مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9553|ئىنكاس: 128

غۇلجىدا يۈز بەرگەن دوختۇرخانىدىن بۇۋاق ئوغورلاش دىلوسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 06:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىز قوغلاپ بۇۋاقنى قۇتقۇزۇش


غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق 7-ئاينىڭ 21-كۈنى <<19-ئىيۇن>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسى ۋە ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن <<23-ماي>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك پاش قىلىپ بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۇشۇردى. 19-ئىيۇن سائەت سەككىزدە غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئابدۇللا(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىدا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا تۆت كۈن بولغان ئوغلىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغورلاپ كېتىلگەنلىگى توغرىسىدىكى دىلو مەلوماتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ، ئىلى ئوبلاستلىق ، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دىلو پاش قىلىش خىزمىتىنى قاناتيايدۇرىدۇ ، تەكشۇرۇش جەريانىدا ساقچىلار بۇ دىلونىڭ ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن  <<23-ماي>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقاپ ، بۇ ئىككى دىلونى بىرلەشتۇرۇپ تەكشۇرۇشنى باشلايدۇ.

بۇۋاق ئوغورلاپ كېتىلگەندىن كىيىن ئىز- دېرىگى بولماسلىق.

15-ئىيۇن ئابدۇللانىڭ ئايالى غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىدا ئوڭوشلۇق ھالدا بىر ئوغول بۇۋاق يەڭگىيدۇ لىكىن ئابدۇللا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئۇزاققا بارمايدۇ ، بۇۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ساقسىز بولوپ قېلىپ، مەزكور دوختۇرخانىنىڭ بالىلارنى قۇتقۇزۇش بۆلۇمىگە يۆتكىلىپ داۋالىنىدۇ، ئابدۇللانىڭ ئايالىنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كەلمىگەچكە ئابدۇللا ئايالىغا قارايدۇ ، بالىسىغا سېستىرالار بىلەن قىينئانىسى قارايدۇ. 19- ئىيۇن سائەت 7دە بۇۋاقنىڭ مومىسى بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولوپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ قولىنى يۇيۇپ چىقىپ كارۋاتتا بۇۋاقنىڭ يوقلىقىنى بايقايدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا كىسەلخانىدىن ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى ، ئۇنداقتا بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە بالىنى كىم ئېلىپ چىقىپ كەتكەندۇ؟ بۇۋاقنىڭ مومىسى دەرھال ئابدۇللا بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىنىڭ ئىز - دېرىگىنى قىلىدۇ ، جىددى پەيتتە ئابدۇللا ج خ ئىدارىسىگە دىلو مەلوم قىلىدۇ، بۇۋاقنىڭ مومىسى ج خ ساقچىلىرىغا بۇ بىر قانچە كۈندە ئۆزىنى گۈلى دەپ ئاتىۋالغان بىر ئايالنىڭ مۇشۇ دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن بىر تۇققىنىغا قاراۋاتقانلىقىنى ھەمىشە كىسەلخانا بىلەن تۇغۇت ئۆيى ئوتتۇرىسىدا ئايلىنىپ يۇرىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ۋە ئۆزىگە ياردەملىشىپ نەۋرىسىنى بېقىشىپ بەرگەنلىگىنى ئيتىدۇ.

ساقچىلارنىڭ مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۇشۇرىشى.

دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق 19-ئىيۇن سائەت يەتتىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ بوۋاقنى كۆتۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن دەرھال ئىلى ئوبلاستلىق دورا ماتىرياللىرى شېركىتى تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ، ئارقىدىنلا بىر تاكسى ماشىنىسىنى توسۇپ غۇلجا شەھەر ئازاد يولى تەرەپكە قېچىپ ، يېزا ئىگىلىك 4-شى 66-تۇەن مەيدانىغا كەلگەندە ماشىنىدىن چۇشۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دوختۇرخانا ۋە ئىلگىرى جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئۇچراشقان تىببى خادىملار ھەم بىمارلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىگىنى قولغا چۇشۇرۇپ ، ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر) لەردىكى ج خ ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىپ تەكشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۇشۇرىدۇ. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار بىرەيلەننىڭ كۇنەس ناھىيەسىدە تاشلىۋىتىلگەن بىر بۇۋاقنى بايقىغانلىقىنى ، بۇ بۇۋاقنىڭ بەلكىم ھېلىقى بۇۋاق بولۇشى مۇمكىنلىگى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرىۋالىدۇ ، ساقچىلار دىلو تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال كىچىلەپ يول يۈرۈپ كۈنەس ناھىيەسىگە بارىدۇ. لېكىن ساقچىلار بىلەن بىرگە بارغان ئابدۇللا ، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەسلىگىنى ئېيتىدۇ. تاشلىۋىتىلگەن بۇ بوۋاق شۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار بىرەيلەننىڭ قورغاس ناھىيەلىك ئانا بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ كىسەلخانىسىغا تاشلىۋىتىلگەن بىر بوۋاقنى بايقىغانلىقى توغرىسىدىكى تېلفۇننى قوبول قىلىدۇ. ساقچىلار دەرھال بۇ دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ كىسەلخانىدىكى بىر ئوغول بوۋاقنى بايقايدۇ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولوپ ، ئابدۇللا بۇۋاقنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىگىنى دەلىللەيدۇ. دىلو يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئوغول بۇۋاق ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ. قورغاس ناھىيەلىك ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تىببى خادىمى جىنايەت گۇماندارىنىڭ قورغاس ناھىيەسىنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ج خ ئورگانلىرى دەرھال قورغاس ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تۇەن - مەيدان ۋە يېزا - بازارلارغا 1000پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىشىپ تەكشۇرۇش ئۇختۇرۇشى چاپلايدۇ. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتقاندا بىرەيلەننىڭ جىنايەت گۇماندارىنى تونويدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك 4-شى 64-تۇەن مەيدانىدا ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش تېلفۇنىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ساقچىلارنىڭ چوڭقۇرلاپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك 4-شى 64-تۇەن مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇنىرە (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ 19-ئىيۈن بوۋاقنى ئوغورلاپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىگى جەزىملەشتۇرىلىدۇ. ساقچىلار ئارقىدىنلا مۇنىرەگە قارىتا توردا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىدۇ. ساقچىلار تەكشۇرۇش جەريانىدا مۇنىرەنىڭ كولا شەھىرىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى رازۋىتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 19-ئىيۈل كورلا شەھىرىدىكى بىر مىھمانخانىدا جىنايەت گۇماندارى مۇنىرەنى قولغا چۇشۇرىدۇ ھەمدە نەق مەيداندا ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23-ماي ئوغورلاپ كېتىلگەن بىر قىز بوۋاقنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. ساقچىلارنىڭ تونوشتۇرىشىچە ، ساقچىلار مۇنىرەنى تۇتقان ۋاقىتتا ئۇ قەشقەرگە بېرىپ يەنە بىر قىز بۇۋاق ئوغورلاپ كەلمەكچى بولغان ئىكەن ، ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ قىز بۇۋاقنىڭ ھەر ئىككى پۇتىدا ئالتە بارماق بارلىقىنى، بۇ دەل ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23-ماي دىلوسىدىكى ئوغورلاپ كېتىلگەن قىز بوۋاق ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇرىدۇ. بۇۋاقنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كەتكەچكە توختىماي يىغلايتى ، ساقچىلار دەرھال بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ .دوختۇرلار بوۋاقنىڭ كانەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ، ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋىلىنمىسا بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. داۋالاش ئارقىلىق بۇ قىز بۇۋاقنىڭ سالامەتلىگى ياخشىلانغاندا ساقچىلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ ئاتۇش شەھىرىگە كېلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدا ئامراق قىزىنى يوقىتىپ قويغان دادا ساقچىلارنىڭ قولىدىكى بوۋاقنى كۆرۇپ تونىيالماي قالىدۇ، لېكىن بالىنىڭ پۇتىدىكى  ئالتە بارماقنى كۆرۇپ بالىنى قۇچاقلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ. دىلو يۈز بەرگەندىن بېرى ساقچىلار تەخمىنەن 4000كىلومېتىردىن ئوشوق يول يۈرۈپ ، كورلا، ئاتۇش ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى 23-ماي ، 19-ئىيۈن بالىلارنى ئوغورلاپ سېتىش دىلوسىنى پاش قىلىدۇ ، ساقچىلار ئوغورلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەندىن كىيىن بارلىق جاپالىرىنى ئۇنتۇپ ئۆزلىرىنى ناھايىتى يەڭگىل ھىس قىلىشىدۇ.

بالىلارنى ئوغورلاش پەقەت نىكاھنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەن

23-ماي ، 19-ئىيۈن بالىلارنى ئوغورلاپ سېتىش دىلولىرى مۇۋاپىقىيەتلىك پاش بولغان بولسىمۇ لېكىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ دىلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. جىنايەت گۇماندارى مۇنىرە توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان پەرزەنتلىك بولالمىغاچقا دائىم ئېرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ، نىكاھ ۋە ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ يالغاندىن ھامىلدار بولىۋىلىپ ئاندىن بىر بالا ئوغورلاپ كېلىپ پەرزەنتلىك بولوش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان. <يەڭگىيدىغان> ۋاقتى ئاز قالغاندا ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا بېرىپ يەڭگىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ، ئاندىن ئاتۇش شەھىرىگە بارغان ، مۇنىرە كۈن ساناپ يەڭگىيدىغان ۋاقتى توشقاندا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ بىرجۇپ قوشگىزەك قىز تۇققانلىقىنى ، ئۇزۇنغا بارماي ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئىيتقان. 23-ماي مۇنىرە ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا كىرىپ تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر قىز بوۋاقنى ئوغورلاپ كەتكەن ، مۇنىرە بۇ بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندە يولدىشى ئۇنىڭدىن < سەن قوشگىزەك قىز تۇغدۇم دىگەن ئىدىڭ يەنەبىرسى قېنى؟> دەپ سورىغاندا ، مۇنىرە ، < يەنە بىر بۇۋاق ئاغرىپ قالغاچقا ئۇرۇمچىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ> دەپ جاۋاپ بەرگەن. يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇنىرە غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا بېرىپ پۇرسەت تېپىپ يەنە بىر بوۋاق ئوغورلاپ كېتىشنى پىلانلىغان ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كۈزىتىش ئارقىلىق 19-ئىيۈن مۇنىرە ئاخىرى مەقسىتىگە يەتكەن ، ئەمما ئۇ بۇ بوۋاقنى ئوغورلاپ قاچقاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئوغورلىغىنىنىڭ بىر ئوغول بۇۋاق ئىكەنلىگىنى بىلگەن مۇنىرە كۆڭلىدە ، :<ئائىلەمدىكىلەرگە قوشگىزەك قىز يەڭگىدىم دىگەن ئىدىم ، ئەمدى بۇ ئوغول بۇۋاقنى كۆتۇرۇپ بارسام ئائىلەمدىكىلەر نىمە دەر > دىگەننى ئويلاپ ئوغول بۇۋاقنى قورغاس ناھىيەلىك ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىغا تاشلاپ قويغان ،ئىشتىن كىيىن ئۇ سۇيقەستىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كورلىغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە كورلىدا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كىيىن قەشقەرگە بېرىپ بىر قىز بۇۋاق ئوغورلاپ كېلىشنى پىلانلىغان ، ئويلىمىغان يەردىن مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالماي ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۇشكەن. ھازىر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى. بۇ دىلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۇرۇلمەكتە.


مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2446-سان




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 09:13 PM  


ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايچىن بۇلاردىن قورقۇپ قوزىڭىزنىمۇ  چىڭ قۇچاقلىۋاپسىزدە

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82469
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2887
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  دىمىسە بىكار-ھە!!!   ئۆزى بالىغا شۇنچە ئامراق بولسا، باشقىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قانچىلىك كۆيىدىغىنىنى بىلمىگەنمىدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، باشقىلارنى قۇربان قىلىش...  توۋا.....   بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىگە!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3448
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن گۆش يەي ،سەن مۇش دەيدىغان كشلەردە بۇ .ئۇلانىڭ ئەخمىقانە ئېشلرىغا ئېنساپ تېلەيلى.ئېنساپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا!  ئادەم ئاڭلىمىغان ئىشلارنى ئاڭلايدىكەن دىسە، باشقىلارنىڭ يۈرەك پارىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا  ئۇرۇنغان قانداق ئىنساندۇ ئۇ؟!!!

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7817
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 4857 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە .
باشقىلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغىچى جىم يۈرسىچۇ ....

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلاي دىسە شۇمۇ ئىشكەن ئەمدى توۋا.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13107
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 7855 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ دەت كەلگەننى بىلمەيدۇ،يەتتە يىل دىگەن ئاز گەپمۇ ،
بىچچارە ئايال چوتىنى خاتا سوقاپ، ئۆزى ئوسال ئەھۋالغا قاپتۇ.
ئۇنداق بالا ئوغۇرلاپ ھەممە ئادەمىنى ئالداپ يۇرمسىمۇ  ،
بىقۋىلش نىيتى  بولسا ئامال قىلغىنى بولاتتى،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 07:39 PM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12799
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7237 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئاشۇ دىلۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بىرىلسە ، ئۇ ئايالنى مۇدەەتتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولاتتىم ..

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10831
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7111 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 07:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇنى تۇرمىدا ئۇتىدىغان مەرەز خۇتۇنكەن بۇ ، ئۇزى تۇغماس بولسا چىرايلىقچە ئىرىدىن ئاجىرشىپ كەتسە  بولمامدۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش