مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 5

مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەخلاق - ئادەم زى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6783
تۆھپە نۇمۇرى: 1392
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 04:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە» (ۋ. ئى. لېنىن) بولغىنى ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا باشلانغان. بۇ «ئىپتىدائىي مائارىپ» باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئوز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا، پىشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۆگىتىلىدىغان دەرس تۈرلىرى بولسا قورال - سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئۆي قۇشلىرىنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزۈلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانا ئىدى. كېيىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئېشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۈزۈم، دۆلەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى. مۇشۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمكى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خېتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى. مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. «مەكتەپ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمكى مىسىرنىڭ تىببىس (تەبەس) دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - «ئوقۇتۇش ئورگىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاھ ھۇتىپ تەرىپىدىن يېزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەخلاقنامە" ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بېكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بابىلۇندا پادىشاھ ئاشۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان. لېكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ھەرپلىك خەت ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمكى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئېلىپبە" (1) كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى. قەدىمكى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمكى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى ئەپىب  قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى. بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، "ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كېيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پېداگوگ" دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يېتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يېتەكلەش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دېداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرىك تىلىدا بۇ سۆز دېداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۈزۈمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئېنىق ئايرىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قەدىمكى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇھى") دەپ ئاتاپ، بەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغان بولدى. ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۈرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىمكى يۇناندا ئارقا ـ ئارقىدىن ئاكادىمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گرىك - لاتىن تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى، دىئالىكتىكا، ماتېماتىكا، گىئومىترىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان. يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كېيىنرەك يەنە تەنتەربىيە ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمكى يۇناننىڭ ئولۇمپىيە دېگەن يېرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پىداگوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دىموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پىداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان. ف. ئىنگىلس ئارىستوتىلنى قەدىمكى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى" دېگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتىل سىياسىي تۈزۈم ئۇستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئارىستوتىل ئىلم - پەننى تۇنجى قېتىم ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتېگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتېگورىيىسى، ئىجادىيەت پىنى كاتېگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتېماتىكا، لوگىكا، دىئالىكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتىگورىيىسىگە؛ ئەخلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيەشۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتىگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتىگورىيىسىگە ئايرىغان. ئارىستوتىل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى، دىئالېكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى - ئىنسىكلوپېدىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتىل ئىنسىكلوپېدىسىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئارىستوتىل ئوز قولى بىلەن تەسىس قىلغان "روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پېداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. «... گراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زۆرۈر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك...» بىراق، ئارىستوتىل ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكى قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي چەكلىمىدىن نېرىغا بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: "قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...". ئېلىمىزنىڭ خۇئاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلىمىزدە مەشھۇر "جياگۇ" يېزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ. "جياگۇ" يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سۆڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى - يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۈتۈلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن. قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - 479 - يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پىداگوگلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كۇڭفۇزىنىڭ زاماندىشى پەيلاسۇپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئېلىمىزدە "مىن فۇ" ناملىق تۇنجى كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان. كۇڭفۇزىنىڭ "مۇھاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ "ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئويلىنىش كېرەك"، "ئۆگىنىپ زەرىكمەسلىك، ئۆگىتىپ ھارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن. كۇڭفۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭ شەرتى مىھرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئۆزۈڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى. كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن "مەرىپەتنامە" ناملىق پىداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرھلەنگەن. ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شوتاڭ  مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گوزىشو" (خانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۇللەندى. دۆلەتلىك كۇتۇبخانىلار قۇرۇلدى. تىرە ۋە لاتا پۇرۇشلاردىن يېڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە زور تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئېلىپ تۇردى.

ئىزاھاتلار: (1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابېيت" سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئالپا ئۈكۈز، بېيت ئۆي يەنى ئۈكۈز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمكى فىنىكىلىقلار ئۈكۈزنى "مۇقەددەس ھايۋان" دەپ ھېسابلايتتى. چۈنكى، ئۈكۈز تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى. (2) ئاكادىمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەھرىماننىڭ نامى. (3) ئىنىستىتۇت گرىك تىلىدا "يېرىم كۇن ئىشلەپ، يېرىم كۇن بىلىم ئېلىش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئېلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ستودىنتلار يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى. (4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى - يۈگۈرۈش، دىسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپىرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. (5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 - يىللار) "بىلىم ۋە ئىختىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك گۈزەل پىزىلىتى" دېگەن. (6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادىمىيە تەسىس قىلغان، "غايىۋى دۆلەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. (7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق پىداگوگ، بىرىنچى قېتىم پىداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت بىلەن ئۆگىنىش ئوخشاش مۇھىم" دەپ تەكىتلىگەن.(8) دىموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئىنسىكلوپېدىست ئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان، "مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ" دېگەن. (9) تاران - ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى. ____________________________________________________ ئۇيغۇر مائارىپ
تارىخدىن ئوچرىكلارنىڭ تولۇق قىسمى:


بىلقۇت تورىدىن ئېلىندى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
GuzelYurtum + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84666
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت !

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 06:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇزاققا قالماي مەنمۇ ئائىلمىزنىڭ ئورتاق كەسپى ئوقۇتقۇچلىق يولىغا قەدەم قويۇپ قېلشىم مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 06:16 PM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3527
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار دىئالىكتىك ماتىريالىزىم ۋە تارىخى ماتىريالىزىمنىڭ مەكتەپ ۋە مۇئەللىم ھەققىدىكى بايانلىرى ئىكەن. مەكتەپ ۋە مۇئەللىملىك تارىخىنى  5000يىل قىلىپ چىقىپتۇ. ئەمدى ئىدىئالىستىك قاراشلارنى ئاساس قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىنسانىيەتنىڭ تۈنجى ئۇستازى ،بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇستازى ۋە ئاتىسى ھەزرىتى ئادەمدىن باشلانغان مەكتەپ ۋە مۇئەللىملىك ھەققىدىكى تارىخنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئەتسە ئۇنىمۇ كۆرۈپ باقايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 04:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىلارنىڭ كىيىنكىلەرنى يىتەكلىشى بىر قانۇنىيەتقۇ ، ئۇنى پالانى ۋاقىتتىن باشلانغان دىيىش خاتا   بۇ بىر ئاتالغۇدىكى ئۇزگىرىش مەسىلىسى خالاس

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىىر مەكتەپنىڭ كۆپەيگىنى بىر تۈرمىنىڭ ئازايغىنىدۇر .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش