مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3057|ئىنكاس: 22

روسىيە نىمە ئۈچۈن ياپونىيەگە پات – پات ھەيۋە قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 01:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روسىيە زوڭلىسى مېدېۋېدېۋ بۇ يىل 7- ئايدا روسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش – تارتىش قوزغىغان جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ) ئارىسىدىكى كوناشىرى ئارىلىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيە بۇنىڭغا قاتتىق ئىتىراز بىلدۇردى. ئارالغا چىقىش ۋەقەسى تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا، روسىيە تېنچ ئوكيان فلوتى 14- ئاۋغۇست يەنە جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى چارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ياپونىيەنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىق بولدى.                        

tot-aral-01.jpg

  روسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پات – پات ياپونىيەگە ھەيۋە قىلىشى قېنى قىزىپ كەتكەنلىك بولماستىن بەلكى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ قوللىنىلغان ھەركەت. روسىيە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا، تېنچ – ئوكيان رايۇنىغا يۆتكىگەنلىكى ئېلىپ كىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاقىۋەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، زىمىننى قوغداش ئىرادىسىنى تەكىتلەشنى، شۇنداقلا جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى ھەقىقىي كونتۇرۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

     جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرى كامچاتكا يېرىم ئارىلى بىلەن خوككايدۇ ئارىلىنىڭ ئارىسىدا، ياپونىيە خابوماي، شىكوتان، كوناشىرى، ئىتۇرۇپ ئاراللىرىنى شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ. جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى چۆرىدىگەن تالاش – تارتىش روسىيە – ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى يىشىلمەس تۈگۈن بۇلۇپ قالدى. روسىيە بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېزرەك نورماللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمۈت قىلغان بولسىمۇ، زىمىن مەسىلىسى ئىككى دۆلەتكە تاغدەك توسالغۇ بۇلۇپ قالدى.

     يىلىتسىن دەۋرىدە ئىقتىسادى كاساتلىشىپ قالغان روسىيە ئىككى ئارالنى ياپونىيەگە سېتىپ بىرىش ئويىدىمۇ بولغان. پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ياپونىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى باش ۋەزىرى يۇشىرو مورى بىلەن ئىككى ئارالنى قايتۇرۇپ بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان قوشما بايانات ئىمزالىغان. لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى روسىيەنىڭ تۆت ئارالنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، روسىيەنىڭ زىمىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت قولدىن كەتكەن.

     يېقىنقى يىللاردا روسىيە ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى ھەقىقىي كونتۇرۇل قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەينى چاغدىكى روسىيە زوڭتوڭى مېدېۋېدېۋ، بىرىنچى مۇئاۋېن زوڭلى سېماشكو، مۇئاۋېن زوڭلى ئىۋانوۋ، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرديۇكوۋ قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا – ئارقىدىن بۇ ئاراللارنى كۆزدىن كۆچۈردى. روسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئاراللارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى تىزلەتتى ھەم قوشنا دۆلەتلەرنى بۇ ئاراللارنى بىرلىكتە ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرديۇكوۋ ھەتتا كوناشىرى ئارىلى بىلەن ئىتىرۇپ ئارىلىغا قۇشۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياپونىيە روسىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا قايتا – قايتا قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ روسىيە يەنىلا خالىغىنىنى قىلدى.

     ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاسىيا – تېنچ ئوكيان رايۇنىغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، روسىيەنىڭ يىراق شەرىق رايۇنىنىڭ روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىركىشىدىغان ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، جەنۇبىي كورىل تاقىم ئارىلىنىڭ روسىيەنىڭ ئاسىيا – تېنچ ئوكيان رايۇنى ئىستىراتىگىيەسىدىكى مۇھىم ئورنى بارغانسىرى گەۋدىلەندى. روسىيە فرانسىيەدىن سېتىۋالغان «غەربىي شىمال بورىنى» دەرىجىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئىككى ھۇقۇمچى پاراخۇتنى تېنچ ئوكيان فىلوتىغا قوشماقچى بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

     ياپونىيەنىڭ زىمىن تالاش – تارتىش مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بارغانسىرى قاتتىق بولىۋاتقان ھەم ئامېرىكىنى روسىيەگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزىگە تارتىشقا ئورىنىۋاتقاندا، روسىيەنىڭ ياپونىيەمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى «ياپونىيە – ئامېرىكا خەۋىپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى» بۇيىچە قوغدىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈشى؛ جەنۇبىي كورىل تاقكىم ئاراللىرىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بەرسەك ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ھەتتا ئامېرىكا قوشۇنى بىزگە ھەيۋە قىلىش مەقسىدىدە بۇ ئاللارغا ئورۇنلىشىۋېلىشى مۈمكىن دەپ ئەندىشە قىلىشىنى تامامەن ئورۇنلۇق دىيىشكە بۇلىدۇ. روسىيە دەل مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان بۇلسا كېرەك.


        (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)                                          مەنبەسى ئالىم بىز بىلوگى


سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84514
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 04:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رەببىم ئاللاھ!كەچۈرگىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14513
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3175 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپۇن زىمىنى يوغانراق بولسا قانداق قىلاتى . ؟ ماجاھاننىڭ ئىشلىرىنى دەھشەت بولاكەن .

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ.

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8916
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىمىن ، ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىشىكى ئالدىنقى شەرت ، ئىنسانلار زىمىن بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . شۇڭا زىمىنغا ۋە ئۇنۇڭ موھىملىقىغا  تەبىر بېرىش توغرا كەلگەندە مېنىڭچە ئۇنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن بولماس . شۇ ۋەجىدىن روسىيە بىلەن ياپونىيە ياكى ئەنگىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا بولسۇن ، ئۇلار ئارىسىدىكى شۇ سۈركۈلۈشلەر ... ئاساسلىقى زىمىننىڭ مۇقەددەسلىگىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . ئالقانچىلىك زىمىن ئۈچۈن تارىختا قانلىق توقۇنۇشلار ساناقسىز بولغان .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83975
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاراللار ياپونىيەگە تەۋەغۇ دەيمەن . 2- جاھان ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغان دۆلەت سالاھىتى بىلەن بۇ ئاراللارنى روسىيەنىڭ ئىگەللىۋېلىشىغا ئامالسىز سۈكۈت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا زىمىنى كىچىك بولغان ياپونىيەنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن .

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 06:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atauqun يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 05:07 PM
مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاراللار ياپونىيەگە تەۋەغۇ دەيمەن . ...

ئارالدىكلىلەرنىڭ ھەممىسى روسىيەلىك پۇقرالار بولغاچقا رۇسىيە بۇ زىممنىڭ ھەققىي ئىگىسى بوپ قالغان !
سىتالىننىڭ ئاھاللىلەرنى يىراق شەرىققە  ئادەمسىز چۆل-جەزىرىلەگە پالىشى ۋە  ئۇرۇنلاشتۇرۇشى  ئەمدى ئۈنۈمنى كۆرسەتكەن بولسا كىرەك!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 06:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ تالشدىغىنى كىچىككىنە ئارال ئەمەس بەلكى ئارالنىڭ 200 دېڭىز مىلى ئىقتىساد دائىرسىدىكى نىفىت تەبئىي گاز ۋە بېلىق قاتارلىقلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 06:32 PM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8916
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 06:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى كۈچى روسىيەنىڭكىدىن بەكمۇ كۆپ ئۈستۈن  ، لېكىن روسىيە ئەنئەنىۋى ھەربىي جابدۇقلار ۋە قورال ياراقلاردا ياپونىيەنىڭ جىق ئالدىدا . بۇ ئىككى مەملىكەت تارىختا زىمىن مەسىلىسى سەۋەبلىك كۆپ تۇتۇشقان ، شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارال دەۋاسى ھازىر ياكى بۇنۇڭدىن كېيىنمۇ ئاسان ھەل بولمايدۇ .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 07:38:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى روسىيەنىڭ ئىخدىسادىدىن،ھەربىي كۈچىدىن ياپۇنىيە ئۈستۈن تۇرسىمۇ لىكىن ياپۇنىيە ئۈچۈن زىمىن تەلىپىنى ۋە ئىگىلىك ھۇقۇقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قۇغداش تولىمۇ زۆرۈر.
چۈنكى ياپۇنىيەنىڭ زىمىنى تىنىچ ئوكياندىكى خادا تاشلار بىلەن ئورالغان ئارالغا جايلاشقان بولغاچقا ئارال دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شىمالدىكى تۆت ئارالدا روسلارنىڭ ھەققى بولمىسىمۇ سىتالىن مەزگىلىدە يىراق شەرىق رايۇنىغا پالىۋىتىلگەن مەھبۇسلار ياكى ئىزىلگەن مىللەتلەر بۇ يەردە ياشاپ كەلگەچكە نوپۇس ۋە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىدە ياپۇنلار ھامان ئۇتتۇرغۇچى ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر ياپۇنلار روسلارغا قارىغاندا بۇ مەسىلىنى بالدۇرراق ئويلاشقان بولسىدى،بەلكىم ئىش باشقىچە بولار ئىدى.
ئامرىكىنىڭ تىنىچ ئوكيان بۇيلىرىدا ئاسىيانى چۆردەپ قىلىۋاتقان دىپلۇماتىيە سىياسى،مەدىنىيەت، ئىخدىساد ۋە ھەربى كۈچى جەھەتتىن قارىغاندا روسىيە بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرۇش،يەنى ئامرىكا ۋە روسىيە ئۇتتۇرسىدىكى جەڭ پىلتىسى ئۈچىنجى بىر دۆلەت ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.مۇشۇ بىر قانچە يىلدىلا نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى. يالغۇز جەنۇبى دىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خۇشنا دۆلەتلەر ۋە تىنىچ ئوكيان بۇيلىرىدىكى دۆلەت رايۇنلاردا ھەمكارلىق  ئىزدىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ىچىگە ئالغان ھەربى مانىۋىرلار كۆپەيدى.بۇ ئامرىكىنىڭ تىنىچ ئوكيان بۇيلىرىدىكى شىرىكلىرى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك مۇھىم ئىتىپاقداشلىرىنى قۇغداشنى مەخسەد قىلغان.ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگۇ تالىشىۋاتقان دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپۇنىيە دۆلەت ئىچىدە جامائەت پىكىرى توپلاپ ۋە خىراجەت ئىئانە قىلدۇرۇپ بۇ ئارالنى 11-سىنتەبىر ‹‹سىتىۋالماقچى››.ئامرىكا گۇۋيۈەنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋىكتۇرىيە نىيۇلانىد بۇ تۇغۇرلۇق تۇختالغاندا دىياۋيۈ دەپ ئالماستىن سىنكاكۇس ئارىلى دەپ ئالدى،بۇ ئاتالغۇدىكى سىنكاكۇ بىلەن سىنكاكۇس دىگەن سۆزدىكى بىر ھەرىپنىڭ پەرقى شۇكى سىنكاكۇ پەقەت شۇ ئارلنىلا كۆرسەتسە،سىنكاكۇس دىگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدا كۆپلۈك قۇشۇمچىسىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ھىسابلىنىدۇ.بۇ دىگەنلىك سىنكاكۇس ئاراللىرى دىگەنلىك بولىدۇ.دىمەك ئامرىكا تىنىچ ئوكياندىكى بۇ ئىتىپاقدىشىنىڭ زىمىن ماجىراسىدا ياپۇنىيەگە ئارقا تىرەك بولدى.ئەمدى شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدە ياپۇنلار مۇھىم بىر نۇختىغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە ھاما قىلغىنى قىلغان.ئەتكىنى ئەتكەن بولىۋىرىدۇ.روسلارنىڭ بۇ ھەركىتى گويا،بۆرىلەردىن قۇرقۇپ ئەتىراپنى قۇرشاۋ تام بىلەن ئەتكىنىگە ئوخشايدۇ.ئامرىكىنىڭ ئاسىيا سەپىرىدە كۆپىنچە كىشىلەر ئامرىكا بىلەن جۇڭگۇ تۇقۇنۇشۇپ قالارمۇ دەپ قارىدى،لىكىن بۇ ئىككى چۇو دۆلەت ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەن بەزى قارا كۆلەڭگىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ لىكىن ئۇرۇش كىلىپ چىقىشتىن تولىمۇ يىراق.ئەمما روسىيە بىلەن ئامرىكىنىڭ يۇشۇرۇن سۈركىلىشى كۈچەيدى.بۇ ئىككى دۆلەت بىر بىرىنى خاتالاشتۇرۇپ ئاۋال ئوق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن زىمىن ماجىراسىدىن تارتىپ دىنى مەزھەپكىچە ،ئىخدىسادتىن تارتىپ جاسۇس ئۇرۇنلاشتۇرۇشقىچە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،ۋە ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ زىدىيەت ئۇرىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغان ئۈچىنجى بىر دۆلەت ئىزدەۋاتىدۇ.

سالام ئانا ۋەتەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8827
يازما سانى: 873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12185
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:43:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئامىركا بىلەن روسىيە ئاسانلىقچە ئۇرۇشمايدۇ... بەلكى باشقا دۆلەتلەرنى پېچكا قىلىشى مۈمكىن.

بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش