|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!! ئەردەمئايدىن ھەممىڭىزلەرگە سالام!!! خۇشۋاخ بولغايسىزلەر!!!~~~~~~~
مۇنبەر ھاياتىم
ياڭرايدۇ ھەرقېتىم سىنىپقا كىرسەم،
سۈپسۈزۈك قەلبتىن «سالام» دېگەن سۆز.
پەخىرلىك بىر تۇيغۇ چۇلغار دىلىمنى،
ھۆرمەتتە تىكىلسە نەچچە جۈپ-جۈپ كۆز.
سىزىمەن ئۆزۈمنى تۇرغاندەك گويا،
شاھانە بەك ئېسىل ئالتۇن تەخىتتە.
نېسىپتۇر بۇ شادلىق پەقەت ماڭىلا،
يايرايدۇ ۋۇجۇدۇم چەكسىز بەخىتتە.
شۇۋۇلداپ ئاقىدۇ تومۇردا قېنىم،
يۈرىكىم سوقىدۇ ھاياجان بىلەن.
چاقنايدۇ كۆزلەردە ئىشەنچ نۇرلىرى،
ياشنايدۇ يۈرەكلەر مىڭ ئارمان بىلەن.
ئايلانماس يەرشارى توختار ۋاقىتمۇ،
تىمتاسلا بوپ قالار ھەتتا كائىنات.
ئۇچىدۇ ئەگىشىپ تەپەككۇرۇمغا،
سەگىگەن سەزگۈلەر غالىپتۇر پەقەت.
بالقىيدۇ يۈزلەردىن تاتلىق بىر كۈلكە،
ئۆمرۈمگە رەڭ بېرەر ئاشۇ تەبەسسۇم.
نىمە ئۇ نام ئابروي شان-شۆھرەت دېگەن،
ھاياتنىڭ قىممىتى پەقەت ئاشۇ دەم.
ھەقىقەت نۇرىنى سېپىپ دىللارغا،
مەرىپەت بېغىغا ئاتاپ بارلىقىم.
ئۆكىنىش يوق پەقەت مۇنبەردە ئۆتسەم،
ئاجايىپ مەناغا تولار ھاياتىم.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم(ئەردەمئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-10 09:23 AM
|
|
|
|
|
|