مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 5

[تەرجىمە فىلىم] يەر شارىدىكى يۇلتۇز (بايراملىق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50595
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5146
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 02:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مىسرانىمدىكى دوستلار! ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ؟
   بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، جاپاكەش ئۇستازلىرىمىزغا ئاتاپ، كىچىككىنە كۆڭلىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق، قوبۇل قىلارسىلەر.
   فىلىمدە
، بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقىلارغا يېقىن كەلمەيدىغان، دىلى ئازار يېگەن، يېتەرلىك كۆيۈنۈشكە ئېرىشەلمىگەن بىر ئوقۇغۇچىسىنى خۇشال-خۇرام، ئەقىللىق، زېرەك، ئوماق بالىلار قاتارىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەنلىكىدەك ۋەقەلىك سۆزلەنگەن.
   فىلىم ناھايىتى تەسىرلىك ۋە ئەھمىيەتلىك. بالىلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەشتە بەلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا،
بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بىز قۇتياردىكىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق سوۋغىسى بولماس، دەپ ئويلىدۇق.
   ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئۇستازلار، جاپا چەكتىڭلار، چارچىدىڭلار. بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەزىز تېنىڭلار ھەر زامان ئامان بولغاي!
000.jpg

ئۇيغۇرچە نامى: يەر شارىدىكى يۇلتۇز

ھىندىچە نامى: Taare Zameen Par
ئىنگلىزچە نامى: Like
Stars on Earth
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2007
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى  
دۆلىتى: ھىندىستان
ژانـىرى: ۋەقەلىك/بالىلار/تەربىيىۋىي
تــىــلى: ھىندى تىلى
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلۇقى: 165 مىنۇت
رازمـېــرى: 720x396
ئـۇلىنىش: www.IMDb.com/title/tt0986264
نەتىجىسى: 8.4/10
رېژىسسور:
Aamir Khan
سېنارىست:
Amole Gupte
روللاردا:
Darsheel Safary ... Ishaan Awasthi
Aamir Khan ... Ram Shankar Nikumbh
Tanay Chheda ... Rajan Damodaran
Sachet Engineer ... Yohan Awasthi
Tisca Chopra ... Maya Awasthi
Vipin Sharma ... Nandkishore Awasthi
Ayaan ... Ishaan Awasthi - 10 months
Abhishek Bachchan ... Himself
Megha Bengali ... Mrs. Karnik
Bugs Bhargava ... Sen Sir
Alorika Chatterjee ... Science Teacher
Gurkirtan Chauhan ... Housemaster
Sanjay Dadich ... Maadhoo
Madhav Datt ... Loo Bully
Aniket Engineer ... Young Yohan Awasthi
Krishn Gopinath ... Satyajit Bhatkar

كەسمىسى:
1.jpg


2.jpg


3.jpg



قىسقىچە مەزمۇنى:

   فىلىمدىكى يىشان كەپسىز، شوخ، كاللىسى ئۆتكۈر بالا ئىدى. ئەپسۇس ئاتا-ئانىسىنىڭ خاتا كۆيۈنىشى، تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئاكىسىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھە، دېسىلا ھاقارەتلىشى سەۋەبىدىن، يىشان دەرسكە قىزىقمايدۇ، ھە، دېسىلا ئوينىغىلى قاچىدۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئۇچار قۇشلار ۋە ھايۋانلار بىلەنلا ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.
   ئەركىن پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى چەكلەنگەن يىشاننى ئاتا-ئانىسى يىراق بىر يەردىكى ياتاقلىق مەكتەپكە ئەۋەتىۋېتىدۇ. يىشان تېخىمۇ بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. مۇئەللىملىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاچچىقلايدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا ئۇ تۇرۇۋاتقان مەكتەپكە يېڭىدىن بىر رەسسام ئوقۇتقۇچىسى كېلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا كىرىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى دەل نىكھان (رولدا: ئامىرخان) ئىدى. ئۇ يىشاننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىشاننىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق، يىشاننى تىرىشچان، ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان بىر بالىغا ئايلاندۇرىدۇ.
   فىلىم بەك تەسىرلىك ئىشلەنگەن بولۇپ، بالىلارنى قانداق تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىزگە بىلدۈرۈىدۇ.
   تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن.

تەرجىمان: مەۋلان (www.Azizim.net نىڭ قۇرغۇچىسى)
كىرىشتۈرگۈچى ۋە مۇھەررىر: Külke
مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى: KökTulpar

كۆرۈش

مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mr.aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 02:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50595
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5146
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 02:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھە راس...
   ئۇستازلىرىڭلارغا تېلېفون-ئۇچۇرلار بىلەن مۇبارەكلەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاماڭلا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4910
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1831 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشان ئەمەس ئىشان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84666
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆرۈپ بوپتىكەنمەن .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13362
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5285 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 01:57:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم .
بۇ فىلىمنى ئىلگىرى خەنزۇچە خەتلىك نۇسخىسىنى كۆرگەن ئىدىم . ھازىر خەنزۇلارنىڭمۇ تەرجىمە فىلىملىرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ ، ھەربىر سۆزنى ئۆز تىل مەنىسىدە ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھىمىيەت بەرمەكتە .دىيارىمىزدىكى بۇ ئىجتىھادلىق دوستلارنىڭمۇ تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ ،يات ئەللەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى خەلقىمىز بىلەن دىدارلاشتۇرۇپ ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھىندىستان فىلىملىرى يىقىنقى يىللار مابەينىدە ئەنئەنىۋى فىلىم ئىشلەش ئۇسلۇبىدا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىپ مول مەزمۇنلۇق ، ئىسىل ،نادىر فىلىملەرنى ئىشلەپ بۇ ساھەدە ئاز بولمىغان نادىر نەتىجىلەرگە ئىرىشتى . ئارتىسلارمۇ ئۆزىنى كۈنسايىن تاكامموللاشتۇرۇپ رول ئىلىشتە ئەنئەنىۋىيلىكتىن زامانىۋىلىققا تەرەققىي قىلدى ،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىپىك ئالاھىدە ئەنئەنىۋىيسىنى ئۆز رەۋىشتە مۇكەممەل ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 04:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خەنزۇچىسىنى كۆرگەن راس بەك پەيزە  ھەققى مىھرىبان ئوقۇتقۇچى ئىشان

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش