ھازىر ماڭا ئىجارىگە بارگەندىن كىيىن ئۆي ۋاقىتلىق بولسىمۇ ماڭا تەۋە بولىدۇ-دە؟ كىشىنىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كىرسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بويتاق، سەن تۇل خوتۇن...
ھەرقانچە غەرىزىڭ بولسا ماڭا ئوچۇق دىسەڭ بولمامتى؟؟؟
ئۆز-ئۆزۈمگە كايىپ ئاۋۇ فاڭدوڭ خوتۇننى تىللاپ ئىچىمنى بوشاتتىم.
(ئىچىمدە ئازراق بولسىمۇ خۇش بولۇپ دىگەندەك،تازلاپ-رەتلەپ قويغىنىغا جۇمۇ،باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار يەنە)

ئۆزۈمچە بۇ ئايالدىن قورقۇپ قالدىم، خەپ..خەپ...ھازىرلا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقمىسام بولمىغۇدەك...

غەزەپ بىلەن ئۆيدىن چىقتىم، چىقتىميۇ ئۈستىنكى قەۋەتكە__ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان پۇتلىرىم توختاپ قالدى.

توختا، ئۆزۈڭنى بىسىۋال!مەندە نىمە ئىسپات بار؟؟؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىچە بىر تىۋىشمۇ ئاڭلىمىدىم، ئىنىق شۇ ئايالنىڭ ئىشىمىدۇ ياكى ...

ياكى...ياكى...

خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا پىتىنالمىدىم، ياكى  نىڭ كەينىدىن نىمە دىمەكچى بولغۇنۇمنىڭ پەرەز قىلىپ بىقىڭلار...

بەدىنىمگە غۇژژىدە تىترەك ئولاشتى، پۇتلىرىمنى ئۈستىنكى قەۋەتكە ئەمەس، پەسكە__ئىشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم...


<5>  



ئاپتۇبۇستا  ئىشقا ماڭغۇچە كاللام پىرقىراپ كەتتى...زادى كىم ئۆيۈمنى رەتلىدى؟
مەن؟؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس، لىكىن مۈمكىن ئەمەس دەپ مۇتلەق ھۆكۈم قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ئادەم بەزىدە تۈن سەيلىسى كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا مۇشۇنداق ئۆزى بىلىپ-بىلمەي بىرەر ئىشلارنى قىلىپ قويىمىش...راسلا ئۆزۈمدە شۇنداق كىسەل بار بولغۇيمىتى؟

ئۆي ئىگىسى ئايالمىكى دىسەم، مەندە ئىسپات يوق، خۇددى بىرەر ئالۋاستى كىرىپلا پۈف دەپ بىردەمدىلا قىلىۋەتكەندەك...ئالۋاستى دىگەن ئۇقۇم كاللامغا مۇنداقلا كىلىپ قويدىيۇ ئۆزۈمچىلا بىر قىسىم بولۇپ كەتتىم.

راسلا ئالۋاستى قىلغانمىدۇ يە؟؟؟ جىن-ئالۋاستى دىگەن نەرسىنى ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، قورقۇتىدۇ،دەپ ئاڭلىغانمەن، لىكىن ھىچقاچان كىلىپ بويتاقنىڭ ئۆيىنى رەتلىشىپ بىرىدۇ دەپ ئاڭلىمىغان...

بۇ خىيالىمدىن ئۆزۈمنىڭ كۈلگىسى كىلىپ كەتتى، ئىختىيارسىز پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتىم، يىنىمدىكى ئايالنىڭ پەس،لىكىن قاتتىق ئاھاڭدا<ساراڭ> دىيىشىدىن پىخىلدىشىمنى توختاتتىم. باشقىلار بىلەن نىمە كارى دەيمەن مۇشۇ خەقنىڭ...

ئىشخانىغىمۇ كىلىپ بولدۇم، لىكىن كاللام پەقەت ئارامىدا ئەمەس ئىدى. ئۆيدىكى غەلىتە ئىشنى قانداق چۈشىنىشىمنى پەقەت بىلەلمەيلا قالدىم...ئويلاۋىرىپ بىشىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى...توختا، بۇ يەردە چۇقۇم بىر قىززىق ئويۇن بار، بۈگۈن بىر سىناپ باقاي، كىملىكىنى تىپىۋىلىپ دەل شۇ جايدا ئەدىپىنى بەرمەيدىغان بولسام...
ھەرقانچە ياخشى نىيەتتە قىلغان بولسىمۇ دەپ قۇيۇپ قىلىش كىرەكتە؟! ئالۋاستىدەك جىممىدە تۇيدۇرماي بىر ئىشلارنى قىلىپ...


<6>  


ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم، يەنە قانداق ئىشلار يۈز بىرەر-ھە؟ يىڭى ئىجارىگە ئالغان بۇ ئۆيدىكى
يەنى ئۆيۈمدىكى < سىر>لارنى چوقۇم يىشىش نىيىتىگە كەلدىم.

ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ باقتىم، ھىچقانداق چاتاق يوق، بەلگە سىلىپ قويغان
قەغىزىم تىخى ئاچقۇچ سالىدىغان يەردە تۇرۇپتۇ،دىمەك ئۆيگە بىرى كىرمىدى، ئۈستىنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە ھومۇيۇپ دىگۈدەك قاراپ قويدۇم-دە ،ئاچقۇچنى سىلىپ ئۆيگە كىردىم،-دە تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم، خۇداغا شۈكرى،ھەرھالدا ئۆيۈمدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يوق، ئەتىگەن مەن چىقىپ كەتكەن پىتى ئىكەن...

ئۇف...ئۆي بىر قۇر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا__ھىلىقى ئوماق قىزنىڭ ئاشخانىسى<ئانار تىز تاماقخانىسى>غا قاراپ ماڭدىم.

ئاشخانىغا كىرىۋىدىم، يەنە مۇزدەك ھاۋا يۈزۈمگە ئۇرۇلدى...سەل توڭلىغاندەك قىلدىميۇ، سىرتتىكى ئىسسىقنى ئويلاپ يەنىلا ئۆزۈمنى راھەت ھىس قىلدىم، بىرىپ بوش ئورۇندىن بىر تاپتىم-دە، ھىلىقى ئوماق قىزنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.

ئاشخانىدا كىشىلەر تۈنۈگۈنكىدەكلا كۆپ ئىدى،  بىر چاغدا قىز  كۈلۈمسىرىگىنىچە تۈنۈگۈنكىدەكلا قىلىن چاپىنىنى كىيگىنىچە بىر قولىدا چاي چۆگىنى، يەنە بىر قولىدا پىيالىدىن بىرنى تۇتقىنىچە يىنىمغا كەلدى.
__ياخشىمۇسىز؟
__ياخشىمۇسىز؟
قىزنىڭ ئاۋازى بۇلماقتەكلا  تاتلىق ئىدى، ھەي كاساپەت، كۆزلىرىمنى قىزدىن ئۈزەلمىدىم، لىكىن ئۈزمەيمۇ بولمايتتى، بولمىسا مىنى بىزەڭ لۈكچەككە ئوخشىتىپ خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويماي يەنە،دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈمدە قىزغا كۈلۈمسىرەپ قارىۋەتكەندىن كىيىن كۆزۈمنى دەرھال تاماق تىزىملىكىگە تىكتىم.

__نىمە تاماققا ئىشتىيىڭىز تارتىدىكىن؟

قىز ئاۋالقىدەكلا تەبەسسۇمىنى ئۆزگەرتمەي كۈلۈپ تۇراتتى.
__قانداق تاماق يىسەم بولاركىن؟
__سىزنىڭ نىمە تاماققا ئىشتىيىڭىز تارتسا شۇنى بۇيرۇتۇڭ،ھەممە تاماقلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە!

نىمىدىگەن تاتلىق ،بۇلماقتەك ئاۋاز دەيمەن...ئوماق قىزنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئوماق...تاماقمۇ يىمەي مۇشۇ قىزنىڭ قوڭغۇراقتەك ئاۋازىنى بىردەم ئاڭلىسام قوسقۇمنىڭ تاماق يىگەندىنمۇ بەكىرەك تۇيۇپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر، بىز ئوغۇللار لەغمەنگە ئامراق كىلىمىز، گەرچە تۈنۈگۈن لەغمەن يىگەن بولساممۇ بۈگۈن ئىشتىيىم يەنىلا لەغمەننى تارتىپ تۇراتتى. ئاۋازنى دەپ قوساقنى ئاچ قويۇش ساراڭنىڭ ئىشى،ھەم بۇ قىزنىڭمۇ ماڭا قوسقۇم تويغۇدەك ئۇنچە كۆپ گەپ قىلىپ بەرمەيدىغىنىغا ئىشەنچىم بار ئىدى.

__لەغمەن بولسۇن!

قىز ۋىلىققىدە بىرنى كۈلدى،دە:
__ئەمىسە چاي ئىچكەچ ساقلاپ تۇرۇڭ، تاماق تىزلا چىقىدۇ،__دىگىنىچە يىنىمدىن ئايرىلدى.

قىزنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدىم، غۇنچە بوي، قاپقارا ئىككى ئۆرۈم چىچى بىلىدە سويلاپ تۇراتتى...
كاساپەت، مۇشۇ قىز بىلەن توي قىلىپ قالسام ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى...ئۆز-ئۆزۈمنىڭ خىيالىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.

ئاشخانىنىڭ ئىچى ئاۋالقىدەكلا سوغۇق، ئىككى قولۇم بىلەن بىلىكىمنى سىيلاپ قويدۇم، توخۇ ئەتلىرىم ئازراق چىقىشقا باشىغان ئىدى.
ئەتراپىمغا قارىۋىدىم باشقىلارمۇ ئوخشاشلا قىلىن كىيىنگەن...خەپ، ئەتىدىن باشلا تاماق يىيىشتىن بۇرۇن چاپاندىن بىرنى ئىلىۋالاي، بۇ ئاشخانىنىڭ ئۆزگىچىلىكى مۇشۇ بولغاندىن كىيىن مەنمۇ ماسلىشىپ بىرىشىم كىرەكتە؟

ئاڭغىچە ئاۋالقىدەكلا  بىر تەخسە لەغمەن ئالدىمغا توككىدە قويۇلدى. جەزمەن ھىلىقى غورا قاپاق تاڭجاڭ شۇ!
قارىۋىدىم،دەل شۇ ئىكەن، ئۇمۇ ئاۋالقىدەك ماڭا ھومىيىپ قاراپ قويۇپ قولىدىكى تاماقلارنى باشقا جوزىغا توشۇغىلى ئىلىپ كەتتى.

ئىككىنجى قىتىملىقى بولغاچقىمۇ بۇ قىلىقىغا خاپا بولۇپمۇ كەتمىدىم. ئالدىمدىكى لەغمەننى ئاۋالقىدەكلا ئىشتەي بىلەن يىيىشكە باشلىدىم.

لەغمەننى يەپ سۈيىنى ئىچەي دىسەم سۈيى خىلىلا مۇزلاپ قاپتۇ...ھەي...مىنىڭ ئەي ياقتۇردىغىنىم چۆپىنى يەپ بولۇپ تەخسىنىڭ ئەڭ ئاستىدا قالغان سۈيى ئىدى...

دەل شۇ چاغدا قىزچاق يىنىمدىن ئۆتتى.
__ ئاشخانەڭلەرنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى سەل يۇقىرى كۆتۈرسەڭلار بولغۇدەك.

قىز گىپىمنى ئاڭلاپ جايىدا توختاپ ماڭا قارىدى، قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى شۇنچە پاك، شۇنچە سەبىي كۈلۈمسىرىشى ئۆزگەرمىگەن ئىدى. مۇشۇ تۇرقىنىڭ ئۆزىمۇ ماڭا ناھايتتى ياقتى، ىۇددى ئۇستا رەسسام سىزىپ قويغان تىرىك پوتىرىتتەكلا ئىدى.

__كۈن سوغۇق بولغاچقا قانچە ئوت قالىساقمۇ دىگەندەك ئىسسىمايۋاتىدۇ، پارمۇ بار بولمىسا...
__ئۇنداق جاپا چەككۈچە ئادەتتىكىدەك ئاشخانىنىڭ ھاۋاسىنى نورمال تەڭشەپ قويساڭلا بولىدىغۇ؟ ئاشخانىنىڭ سوغۇقلۇقىغۇ ئۆزگىچە بوپتۇ بۇ ئىسسىقتا، قىشنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن.بۇمۇ خىرىدارنى جەلىپ قىلىشنىڭ بىر تۈرى ،شۇنداقمۇ؟

قىز گىپىمدىن سەل ھەيران بولدى بولغاي،كۆزلىرىنى يوغانراق ئىچىپ كەينىدىن ئاغزىنى ئالقىنىدا توسقۇنىچە كۈلۈپ كەتتى:
__ئىسسىق دىدىڭىزما؟ __قىز كۈلكىسىدىن توختىيالمىدى،__تاشقى پىلانتتىن كەلگەندەك گەپ قىلىسىزغۇ؟ _قىز كۈلكىسىدىن توختاپ __ئامال يوق، ھاۋا سوغۇق، بىزنىڭمۇ ئىسسىق ئولتۇرغۇمىز بار بولمىسا...سىزمۇ بەك نىپىز كىيىۋاپسىز ،توڭلىمىدىڭىزمۇ؟

قىزنىڭ سەبىيلەر سۇئالىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
__توڭلىدىم، ئەلۋەتتە توڭلىدىم، مۇشۇ ئاشخانەڭلەر بەك سوغۇق، بۇمۇ سىلەرنىڭ ئاشخانەڭلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىدە؟
كىلەر قىتىم قىلىنراق كىيىپ ئاندىن ئاشخانەڭلەردە تاماق يەيمەن.

شۇنداق دەپ بولۇپ بىر ئىش ئىسىمگە كەلگەندەك بولدى، ئويلاپ قالدىم، بۇ قىز مەنىلىك،تىگى بار گەپ قىلىۋاتقان بولسا دۆتتەك بۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان...گەپ ئارقىلىق سىگىنال بىرىۋاتقان بولسا...
تۈنۈگۈنمۇ شۇنداق بولغان، بۈگۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىزلا گىپىگە يارىشا گەپ قىلمىسام بولمايتتى. كاللام يىشونىڭكىدەك تىرىڭڭىدە قىلىدى.
ئەمدى ئىغىزىمنى ئۆمەللىتەي دىۋىدىم، ئارقا جوزىدىن بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

__ئەي سىڭلىم، ماڭا ئاشنىڭ سۈيىدىن بىر پىيالە ئەكىلىپ بىرىڭە.
قىزچاق__ھە مانا، دىگىنىچە ئوخشاشلا يىنىمدىن ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئايرىلدى.

كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدىم، تۈنۈگۈن مەن كۆرگەن ئايال بالىسىنى بەزلىگىنىچە ئۆز ئورنىدا ئاۋالقىدەكلا ئولتۇراتتى. تىخى بالدۇرمۇ ئەمەس،كىيىنمۇ ئەمەس،دەل تۈنۈگۈنكىدەك ماۋۇ ئوماق قىزغا ئەڭ مۇھىم گەپنى قىلاي دىيىشىمگە چاقىرىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان...

ئەجىبا بۇ ئايالمۇ بۈگۈن بالىسىنى يىتىلەپ كىرگەنمىدۇ؟؟؟
ئەجەپ ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئوخشاش گەپنى ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلدىيا؟؟؟

سەل ئەجەپلەندىم، تاماقنىمۇ يەپ بولدۇم، ئولتۇرۇپ ئەتراپىمغا بىرەر قۇر قارىۋىدىم، ئاساسەن تۈنۈگۈنكىدىن كۆپ پەرقنى تاپالمىدىم.

سەل ھەيران بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ پۇل تۆلەيدىغان كىچىك پۇكەينىڭ ئالدىغا باردىم، تۈنۈگۈنكى ئايال ئوخشاشلا توڭلىغاندەك ياغلىقنى چىڭڭىدە ئورىغىنىچە تۇرۇپ-تۇرۇپ چاپانلىرىنى چىڭراق يۆگىگەندەك قىلىقلارنى قىلىپ قوياتتى...

غەلىتىلا بىر خىل ھىسىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالدىم،ئەجىبا تۈنۈگۈنكى بىر كۈننىڭ بۈگۈن قايتا تەكرارلىنىشىمۇ؟؟؟ تىخى تاڭجاڭمۇ ئوخشاشلا ھومايدى.
قىنى تۈنۈگۈنكى ئىش ھەركەتلەرنى بىر سىناپ باقاي، زادى ئوخشاش تەكرارلىنامدۇ يوق؟؟؟ بۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ نىمىشقا شۇنداق قىلغۇم كىلىپ قالدى. گۇمانسىرىغىنىمچە ئايالنىڭ يىنىغا باردىم.

__قانچە كوي بولدى؟
__6 يۇەن.
__ھە؟__قەستەن ھەيران قالغاندەك سورىدىم. 6-تۇيغۇرۇم نىمىشقىدۇر بۇ يەردە بىر مەسىلە بارلىقىنى ماڭا بىلىندۈرۈۋاتقاندەكلا ئىدى.
__مەن لەغمەندىن بىرنى يىدىم.__تۈنۈگۈنكى گىپىمنى تەكرارلىدىم.ئايالنىڭ ھەرىكەت،گەپ-سۆزىنى دىققەت بىلەن كۈزەتتىم.

__شۇ لەغمەن 6يۇەن، ھازىر گۆشمۇ ئۆسۈپ كەتتى، كۆكتاتمۇ شۇ...3-4 كويغا لەغمەن كەلمەيدۇ ھازىر...
ئايال قاپاقلىرىنى سەل تۈرۈپ قويدى.

توۋا...بۇ تاساددىبىيلىقمۇ ياكى قايتا تەكرارلىنىشمۇ؟؟ ئايال تۈنۈگۈنكى گىپىنى پەش-چىكىتلىرىنى، بىرەر ھەرىپلىرىنىمۇ كەم قىلماستىن جاۋاب بىرىۋاتاتتى.
گەجگەم سەل قورۇلغاندەك بولدى، تۈنۈگۈنكى ئىش ھەركەتلەر راستىنلا قايتا تەكرارلىنىۋاتاتتى. ھەتتا ئايالنىڭ قاراشلىرى، قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇشلىرى تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى سىنغا ئىلىپ بۈگۈن تىلۋۇزۇردا قويۇپ قايتا كۆرگەندەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئوشۇق گەپ قىلماي يىنىمدىن 10يۇەنلىك پۇلدىن بىرنى ئالدىمدە ئالدىغا قويدۇم. ئايال ئاۋالقىدەك كونا پۇللار يىغىلغان كىچىك تارتمىسىنى غاچچىدە ئاچتى-دە،ماڭا تۇنۇش بولغان ھەركەتلىرى بىلەن  4يۇەن قايتۇردى.
قانداق قىلىدىكىن دەپ، تۈنۈگۈنكىدەكلا تارتمىسىدىن كۆزۈمنى قەستەن ئۈزمىدىم.

__نىمە بەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ يىگىت؟ پۇل كۆرۈپ باقمىغانما؟؟؟__ئايال مەسخىرە قىلغاندەك پۇل سالىدىغان كىچىككىنە تارتمىسىنى شاققىدە كۈچەپ يىپىۋەتتى.

دىرىڭڭىدە چۆچۈدۈم، دىمەك بۇ يەردە بىر سىر بار ئىدى. قايتۇرغان پۇلنى ئالدىمدە ئاشخانىدىن چىقتىم. ئازراق مىڭىپ ئويلىدىم، ھازىرلا ئارقامغا ئۆرۈلسەم چوقۇم ھىلىقى قىزنى كۆرەلەيمەن، تۈنۈگۈنكى ئىشنىڭ تەكرەرلىنىۋاتقانلىقىغا شەكسىز ئىشەندىم، كەينىمگە ئۆرۈلۈپ بايا چىققان ئاشخانىغا قارىۋىدىم،دىگەندەك قىز تۈنۈگۈنكىدەكلا  ئىشىك تۈۋىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئالدىمغا شاققىدە تىزلىك بىلەن قارىدىم.
چىكەمدىن ئۆزۈم ھىس قىلغۇدەك پۇژژىدە تەر قۇيۇلدى. بۇ قىتىم قىزنىڭ قىزنىڭ ئارقامدىن قاراپ تۇرىشى مىنى تۈنۈگۈنكىدەك تاتلىق ھىسقا چۈمدۈرەلمىگەن ئىدى، ئەكىسچە دەششەت قورقۇنۇچقا سىلىپ قويغان ئىدى.
ئىش چاتاق، دىمەك بۇ يەردە مەن چۈشۈنۈپ ھەم چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان بىر ئىشنىڭ بارلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولدى.

ئاشخانىنىڭ ئالىدىدا بىردەم تۇرۇپ بۇ ئاشخانىنى كۆزۈتۈش نىيىتىگە كەلدىم،10مىنۇت،20مىنۇت، يىرىم سائەت..بىر سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. شۇنچە ئۇزۇن ساقلىساممۇ بىرەرى بۇ ئاشخانىغا كىرمىدى، ئاشخانىدىكى شۇنچە كۆپ خىرىدارنىڭ بىرىمۇ سىرتقا چىقمىدى.

چىكەمدىن ئۇششاق تەرلەر چىقىپ كەتتى،ئەجىبا بۇ ئاشخانا؟؟؟

ئارتۇقچە ئويلىغۇم كەلمىدى، چۈنكى قانچە ئويلىسام شۇنچە بىئارام بۇلۇشۇم ئىنىق ئىدى، ئاستا ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، كۈنمۇ پىتىپ تۈن پەردىسى ئاستا زىمىننى قارايتىپ كەلمەكتە ئىدى.
شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كاللامدا ھەرقىسىما قورقۇنۇچلۇق خىياللار لەيلەپ تۇراتتى، خۇددى بىرى كىلىپ بوغۇپ قويۇدىغاندەكلا دەككە-دۈككىدە ئەندىكىپ مىڭىۋاتاتتىم.



<6>  



بىر دەسسەپ-ئىككى دەسسەپ جىنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆزۈمنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ چۈشۈنەلمەيتتىم.
تۇرۇپ ئۆيگىمۇ كىرگۈم كەلمىدى،گۆردەك سوغۇق ئاشخانە، ساپما كەشتىكى چاچ، ئۆينىڭ تۇيۇقسىز تازلىنىپ رەتلىنىپ قىلىشى، ناشتىلىقنىڭ ئۆزلىكىدىن تەييارلىنىشى...نىمىشقىدۇر بۇ ئىشلارنى شۇ سىرلىق ئاشخانە بىلەن باغلىنىشلىقتەكلا ھىس قىلاتتىم.

ئۆينىڭ ئالدىدا خىلى تۇرغان بولسام كىرەك، كۆز ئالدىمدىكى مۇنۇ ئۆينىڭ ئىشىكى گويا كىرىپلا كەتسەم چىقالمايدىغان جەھەننەمنىڭ ئىشىكىدەك تۇيۇلماقتا ئىدى.نىمىشقا ئۆيگە كىرمەيمەن؟ قورقۇۋاتامدىمەن؟؟؟

راست، راسلا قورقۇۋاتىپتىمەن، مىنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز قورقمامسىز؟؟؟ ئوغۇلبالىنى قورقمايدۇ،دىگەن گەپكە بۈگۈن ئىشەنمىدىم،(بۇرۇنمۇ ئىشەنمەيتتىم) ئوغۇللارمۇ قورقىدىكەن.

كارىدوردىن بىرەيلەننىڭ تاراقلاپ چىققان تىۋىشى ئاڭلاندى.كىمدۇ دەپ قارىسام فاڭدوڭ ئايال ئىكەن، چاچلىرىنى سىرىققا بوياپ، قونچاقتەك ياسىنىپ ،ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنى تاراقلىتىپ مىڭىشى كىشىگە ئۆز يىشىنى يۇشۇرۋاتقانلىقىنى مانامەن دەپ چاندۇرۇپ تۇراتتى.(ئۇنداق بولمىسىمۇ ھازىر مەن شۇنداق ئويلىغان ئىدىم).

__ياخشىمۇسىز؟
__ياخشىمۇسىز؟

ئايال يىنىمغا كىلىپ سالاملاشتى. بۇرنۇمغا شۇئان نىرۋىنى غىدىقلىغۇچى ئەتتىرنىڭ پۇرىقى گۈپپىدە ئۇرۇلدى.

__نىمە؟ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى يىتتۇرۇپ قويدىڭىزمۇ؟ ئۆيگە كىرمەي تۇرۇپسىزغۇ؟__ئايال قىزغىنلىق بىلەن سورىدى.

بۇ خوتۇننىڭ چىرايىغا زەن سىلىپ قارىدىم، خۇددى مۇشۇ قارىشىم بىلەن ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ئۆيۈمگە كىرگەن كىرمىگەنلىكىنى بىلەلەيدىغاندەك...ئۆزۈمنىڭ بۇنداق قارىشىدىن ئۆزۈممۇ ھىيىقمىغىنىمغا ھەيرانمەن.

قاراشلىرىمدىن بۇ ئايال ئەجەپلەنگەن بولسا كىرەك، سەل قاپىقىنى سۇس تۈرۈپ قويدى،شۇندىمۇ چاندۇرمىدى.
تىزلا ئەسلىمگە كەلدىم، بۇ ئايالنىڭ چىرايىدىن بىرەر گۇمانلانغۇدەك بىر ئىشنى بايقىمىغان ئىدىم.

__ئاچقۇچ بار، مەنمۇ ئالدىڭىزدا چىقىپ تۇرغان، چىققۇچە سەل ھىرىپ قالدىم، بىردەم ئارام ئىلىۋالاي دەپ تۇرغان، ھازىرلا كىرىپ كىتىمەن__خۇددى ئاپامغا جاۋاب بەرگەندەك رايىشلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.

__ھە، ھا...ھا...ھا...__ئايالنىڭ قاتتىق كۈلۈشى مىنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى،ئايال قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ،ئۆزىگە ياراشمىغان كۈلكىسىنى توختاتمىدى__ياپ-ياش يىگىت تۇرۇپ 4-قەۋەتكە چىقىپ بولالماي ھىرىپ قالدىڭىزما؟؟؟ ھازىرقى ياش باللا بەكلا بوش جۇمۇ؟ ھەي...

ئايال مەنىلىك قاراپ قويۇپ ئىغىزىنى تۇتۇپ كۈلگىنىچە ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى.

زەھەردەك گىپىدىن شۇنچىلىك ئاچچىغۇم كەلدىيۇ دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم، ئۆز گىپىمگە يارىشا گەپ قىلغان تۇرسا نىمىدىن رەنجىيتتىم؟ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.

ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئىشىكى گۈپپىدە قىلىپ يىپىلغاندىلا ئۆزۈمنىڭ تىخىچە گۇناھ قىلىپ ئۆيگە كىرەلمىگەن كىچىك بالىدەك شۈمشىيىپ تۇرغىنىمنى ھىس قىلدىم، نىمە بولسام بولاي، يا ئۆزۈم شۇنداق ئويلىۋالغاندىمەن، بۈگۈنكى ئىش بىر تاساددىبىيلىقتۇ، ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشى نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى؟؟؟ بايا فاڭدۇڭ ئايالنىڭ گىپىدىنمۇ ، قاراشلىرىدىنمۇ ئۆينى شۇنىڭ رەتلىۋالغانلىقىنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.(ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلىدىم خالاس)

كاللاڭنى سىلكىۋەت ئەكبەر، ئوشۇق گۇمان قىلىپ يوق يەرىدىن ئۆزۈڭگە ئىش تاپما يەنە...يۈرەكلىك بول، مۇشۇ قىلىقلىرىنى باشقىلار كۆرسە سەت تۇرمامدۇ؟ زاڭلىق قىلمامدۇ؟

گەرچە نۇرغۇن ئوغۇللار سەت تۇرىدۇ، زاڭلىق قىلىدۇ، دىگەن گەپتىن قورقۇپ كۆپلىگەن ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ پۇشايماندا قالغان بولسىمۇ بۈگۈن ئۆز-ئۆزۈمنى شۇنداق بەزلەپ ئۆيگە كىردىم. كىرمىسەممۇ ئامال يوق، بارىدىغان باشقا يىرىم يوق، فاڭدوڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يىتىپ تۇرۇش ئەلۋەتتە مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى ماڭا ئىجارە بەرگەن ئۆيى مانا ماۋۇ ئالدىمدىكى ئۆي.

خۇددى بوينۇمدىن بىرى باغلاپ تارتىۋاتقاندەك ئىغىر قەدەملىرىمنى ئىلىپ ئۆيگە كىردىم.كىردىميۇ ھەممە يەرنىڭ چىراقلىرىنى تىزلىك بىلەن ياندۇرىۋەتتىم.

ئۆي بايا مەن چىقىپ كەتكەندەك شۇ پىتى. باشقا ئۆزگىرىش يوق، دىمەك ھەممە ئىش نورمال.
يۈرىكىم ئازراق بولسىمۇ جايىغا چۈشتى، تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ئادىتىم بويىچە يۈزۈمنى يۇيدۇم، كەيندىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ئوخشاشلا يەرگە ئىختىيارسىزلا قارىۋىدىم، ئەتىگەن رەتلەپ قويۇپ قويغان ساپما كەشنىڭ ئۈستىدە مەن كۆرۈشنى ئەسلا خالىمەيدىغان نەچچە تال قاپقارا ئۇزۇن-ئۇزۇن يىڭى تارالغان چاچ مىنى مەسخىرە قىلغاندەك  يىيىلىپ تۇراتتى.

زور جۈرەت بىلەن غەزەپ ھەم قوررقۇنۇچىمنى زورىغا بىسىپ چاچنى قولۇمغا ئىلىپ چىراغ يورۇقىدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتىم، بۇ چاچلار شۇنچىلىك تۇنۇش ئىدى،ياق، بۇ چاچ فاڭدوڭ ئايالنىڭ چىچى ئەمەس، بۇ ئىنىقلا ئەمەس، ئۇ ئايالنىڭ چىچى بايا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك سىرىق رەڭدە، لىكىن بۇ چاچلار ئۇزۇن-ئۇزۇن قارا رەڭدە...بۇنداق چاچ ھازىر كىملەردە بار؟ مەن تۇنۇيدىغان قىز-ئاياللار ئىچىدە بۇنچىلىك ئۇزۇن ھەم قارا چاچلىقلار يوق دىيەرلىك، ئەمىسە مەن بۇ چاچنى نەدە كۆردۈم؟

كاللام چاراسلاپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىمنى مۇزدەك سوغۇق تەر قاپلاپ، پۇت-قولۇم ھالسىزلاندى. بۇ چاچ دەل ھىلىقى
ئاشخانىدىكى مەن بىر كۆرۈپ <ئاشىق> بولۇپ قالغان ئوماق قىزنىڭ چىچىغا بەكىرەك ئوخشايتتى...

ئۆزۈمچىلا مىنى بىرخىل سۈر بىسىپ كەتتى. تازلىق ئۆيىدىن جىددىيلەشكىنىمچە ئاستا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋالدىم.
پۇت-قولۇم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ئىدى. نىمىشقىدۇر دىر-دىر تىترەيتتى. ئۆزۈ-ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتقاندەكلا ئىدىم.
قاچانلاردىدۇر ئۈگۈنىۋالغان سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم، نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم، توختىماي ئۆز-ئۆزۈمگە تىنىچلان ،تىنىچلان، دەپ ۋارقىرىدىم.
ئۆيدە تىرىك جاندىن مەنلا بار ئىدىم. شۇ تاپتا مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان، ئەڭ يامان، ئەسكى دەپ بىلىدىغان خالىغان بىر ئادەم زاتى يىنىمدا بولغان بولسىمۇ مەيلى دەيتتىم. ھەتتا مىنى ئۇرۇۋالسىمۇ رازى ئىدىم. پەقەت يىنىمدا بولسىلا...

بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ مەندىكى بۇ ھالەت ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئۆزۈمنى سەل بىسىۋالدىم. كۆزۈمنى يوغان ئىچىپ ئەتراپىمدىكى مەن كۆرەلەيدىغان شەيئىلەرگە تىكىلىپ قارىدىم، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيەتتە ھىچ ئىش بولمىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرۈشكە تىرىشتىم. مانا كارىۋات، ئەنە كىتاب جازىسى...ئاۋۇ بولسا ئورۇندۇق...

بۇ زادى نىمە ئىش؟ كۆچۈپ كىرگىنىمگە ئىككى كۈن بولا-بولمايلا ئارقا-ئارقىدىن كىلىۋاتقان غەيرىي ئىشلار نىرۋامنى غىدىقلاپ ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قىلىۋاتاتتىم.
چاچ...بولۇپمۇ ئۇزۇن قاپقارا چاچ، جەمئىي 3 قىتىم ئۇچراتتىم، ئوخشاشلا ساپما كەش ئۈستىدە، ئۆيۈمنىڭ رەتلىنىپ قىلىشى، بۇ تال-تال چاچلار...سىرلىق ئاشخانە...ئۈچ ئىشنى قانداق قىلساممۇ بىرلەشتۈرۈپ بولالماي تولا ئويلاپ نىرۋام كاردىن چىققىلى تاسلا قالغان ئىدى...

ۋۇ ئۆلگۈر!!!
كىم بولۇشىڭدىن قەتئىنەزەر ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلىشساڭ بولمامدۇ دەيمەن، ئۆيۈمنى رەتلەشنى، ناشتىلىق تەييار قىلىشنى بىلىسەنۇ سەت چاچلىرىڭنى تازلاشنى بىلمەمسەن؟؟؟چىچىڭ ئارقىلىق ماڭا زادى نىمىنى بىلدۈرمەكچى سەن؟؟؟ يا مىنى قورقۇتۇپ ئوينىماقچىمۇ؟؟؟ نوچى بولساڭ ھازىرلا يىنىمغا كەل...!! مەن ھەرگىز سەندىن قورقۇپ قالمايمەن. ۋۇ....!!!

كىمنىدۇر قورقۇپ تۇرۇپ راسا تىللاشقا باشلىدىم...غوتۇلداپ-تىللاپ ،قاقشاپ دىگۈدەك ئۇيقۇغا كەتتىم.


<7>


ئەتىسى كىيىملىرىمنى كىيىپلا تازلىق ئۆيگىمۇ كىرمەستىن ئىشقا ماڭماقچى بولدۇم، بىلىمەن، كىرسەم تۈنۈگۈن تازلاپ قويغان چاچنى بۈگۈن ئىنىق يەنە ئۇچرىتىمەن. كىيىملىرىمنى كىيىپ ياتاق ئۆيدىن چىقتىم، ئامال بار تازلىق ئۆيىگە قارىماسلىققا تىرىشتىم.

ئۇدۇل مىڭىڭپ زالغا چىقتىم، ئارقامدىن بىرنىمە تاپ بىسىپ كىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر ۋەھىمىنىڭ ئىسكەنجىسىدە  قالغان ئىدىم.مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپلا كەتسەم ھەممە ئىشلارنىڭ ئەسلىگە قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.

زالغا چىقىپ قارىۋىدىم، كۆزلىرىم يەنىلا ھەيرانلىقتىن يوغىناپ كەتتى. تۇرغان يىرىمدە داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدىم.
يەنە نىمە بولغانلاندۇ؟ دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ خاتىرجەم بولۇڭلار، ماڭا ھازىرچە ھىچ ئىش بولمىدى، لىكىن بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كەتكۈچە يەنە خىلى ئىشلار بولىدىغان ئوخشايدۇ.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن راسلانغان مىۋە-چىۋە، نان، ھەسەللەر نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇپ ئورنىغا ھورى چىقىپ تۇرغان بىر چىنە سۇيقاش بىلەن قىززىق چاي قۇيۇلغان پىيالە يانداشتۇرۇپ قويۇلغان ئىدى.كىچىككىنە تەخسىدە بىر تەخسە مانتا قويۇلغان ئىدى.

غوۇرتتىدە تۈكۈرۈكۈمنى يۇتتۇم، بۇ ھەرگىزمۇ تاماقلارنىڭ ئىشتىيىمنى تارتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى نەپىسىمنىڭ يىتىشمىگىنىدىن تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقان ئىدىم.ئىشىككە قارىۋىدىم، ئىشىك ئۆز پىتى تاقاق.

__زادى قايسىڭ؟؟؟ زادى كىم مەن بىلەن ئوينىشىۋاتىسەن؟؟؟ ھۇ ئۆلمىگۈر!!!
ساراڭدەك ئۆينىڭ ئىچىدە ۋارقىراشقا باشلىدىم.ئۆزۈمنىڭ ساقلىقىمغا گۇمانمۇ قىلىپ قالدىم. ئۆينىڭ ئىچىدە قالايمىقان پىرقىراشقا باشلىدىم.ئۆينىڭ ئىچى-تىشىنى ئالا قويماي ئاختۇردۇم.ئىنىس-جىننىڭ سايىسىمۇ يوق.


نىمىشلا بولمىسۇن بۈگۈنلا بۇ ئۆيدىن كۆچەي...يەنە تۇرىۋىرىدىغان بولسام ،مۇشۇنداق ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىۋەرسە ساراڭ بولۇپ كوچىغا چىقىپ كىتىشىم ئىنىق ئىدى. ئۆيدىن ئوقتەك يۈگۈرۈپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىم.

ئۆزۈمنىڭ نەگە ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن، قورانىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ <ئانار تىز تاماقخانىسى> غا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويدۇم، ئاشخانە ئۆز ئورنىدا ئىدى، بىردەم قاراپ تۇرىۋىتپ قەدەملىرىمنى تىز-تىز ئىلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم.

بىر چاغدا تىلفۇنۇم سايراشقا باشلىدى، قارىۋىدىم، خىزمەتدىشىم باتۇر تىلفۇن ئۇرۇپتۇ.
__ۋەي!
تىلفۇننى توڭلۇق بىلەن ئالدىم. ئاۋازىمدىن ھەيران بولسا كىرەك، بىردەم جىمىپ كىتىپ كەينىدىن گەپ قىلىشقا باشلىدى:
__سەن نەدە ئەركىن؟؟
__نىمە كارىڭ؟؟؟
نىمىشقا بۇنداق توڭ تىگىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. باتۇر بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كىيىن :
__ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟ مەن باتۇر، تۇنۇدۇڭمۇ يا؟؟؟

ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئادەمنى تۇنۇمىسام-ھە؟ نىرۋام چىچىلىپلا تۇراتتى:

__تۇنۇدۇم، گەپ قىلە؟ نىمە دەيسەن؟
__ نىمە بولدى ساڭا؟ ئىشقا كەلمىدىڭغۇ؟ باشلىق بىرمۇنچە ۋالاقلىدى، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ئادەتتە بۇنداق جىمجىت يوقاپ كەتمەيتتىڭ.

ماڭا نىمە ئىش بولدى؟؟؟ بولغان ئىشنى دەپ بەرسەم سەن بىلەمتىڭ؟ چۈشۈنەمتىڭ؟ ئىشىنەمتىڭ؟

__ۋەي، گەپ قىلە؟؟؟___تىلفۇندىن باتۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئۆزۈمنىڭ گەپلىرىمنى بىراۋنى ئىزدەپ دەۋىلىشنى قارار قىلدىم، ھىچ بولمىغاندا ئىشەنمىسىمۇ ئىچىمگە سىلىپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشى ئىدى.

__گىپىمنى ئاڭلا، مىنىڭ ھازىر باشلىق بىلەن كارىم يوق، سەن رۇخسەت سوراپ مىنىڭ يىنىمغا كىلە.
__مانا مانا، دىمىدىممۇ؟ بىر ئىش بولدى دەپ ئويلىغان زادى، دىگىنە ،نىمە ئىش بولدى؟؟؟

باتۇرنىڭ توختىماستىن نىمە بولدى،دەپ خوتۇن كىشىدەك زىغىرلاپ يۈرىشىدىن جىلە بوپ قالدىم.
__كىلەمسەن-كەلمەمسەن؟؟!!

__ما ئاداشقا بۈگۈن نىمە بولغاندۇ، مەن باراي، دىگىنە، سەن نەدە؟؟ ھازىرلا باراي.

ئەتراپىمغا قارىۋىدىم، يەنىلا ئولتۇراق رايۇندىن يىراق بولمىغان يەردە ئىكەنمەن.
__ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا.

__ئۆي كۆچكەنلىكىڭنى بىلدىم، لىكىن نەدىلىكىنى بىلمىدىم، ئۆيۈڭ قەيەردە؟؟؟

كۆچكەن ئۆينىڭ ئادىرىسىنى دەپ بەردىم.
__ھە، مەن ئۇيەرنى بىلىمەن، بۇرۇن موماملارنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى، ساقلا-ھە؟ تىزلا بارىمەن. يەنە...

تىلفۇننى قويدۇم،گىپىنىڭ ئايىغىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم يوق ئىدى، تىلفۇننى قويىۋىتىپ يول بويىدىكى پىيادە ماڭغانلار ھىرىپ قالسا ئولتۇرا،دەپ ياساپ قويغان بىكارلىق ئورۇندۇقتا ئۇلتۇرغاچ باتۇرنى ساقلىدىم.


  <8>



ھاياللاشماي باتۇرمۇ كەلدى.
__ۋوي! نىمە توڭ قوغۇن يىگەن ئادەمدەك قاتتىق تىگىسەن؟ مەندىن ئىلىشىڭ باردەك؟__ئادەتتىكىدەك چاقچاقلاشقاچ يىنىمغا كەلدى، كەلدىيۇ چىرايىمغا قارىدىيۇ چۆچۈپ كەتتى:
__نىمە بولدۇڭ ھوي!! چىرايىڭ نىمانداق ھارغىن سىنىڭ ؟؟ بىرەر يىرىڭ ئاغرىمايۋاتقاندۇ-ھە؟؟

باتۇرنىڭ سەل جىددىيلەشكەن تۇرقىغا  ئىپادىسىز بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم.
__يۈرە، ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشىمىز.
باتۇر يەنە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولىۋىدى، ئەلپازىمغا قاراپ ئوشۇق گەپ-سۆز قىلماي كەينىمدىن ئەگەشتى.

ئۆيگە كىرىپلا كىرىسلوغا ئۆزۈمنى تاشىدىم، ئارقامدىن سوڭدىشىپ كىلىۋاتقان باتۇرمۇ ئۆيگە كىرىپ كەلدى، كىردىيۇ ئاغزىنى ئىچىپ تۇرۇپ قالدى، چىرايىدىن يىڭىلىق ھىس قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

__پاھ...پاھ...بىزنىڭ ئەركىننىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇنداق رەتلىك بولىدىغان ۋاقىتلىرى بار ئىكەن-ھە؟ ياڭزاڭ با ھە ئاغىنە؟

ئۇ تامىقىنى چىكىلداتقاچ ئايىغىنى سالدى، ئارقىدىن ساپما كەشنى كىيىپ ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندەك بىرەر قۇر تولۇق ئايلىنىپ چىقتى.

ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن سەل بىزار بولغان بولساممۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدىم، دىمىسىمۇ مەندەك ھورۇن بىر بويتاقنىڭ ئۆينى بۇنداق راۋرۇس پاكىز رەتلىك تۇتۇپ ئولتۇرىشىغا كىم ئىشىنىدۇ دەيسىز؟ ئۇنىڭ ھەيران قىلىشىمۇ تەبىئىي.


__سەن بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتىپسەن!!ئەركىن، خىلى بىڭسىڭ بار ئىكەن-ھە؟ __باتۇر كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ماڭا شىلىتىپ تۇرۇپ __مانا، ئۆينىمۇ بىر ئوبدان جۆندەپتۇ.خىلى تىرناقتا توختىغۇدەك بىرى ئوخشايدۇ-ھە؟ نىمىلا دىمىگەن بىلەن كۆزۈڭ خىلى مال تۇنۇيدۇ جۇمۇ سىنىڭ!

ئارلىقتا تازلىق ئۆيىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى، ئىم دەپ قالدىم، گەپ قىلىپ بولغۇچە باتۇر كىرىپ كەتتى،
ئاپلا، مەن بۈگۈن بىركۈن كىرمىگەن ئىدىم، بۇنىڭغىمۇ چاچلار ئۇچرارمۇ؟ قانداق چۈشەندۈرسەم بولا...ھەي...
تازلىق ئۆيىگە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ قويدۇم.

ئۇزۇن ئۆتمەي ھىجايغىنىچە يىنىپ چىقتى.
__مانا ئىسپات دىگەن!
باتۇر قولىدا ئىككى-ئۈچ تال ئۇزۇن ،قاپقارا چاچنى مۇھىم پاكىت تىپىۋالغاندەك ئىككى بارمىقى بىلەن قىسىپ تۇراتتى.
__مانا مانا، دىمىدىممۇ؟ تىخى چاچلار...ھا...ھا...تويۇڭنى يۇشۇرۇن قىلىۋالمىغانسەن ھە ئاداش؟ نىكاھىڭغا مىنى چاقىرماپسەنغۇ؟
باتۇر مىنى تىرىكتۈرۈپ چاقچاق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

مۇدھىش چاچنى كۆرۈپ بەدىنىم غوژژىدە قورۇلدى، ھازىر باتۇرغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمىدىم، ھازىر ھىچنىمە دىمەي، نىمە ئويلىسا ئويلاۋەرسۇن، سەل تۇرۇپ ھەممە گەپنى دەپ بەرگەندە ئاندىن چۈشۈنۈپ قالار.

__قولۇڭدىكى چاچنى تاشلاۋەت.
__مەنمۇ يانچۇقۇمغا سىلىپ ئەكەتمەيمەن، __باتۇر ھومايغىنىچە ياندىكى ئەخلەت قۇتىسىغا تاشلىۋەتتى.

كەينىدىن باتۇر گەپ قىلغاچ يىنىمغا كىلىپ ھەييارلىق بىلەن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ قويدى.
يىنىمغا كىلىپ جايلاشقاچ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان، لىكىن يىيىلمىگەن سۇيقاش بىلەن مانتىنى كۆرۈپ ئۈلگۈردى، ئۇنىڭ ئاغزى يەنە ئىچىلدى:
__مانا مانا، مەن دىمىدىممۇ؟ ۋاھ كاساپەت، تەلەي دىگەن كەپتىغۇ زادى، __باتۇر سۇيۇپ قالغان سۇيۇقئاش بىلەن مانتىنى بۇرنىنى سەل يىقىن ئەكىلىپ پۇراپ قويدى:
__تىخى تاماققىمۇ ئۇستا...ھەي، قايسى قىز بىلەن ئارلىشىۋاتىسەن؟ گەپ قىلە؟؟؟ نىمانداق زۇۋان سۈرمەيسەن؟؟؟

باتۇر ئالاھىدە قىزىقىپ سورىدى. باشتىن-ئاياغ پەرۋاسىز ئولتۇردۇم، قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ ئەمدى گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندەك قىلاتتى.

__سۆزلەپ بولدۇڭمۇ؟ كوتۇلداشلىرىڭ بىسىققاندا گەپ قىلاي دىدىم، بوپتىما؟؟؟
باتۇر ئادەتتە مىنىڭ بۇنداق  تاراڭ-تۇرۇڭ گەپ-سۆزلىرىمگە خىلىلا كۆنۈك ئىدى، شۇڭىمۇ ئىغىرمۇ ئالمايتتى.

__ھە ئەمىسە گەپ قىلە، دىگىنە؟ نىمە ئىش بولدى؟؟؟ مۇھەببەت بىلەن بىرنىمە دىيىشىپ قالدىڭمۇ يە؟
__زۇۋانىڭنى يىغە، مەن گەپ قىلىمەن، سىنى بىكارغا چاقىرمىدىم، ھازىر كاللام ئىلىشىپلا كەتتى، ساڭا سۆزلەپ بىرەي، ئەمدى، شەرت، مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە 1- گىپىمنى بۆلمەيسەن،2-سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلايسەن،3-بۈگۈن قونۇشۇپ بىرىسەن...

__ئالە شەرىڭنى، تىخى سەن بىلەن قۇنۇشۇپ بىرىمەن، تايىنلىق كىر-پىرلەر بامۇ؟ يۇيۇشۇپ بەرسەم...

ئادەتتە باتۇر ئىككىمىز  ئىدارىدە ناھايتتى ياخشى ئۆتىدىغان خىزمەتداش ھەم دوسلاردىن ئىدۇق، باتۇرنىڭ مىجەزى ناھايتتى ئوچۇق، خۇشچاقچاق يىگىت ئىدى، (مەنمۇ شۇنداق ، لىكىن بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆزۈڭلار بىلىپ تۇرىۋاتىسىلەر، ھازىرچە غەمكىن) قانداق گەپ بولسا يۇشۇرۇشمايتتۇق، خىلى ئىغىر چاقچاق قىلساقمۇ ئىغىر ئالمايتتۇق، ھىسابتا بىر-بىرىمىزنىڭ ئىغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ بىرەتتۇق،دىسەك ئارتۇق كەتمەيتتى.
گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.شۇندىمۇ دىمەي بولمايتتى.

__ئەمىسە سەن گىپىمنى جىم تۇرۇپ ئاڭلا، پىكىرىمنى بۆلمە،ساڭا ھەممىنى دەپ بىرەي.

باتۇر ئەستايىدىللىق بىلەن گەپ قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ دەرھال دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى.
__قىنى دىگىنە، مەن ئاڭلاي.

ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن باشلا تا بۈگۈنگىچە بولغان ئىشلارنى، ساپما كەشتىكى چاچلارنىڭ نەچچە قىتىم پەيدە بولۇپ قالغانلىقىنى،  قورانىڭ يىنىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ تامىقىنى ئىككى كۈن ئۇدا يىگەنلىكىمنى، ئاشخانىنىڭ ناھايتتى سوغۇق ئىكەنلىكىنى، ئىككىنجى قىتىم كىرگىنىمدە ئىش ھەركەتنىڭ تەكرارلىشىنى سىزىپ قالغانلىقىمنى، ئۆينىڭ ئۆزلىكىدىن رەتلىنىپ،تازلىنىپ، ناشتىلىقلارنىڭ تەييار بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر كۆرۈپ تۇرغان مۇشۇ ھالەتنىڭمۇ ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالغانلىقىنى...(بۇ گەپلەرنى دەۋاتقىنىمدا باتۇرنىڭ قۇشۇملىرى يىمىرىلىپ ئىشىنىپ-ئىشەنمىگەندەك ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرى بولۇپ ئۆتتى)،بولۇپمۇ ئاشخانىدىكى ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشىنى ، دىئالوگ-ئىش ھەركەتلەرنى بىر قەدەر تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم.

__بولغان ئىشلار مۇشۇ شۇ، ئەمدى سەن قانداق قارايسەن؟؟

سۆزۈمنى ئاياغلاشتۇردۇم، دە يىنىك تىندىم. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىمىشقا بۇرۇختۇرما بولۇپ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئەسلى مانا مۇشۇنداق دەپلاۋەتسە بولىدىغان ئىشكەنغۇ؟!
بۇ گەپلەرنى باتۇرغا قىلىپ بولۇپ كۆڭلۈم سەل ئىچىلىپ قالدى، ئۇف، ھەرنىمە بولسا بىر ئادەم بولسىمۇ مەن بىلەن ئورتاقلاشتى،دىگەن گەپتە؟!ئۆزۈمنى خىلىلا يىنىك ھىس قىلدىم.

باتۇر باشتا گۇمان بىلەن چىرايىمغا قارىۋەتتى، كەينىدىن تازلىق ئۆيىگە ۋەھىمە ئارىلاش قاراپ قويدى:
__بايا مەن كۆرگەن ياق تۇتقان چاچمۇ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان دىمەكچىمۇ سەن؟؟
__شۇنداق، ھەممە ئىش سەل ئاشۇ چاچتىن باشلانغان.
__چاقچاق قىلما-ھە؟ تۈزۈك گەپ قىلە!

باتۇر ئىشەنمىگەندەك كۆزلىرىنى گۇمانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىپ قارىدى .
__مەن ساڭا يالغان سۆزلىگەندەك تۇرامدىم؟
كەينىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن گەپ قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ سەل ئىشەندى،شۇندىمۇ سوراپ قويدى:
__ئاغىنە، دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى راسمۇ يا؟ يا ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟

شۇنچە گەپ قىلسام يەنە راسمۇ،دەپ سورىشىغا سەل ئاچچىغىم كەلگەندەك قىلدى، باتۇرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدىم:
__مەن يالغان گەپ قىلمىدىم، ھەم ئەھمىيىتىمۇ يوق، ساڭا ئىشەنگەچكە ساڭا ھەممە گەپنى ئىيتتىم ئاداش.

باتۇر ئىشىنەيمۇ ئىشەنمەيمۇ دىگەندەك بىرخىل ئىپادىدە ماڭا قاراۋاتاتتى. دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟  مىنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىرى مۇشۇنداق گەپ قىلىپ بەرسە مەن ئىشىنەتتىممۇ؟ ئەلۋەتتە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەندىن كىيىن مەنمۇ ئىشەنمەيمەن-دە؟

__راست ئاداش، قىلچىلىك يالغان سۆزلىگەن بولسام...ئىشەنمىسەڭمۇ مەيلى لىكىن...

__بولدى،بولدى، ئىشەندىم،__باتۇر قاپاقلىرىنى جىددىيلىك نەزىرىدە سەل تۈرۈپ قويدى. قارىغاندا ئۇمۇ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەكلا ئىدى.

__مىنى ئاشخانىگە باشلاپ بارامسەن؟؟؟

سائىتىمگە قارىدىم، سائەت 11دىن ئاشقان ئىدى، لىكىن مەن ئۇ ئاشخانىگە ئىككىلا قىتىمدا 5لەر ئەتراپىدا كىرگەن ئىدىم، نىمىشقىدۇر دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىرىشنى ئويلىشىپ قالدىم، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت ئوقۇمى پەرقى بولمايتتى. راستىمنى ئىيتسام بۈگۈن 3-قىتىملىق كىرىشىمدە ھەممە ئىشلارنىڭ  ئۆز ئەسلى بويىچە مىڭىشىنى. تەكرارلانماسلىقىنى ئىچ-ئىچىمدىن تىلىدىم، بۇنداق بولغاندا ماڭىمۇ ئاسانراق بولاتتى، ناھايتتى كەلسە زىيادە سەزگۈلۈكۈم ئىشىپ كىتىپتۇ، دەپ ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كىلىپ ئارام ئىلىشىمغا پايدىلىق ئىدى.شۇنداق بولغاي ئىلاھىم!

__ئالدىرما، ۋاقىت توشمىدى، سائەت بەشلەر ئەتراپىدا بارساق ئاندىن ھەقىقي ئىشلارنى چۈشىنەلەيسەن.


   <9>  


باتۇر ئىككىمىز ئۆيدە ئۇنى دىيىشىپ-بۇنى دىيىشىپ سائەتنى تەسلىكتە 5 قىلدۇق.
__ماڭ، ئەمدى سىنى ئۇ ئاشخانىغا ئەكىرەي، قالغان ئىشنى شۇ يەردە ئۆزۈڭ كۆر...

ئىككىمىز پەسكە چۈشتۇق، قورۇنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقتۇق، قارىسام< ئانار تىز تاماقخانىسى> بۇرۇنقىدەكلا
سوغۇق چوقچىيىپ تۇرۇپتۇ.
__ئاداش، بۇ ئاشخانا بۇرۇندىن تارتىپ بارمىكەن؟
__بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغۇيتتى؟
باتۇر دەرگۇماندا ئاشخانىغا  بىر قۇرقارىۋەتتى.

__ئادەش، ھىچ ئىش بولماس-ھە؟__باتۇر سەل ئىككىلىنىپ قىلىۋاتاتتى.
__كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ، ئەنە ئاۋۇ مەن ساڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن ئاشخانا شۇ،  ئالاھىدە بىر ئىشمۇ بولۇپ كەتمىدى، پەقەت مىنى گۇمانغا سىلىپ قويدى. مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىپ بەرسەڭلا بولدى.

باتۇر چۈشەنگەندەك بىشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويدى.
__ ھىس قىلىۋاتىسەن، ھازىر ھاۋا قانداق؟
__ناھايتتى ئىسسسىق، ھە راس ،ئاشخانىدا مۇزدەك قىتىق باردۇ-ھە؟ __باتۇر لىۋىىنى يالاپ قويدى.

__كوتۇلدىما، ئۆزۈڭ بىلدىڭ، بىز تاماق يىگىلى كىرمەيمىز، بايام ساڭا دەپ ئۆتكەن ئىشنىڭ تەكرارلىنىشىنى كۆزەتكىلى كىرىمىز، ئەگەر ئىچىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ دىگىنىمدەك بولسا دىمەك، كۆرگەنلىرىم راست، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئەركىننىڭ نىرۋىسىدىن چاتاق چىققان،دەپ ھۆكۈم قىلساڭ بولىدۇ.

__چۈشەندىم.
باتۇرنىڭ ئەپتى ئويۇن ئويناشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئادەمدەكلا ئىدى.

__دىققەت قىل، كىرىشىمىزگە مەن دىگەن قىز چاي پىيالىسى ئەكىرىدۇ، كەينىدىن لەغمەندىن باشقا تاماق بۇيرۇتىشىمىزغا رۇخسەت يوق، ئاڭلىدڭمۇ؟
__مىنىڭ بۈگۈن لەغمەن يىگۈم يوق ئىدى، بوپتۇ، سەن ئۈچۈن__باتۇر يەنىلا چاقچاق ئارلاش كۈلىۋاتاتتى.

__ئاداش، ئەستايىدىلراق بول، كەينىدىن لەغمەننى توڭ قاپاق تاڭجاڭ يىگىت ئەكىرىدۇ...

__ۋاي-ۋاي...بولدى-بولدى، __باتۇر گىپىمنى بۆلدى،__ھىلىمۇ بۈگۈن بىركۈن ماڭا مۇشۇنى ئۈگەتتىڭ، يادا بولۇپ كەتتى ماڭا، ئاندىن قىز گەپ قىلىۋاتقاندا بىر خوتۇن چاقىرىدۇ، مەنتەڭ ئەكەل،دەپ ، ئاندىن پۇل يىغىدىغان بىر خوتۇن لىققىدە ئاسارە-ئەتىقىگە ئايانغان 90-يىللارنىڭ پۇللىرى سىلىنغان لىققىدە بىر تارتما پۇلنى چىقىرىدۇ... ئاندىن ساڭا....

__بولدى، بولدى، بىلسەڭلا بولدى، ئەمىسە ياخشى كۈزەت-ھە؟
__ئاۋال كىرىپ باقمامدۇق؟ ئاندىن قالغىنىنى دىيىشىلى.

ئىككىمىز جەڭگە ئاتلانغان ئەسكەردەك قەددىمىزنى رۇسلىدۇق، ئەسكەرغۇ ياخشى، ناھايتتى كەلسە بىر پاي ئوق بىلەن ئۇ دۇنياغا كىتىدۇ، يامان بولغىنى ئىش سەل ئەپلەشمىسە مەن بىچارە ئۆلگەندىنمۇ بەتتەررەك كۈنگە قىلىشىم مۈمكىن...

قەددىمىزنى رۇسلاپ ئاشخانىغا كىردۇق، شۇئان مۇزدەك ھاۋا يۈزلىرىمىزگە ئۇرۇلدى، باتۇرغا قارىۋىدىم، ئىككى بىلىكىنىڭ شۇئان توخۇ ئەتلىرىنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.
__پاھ، قىشنىڭ ھاۋاسىدەكلا سوغۇق ئىكەنغۇ بۇ يەر!
ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە كۆزىمىزنى ئۇرۇۋالدۇق، باتۇر شۇنداق دىگىنىچە ئەتراپنى رازۋىتچىكتەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپنى كۆزەتتى.

ئاشخانىدا ئاۋالقىدەكلا ئادەم كۆپ، ھەم كىلىپ ھەممىسى ئالدىنقى كۈنىدىكى كىشلەر دەپ ھۆكۈم قىلدىم.
مەن ئىككى قىتىم ئولتۇرغان ئورۇن مىنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا بوش ئىدى،بىز شۇ  ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردۇق.

_-پاھ، نىمانچە سوغۇق بۇ ئاشخانىنىڭ ئىچى؟__باتۇر شۇنداق دىگەچ ئىككى ئەتراپقا گۇمانسىراپ قارىدى__قارا-قارا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىشلىق كىيىم كىيىشىۋاپتۇغۇ؟

باتۇر ھەيران بولغۇنىچە سورىدى.باتۇرنى بىقىندىدىم:
__تولا ۋالاقلىماي شۈك ئولتۇر، كۆرسەڭلا بولدى.

بىر چاغدا قىزچاق كەلدى، ئوخشاشلا سەمىمىي كۈلۈمسىرەپ ئالدىمىزغا چەينەك بىلەن چاي پىيالىسىنى قويدى.
باتۇر قىزدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى، پۇتىنى يىنىك دەسسەپ قويىۋىدىم، باتۇر سەل نارازى بولغاندەك كۆزىنى قىزدىن ئىلىپ قاچتى.

__نىمە تاماققا ئىشتىيىڭلار تارتىدىكىن؟
__نىمە تاماق بەك ئوخشايدۇ؟ __توڭلا سورىدىم،بۇرۇنقىدەك مۇلايىملىقىم قالمىغان ئىدى، ھەم ئەھمىيىتىمۇ يوق ئىدى.
__سىزنىڭ نىمە تاماققا ئىشتىيىڭىز تارتسا شۇنى بۇيرۇتۇڭ،ھەممە تاماقلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە!

مانا ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق دىگەن بۇ قىز! باتۇرغا قانداق؟ دىگەندەك قاراپ قويدۇم.قىزغا بولسا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويدۇم، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبىنى نىمىشقىدۇر مۇشۇ قىزدىن كۆرەتتىم.

__لەغمەن!__دىدى باتۇر يۇقۇرى ئاۋازدا، كەينىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىدەك ماڭا قاراپ كىرىلىپ قويدى.

قىز  بۇرۇنقىدەك ۋىلىققىدە بىرنى كۈلدى-دە:
__ئەمىسە چاي ئىچكەچ ساقلاپ تۇرۇڭلار، تاماق تىزلا چىقىدۇ،__كىتىپ قالدى.
قىزنىڭ بىلىدە ئوخشاشلا توم ،قاپقارا ئىككى ئۆرۈمە چاچ سويلاپ تۇراتتى. قىزنىڭ ئارقىسىدىن چوڭقۇر گۇمان بىلەن قاراپ قويدۇم:
__كۆردۈڭمۇ؟ ئاڭلىغانسەن؟ بايا دىگەنلىرىم بىلەن ئوخشاشمىكەن؟؟

باتۇر قىزنىڭ كەيندىن كۆزىنى ئۈزمىدى:
__كاساپەت، ھەقىقەتەنمۇ كۆزنىڭ يىغىنى يەيدىكەن، چاچلىرىچۇ تىخى.

__ھوي،ھوي،__باتۇرنى نىقتىدىم، __كاللاڭ جايىدىمۇ سىنىڭ؟
__نىمە بولدى؟__باتۇر تەسلىكتە كۆزىنى قىزدىن ئۈزۈپ ماڭا قارىدى، شۇندىلا ھىجىيىپ قويدى:
__چاقچاق قىلىپ قويدۇم، سىنى نىمە دەيدىكىن، دەپ ، مەن دىققەت قىلىۋاتىمەن، دىگەنلىرىڭ بىلەن خىلى ئوخشاۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئاۋۇ چاچلار...

__شۇنداق ئاداش، ئاۋۇ چاچ ئۆيدىكى چاچ بىلەن ئوخشاش تۇرامدۇ-نىمە؟
__شۇنداقتەك قىلىدۇ، بۇ ئاشخانە دىمىسىمۇ بەك سوغۇق ئىكەن-ھە؟__باتۇر ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ قويدى ،تۇيۇقسىز بىرنىمە تىپىۋالغاندەك يان تەرەپنى كۆرسەتتى.
__قارا، ئاۋۇنىڭغا!
باتۇر كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىۋىدىم، ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت ھەم كالىندار ئورۇنلاشتۇرۇلغان،10 يىل بۇرۇن خىلى مودا بولغان سائەت كۆزۈمگە چىلىقتى.

سائەت 12دىن 45 ئۆتكەن ئىدى.
__سائەت خاتا بولۇپ قاپتۇ دىمەكچىمۇ سەن؟
__ھاڭۋاقتى، سائەتنىڭ يىنىدىكى كالىندارغا قارا!

دىققەت بىلەن قارىۋىدىم، ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەتنىڭ يىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كالىنداردا مۇنۇ رەقەملەر قىپقىزىل چاقناپ تۇراتتى:<1997.12.25>

كۆرگىنىم خاتا يىزىلغان ۋاقىت بولدى.
__نىمە بوپتۇ؟ ئۇ نەرسىلەر بىلەن كارىڭ بولما، بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئۇ نەرسە ئەمەس.
__ۋۇ دۆت، ئاشخانىنىڭ سوغۇقلىقى ئاشۇ سائەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقما؟__باتۇر سىرلىق ھالدا ماڭا قادالدى.

__قانداق دەيسەن؟__باتۇرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم، چۈشىنەلمىدىم ئەمەس، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەممىلا نەرسىگە گۇمان بىلە قارىغاچقىمۇ خاتا بولۇپ قالغان كالىندارلىق سائەتنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بەكىرەك بىلەي دىدىم خالاس.

باتۇر ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ جاۋاب بەرمىدى،ئۇ بىرنىمىلەرنى تەھلىل قىىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھازىرچە ئۇنىڭ نىمىنى تەھىل قىلىشى بىلەن كارىم يوق ئىدى.مەنمۇ ئۆز دىققىتىم بىلەن ئاشخانە ئىچىنى كۆزەتمەكتە ئىدىم.

توككىدە قىلغان ئاۋازدىن سەل ئەندىكىپ قالدىم. ھىلىقى تاڭجاڭ ئىككى تەخسە لەغمەننى ئالدىمىزغا قاتتىقلا قويدى-دە ئادىتى بويىچە گۆلىيىپ قاراپ قويۇپ باشقا تەرەپكە كىتىپ قالدى.

باتۇر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ قويدۇق.
__كۆرگەنسەن؟ مانا بۇ ئەھۋال مىنىڭ دىگىنىمدەك بولدىمۇ؟

باتۇر بىشىنى يىنىك لىڭشىتتى، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ، نەچچە كۈندىن بۇيان كۆرگەنلىرىمىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى بۈگۈن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئىسپاتلىماقتا ئىدىم. مانا ئىش-ھەرىكەتلەر ئۆز قائىدىسى بويىچە رەتلىك تەكرارلانماقتا ئىدى.

ئۆزۈم ئادەتتە فانتازىيىلىك كىنو كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم، لىكىن ھىچقاچان تۇرمۇشۇمدىمۇ فانتازىيىلىك ئىشلارنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بولىۋاتقان ئىشلار مىنى بىر تەرەپتىن قورقۇتسا بىر تەرەپتىن قىزىقتۇرۇپ ماڭماقتا ئىدى.بۇ يەردە چوقۇم بىر سىر بار، خەپ ،بۇلارنى چوقۇم يەشمەي قويمايمەن!!!

قوسقۇم بەكلا ئىچىپ كەتكەن ئىدى، ئەتىگەندىن كەچكىچە بىرنىمە يىمىگەنلىكىمنى ئىسىمگە ئالدىم،نىمىلا بولمىسۇن ئەڭ ئاۋال قورساقنى بىر ئەستەرلەي، ئاندىن باشقا ئىشلارغا ماغدۇر يىتىدۇ.

__قىنى ئاۋال تاماقنى يەيلى، ئاندىن باشقا ئىشلارنى دىيىشىلى__شۇنداق دىگەچ چوكىنى قولۇمغا ئالدىم-دە، ئالدىمغا قويۇلغان مەزىلىك لەغمەننى ئەمدى يەي دەپ تۇرىشىمغا باتۇر چاققانلىق بىلەن چوكىنى شاققىدە تارتىۋالدى.

__نىمە بولدى؟__باتۇرنىڭ بۇ قىلىقىغا ھەيران قالدىم.

__سەن ماڭا نىمە دىگەن؟ مىنى ئەستايىدىل بول دەيسەنۇ، ئۆزۈڭ ئەمەل قىلمامسەن؟__باتۇر سۇئال نەزىرىدە قەتئىيلىك بىلەن قارىدى.
__قانداق دەيسەن؟
__بۇ ئاشخانىدىن گۇمان قىلغان ئىكەنسەن، بۇ تاماقنى قەتئىي يىمە .

قىززىق ئىش،مەن ئەستايىدىللىقمنى بوشاشتۇرۇپ، باتۇر بولسا مەندىنمۇ بەكىرەك زىللىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەسكەرتكىنىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم . تۈكۈرۈكۈمنى غۇرتتىدە يۇتتۇم دە تاماقتىن مىھرىمنى ئۈزەلمىگەن ھالدا كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم.

باتۇر بولسا ئەتراپنى داۋاملىق كۈزىتىۋاتاتتى. بىر چاغدا قىز يىنىمىزدىن ئۆتتى.

__ئاشخانەڭلەر بەك سوغۇق ئىكەن-ھە؟__باتۇر مەن گەپ قىلغۇچە ئۆزى سورىدى.
قىزمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:
__شۇ ھازىر ھاۋامۇ بەك سوغۇق بولۇپ كىتىۋاتىدۇ، ئوتنى خىلى قالايمىز بولمىسا، پارمۇ بار، يەنە تازا دىگەندەك ئىسسىپ بولالمايۋاتىدۇ.

بۇ ئوماق قىز بۈگۈن ماڭا ئاسىيلەرچە نەچچە كۈندىن بىرى ماڭا قىلىۋاتقان گەپلىرىنى باتۇرغىمۇ ئوخشاشلا پەش-چىكىتلىرىنى قويماي تەكرارلاۋاتاتتى. غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدىيۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.

__ئۇنداق جاپا چەككۈچە ئادەتتىكىدەك ئاشخانىنىڭ ھاۋاسىنى نورمال تەڭشەپ قويساڭلا بولىدىغۇ؟ ئاشخانىنىڭ سوغۇقلۇقىغۇ ئۆزگىچە بوپتۇ بۇ ئىسسىقتا، قىشنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن.بۇمۇ خىرىدارنى جەلىپ قىلىشنىڭ بىر تۈرى ،شۇنداقمۇ؟__چاققانلىق بىلەن باتۇردىن ئاۋال گەپ قىلىۋالغىنىمدىن ئۆزۈمچە كىرىلىپ قويدۇم.

__ئىسسىق دىدىڭىزما؟ __قىز كۈلكىسىدىن توختىيالمىدى،__تاشقى پىلانتتىن كەلگەندەك گەپ قىلىسىزغۇ؟ _قىز كۈلكىسىدىن توختاپ __ئامال يوق، ھاۋا سوغۇق، بىزنىڭمۇ ئىسسىق ئولتۇرغۇمىز بار بولمىسا...سىزمۇ بەك نىپىز كىيىۋاپسىز ،توڭلىمىدىڭىزمۇ؟

مەن ئەمدى گەپ قىلاي دىگۈچە __قىزچاق، بۈگۈن چىسلاغا قانچە؟__باتۇركەسكىنرەك ئاھاڭدا قىزدىن سورىدى.
__بۈگۈن 12-ئاينىڭ 25-كۈنى.__قىز سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.

بەدىنىم ئوتتا كۆيدۈرگەندەك جايىمدا ئولتۇرالمايلا قالدىم، نىمە دەپ يۈرۈيدۇ بۇ قىز؟ ئەمدى گەپ قىلاي دىۋىدىم، باتۇر گەپ قىلما ،دىگەندەك پۇتى بىلەن مىنى يىنىك تۈرتۈپ قويدى.

__ئەي سىڭلىم، ماڭا ئاشنىڭ سۈيىدىن بىر پىيالە ئەكىلىپ بىرىڭە.

باتۇر ئىككىلىمز ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قارىدۇق، ئوخشاشلا ھىلىقى ئايال بالىسىنى بەزلىگىنىچە ئولتۇراتتى.
باتۇرغا قانداق؟ دىگەندەك يەنە بىر قىتىم قاراپ قويدۇم. باتۇر ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئوشۇق گەپ قىلمىدى.

قىزچاق يىنىمىزدىن ئايرىلدى. چاچلار بولسا ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەكلا تەكشى ئۇزۇن، جانلىق قارا ئىدى، ئۆيدىكى چاچنىڭ مۇشۇ چاچلارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىگە 90% ھۆكۈم قىلدىم.

__كۆردۈڭمۇ باتۇر؟ سەنمۇ كۆردۈڭ-ھە؟ مانا مۇشۇنداق ئىش ئاداش!! بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز يالغان ئەمەس، ھەقىقىي بولىنىۋاتقان ئىشلار، شۇنداققۇ؟ مىنىڭ دىگىنىم بىلەن قىلچە پەرقى يوققۇ-ھە؟

ئۆزۈمنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغىنىمدىن راسلا خىلى خۇش بولغان ئىدىم، مىنىڭ ئەڭ قورققىنىم باشقىلارنىڭ گىپىمگە ئىشەنمەي مىنى ساراڭغا چىقىرۋىتىپ قىلىشى ئىدى، راسلا ئۇنداق بولسا <ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا> دىگەندەكلا بىر ئىش بولاتتى.


__ ئاۋۇ چاچ ئۆيدە سەن تازلىق ئۆيدە كۆرگەن بىر نەچچە تال چاچقا ئوخشامدىكەن؟__يىنىمىزدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقان قىزنى ئىما قىلدىم.
__ئوخشامدىكەن ئەمەس، دەل ئۆزى شۇ ئەركىن!
باتۇر ئاجايىپ تەمكىن بولۇپ كەتكەن ئىدى، بايامقى خۇشچاقچاق، قىزغىن ،يۇمۇرىستىك ئىپادىسىدىن بىرنىمۇ
تاپقىلى بولمايتتى.

__ماڭە، بۇ يەردىن تىزرەك ئايرىلايلى.

باتۇر شۇنداق دىگىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بايام مەن ئاكتىپ بولسام، ئەمدى باتۇر ماڭا باشلامچى بولۇۋاتاتتى. بۇمۇ بولغىنى، دوست دىگەننى مۇشۇنداق يىرىنى دىمىسە نىمسىنى دەيدۇ؟ ئۆزۈمنىڭ يۈكىنى بىراقلا باتۇرغا ئارتىپ قويغاندەك ھىس قىلدىم، شۇندىمۇ خۇش بولدۇم، ھىچ بولمىسا ئۆزۈم يالغۇز دەككە-دۈككىدە يۈرگىنىمدىن باتۇردەك بىرىنىڭ تەڭ قارار چىقىرىپ تەڭ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئىپادىسىدىن مەمنۇن بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇندىمۇ كۆڭلۈمدىكى دەككە-دۈككە تىخى بىسىلمىغان ئىدى.
باتۇرغا ئەگىشىپ پۇل تۆلەيدىغان يەرگە كەلدىم،
__قانچە بولدى؟
__6يۇەن.
باتۇر ئۈندىمەستىن 10 يۇەنلا تەڭلىدى.
__باتۇر، ئىككى لەغمەن ئىدى،__پىچىرلاپ دىگۈدەك باتۇرنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىدىم.
__شۈك تۇر.

ئايال كىچىككىنە تارتمىسىنى ئىچىپ 4 يۇەن قايتۇردى. كونا پۇللار كۆزۈمنى يەنە بىر قىتىم قىزارتتى. لىكىن بۇ قىتىم ئايال كۆرمەي قالدى.

باتۇرنىڭ چىرايىغا قارىۋىدىم باتۇرنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، تاتىرىپ، لەۋلىرىنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم، گەپ قىلاي دەپ ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللىتىشىمگە تىز بول دىگەندەك  قولۇمنى تارتۇشلاپ قويدى.

پۇلنىمۇ ئالدۇق-دە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك بۇ ئاشخانىدىن چىقتۇق، چىقىپلا ئۇف...دەپ چوڭقۇر نەپەس ئىلىۋالدىم.

باتۇر نىمىنىدۇر ئويلاۋاتاتتى. باتۇرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىگە ياراشمىغان جىمغۇرلۇق، ئىغىر بىسىقلىق قاپلىغان چىرايىغا سەل ھاڭۋىقىپ قارىدىم. چىرايىدىن قورققاندەك، ۋەھىمە باسقاندەك، ھارغاندەك...ئىشقىلىپ مەن تەسۋىرلەپ بىرەلمىگۈدەك بىر خىل ئىپادىدە تۇراتتى. بۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تەھلىل قىلىدىغان مىنىڭ ھالىم يوق ئىدى، ئىشقىلىپ شۇنداق ئاجايىپ بىرخىل ئىپادە، ئۆزۈڭلار ئالدىرماي پەرەز قىلىۋىلىڭلار...نىرۋام جىددىيلىشىشقا باشلىدى.
__باتۇر نىمە بولدۇڭ؟
__ھىچنىمە،__باتۇر جىممىدە بولۇپ قالدى.

__ئەمدى قانداق قىلىمىز؟؟ سەن بىرەر ئىشنى بولسىمۇ ھىس قىلدىڭمۇ باتۇر؟؟؟ كۆردۈڭمۇ؟ ھە؟؟؟ ئەنە كۆرگەنسەن؟ ئەمدى دىگەن گەپلىرىمگە ھەققىي ئىشەنگەنسەن؟ سەن دىگىنە؟ مەن قانداق چۈشۈنىشىم كىرەك؟ نىمە دەپ ئويلاي؟؟؟ بولدى بەس، ئەمدى مەن بۇ يەردە بىرمىنىۇتمۇ تۇرمايمەن، ئەتە، ياق ھازىرلا، بۈگۈن بۇ يەردىن چوقۇم كۆچۈپ كىتىمەن، بۇغۇ كىچىك ئىش ، تىخى ئۆيدىكى ئالۋاستىنىڭ (ئۆيۈمنى رەتلەپ، تازلاپ، مەن ئۈچۈن تاماق ئىتىپ قويغۇچىنى يۈزسىزلارچە ئالۋاستى دەپ ئاتاۋەردىم، مەيلى كىم بولۇشتىن قەتئىنەزەر ھازىرچە شۇنداق ئاتاققا لايىق ئىدى، دىمىسىمۇ شۇنداققۇ-ھە؟!) ئىشىنى نىمە دەي؟ ھەممىسى ئالۋاستى!!  ھۇ ئۆلمىگۈر ئەبلەخلەر!!!
ساراڭدەك ئۆز-ئۆزۈمگە قاقشاپ-سۆزلەپ كەتتىم.

باتۇر ئۈندىمىدى، ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويدى. ئۆزۈڭچە چوڭ سۈپەت بولىۋالغىنىڭما بۇ؟ بۇ نداق تەمكىن ھالىتى ئاچچىغىمنى كەلتۈردى، مەن جىددىيلىشىپ، ئۆزۈمنى يۇقۇتۇپ قوياي دەۋاتسام بۇنىڭ ئۆزىچە سالماق بولۇپ كىتىشلىرىنى نىمە دەي؟!

__گەپ قىلمايسەنغۇ؟؟؟
باتۇر ئارقا تەرەپكە قارىغىنىچە ئىڭىكى بىلەن سىرلىق ھالدا شۇ تەرەپنى ئىما قىلدى:
__كەينىڭگە قاراپ باقە؟

كەينىمگە قارىۋىدىم، ھىلىقى قىز ئىشىك تۈۋىدە قاپقارا چاچلىرىنى مۆرىسىگە تەكشى كەڭ يىيىپ گويا ئەرۋاھتەكلا ئاشخانىنىڭ ئالدىدا تىك تۇراتتى.
قورقۇنۇچتىن كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى، كۆزۈمنى بىرى مىخلاپ قويغاندەك ئۇ قىزنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ ئالالمىدىم. قىزنىڭ ئۈستىدە چاقناۋاتقان ئاجايىپ سوغۇق مۇدھىش بىر نۇرنى كۆرگەندەك بولدۇم،  كۆزۈم ئىلىشىۋاتاتمدۇ بىشىم قىيىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، قىز تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوزغىلىپ مەن تەرەپكە يىقىنلىشىۋاتقاندەكلا قىلاتتى.

باتۇرنىڭ قولۇمدىن تارتىپ:
__ئارقاڭغا قارىما، تىز يۈگۈر،__دىگىنىنى ئاڭلاپ سەل ھوشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم-دە، جىنىمنىڭ بارىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.


<10>  


شۇ يۈگۈرگىنىچە 4-قەۋەتكە ئوقتەك چىقىپ بوپتىمىز، شۇندىلا  يۈگۈرۈشتىن توختىدۇق. ھاسىرغىنىمىزچە بىقىنىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەتتۇق، تىز-تىز نەپەس ئالغاچقىمۇ مەيدەم ئىچىشىپ، پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر دىگەن نەرسە قالمىغان ئىدى، باتۇرنىڭ ھالىمۇ مىنىڭدىن قىلىشمايتتى.

ئىككىمىز شۇ تۇرغىنىمىزچە بىردەم ھالسىراپ كارىدورنىڭ تىمىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ كەتتۇق. باتۇرنىڭ چىرايىمۇ بۆلەكچىلا تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. باتۇرنىڭ ئىپادىسىنى قورقۇپ كەتتى،دەپلا چۈشەندىم.

بالدۇرمۇ ئەمەس، كىيىنمۇ ئەمەس دەل شۇ ۋاقىتتا كارىدوردىن تاراق-تاراق قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. يۈرىكىم چىممىدە قىلىپ قالدى، ئەجىبا ھىلىقى قىز ئەگىشىپ كەلگەن بولغۇيمىتى؟
نىمە بولسا مەيلى، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، بۈگۈن بۇ جىنىمنى تىكىپ قويدۇم(ئەلۋەتتە ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا).

كىمكىن دەپ كارىدورغا بويۇنداپ قارىۋىدىم، ساپسىرىق چاچ كۆرۈندى،  كەيندىن قاس-قاس قىلىپ سىغىز چاينىغانچە فاڭدوڭ ئايال چىقىپ كەلدى، ئاۋال ئىككىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ نىمە بولغاندۇ، دىگەندەك قۇشۇمىسىنى سۇس تۈرۈپ قويدى، كەينىدىن بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك مىيىققىدا كۈلۈپ قويدى:
__ياخشىمۇسىزلەر يىگىتلەر؟ نىمە بولدى سىلەرگە؟!

مەسخىرە ئارلاش سۇئالىغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمىدىم:
__ھىچنىمە بولمىدى،  پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ يۈگۈرۈپ چىقىدىغان ھەركەت ئىشلەۋاتىمىز، چىنىقىۋاتىمىز.

__مۇنداقمىتى يە؟!!__ئايال ئىغىزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى. ئايال كۆزۈمگە ئالۋاستىدەكلا كۆرىنىپ كەتتى.

__يىگىتلەر، شۇنچىلىك ھەرىكەت ئىشلىگەنگە مۇشۇنداق ھىرىپ كەتتىڭلارما؟ ئۆزۈڭلارنى ئاسراپ قۇۋەتلىكرەك تاماق يەڭلار...

ئەمدى كىلىشتۈرۈپ تازا بىر گەپ قىلاي دىۋىدىم، ئايال يۇشۇرۇن كۈلگىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى.

مۇشۇ ئايالنى ئاشۇ تۇتۇۋىلىپ تازا بىر ئۇرۇدىغان يىرىگە كەلگەن ئىدى. ئىككى قىتىملىق زەھەردەك گىپى ئوغامنى قاينىتىۋەتكەن ئىدى. خەپ!!! ئۆي سىنىڭ بولۇپ قالدى، بولمايدىغان بولسا...ئالدىرماي تۇر . ئاۋال ما دىشىۋارچىلىقلارنى تۈگۈتىۋالاي، ئاندىن قانداق ئەدىپىڭنى بىرىمەنكى قىنى!!!

باتۇرغا قارىسام، ئۇنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىسى يوقتەكلا...نىمىشقىدۇر روھىي چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك سالپىيىپ قاپتۇ. بەلكىم بۇمۇ قورققاندۇ؟ قورقماي قالامدۇ؟ مەنغۇ ھەرنىمە بولسا ئىككى كۈن بولسىمۇ پراكتىكا قىلىۋالغان، لىكىن باتۇر ئۈچۈن بۇ ئىشلار تۇنجى قىتىملىقىدە؟! كۆيۈنگەندەك سورىدىم:
__ھىچ ئىش يوقتۇ -ھە؟

باتۇر ئىشىكنى ئاچ دىگەندەك ئىشىكنى ئىما قىلدى، قورقۇپ تۇرساممۇ گەپ قىلماستىن بىرىپ ئىشىكنى ئاچتىم،
يۈرىكىم نىمىشقىدۇر قورقۇنۇچلۇق سىلىپ كىتىۋاتقان ئىدى، ئۆيدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئالۋاستى باردەك. كىرسەكلا ھام قىلىپ يۇتۇۋىتىدىغاندەك بىرخىل قورقۇنۇچنىڭ ئىسكەنجىسىگە قالغان ئىدىم.

ئىككىمىز ئۆيگە كىردۇق. ئۆي ئىچى نىمىشقىدۇر  كۆزۈمگە بىرخىل سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كىتىپ باراتتى. بىرىپ بارلىق چىراقلارنى ياندۇرۋەتتىم.

ئىككىمىز كىرىسلودا يانمۇ-يان بىر ئىغىز زۇۋان سۈرۈشمەي جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتۇق. كاللامدا ئاشخانىدىكى ئىشلار چەمبىرەك بولۇپ پىرقىرايتتى، قانچە ئويلىساممۇ سىرلىق ئوردىدەك ئويلىغانلىرىمنىڭ ئاخىرىنى يىشىپ چىقالمايتتىم.
نىمىشقا؟ بۇ زادى قانداق ئىش؟ نىمىشقا ئاشخانە شۇنداق سوغۇق؟ 12-ئاينىڭ25-كۈنى...ھىم...بۇ قىزنىڭ جاۋاب بەرگىنى ئاشخانىدىكى كالىندار بىلەن ئوخشاش، خاتالاشمىسام  كالىنداردا 1997 -يىل دەپ يىزىلغان...توختا..توختا...بۇ ۋاقىتنىڭ ھازىر بىلەن  نىمە مۇناسىۋىتى؟؟؟
ئەجىبا ئاشخانىدىكى ۋاقىت ھازىرقى 2012 -يىلى بولماستىن 1997-يىلى 25-دىكابىر بوغۇيمىتى؟ كاللام بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك بولدى! چوقۇم شۇنداق...

__باتۇر، مەن بىرئىشنى بايقىدىم، چوقۇم شۇنداق!!!

__نىمە ئىشنى؟__باتۇر كۆزىنى بىر نۇقتىدىن ئۈزمەيلا سورىدى.

بىردىنلا جانلىنىپ كەتتىم، يەنىلا ئۆزۈم ئەقىللىقتە!!!
__مەن ئاشخانىنىڭ سوغۇقلۇقىنىڭ سىرىنى يەشتىم، سەن باشتا دىدىڭغۇ؟ كالىندارغا قارا دەپ، شۇ كالىنداردىكى ۋاقىت 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگە توغۇرلانغان ئىكەن، ئويلاپ باقە، 12 ئاينىڭ ئاخىرى دىگەن زىمىستان قىش پەسلىگە توغرا كىلىدۇ، دىمەك،ئاشخانىنىڭ ئىچىنىڭ سوغۇق بولىشى نورمال ئەمەسمۇ؟

باتۇر ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ ئەتىگەنكى خۇشخۇي ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، نىمىشىدۇر بىئارام بولۇۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى.

__ مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بايقىغان، شۇنداق، سوغۇق بولىشى نورمال، لىكىن شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بىزگە ئەينەن پىتى كۆرۈنۈشى نورمالمۇ؟؟؟__باتۇر ياندۇرۇپ سورىدى.
تۇرۇپلا قالدىم، نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم، ئەلۋەتتە نورمال ئەمەستە؟!سەل جىددىيلىشىپ قالغان ئىدىم، شۇ تاپتا ماڭا ياخشىراق بىر ئەقىلنىڭ كىلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، بارلىق ئۈمۈدۈمنى باتۇرغا باشلىدىم. نىمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ ئۇ كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟

__ئەركىن، بولغان ئىشلارنى مەنمۇ بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ھازىر نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
باتۇر ئۇھسىنغىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.

__قانداق دەيسەن باتۇر؟__تەشۋىشلەنگىنىمچە سورىدىم.

__1997-يىلى بۇ يەردە بىر ۋەقەنىڭ بولغىنى ئىسىمدە.  ئۇ ۋاقىتتا مەن تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان ۋاقتىم ئىدى، موماملارنىڭ ئۆيى دەل مۇشۇ قورادا ئىدى.  يىڭى يىلغا ئىككى-ئۈچ كۈن قالغاندا مومامنى يوقلىغى باردىم. ئۆيگە كەلسەم مومام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مومامنىڭ ھالىغا قاراپ قورقۇپ كەتتىم، مومامدىن نىمە بولغىنىنى سورىسام ھىچ گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق، بىردەمدىن كىيىن موماممۇ يىغىسىدىن پەسلىدى.

شۇندىلا نىمە بولغىنىنى بىلدىم، بىر دوستى ئاشخانە ئاچاتتىكەن، شۇ ئاشخانىسىنىڭ 3-4 گاز تۇڭى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پارتلاپ ئاشخانە ئىچىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ جىنىنى ئاپتۇ، ئارىسىدا شۇ يىقىن دوستىمۇ بار ئىكەن.
دوستىغا كەلگەن ئەجەلدىن قايغۇرۇپ يىغلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە مەن كەپتىمەن.
گىپىنى قىلغان ئۇ دوستىنى مەنمۇ بىرقانچە قىتىم كۆرگەن ئىدىم، موماملارنىڭ ئۆيىگە تولا كىلەتتى. ئىككىسىنىڭ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرغىنىنى نەچچە قتىىم كۆرگەچكىمۇ مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يىرىم بولغان ئىدى.

___بۇ ئىشنىڭ بايامقى ئاشخانە بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار ئەمدى؟__چۈشەنمىگەندەك سورىدىم.

باتۇر ماڭا جانسىز قارىدى:
__نىمىشقا سىنى تىز بول دىگىنىمنى بىلەمسەن؟
چۈشەنمىگەندەك بىشىمنى چايقىدىم.
__چۈنكى پۇل يىققان ئايال دەل مومامنىڭ  ئۆلۈپ كەتكەن ئاغىنىسى شۇ !!!

بەدىنىمنىڭ تىكەنلىشىپ كەتكىنىنى سىلەردىن يۇشۇرمايمەن. باتۇرنىڭ گىپى بويىچە ئىيتقاندا ھىلىقى <ئوماق> قىزمۇ، <توڭ قاپاق> تاڭجاڭ يىگىتمۇ...ئىشقىلىپ ئاشخانىدىكى ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تەۋە ئىدى...

ئۇنداقتا ئۇلارنى نىمىشقا بىز كۆرەلەيمىز؟ ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىپ قالدىمۇ يە؟ يە مەن ئۆلۈپ كىتىپ 1997-يىلغا بىرىپ قالدىممۇ؟

كاللام ئىرماش-چىرمارش بولۇپ كەتتى.

__ئەركىن، سەن ئاۋال ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆي بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىپ تۇرىدۇ.
ئۆينىڭ ئىچىنى قورقۇمسىرىغان ھالدا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، ھەرھالدا ھەممە ئىشلار نورمال، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مۇنۇ قاغىش تەككۈر ئۆي كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كىتىۋاتاتتى.

__مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم، قاچان مۇشۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، شۇندىن بۇيان چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان ئىشلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كەلدى باتۇر.

__ئۆيۈڭنىڭ ئىشىغا كەلسەك، بۈگۈن كەچ ئىككىلىمىز ئۇخىمايلى، يىرىم كىچىدە بىر كۆزۈتۈپ باقساق، زادى كىم مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، زادى نىمە مەقسىتى بار، بىر بىلىپ باقساق قانداق دەيسەن؟

باتۇرنىڭ تۇيۇقسىزلا قورقماس، جۈرەتلىك بولۇپ كەتكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. باتۇرنىڭ گىپى ناھايتتى ئورۇنلۇق بولسىمۇ ئەمما مەن قورقۇپ تۇراتتىم. يىرىم كىچىدە كۆزەتسەك كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالساق، ئەتىسىدىن باشلاپ ئال-جوقا سۆزلەپ يۈرسەك...پاھ...پاھ...ئۇ چاغدا ئىشنىڭ قىزىقى چىقاتتى...

__گەپ قىلىۋاتىمەن! قانداق؟ مەيلىڭ بارمۇ؟ بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،ئەگەر قورقساڭ، مەيلى، ئەتە كۆچۈپ كەتسەڭ بولىدۇ، لىكىن كۆچۈپ كەتكىنىڭ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە بۇنداق ئىشقا قايتا ئۇچۇرمايدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ.

__نىمە دىمەكچى سەن؟ مىنى قورقۇتما، ھىلىمۇ ئاران تۇرىمەن.
__ئۇلارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنى، ھەمدە ئۆيۈڭدىكى سىرلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشى مۈمكىن.
__ياردەم؟؟؟؟ ___ ئالە شەرىڭنى، ئۆتەپ-تىشىپ مەندىن ياردەم سورىمىغان ئۆلۈكلەر قاپتىمۇ ئەمدى.
__شۇنداق، بولمىسا بىكاردىن ساڭا كۆرۈنمەيدۇ، ھەم سەن ئەقلىڭ يەتمىگۈدەك ئىشلارنىمۇ قىلمايدۇ. خالىساڭ بۈگۈن كۆزۈتۈپ باقايلى، سۇئاللىرىڭغا جاۋاب تىپىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس، قانداق دەيسەن؟

باتۇرنىڭ قاغىغاندەك قىلغان گىپى كۆڭلۈمگە تازا ياقمىغان ئىدى، تىلىگەن تاپار،دەپ بىر ياخشى گىپى يوق، مەيلى، ھامىنى ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا 3كۈن بىللە تاماق يەپتىمەن، ئەمدى ئۆيۈمدە كىمنىڭ،قانداق نەرسىنىڭ مىنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقىنى بىر بىلىپ باقاي!!!

__دىگىنىڭدەك بولسۇن ئەمىسە!__مەرتلەرچە گىپىگە قوشۇلدۇم. باتۇرنىڭ قورقماسلىقىنى بۈگۈن تۇنجى قىتىم كۆرىشىم، باتۇرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى قورقۇنچاق كۆرسەتسەم يۈزۈمگىمۇ سەت ئەمەسمۇ دەيمەن. راست، نەچچە يىل بىللە ئىشلەپ باتۇرنىڭ ئەزەلدىن ئاكتىپ ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان دىسەم يالغانچىلىق بولمايدۇ.

__ئەركىن، ئۇنتۇپ قالما، ئەگەر بىرەر غەيرىي ئەھۋالنى بايقاپ قالساڭمۇ ئۈن-تىۋىش چىقارمايسەن، پەقەت جىمجىت كۆرۈپلا تۇرىسەن ، مەيلىمۇ؟

__تولا ئادەمنى قورقۇتمىغىنە، مۇشۇ زۇۋانىڭدىن ياخشىراق بىر گەپ چىقمامدۇ زادى سىنىڭ! سىنىڭچە نىمىنىمۇ كۆرۈپ قالارمەن؟؟؟__باتۇرنىڭ داخاندەك قىلغان گىپى بەدەنلىرىمنى تىكەنلەشتۈرىۋەتتى.

__ھەرقانداق نىمىنى كۆرۈپ قىلىشىڭ مۈمكۈنچىلىكى بار، ئۆلۈپ كەتكەنلارنى كۆرەلىدىڭ يۇ، باشقا نەرسىلەرنى كۆرمەي قالارسەنمۇ؟؟؟

__سەنچۇ؟ مەن كۆرگەن نەرسىنى سەنمۇ كۆرەرسەن؟

__شۇنداق ، مەنمۇ كۆرەلەيمەن.

ھومىيىپ بىرنى قارىۋەتتىم، ئامال بار ھىچنەرسىنى كۆرمىگەيمەن،تىزرەك تاڭ ئاتسا، ئاستا غىپپىدە قىلىپ ئەتىلا قۇيرۇقۇمنى خادا قىلىپ بۇ يەردىن كىتىش قارارىنى بىكىتىپ بولغان ئىدىم. باتۇر ئارلىقتا  پىچاق، قايچا، ئارغامچا دىگەندەك نەرسىلەرنى تەييارلىدى. ئەپتىگە قاراپ كەسپىي قاتىلدەك ھىس قىلىپ قالدىم.
__ئۇ نەرسىلەرنى نىمە قىلىسەن ھوي؟
__كىرىكى بار.
ئۈندىمىدىم، قارىغاندا بۇنداق ئىشلارغا باتۇرنىڭ خىلى ئىپى باردەك قىلاتتى، ھەرنىمە بولسا ئادەمنى خاتا تاللىماپتىمەن.

ئۇنى-بۇنى قىلغۇچە كەچ سائەت 11دىن ئىشىپ 12گە ئاز قالغان ئىدى، شۇ چاغدا مىنى ئاجاىپ بىر شىرىن ئۇيقۇر تۇتۇپ كەتتى. ئەسنىگىنىمچە ئىغىزىمنى تۇتۇپ قويدۇم.
__ھەرگىز ئۇخلاپ قالما-ھە؟_-باتۇر يىنىك تۈرتتى.
__بىلدىم.
باتۇر ئىككىمىز ياتاق ئۆيدە بىر-بىرىمىزگە يىقىن ئولتۇراتتۇق. بۈگۈن كىچە زادى نىمە ئىشلار يۈز بىرەر؟ ھەرھالدا باتۇر يىنىمدا بولغاچقىمۇ يۈرىكىم خىلى توق ئىدى.
__باتۇر،تاماق ئىتىپ ئۆي ئىشى قىلغان ئالۋاستىنى كۆرسەم  بىر سوراپ باقمىسام نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن دەپ...__باتۇرغا چاقچاق قىلدىم.
__مەيلى، خالىساڭ سوراپ باق، شۇۋاقىتتا بىلىپ قالارسەن سەۋەبىنى.__باتۇر قىلچە چاقچاق قىلغاندەك ئەمەس ئىدى.
__مىنى راس كۆرىسەن،دىمەيدىغانسەن؟
باتۇر سۇئالىمغا جاۋاب بىرىشنىڭ ئورنىغا:
__سائىتىڭگە قاراپ باق، قانچە بوپتۇ.__دىدى.

تىلفۇنۇمنىڭ ئىكرانىنى يۇرۇتتۇم، قارىۋىدىم، 11دىن 56 ئۆتۈپتۇ.
__11دىن 56 مىنۇت...
__ھىم، ئاز قاپتۇ،__باتۇر ماڭا قەتئىيلىك بىلەن قارىدى__مىنىڭ دىگىنىمنى ئۇنتۇپ قالما ئەركىن، ھوشيار بول، ھەرقانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ ئاۋاز چىقارما. ئاڭلىدىڭمۇ؟

يۇۋاشلىق بىلەن بىشىمنى لىڭشىتتىم. تۇرۇپ باتۇردىن گۇمان قىلىپ قالدىم، گويا باشقا بىرنىمە باتۇر سىياقىغا كىرىۋىلىپ مىنى قورقۇتۇپ ئويناۋاتقاندەك...كىم بىلىدۇ، باتۇر بۈگۈن مىنى قەستەن قورقۇتماقچىمۇ تىخى...



   <11>  


ئارىدىن ئالاھەزەل 20 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتتى، كۆزۈمنى يۇمۇپ سەل مۈگدەپ قالغىنىمنى بىلىمەن، تاراق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغاندىم، كۆزۈمنى ئاچسام باتۇر قولىغا پىچاق بىلەن تانىنى ئىلىپ يىنىمدە دىققەت بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.
__مە، قايچىنى قولۇڭغا ئىلىۋال ئاداش.
__باتۇر، سەندىن بىرگەپ سورايمۇ؟
__سورا.
__سەن باخشىلىقنى، جىنكەشلىكنى بىلەمسەن؟؟؟
قىلىقلىرىغا قاراپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. خۇددى بىر ئىشنى ئالدىن پەرەز قىلىپ نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك قوللىرىمىزغا پىچاق-قايچا ئىلىپ ئولتۇرغىنىمىزنى خەق كۆرسە نىمە دەپ قالا-ھە؟ تىخى قاق يىرىم كىچىدە...
__ياق بىلمەيمەن. لىكىن ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتە قوغداشنى خىلى بىلىمەن. پىچاق، قايچا دىگەندەك تىغلىق نەرسىلەردىن ھەممە نەرسە قورقۇدۇ.

شىرىق-شىرىق قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئىنىقكى بىرى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاچقۇچ سالغانغا ئوخشايتتى. دىمەك بىرى ئۆيگە سىرتتىن كىرمەكچى بولۇۋاتاتتى.
__باتۇر، ئوغرى كەلدىمۇ نىمە؟__ئەنسىرەپ سورىدىم.
__تىۋىش چىقارما ئەركىن، بىز پەقەت نىمە ئىش بولسا ئۈن چىقارمىساق، كۆرۈپ تۇرساقلا بولدى، گىپىمنى ئۇنتۇپ قالما،بۇ ھەر ئىككىلىمىزگە ياخشى...ئاۋازىمىز ئاڭلانسىلا بىزمۇ ساق قالمايمىز، ئاۋازىمىز چىقمىسىلا  ئۇلار بىزنى بايقىيالمايدۇ__باتۇر قايتا-قايتا جىكىلىدى.
ئۇنىڭ ئۇلار دىگىنى چوقۇم ياخشى نەرسە ئەمەستەك قىلاتتى. تەرىمنى سۈرۈتكەچ ئىشىكتىن قانداقراق مەخلۇق كىرەركىن دەپ يىنىك تىترىگەچ ئولتۇردۇم.

ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولۇپ زالنى ئىنىق كۆرۈپ تۇرغىلى بولاتتى. ئىشىك تىرىققىدە ئىچىلدى، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ نەپىسىم يىتىشمەيلا قالغان ئىدى. بۇ ئىشىكنى كىم ئاچتى؟ كىرگەن نەرسە زادى قانداق نەرسە بولغۇيتتى؟

بىر چاغدا زالنىڭ چىرىغى ياندۇرۇلدى، كىمنى كۆرگەنلىكىمنى پەرەز قىلىپ بىقىڭلار؟؟؟

ھىلىقى مەن كۆيگەن، مىنى كۆيدۈرۋالغان < ئوماق> قىز قولىدا كۆكتات قاچىلانغا سۈزۈك خالتىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، باتۇرنىڭ گىپى بويىچە بۇقىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟؟
ئەجىبا ماڭا تاماق ئىتىپ بەرمەكچىمىدۇ-ھە؟

باتۇرغا قارىۋىدىم، باتۇر كۆزلىرىنى چىمچىقلاتماي دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە ئىدى. گەپ قىلاي دىۋىدىم، باتۇرنىڭ كۆز ئىشارىسىگە قاراپ بايا ماڭا جىكىلگەنلىرىنى ئويلىدىم. بوپتۇ، مەن بىر كۆرۈپ باقاي، زادى نىمە ئىشلار يۈز بىرىدىكىن. ئۇ قىز بىزنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرسە خىجىل بولۇپ قالارمۇ ،دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.

قىزچاق بىزنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى، ئۇدۇل ئاشخانە ئۆيگە كىرىپ كەتتى، بىرئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاشخانىدىن تاراق-تۇرۇق ئاۋاز ئاڭلىنىپ، كۆكتات توغۇرغاندەك، سەي قورۇغاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى.
__بىزگە تاماق ئىتىپ بىرەمدۇ نىمە؟__بوش شىۋىرلدىم.
__ھەرگىز ئاۋاز چىقارما، ئۇلار بىزنى كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىدىڭمۇ؟

ھە، دىيىشكىمۇ پىتىنالماي بىشىمنى لىڭشىتتىم.
بىر چاغدا ئىشىك يەنە شىرىقلىدى، قارىغاندا ئىككىنجى بىرىمۇ كىرىدىغاندەك ئىدى. ھۇ ئۆلمىگۈر خوتۇن!!! ماڭا ئۆلگەنلەرنىڭ روھى توشۇپ كەتكەن بىر ئۆينى ئىجارىگە تىخى 1200 يۇەنگە بىرىپسەندە؟! بۇرۇنراق بىلگەن بولسام بىكارغا بەرسەڭمۇ ئولتۇرماستىم مۇنداق نەس ئۆيدە!!
ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن بىر ئۆيدە ئىكەنلىكىمنى ئويلىساملا بىئارام بولۇپ كىتىۋاتاتتىم. تىخى ئۇلار ئىجارە تۆلىشىپ بىرىدىغاندەك خاتىرجەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك كىرىپ چىقىپ يۈرىشىنى كۆرمەمدىغان!
خەپ! سىسىق خوتۇن! ئۆزۈم بىر قوللۇق ھىساب ئالمايدىغان بولسام!! فاڭدوڭ خوتۇننى ئىچىمدە تازا تىللىدىم.
دىمىسىمۇ ساپساق ئىككى يىگىتنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئادەمنى كەچۈرگىلى بولاتتىمۇ دەيسىز!

ئىشىكمۇ ئاۋالقىدەك ئىچىلىپ بىر ئەركىشى كىرىپ كەلدى،ئۇ گەۋدىنىڭ پەقەت ئارقىسىنىلا كۆرەلىدىم، ياتاق ئىشىكى زالغا قاراپ  ئۇلۇغ ئىچىۋىتىلگەن ئىدى. شۇنداق ئۆرۈلىۋىدى، نەچچە كۈندىن بۇيان بىكارغا تاماق بەرگەندەك توڭلۇق قىلغان< تاڭجاڭ> يىگىت كىرىپ كەلدى.

ياشاپ كەت ئەركىن، بۈگۈن ئۆلۈكلەر بىلەن بايرام ئوينىغۇدەكسەن! قاتتىقراق تىنىشقىمۇ پىتىنالمىدىم. قارىغاندا باتۇرنىڭ دىگىنى راستەك قىلاتتى. ئۇمۇ مىنى كۆرمىگەندەك ئۇدۇل ئاشخانە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

بىر چاغدا ئاشخانە ئۆيدىن ۋارقىراشقان-تاكاللاشقان ئاۋاز ئاڭلاندى. كەينىدىن گۈلدۈر-قاراس قىلىپ قالدى، قارىغاندا بۇلار ئۇرۇشۇۋاتقاندەك ئىدى.

__بىرىپ ئاجرىتىپ قويايمۇ يە؟!__قىزغا نىمىشقىدۇر ئىچىم ئاغرىپ قالغان ئىدى، باتۇرنىڭ قاتتىق ئالىيىشىدىن ئاغزىمنى يۇمدۇم.

بىر چاغدا <ئوماق> قىز ئاشخانىدىن يىغلىغان پىتى يۈگۈرۈپ يىنىپ چىقتى، مىنى كۆيدۈرگەن ،ھەم قورقۇتقان قاپقارا ئۇزۇن قۇندۇزدەك چىچ قالايمىقانلا مۆرىسىگە يىيىلىپ تۇراتتى. بىشىدىكى ياغلىقلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا چۈشۈپ قالغان...

قىز يىغلىغان پىتى تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. دىققەت بىلەن قارىۋىدىم، قىز بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن چاچلىرىنى تاراپ ئوڭشىدى. بىچارە قىز...تۇرۇپ قىزغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

قىز سومكىسىنى ئالدى-دە، ئىسەدىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى باتۇر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە يىقىن ئولتۇرۇپ تىۋىش چىقارماي كىنوخانىدا كىنو كۆرگەندەكلا كۆرۈۋاتاتتۇق.

يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرسىدا زادى نىمە مۇناسىۋەت باردۇ؟ قارىماققا ئەر-ئايالغىمۇ ئوخشايتتى، لىكىن قىزغا بۇنچە ئازار بەرگۈدەك قىز نىمە گۇناھ قىلغان بولغۇيتتى-ھە؟ تۇرۇپ تاڭجاڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم، بۇنىڭ ئارىسىدا ئۇدا ماڭا قىلغان< قوپاللىقى>نىمۇ ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى.

ھەي...چوڭقۇر تىنىپ قويدۇم. باتۇرمۇ ماڭا ئوخشاش چوڭقۇر تىنىپ قويدى. بىر چاغدا يىگىت ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى، تەلۋە قىياپىتى كىشىگە تولىمۇ يىرگىنىچلىك ھەم قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى، ھەرنىمە بولسا لەغمەننى توككىدە قويغان ۋاقىتتا ئوشۇق بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلماپتىكەنمەن، بولمىسا مىنى خىمىر يۇغۇرغاندەك بىر تەرەپ قىلىۋىتىىدىغان چىراي!

يىگىت كىلىپ كىرىسلودا ئولتۇردى، كىرىسلو گەرچە مەن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن تارتىپ شۇ يەردە تۇرغان بولسىمۇ لىكىن مەن ئىجارىگە ئالغان ئىكەنمەن، دىمەك ھازىرمۇ ماڭا تەۋە ئىدى، يالغۇز كىرىسلولا ئەمەس ماۋۇ ئۆيمۇ شۇ!! ئاۋۇ تەلۋىگە بەك ئۆچ بولۇپ قالدىم، شۇنچە <ئوماق> قىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قانچىلىك خۇش بولۇپ كەتكەندۇ-ھە؟ ھەي تەڭشەلمىگەن جاھان...بىرىپلا بۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرۋىتىشنىمۇ ئويلاشتىم.

بىر چاغدا ئىشىك چىكىلدى، قارىغاندا تۈندىكى مىھمان يالغۇز بۇ ئىككىسى بىلەن تۈگىمىگەندەك قىلاتتى.
__بۇ كىمدۇ ئەمدى؟__بوش شىۋىرلىدىم.
__ئۈش....ئاداش ئاۋاز چىقارما!

ئىشىكتىن يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى مودا بىر قىز كىرىپ كەلدى، بۇ قىزنى ئاق يۈزلۈك،خىلىلا قاملاشقان بولسىمۇ نىمىشقىدۇر بىر يەرلىرىدىن ھىيلىگەرلىكى چىقىپ تۇرغاندەكلا ماڭا قەتئىي ياخشى تەسىر بەرمىدى.
__ئاۋۇ جىنتەك كەتتىما؟؟؟__ئايال كىرىپلا ئۇدۇل ھىلىقى تاڭجاڭنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ دىگۈدەك ئولتۇردى.
بۇ قىز ماڭا شۇنچە تۇنۇش بىلىندى، ئاۋازىمۇ ھەم شۇ ،بۇ قىزنى مەن نەدە كۆرگەن بولغۇيتتۇم-ھە؟ زىھنىمنى قانچە يىغساممۇ ئىسىمگە ئالالمىدىم.
__ھە كەتتى ئۇ بۇدۇشقاق.__تاڭجاڭ رەنجىگەندەك قىلاتتى.
__قانداق بولدى؟ دىدىڭىزمۇ؟
__دىدىم، ئۇ ئاجراشمايمەن،دەيدۇ، قانداق قىلسام بولاركىن، تىللاپ باقتىم، ئۇرۇپ باقتىم، ھىچ تەسىر قىلاندەك ئەمەس.
ھىلىقى ئاق يۈزلۈك لىككىدە چاچراپ دىگۈدەك ئورنىدىن تۇردى، شۇ تۇرقى تولىمۇ قوپال ئىدى:
__سىز نىمە دىمەكچى؟ ئاجرىشامسىز يوق؟! بولمىسا ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەرگىچىلا بولسۇن! مىنىمۇ ئەخمەق قىلىۋەرمىڭە، بىكارلىق ئادەم توق ئەخمەق بولىۋىرىدىغان!!
ئۇ قىز ماڭماقچى بولىۋىدى، ھىلىقى تاڭجاڭ تۇتۇۋالدى:
__خاتىرجەم بولۇڭە جىنىم، ماڭا سىزدىن باشقىسىنىڭ كىرىكى يوق. ئاز قالدىغۇ؟ چىدىڭە بولامدۇ؟__يالۋۇرغان ئاھاڭى كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغايتتى.

ھۇ ناكەس گۇي! ئىچىمدە تىللاپ قويدۇم.
قىزنىڭ ئەلپازى ناھايتتى يامان ئىدى.
__ئۇ پەقەت ئۇنىمايۋاتاتمدۇ؟__قىز بۇيرۇق ئاھاڭىدا گويا باشقۇرغۇچىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
تاڭجاڭ ئامالسىز قالغاندەك تۆۋەنرەك ئاۋازدا :
___ھەئە،_دىگەننى ئارانلا دىيەلىدى.

__مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىسىز شۇنداقمۇ؟__قىز بىشەملەرچە سورىدى.
__شۇنداق،شۇنداق، بۇنى سوراشنىڭ ئورنى بارمۇ؟__تاڭجاڭ بىچارىلەرچە قىزغا قارىدى.
__ياخشى، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىمىسا ئۇنى بىراقلا كۆزدىن يوقۇتۇڭ.

يىگىتنىڭ كۆزلىرى كىرىلدى:
__قانداق بىراقلا يوقۇتىمەن؟ ئۇ بۇدۇشقاقنىڭ قىرى ئانىسىمۇ تولا كوتۇلداپ...ھەي....
__ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىڭ!!__قىز زەھەرخەندىلىك بىلەن يىگىتكە تىكىلدى.
__نىمە ؟ چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز-ھە؟ __تاڭجاڭ ئاغزىنى ئىچىپ قالدى.

بەلكىم بۇ ئاشنىسىنىڭ بۇنداق قارا نىيەتلىكىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلىۋاتقان بولسا كىرەك.
ۋۇ دۆت، ئەمدى بىلگەنسەن؟ كالۋا! ئىچىمدە تاڭجاڭنى تازا تىللاۋاتاتتىم.

__سىزگە چاقچاق قىلىدىغان كىمنىڭ چولىسى؟ تايىنلىق قىيمايۋاتىسىزغۇ شۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.

پاھ...مالارنىڭ رەزگىلىكىنى قارا...مۇشلۇرۇم تۈگۈلۈپ قانلىرىم قىزىپ كىتىۋاتاتتى. باتۇرنىڭ كۆزىدىنمۇ غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنايتتى.
__قانداق قىلىمىز؟ قاراپ تۇرامدۇقما مۇشۇنداق؟__ئاچچىقىمنى باسالمايلا قالغان ئىدىم، بىرىپ ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ ئەدەبىنى راسا بىرىپ رەسۋاچىلىقىنى خەلقى ئالەمگە يىيىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى.

__ئۇنتۇپ قالما، بۇلار پەقەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار، بىز پەقەت ئۆتۈپ كەتكە ئىشلارنىلا كۆرىۋاتىمىز، سەن يىنىغا بارساڭ ھەممىمىزنىڭ تۈگەشكىنى شۇ!

لىۋىمنى چىشلەپ قويدۇم، ئامال يوق، كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگەندەك داۋاملىق بۇلارنىڭ پارىڭىغا دىققەت قىلدىم.

ئەر سەل ئويلىنىپ تۇرىۋەتتى، قارىغاندا سەل ئىككىللەنگەندەكمۇ قىلاتتى.
__شۇنداق ئاسانمۇ بۇلارنى ئۇجۇقتۇرۋەتمەك؟

ئايال سەل جانلاندى:
__ئويلاپ بىقىڭە، ئايال سىزنىڭ نىكاھىڭىزدىكى ئايال، ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشسىڭىز سىزگە ھىچنىمە قالمىغۇدەك، ئايال بىردەم ئويلىنىۋەتتى، قارىغاندا قانداقتۇر بىر پىلان تۈزۈۋاتقاندەك قىلاتتى.

تاڭجىڭ يىگىت دۆتلەرچە ئايالدىن قانداق پايدىلىق مەسلىھەت چىقىپ قالاركىن،دەپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى.

__مۇنداق قىلىڭ، ئاشخانا <جىنتەك> نىڭ ئاپىسىغا تەۋە،شۇنداقما؟
__ھەئە.
__<جىنتەك> تىن باشقا بالىسى يوقتۇ ئاپىسىنىڭ مىراسىنى تالاشقۇدەك؟
__ياق، ئۇ بۇدۇشقاق بىرلا بالا.
__ئۆزىڭىزنىڭ كىيىن مەن بىلەن باياشات تۇرمۇش كەچۇرگىڭىز بارمۇ؟__قىز ئەركىلىگەندەك يۇمشاققىنە سورىدى.
__بار، ئەلۋەتتە بار.
__ئۇنداقتا ئاشۇ ئاشخانىنى قولغا كەلتۇرەيلى جىنىم.
__قانداق قىلىپ؟
__مىنىڭ ياخشى پىلانىم بار، ئاۋال ئاشخانىنى سوغۇرتىغا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالغۇزۇڭ،__ئايال ئورندىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭماقتا ئىدى__ئاندىن ئاشخانىغا ئوت قويىۋەتسەكمۇ، پارتىلىتىۋەتسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئاشخانا دىگەندە ئوت كىتىدىغان ، ياكى گاز تۇڭى پارتلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار دائىم دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ.
شەرت شۇكى شۇ ئىشتىن كىيىن ئانا-بالا ئىككىلىسىنىڭ بىرىمۇ ساق قالماسلىقى كىرەك، بۇنداق بولغاندا تاساددىبىي ۋەقە دەپ قارىلىپ سۇغۇرتا شىركىتى مۇۋاپىق تۆلەم بىرىدۇ، ئانا-بالا ئىككىلىسى يوق بولغاندىن كىيىن ئاشخانىگە كەلگەن سوغۇرتا تۆلەم پۇلىمۇ سىزگە قانۇنلۇق ھالدا تەۋە بولىدۇ، ئاۋۇ بۇدۇشقاقلاردىنمۇ بىرلا يولى قۇتۇلىسىز، مانا بۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئوبدانلا ئامال!!!

توڭ چىراي تاڭجاڭنىڭ كۆزلىرى پىل-پىل قىلىپ قالدى، قارىغاندا بۇ ئامال ئۇنىڭغىمۇ ياققاندەك قىلاتتى...

__قانداق قىلىمىز باتۇر؟
__گەپ قىلماي تۇر، داۋاملىق كۈزىتەيلى.

ئىچىم شۇنداق پۇشۇپ كەتتى، قارا ماۋۇ رەزگىلەرنىڭ ئويۇنىنى...ئىنساپ، ۋىجدان دىگەن نەرسە يوقلا ئىكەنغۇ...
چامىم يەتسە بىرىپلا بۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ كەتسەم، خەلىق ئالەم ئالدىدا ئەپتى-بەشىرىسىنى يىيىۋەتسەم!!

__ماقۇل، سىز دىگەندەك بولسۇن، ئەمىسە ئامال قىلىپ پارتىلىتىۋىتەيلى.

__ھا...ھا....__ئايال كۈلدى، بۇ كۈلكىسى ماڭا تولىمۇ تۇنۇش تۇيۇلدى__ئەمدى كاللىڭىز ئىشلىدى جىنىم...

توغرا...توغرا...بۇ قىزنى ياق ما شەيتان ئايالنى مەن بىر يەردە كۆرگەن، نەدە كۆرگەن...؟؟؟ بۇ بۇ....فاڭدوڭ ئايالنىڭ دەل ئۆزى شۇغۇ؟؟؟؟

ئىنچىكىلىك بىلەن خاتالاشماي دەپ بەكىرەك قارىۋىدىم، خاتاسى يوق، دەل شۇ ئايال!! پەقەت ھازىرقىدىن ياشراق تۇراتتى.
ۋۇ ئىپلاس!! چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى، ۋۇ شەرمەندە، ئەسلى ھەممە ئىشنى تىرىغان  سەن ئىكەنسەندە؟؟؟ مەن سىنى ...
جايىمدا قىمىرلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىم.
بىر چاغدا ئىككىسى بىر-بىرىنى يىتىلىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.


  <12>


شۇندىلا باتۇر ئىككىمىز يىنىك تىندۇق. چۈش كۆرگەن ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىمنى تازا ئىلغا قىلالمىغان ئىدىم.

__ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە__باتۇرنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى.
__ئەمدى نىمە قىلىمىز؟ بىرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلامدۇق يە ئۆزىمىز ئەدىپىنى راسا بىر بىرەمدۇق؟

__ئاداش، كاللاڭ جايىدىمۇ سىنىڭ؟؟؟ سەن بىرىپ مۇشۇ ئىشلارنى دىسەڭ، ئىشىنىمەنكى سىنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ. بىزنىڭ كۆرگۈنىمىزنىڭ ھەممىسى مەۋھۇم نەرسە، بۇ ئىشلار 97 -يىلدىكى ئىشلار...ئۆلىدىغانلار ئۆلدى. كەتكەنلەر كەتتى .ئەمدى قىلىدىغان ئىشىمىز ئامال بار ئاشخانىغا بىر بىرىپ كەلسەك بولاتتى.
__بوپتۇ، ئۆلگەنلەرغۇ ئۆلسۇن، لىكىن ئارىسىدىكى ئاۋۇ زەھەرلىك چايان بولغان ئايال شۇ تاپتا ئۆيىسىدە راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتقاندۇ؟ بىز مۇشۇنداقلا بولدى قىلامدۇق باتۇر؟

ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم.مۇشلۇرۇم تۈرۈلۈپ ھازىرلا بىرىپ ئايالنى چايناپ-پۈركىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى.
__ئاداش، سالماقراق بول، ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بار، قىززىق يىرى ئاۋۇ تاڭجاڭنىڭمۇ پارتىلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بوپتۇ. بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى ئەمدى؟
باتۇر چۈشىنەلمىگەندەك بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ كەتتى.

__مۇنداق قىلايلى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمدى قايتا تەكرارلانماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالايلى، بىزگە كۆرۈنگەن نەرسە باشقىلارغىمۇ كۆرۈنمەيدۇ،دەپ ئىيتقىلى بولمايدۇ. ھەر ھالدا باشقىلارنىڭ قورقۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى بولسىمۇ ئالايلى.

__قانداق قىلىپ؟ بۇنىڭ بىرەر ئامالى بارما؟

باتۇر سائىتىگە قارىدى، مەنمۇ ئىختىيارسىز تىلفۇننىڭ سائىتىگە قارىدىم، ۋاقىت سەھەر ۋاقىتى 3 ئىدى.
__خالىساڭ ئاشخانىغا بىرىپ كىلىلى.
__ھازىرما؟؟؟
__ھە، ھازىر.
شۈبىھە ئارىلاش باتۇرغا قاراپ قويدۇم.
__يىرىم كىچىدە ئۇ يەردە نىمە بار ئادەش؟
__بىرىپ كالىندار ۋە سائەتنى توغۇرلاپ قويايلى.
__زۆرۈرۈيىتى بارمۇ؟
__بار.پەقەت مۇشۇ ئاماللا بار.
گەپ-سۆز قىلماي باتۇرنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.

ئاشخانىغا كىلىپ قارىۋىدۇق، ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى.
سەل قورققۇم كىلىپ قالدى، بۇنچە كىچىدە نەس باشقا بۇ ئاشخانىغا كىرىشكە قەتىئىيلا رايىم يوق ئىدى.
باتۇر بولسا گۈس-گۈس دەسسەپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى، ئامال يوق، كەلگەن ئىكەنمەن، كىرىشىم كىرەك. باتۇر ئاشخانە ئىشىكنى بىرلا تارتىۋىدى، ئىشىك يىنىكلا ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ كەتتى، قارىغاندا ئىشىكنى تاقىمىغاندەك قىلاتتى.

كۈندىزى مۇژ-مۇژ ئادەم قاپلىغان بۇ ئاشخانىدا ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتتى.  مۇزدەك سوغۇق ھاۋا ئاشخانىنى تىخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇراتتى.
قاق يىرىم كىچىدە بۇ يەرگە كىلىپ ئۆزۈمنى سەل سۈر باستى، باتۇرغا قارىسام ئۇمۇ سەل جىددىيلىشىپ تۇرۇپتۇ، بىز ئۇدۇل كىرىپ ھىلىقى بىز ئۈچۈن خاتا، ئاشخانە ئۈچۈن توغرا بولغان كالىندارنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق.

باتۇر كالىندار ئىسىلغان يەرگە ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ ئەكەلدى. ۋە ئىلىكتۇرۇنلۇق تەڭشۈگۈچنى توغۇرلاپ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 29- كۈنىگە تەڭشىدى. كەينىدىن ماڭا قاراپ:
__ئەركىن سائىتىڭگە قارىغىنە، سائەت ھازىر قانچە بوپتۇ؟
سائىتىمگە قارىۋىدىم سائەت سەھەر ۋاقتى 3دىن 25 ئۆتكەن ئىدى.
__3دىن 25 مىنۇت.
باتۇر ئەپچىللىك بىلەن كۇنۇپكىلىرىنى بىسىپ ۋاقىتنى 3دىن 25 مىنۇتقا توغۇرلىدى.
__مانا ئەمدى توغرا بولدى،__باتۇر شۇنداق دىگىنىچە ئورۇندۇقتىن لىككىدە سەكرەپ چۈشتى.
__بۇنداق قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى بار باتۇر؟...
گىپىم ئاياغلاشمايلا يەر دىر-دىر تىترەشكە باشلىدى. نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە باتۇر تىز قاچ !! دەپ ۋارقىرىدى.
ئىككىمىز يۈگۈرۈپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ئۈچ-تۆت قادەم ئالا-ئالمايلا گۈم!!! قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىككىلىمىز بىرنىمىزنىڭ ئۈستىگە تۆپىلەپ چۈشتۇق، ھەر ئىككلىمىز نىمىشقىدۇر بىشىمىزنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدۇق، قارىغاندا بۇ كىشىدىكى شەرتسىز رىفلىكىس بولسا كىرەك.

بىر چاغدا تىتىرەشلەپ يوقىغاندەك قىلدى،ئىككىمىز بىشىمىزنى ئاستا كۆتۈرۈپ بىر-بىرىمىزگە قارىدۇق، بۇ چاغدا تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى،ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئاشخانە تەرەپكە قارىۋىدۇق، ھەيرانلا قالدىم،
ئاشخانە يوقاپ ئورنىغا قاچانلاردىندۇر سىلىنغان <ئۈمۈد تاللا بازىرى> چوقچىيىپ تۇراتتى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمدىم.

__باتۇر ،ئاشخانە قىنى؟؟؟
باتۇر سۇس كۈلۈمسىرىدى،
__ئاشخانىمۇ، قىزمۇ ھەممىسى يوق بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە تەۋە ماكانغا كەتتى.
__بۇ نىمە دىگىنىڭ؟__چۈشەنمىگەندەك سورىدىم.
__ھازىر ۋاقىت 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاداش، ئۇ ئاشخانا بۇ ۋاقىتقا تەۋە ئەمەس، نىمىشقا ساقلىنىپ قالغانلىق ئىشىغا كەلسەك بۇمۇ بىر توغرا كىلىپ قىلىش بولسا كىرەك...ھەم كىلىپ ئۇ يەر بىزگە ئاشخانە بولۇپ كۆرۈنگىنى بىلەن باشقىلارغا ئىزچىل <ئۈمۈد تاللا بازىرى> بولۇپ كۆرىنىۋىرىدۇ.
كەيندىن باتۇر ئۇلاپ سورىدى:
__قىزنىڭ، موماينىڭ، شۇ ئاشخانىدىكى قانداق ئۆلگەنلىكىنى ھىس قىلدىڭمۇ؟
__ھىلىقى تاڭجاڭ پارتىلىتىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
__قانداقسىگە ئۇنداق بولىدۇ؟ تاڭجاڭ ئەجەبا ئۆزىنىمۇ قوشۇپ پارتىلاتقاندىمۇ؟ شۇ يىلدىكى گىزىتكىمۇ بۇ خەۋەر بىسىلغان، شۇ قىتىملىق پارتلاشتا ئۆلگەنلەر ئارىسىدا شۇ تاڭجاڭمۇ بار ئىكەن، قارىغاندا بۇ ئىشنى تاڭجاڭ قىلمىغان.

__دىمەكچى بولغۇنۇڭ ھىلىقى ئايال قىلغان،دىمەكچىمۇ سەن؟
__مىنىڭچە ئۇ ئەڭ گۇمانلىق، چۈنكى پىلاننىمۇ شۇ تۈزگەن، ئەجەپلىنەرلىكى تاڭجاڭنىڭمۇ تەڭ ئۆلۈپ قالغىنى قىززىقتە؟.

<ئوماق> قىزنىڭ، ئانىسىنىڭ، يەنە شۇ ئاشخانىدىكى نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ فاڭدوڭ خۇتۇننىڭ ھەم دوزاخقا مەھكۇم بولغان نائەھلىنىڭ كاساپىتى بىلەن بىئەجەل ئۆلگىنىگە ئۆكۈندۈم. شۇ تاپتا كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم ئىدى، گەرچە ئەمدى ئاشخانا ئۇقۇمى بىلەن ئۆيدىكى سىرلىق ئىشلارنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

__ئەمدى نىمە ئىش قىلىمىز؟__باتۇر كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا قارىدى، باتۇرغا راسلا قول قويغان ئىدىم، بۇرۇن ياخشى ئاغىنەم دەپ ھىس قىلغان بولسام بۇ ئىشتىن كىيىن نىمىشقىدۇر ئۇنى تىخىمۇ ھۆرمەتلىگۈم كىلىپ قالدى.
بەئەينى ماھىر رازۋىتچىكتەكلا.

__رەھمەت ساڭا باتۇر!__قولۇمنى تەڭلىدىم، باتۇرمۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە قولۇمنى سىقتى.
__ئاداش، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرى قىلىدىغنا يەنە بىر ئىشىمىز قالدى.
__بىلىمەن، ئەدى ئامال بار قانۇن سىرتىدا يۈرگەن فاڭدوڭ ئايالنى بىر تەرەپ قىلىش.

بۇ گەپلەرنى دەۋاتقىنىمدا <قىز>نىڭ، ئۆلگەنلەرنىڭ روھى مەندىن مىننەتدار بولغاندەك غايىبانە ھىسىياتقا كىلىپ قالدىم.

__ئەمىسە ھازىرلا بارايلى.


<13>  


ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىۋىتىپ ئۇدۇل ئايالنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدۇق. ئىشىكنى غەزەپ بىلەن مۇشلىدىم.
گۈم!گۈم!گۈم!
ئىچىدىن ھىچبىر سادا چىقمايتتى، قارىغاندا بۇ خوتۇن غىمىدە يوق ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟
ئىشىكتى قاتتىق مۇشلىدىم.

گۈم!گۈم!گۈم!

__ئاستىراق ئاداش، باشقا خۇشنىلار ئويغىنىپ كەتمىسۇن!__دىدى باتۇر ئايانچىلىق بىلەن.
شۇ تاپتا مۇشۇ خوتۇن چىقىپلا قالسا بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش خىيالىم كاللامدىن نىرى كەتمەيتتى! ھۇ بۇزۇق! دەيتتىم ئىچىمدە، سەن بولمىغان بولساڭ شۇ ئادەملەر ھازىرغىچە كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرەتتى، سىنىڭ دەستىڭدىن شۇنچە كىشى جىنىدىن ئايرىلدى،سەن چوقۇم بەدەل تۆلىشىڭ كىرەك!!!

گۇم!گۇم!گۇم!

بىر چاغدا ئىشىك تەسلىكتە ئىچىلدى، ئايال چىقىپلا مىنى كۆردى-دە كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئايالنىڭ تۇرقى ناھايتىمۇ قالايمىقان چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتارغان  بولۇپ نەچچە ۋاقىتىتىن بىرى ئاتتەك قىتىۋالغان تۇرقى بىلەن بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى.

__مىنى، مىنى نىمە ئىش بىلەن ئىزلىگەنتىڭىز؟__ئايال تىترىگىنىچە سورىدى.

ما گەپنى كۆرۈڭ، ئىش بولمىسا بۇنچە كەچتە سەندەك بويتاق تۇل خوتۇننىڭ ئىشىكىنى چىكىدىغنا ساراڭ ئەمەس مەن!!! غەزەپ بىلەن تىكىلدىم! ئەمدى راسا بىر گەپ قىلاي دىگۈچە باتۇر ئاۋال سۆز باشلىدى:
__<ئانار تىز تاماق تاماقخانىسى> دىكىلەرنىڭ سىزگە گىپى بار ئىكەن.

__ئا!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئايال تۇيۇقسىز كونتۇرۇللىقىنى يوقاتقاندەك قاتتىق چىرقىرىدى-دە، يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئايالىڭ بۇ ھەركەتلىرى بولۇپمۇ <ئانار تىز تامقخانىسى>نىڭ ئىسمىنى ئاڭلىشى بىلەنلا ھوشۇنى يوقۇتۇشى بىزنىڭ گۇمانىمىزنى تىخىمۇ ئىسپاتلاۋاتقاندەك بىلىندى، ئىككىمىز ئەتراپىمىزغا قاراپ قويۇپ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن كىرىۋىدۇق، ئايھاي...ئايال كىشىنىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇنداق مەينەت ھەم قالايمىقان بولىدىكەن-ھە؟

ياستۇقلار ئىشكنىڭ تۈۋىدە بۇيۇن قىسىپ تۇرغان، بىرقانچە قاچا-قۇچىلارنىڭ سۇنۇقلىرىنى ئۆينى بىر ئالغان بولۇپ بايىلا ئۆيدە بىر مەيدان جەڭ بولغاندەكلا كۆرىنەتتى.
__چىقىپ كىتىڭلار!! چىقىپ كىتىڭلار ،سىلەردىن ئۆتۈنەي!!ھۈ...ھۈ..مىنى بىردەم يالغۇز قويۇڭلار!!

فاڭدوڭ ئايال ئىشىكنىڭ تۈۋىدىكى تامغا يۆلەنگىنىچە يىغلاپ ئولتۇراتتى...چاچلىرىنى ئالقىنىغا لىققىدە چاڭگاللىۋالغان بولۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئىسەدىگىنىچە يىغلايتتى. بۇرۇن ئاياللارنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرسەم ئىچىپ ئاغرىيتتى، لىكىن بۈگۈن بۇ ئايالنىڭ يىغلىشى گويا قاغا قاقىلدىغاندەك تولىمۇ يىقىمسىز،سەت ئاڭلىنىۋاتاتتى.

__ئۆتۈنۈپ قالاي ،مىنى قۇتقۇزۋىلىڭلار ئۇكىلىرىم!!__ بىر چاغدا ئايال ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلغاندەك بۇرۇنلىرىنى تارتقىنىچە يىغلاۋاتاتتى.
ئايالغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويدۇم.
__قارىغاندا بۇ ئايالنىمۇ بوش قويماپتۇ-دە؟__باتۇر ماڭا قاراپ قويدى.

ئايال يىغىدىن سەل توختىدى. ئۇنىڭغىچە بىز بولغان ئەھۋاللارنى،كۆرگەنلىرىمىزنى بىرەر قۇر ئىيتىپ ئۆتتۇق. ئايال مىچىلدىغىنىچە باشتىن-ئاياغ سۆز قاتمىدى، ئايالنىڭ رايىشلىق بىلەن گەپلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغىنىغا قاراپ ئازراق ئىچىممۇ ئاغرىغاندەك بولدى.

__بىلىمەن، ئۇ ئۆينى ئەسلى شۇ ئاشخانا ئاچقان بىر ئائىلىكلەرگە بەرگەن،ئۇكىلىرىم، ياشلىقىمدا مەن بەك ئىزىپتىمەن، بىلىمەن كەچۇرگىسىز گۇناھ قىلدىم، شۇ تۈپەيلى مانا ھازىرغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ كىلىۋاتىمەن__ئايال بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا چىرايىغا بەكىرەك قارىدىم، قارىغاندا راسلا ئاز-تولا ۋىجدان ئازابى چىكىۋاتقاندەك قىلاتتى__مەن ھەقىقەتەنمۇ ئادەم ئەمەس ئىكەنمەن، قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزدۇم،  مانا ئەمدى شۇ قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەن. تىشىمدا ھىيت ئويناپ ئىچىمدە روزا تۇتقاندەكلا...ھۈ...ھۈ...

ئايالنىڭ ھۈ تارتىپ يىغلاۋىرىشى ئىچىمنى پۇشۇردى، ھەم ئەندىشىگىمۇ سىلىپ قويدى، بىلمىگەن كىشى بۇ چاغدا بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىككىمىزنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ،دەپ ئويلاپ قالسىمۇ ھىچنىمە دىيەلمەيتتۇق.

__نىمە گەپ بولسا ئالدىرماي قىلىڭ، يىغلىماڭ،يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟__باتۇر ئايالنى يۆلەپ سافاسىغا ئولتۇرغۇزدى.
ئايال جانسىز پۇتلىرىنى ئاران دىگۈدەك يۆتكەپ سافاغا جايلاشتى. مىچىلداشتىن تىخى توختىمىغان ئىدى.

__شۇ چاغدا مەن قاتتىق ئىزىپتىمەن، ئۇ قىزغا ھەسەت قىلاتتىم، ئاستى-ئۈستى قوشنا بولغاچقا ھەم ئۆينىمۇ شۇلارغا ئىجارىگە بەرگەچكە مۇناسىۋىتىمىزمۇ يامان ئەمەس ئىدى، كىيىن يۇلدىشى بىلەن چىقىشىپ قالدىم، ئامال بار ئۇلارنى ئايرىۋىتىپ، ئۇنىڭ بىرلا ئۆزۈمگە تەۋە بولىشىنى ئويلايتتىم.

ئايال بۇگەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ھىلىقى توڭ قاپاق تاڭجاڭنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى، توۋا، دەپ ياقامنى چىشلىدىم، ئۇ سەتنىڭ نەرىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان بولغۇيتتى؟

__ بىر كۈنى چۈشلىكى ئىچىپ غەرققىدە مەس بولۇپ كىتىپتىمەن،__ئايال سۆزىنى داۋاملاشتۇردى__ ئۆيدە شۇنچە ساقلىساممۇ ئۇ (تاڭجاڭ يىگىتنى دىمەكچى) ئۆيگە كىرمىدى، كۈندەشلىكىم تۇتۇپ ئۆيىگە قارىسام ئۆيىدىمۇ يوق ئىكەن، چوقۇم ئاشخانىدا دەپ ئويلىدىم، پەرىزىم خاتا ئامەس ئىدى، ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك خوتۇنى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، مەسچىلىكتە ھەممىسىنى بىرلا يولى بىر تەرەپ قىلىۋىتەي دەپ ئويلىدىم ، ئۆزۈمنى ئۇ تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، خەپ دىدىم،
لىكىن قانداق قىلىشنى بىلمەيتتىم، ئاشخانىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتتۈم، دىرىزىدىن قارىسام بىرنەچچە ئۇستام ھە دەپ تاماق ئىتىش بىلەن ئاۋارە، تىخىمۇ ئوڭ بولغىنى قاتارىسىغا تىزىلغان گاز تۇڭى دەل دىرىزىنىڭ يىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن، سومكامدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىنزىندىن ئازراق بار ئىدى، بىنزىننى چاندۇرماي گاز تۇڭى ئۈستىگە چاچتىم.ئۆزۈم يىراقراق تۇرۇپ سەرەڭگە تىلىنى ئۇستىلىق بىلەن دىرىزىنىڭ ئىچىگە ئاتتىم دە تىزلىك بىلەن يۈگۈرۈپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم، ئىككى-ئۈچ قادەم ئالمايلا ئاشخانا پارتىلاپ ئىس-تۈتەك ئەتراپنى قاپلىدى، مەنمۇ ساق قالمىغان ئىدىم، مانا قاراڭلار__ئايال ئوڭ پۇتىنى ئىچىۋىدى، پۇتنىڭ ئورنىدا سۇلياۋ پۇت كۆرۈندى__پارتلاشتا ئوڭ پۇتۇمدىن ئايرىلدىم...

خوپ بوپتۇ دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. باتۇر سالماقلىق بىلەن پىتىنى بۇزماي ھىكايە ئاڭلىغاندەك ئۇ خوتۇننىڭ گىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تىڭشاۋاتاتتى.

__پارتلاش بولغاندىن كىيىن ماڭا بىركۈنمۇ ئارامچىلىق بولمىدى، گەرچە جىنىم ئامان قالغان بولساممۇ كۈندە كەچتە مىنى ۋەھىمە باسىدۇ، شۇ ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى مىنى بىر قۇر ئىزدەپ كىلىپ بولدى، نىرۋاممۇ شۇ سەۋەبلىك ئاجىزلاشقا باشلىدى، مەن ئەمدى زادى قانداق قىلىمەن؟! ماڭا گۇناھىمنى يۇيغۇدەك بىرەر ئامال بارمۇ؟؟؟ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، ئۆز-ئۆزۈمنى ھەرگىز كەچۇرەلمەيمەن. ۋىجدان ئازابى، كەچتىكى ۋەھىمىلىك ئىشلار مىنىڭ قىلغان گۇناھىمغا نەچچە ھەسسە لايىق بولدى،دەپ قارايمەن، ھىسابتا ئون نەچچە يىل بىركۈنمۇ قىنىپ ئۇخلاپ باقمىدىم،  بىركۈنمۇ ماڭا ىاتىرجەملىك بولۇپ باقمىدى...ھۈ..ھۈ...مەن زادى قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلسام بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلىمەن؟

ئايال مىچىلداپ يىغلاۋەردى.

__ھەرقانداق ئادەم قىلغان يامان ئىشىنىڭ جازاسىنى ھامان بىر كۈنى تارتىدۇ، سىزگە پەقەت بىرلا تەكلىپ بار__باتۇر چوڭقۇر تىندى__ئەتە ئامال بار ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ روھى ئەمىن تاپىدۇ...

ئايال ھىچ ئاڭلىغاندەك ئەمەس ئىدى، گويا روھىي تىنىدىن ئاجرىغاندەك سالپىيىپ ئولتۇراتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇرنىنى تارتىپ قويۇشىدىنلا ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى.


بىز گەپ قىلماستىن چىقىپ كەتتۇق، باتۇر ئىككىمىز شۇنداقمۇ جىمىپ كەتتۇقكى گويا ئىككلىمىز بىر-بىرىمىزنى كۆرمىگەندەكلا...بىر كىچە ئۇخلىماپتۇق، باشقىلار ئۈچۈن ھەر-بىر كۈن-تۈننىڭ پەرقى بولمىغىنى بىلەن بۇ بىر كىچىدە ئالەمشۇمۇل بىر ئىشلارنىڭ بولغىنىنى پەقەت باتۇر ئىككىمىزلا بىلەتتۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىدىم. بىر كىچە ئۇخلىمىغاچقىمۇ ئىككىلىمىزنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

__يۈرە، ئوبدانراق ئارام ئالايلى.
__يۈرە.


   <14>

خاتىمە


ئۆيگە كىرىپ ھەيران بولۇپ قالدىم، نەرسە-كىرەكلىرىم خۇددى يىڭى كۆچۈپ كىرگەن چاغدىكىدەك دۆۋە-دۆۋە بولۇپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئىدى، شىرەدىكى نازۇ-نىمەتلەر يوقاپ ئورنىغا بۇرۇنقىدەك توپا-چاڭ قونۇپ تۇرغان مەنزىرە ئالماشقان ئىدى.

__ما خەقلەرنىڭ يۈزسىزلىكىنى قارا، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىجىرىۋىلىپ، ئىش تۈگىگەندە خۇددى كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋىلىپ كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتكەن ئادەمدەك قىلغان قىلقىقلىرىنى كۆرمەمدىغان!!! يەنە شۇ پىتى رەتلىك قىلىپ قويسا خۇش بولۇپ قالمامتىم دەيمەن.

ئۆزۈمنى بۇلار تەرىپدىن ئالدانغاندەك ھىس قىلدىم، لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يىنىكلەپ، تۇرمۇشۇمنىڭ ئەسلىگە قايتقانلىقىغا ئىسپات بولالىغان بۇ ھالەتنى ياقتۇرۇپمۇ قالغان ئىدىم.
باتۇر كۈلۈپ كەتتى:
__بەرىبىر ئەتە كۆچىسەنغۇ؟ مانا ئىشىڭ ئاسان توختاپتۇغۇ؟ رەھمەت دىسەڭ بولغۇدەك تىخى.
ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.


شۇ ئىش بولۇپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كەتتىم، فاڭدوڭ ئايالمۇ بىر پۇڭ تۇتۇۋالماي ھەممە پۇلۇمنى تولۇق قايتۇرۇپ بەردى.كىيىن باتۇردىن ئاڭلىسام ئۇ ئايال ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنمىش، كىيىن تۈرمىدە ساراڭ بولۇپ قىلىپ ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنمىش...


شۇ ئىشىتىن كىين تۇرۇپ-تۇرۇپ <ئوماق> قىزنى خىيالەن ئەسلەپ قوياتتىم، لىكىن بۇرۇنقىدەك ئامراقلىق بىلەن ئەمەس، ھىسداشلىق تۇيغۇرۇم بىلەن ئەسلەيتتىم.



   ئىكران ئالدىدا: سوفىيە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 08:50 PM  


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
biparwa0997 + 100 قىزىقارلىق...
زامانى + 500 ئۇيغۇرئەدەبىياتىنڭ ئ.
tumurkala + 10 بەك جانلىق چىقىپتۇ!ئا.
بەرگى + 100 بەكلا ياخشى يىزىپسىز ..
delim + 200 قول قويدۇم !
ap~qilam + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
mares + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
katran + 199 خەپ خەپ خەپ.....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1509   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسەر ئاخىرى چىقىپتۇدە

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 03:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئولتۇرۇپ رەسمىي ئوقۇيدىغان ئەسەردىن يەنە بىرسى چىقىپتىدە . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3849
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 03:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىقەتەن ئېسل چېقپتۇ بۇ ئەسەر،لېكېن قورقۇپراق ئۇقۇدۇم جۇمۇ بۇ ئەسەرنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 03:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە ،قاچانمۇ يىزىپ بولغانسىزھە ؟! رەخمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 04:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئىلھامىڭىز زىيادە بۇلسۇن ، داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ .

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 05:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىددى ماتىريال تەرجىمە قىلىۋاتاتتىم، نىمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ مۇنبەردە، بىر كىرىپ مۇنداقلا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتمەيمۇ دىگەن ئوي بىلەن چېكىپ سالغىنىمنى بىلىمەن، ئەمما بىراق لېكىن، بىر سائەت ۋاقىتم مۇشۇ ھېكايىگىلا كەتتى، رازى جۇمۇ مەن شۇ ۋاقتىمنىڭ كەتكىنىگە! كەچتە ئىشلەيدىغان بولدۇم ئەمدى!

تېمىغا كەلسەك،شۇنداق ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەنكى بەك قىزىقىپ ئوقۇدۇم، ھەم بەك ياقتۇردۇم، ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرەر دەپ ئوقا ئوقا....شۇنداق ياخشى چۈشۈرۈپسىز، نىمانچە تەسەۋۇر كۈچىڭىز ياخشى سىزنىڭ، يازمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 05:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئةرگة تةگكةننىڭ ياقى ئىلھامى فانتازىيىلىك بوپ كىتىۋاتىدۇ بۇمةلىكةنىڭ، ھةم قورقۇنۇچلۇق تېخى!1 كۈندة كةچتة ئېرىڭىزگة قۇرقۇنۇچلۇق ھىكاية ئېيتىپ بېرىڭ جۇمۇ. مۇھةببتىڭلار يةنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 06:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 08:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ مەلىكە خەپ مەلىكە، قاچانلاردا سىزنىڭ مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇشنى باشلىدىم شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭىمۇ ئارامچىلىق يوق زادى، مۇنۇ يازمىڭىزنىمۇ بەزى كۈلۈپ، بەزى يىغلاپ، بەزى قورقۇپ، قىستاپ كەتسىمۇ ھاجەتكە چىقماي ئوقۇپ تۈگەتتىم، ئەمما بۇ قېتىمقى ئاغرىقىمنى چوقۇم سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ سەۋەبى دەپ ئويلىدىم جۇمۇ...... ھى ھى ھى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Tanha717 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
gullanislam + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش