«تاھىر-زوھرا» كىنو فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىم 1940-يىللاردا ئۆزبىكىستاندا ئىشلەنگەن، شىنجاڭ كىنو-تېلۋىزىيە تەرجىمە بۆلىمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىدى.) ئاۋاز رىژىسۇرى-مىنەۋۋەر ئابلەت. ئاۋاز بەرگۈچىلەر: تاھىر-جۇشقۇن جۈمە. زوھرا-گۇلزار ئابدۇقادىر. قارا باتۇر-ئەرافات ئابلىمىت. باباخان-تۇرغۇن ئىبرايىم. نازىم-غەيرەت ئوسمان. ۋەزىر-ھەسەن ئاۋۇت. كىچىك تاھىر-مىنەۋۋەر ئابلەت قاتارلىقلار ئەي، بەختىيار ئەۋلاتلار، كۆچ دەۋراندىن ئازاپلار. مەن سۆزلەيمەن ۋاپادىن، ئۆتمۈش جەۋرى-جاپادىن. ئەل ئاغزىدا ھىكايە، چىن ئىشقىدىن بىشانە. خەلقنىڭ سۆيگەن داستانى-ئول تاھىر-زوھراسى. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: (بۇ فىلىم ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا بەدىيلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن.) مەلۇم شەھەرنىڭ پادىشاھى-باباخان بىلەن ۋەزىرنىڭ ئايالى ھامىلدار بولۇپ، بىر كۈندە تۇغۇدۇ. پادىشانىڭ ئايالى قىز تۇغۇدۇ، ئۇنىڭغا زوھرا، ۋەزىرنىڭ ئايالى ئوغۇل تۇغۇدۇ، ئۇنىڭغا تاھىر دەپ ئىسىم قويۇشىدۇ. تاھىر بىلەن زوھرا بىر مەھەللىدە ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىشىدۇ. زوھرا بويىغا يەتكەندە باباخان قىزىنى تاھىرغا بېرىشكە قوشۇلماي، ئۆزىنىڭ چاپارمىنى –قارا باتۇرغا بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. زوھرا بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ باباخان قىزىنىڭ تەلىبىگە قارشى تۇرىدۇ. باباخان تاھىر بىلەن زوھرانىڭ داۋاملىق بىر يەردە يۈرگەنلىگىنى كۆرگەندىن كىيىن، بۇ ئىككى ياشنىڭ چىن مۇھەببىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، تاھىرنى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا تاشلاپ سۇدا ئېقىتىۋىتىدۇ. تاھىر سۇدا ئېقىپ بېرىپ باشقا شەھەرگە بارغاندا باشقا شەھەردىكى قىزلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. شۇ شەھەردىكى پادىشاھنىڭ قىزى تاھىرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. تاھىر كىچە-كۈندۈز زوھرانى ئەسلەپ، ئۇ قىزغا كۆڭۈل بەرمەي، ئاخىرى كۆپ يول ئازابىنى تارتىپ، زوھرانىڭ قېشىغا يېتىپ كېلىدۇ. ھەمدە تاھىر دادىسىنىڭ دوستى-نازىم بىلەن تونۇشۇپ، دادىسىنى باباخاننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەنلىگىدىن خەۋەردار بولىدۇ. ئەمما زوھراغا بولغان چىن مۇھەببىتىدىن كەچمەيدۇ. باباخان ئاقىۋەت قىزىنى قارا باتۇرغا تېگىشكە كۆندۈرۈلمەي، قىزى-زوھرانىڭ گېلىنى سىقىپ، ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان تاھىر زوھرانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەلەمگە چىدىماي، ئۆزىگە پىچاق سېلىپ ئۆلىۋالىدۇ. تاھىر بىلەن زوھرا بىر كۈندە تۇغۇلۇپ، 18 ياشقا تولغاندا يەنە بىر كۈندە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ فىلىم تاھىر بىلەن زوھرادىن ئىبارەت ئىككى ئاشىق مەشۇقنىڭ پاجەئەسى ئارقىلىق، چىن سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە بولغان چوڭقۇر ۋاپادارلىقىنى بايان قىلغان. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 9-سىنتەبىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-9 06:59 PM
|