مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 12

بىزدىكى ئەقىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62579
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 12:30:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم ئۆز رىسىقىنى يەيدۇ،ھەممە ئادەم ئۆز كاللىسىدىكىنى دەيدۇ.مىنىڭمۇ ئۆز كاللامدىكىنى دېگۈم كىلۋاتىدۇ. بىشىمنى شۇنداقلا كۆتۈردۈم  زارلانغان ھالدا يەنە  چۈشۈپ كېتىدۇ .بۇئەھۋالنى كۆرگەنلەرلا ئەمەس ئاڭلىغانلارمۇ  ھەيرانلىقىنى بۈلدۈرىدۇ.بىزنىڭ گۇناھىمىز بارمۇ ئەجىبا..؟؟
بار .! ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مۇشۇ جەمىيەتتە ،مۇشۇ رايۇندا قانداق ياشاشنى بىلمىگەنلىكىمىز.
ھازىرقى تەبىئەت مەنزىرسى بولۇپمۇ بىزلەر ياشاۋاتقان يۇرت مەھەللىمىزنىڭ گۈزەللىكى ئادەمنى خوش قىلىدۇ،ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايدۇ.ئەمما ئەتىراپىمىزدىكى بىرقىسىم بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان كىشىلىرىمىز بىزنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۋاتىدۇ .بىزگە « بىشىڭلارنى پەس قىلىڭلار،بۇ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى تۈگىدى »دىگەندەك قىلىپ ،بىشىمىزنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۋاتىدۇ.
يىراق خىياللاردىن قايتىپ كىلىپ ئەتىراپىمىزغا قارىساق بىزنىڭ پەخىرلىك،ئاق كۆڭۈل،چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان،نۇردىن ئاق  سۈتتىن پاك،بالىغا مىھرىبان ئانا،ئەرگە ۋاپادار ئايال،ئاتا-ئانىنىڭ پۇتىغا پۇت قولىغا قول بولغان كۆيۈمچەن قىز ئاياللىرىمىز.  مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىگەن،ۋىجدانلىق،تەپتىدىن مەغرۇرانە قەھىرمانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان،ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جان پىدا قىلالايدىغان،بالىغا قالقان،بىر ئائىلىگە مۇستەھكەم تۈرۈك ھىساپىلىنىدىغان،ئاتا-ئانىمىزنىڭ يىقىلماس تېغى دەپ بىلىدىغان ئوغۇل  ئەركەكلىرىمىز.بۇلار بىزنىڭ ھەقىقى قىز ئوغلانلىرىمىز .بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ئۈنچە-مارجانلار .
بىراق ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ياشتىكى ياشلىرىمىز جەمېئەت تەلىپىگە ماسلىشىش،«مەدەنىيەت تەرەققىياتى» نى ئۆزلىرىگە ئۆلگە قىلىش،تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەخسەت قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى خالىغان ۋە خالىمىغان ئاساستا مەدەنىيىتىمىزگە،ئۆرۈپ ئادىتىمىزگە،دىننى قائىدىلىرىمىزگە يات بولغان يوللارغا كىرىپ كىتىپ بارىدۇ.
بۇنىڭدا قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشى ،يۇرۇش تۇرۇشلىرى ،ئەسلىنى ئۇنتۇپ باشقا مەدەنىيەتلەرگە ئاسانلا سىڭىپ كىتىشلىرى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. قايسى بىر كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا ماڭىدىغان يولدا تۇرۇپ   قاخشاشلىرى«ھازىر تىخى ئالغان تاھارىتىم كامىل تۇرغانمىدۇ،قارىماي دىسىمۇ كور ئەمەسكەن بۇ كۆزدىگەن،اللا ئۆزۈڭ كەچۈرگەيسەن».
يولنىڭ ئىككى تەرىپىدا تۇرۋىلىپ تىتىقسىز ،لاۋزا پاراڭ قىلىدىغان،ۋىجدانىنى تارتسا تاش تاۋاقتىن ئىشىپ چۈشكىدەك بەسىتلىك ئوغۇللىرىمىز . قايسى بىر قىزلارنىڭ يۈرەكلىك ھالدا يول يۈرەلمەسلىكى.قايسى بىر ئاتا-ئانىنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشىلەرگە قاراپ ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئىتىۋىلىشقا مەجبۇر بولۇشلىرى.قايسى بىر......
بىز مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ھىچقانداق مىللەتتىن قېلىشمايدىغان،ئۆزىگە خاس مىللىيلىكنى ھەقىقى ئىپادىلىگەن،يەتتىگە پارچىلاپ يەتتە ئىقلىمغا قويۇلسا،شۇ ئىقلىملارنىڭ مەدەنىيىتىنى سىغدۇرۇپ كىتەلەيدىغان پەخىرلىنەرلىك مەدىنىيەت.
بىزنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمىز شۇنداق ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ،بازاردابىر ئۆمۈر مودىدىن قالمايدىغان،كۆرگەنلەنى غەيرى خىيالغا سالمايدىغان،تەنگە يىقىشلىق،كۆزگە ئىللىق بىلىنىدىغان ،دىلغا ھەرۋاقىت ھوزۇر بىغىشلىيالايدىغان قۇۋەتكە ئىگە.
بىزلەنىڭ مىللىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ ئادەتلەنگەن ھەم بىزلەرگىچە  يەتكۈزگەن كىشىلىرىمىز بىزگە تىپىلما تەۋەرۇك،بىز ئۇلانى قەدىرلىشىمىز كىرەك.لىكىن ئەتىۋارلاپ قاتلاپ،ساندۇققە سىلىپ ساقلاپ قويۇشىمىز ئەمەس،بەلكى بىزمۇ كىيىشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز، نامايان قىلىشىمىز كىرەك .بولمىغاندائۇ بىزنى قىلىپتىن چىقىرىپ ،ئەگىرلىكى كۆپ بولغان،راۋاندەك كۆرۈنۈپ بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان بىر پۈتۈن قاتماللىقا  باشلايدۇ.
سىخىيلىقى بىلەن شاراپ تۇتۇپ مەردلىكى بىلەن بىراقلا كۆتۈرۋىتەلەيدىغان،كۈچىنىڭ بارىچە ئىس-تۈتەكنى سۈمۈرۈپ،ۋىجدانى بىلەن شەيتانغا ئۇسۇل ئوينايدىغان،قىراندەك بەدەن تۇرۇپ ئىغىزىدىكى گىپىدىن باشقا تىك تۇرغۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغان بىر قىسىم ئوغۇللىرىمىزنىڭ  «اللا بۇيرىسا بىر كۈنى تاشلايمان مۇشۇ نىجىس نەرسىنى » دەپ دەرت تۆكۈشلىرى ئىچىمىزنى ئىچىشتۇرمامدۇ،؟  جىمى ئىشنى بۇيرۇپ بولغان ئاللا تائالادىن يەنە نىمىنى بۇيرۇشنى ساقلايدۇ.ئەجىبا ئەجەل يىتىپ ھىچ ئىش قىلالماس بولۇشنىمۇ..؟؟ھەي نادانلىق!!
  سەبىلىكى بىلەن ھەرنى مەپتۇن قىلغان اللا يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار بولغان،ئۆز ئىمانى ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچىشكە تەييار تۇرىدىغان بىر قىزنىڭ مەكتەپ بىسىمى بىلەن ياغلىقنى ئىلۋىتىشكە مەجبۇرلانغان ۋاقىتتا «بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن اللا بۇيرىغان ئىشتىن ئۆزۈمنى تارتامدىم،قىز بالا ئۈچۈن چاچنىڭ قانچىلىك ئەۋرەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلە.؟؟» دەپ نالە قىلىپ ئىيىتقان سۆزلىرى قىز بالىنىڭ ئەمەس، ئوغۇل بالىنىڭمۇ باغرىنى ئىزىدۇ .شۇ ئاجىز قىزنىڭ ۋىجدانى ئالدىدا بىزنىڭ ۋىجدانىمىز قانچىلىك .قىنى بىزدىكى ئەقىل ،تەپەككۇر.(پەقەت بىر قىسىم مىساللار)
بىز ئۆزىمزىنى قايتا دەڭسەپ باقايلى،ئۆزىمىزگە ۋە بىزگە تەۋە بولغان ئۆزگىگە ئىگە بولايلى.ئەجىبا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بىزگە يۈز كىلەلمىگىدەك ئىش قىپ قويۇپتىكەنمۇ،؟ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يىتەرلىك بولغان نۇرغۇن تارىخلانى ياراتقان،بىزگە نۇرغۇن ئىلمىي،مەدەنىي ئۆرۈپ-ئادەتنى قالدۇرغان .ئۇنداقتا بىز ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىگىدەك ئىش قىلمىساق ئۇلانىڭ يۈزلىرىگە قانداق قارايمىز ؟قايسى ۋىجدانىمىز بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ بىرىمىز؟

مەنبە: مۇجاھىت

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sirlikmalika + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
taj + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن  توخىنىڭ سۈتى يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيئىلەرگە ھەرجەھەتتىن باھا بېرىش كېرەك. بىر ئادەمنىڭ كاللسىىدىكى ئويلىغان ئۇقۇم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ ئويلىغان ئۇقۇمى ئوخشاشماملىقى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بەزىلەر ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشنى مىللە مەدىنيىتىمىزنى قوغداشنى شەرەپ دەپ بىلسە يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئويلىمايدۇ بۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش.

ئىشەنچ-توپ تارقىتىش ئورنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35710
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3856
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 2305 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەنچ-توپ تارقىتىش ئورنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5362
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 02:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىياللىرىڭىز نىڭ ئاز تولا جىنى با بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jawzaa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 06:49 PM  


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 03:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كاللىدا بىر خىيال كاللاڭغا رەخمەت، دىگەن ئەنە شۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11730
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8189
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 03:06:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇونداق ئوبدان يىزىپسىز  .   ئاپرىن سىزگo

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11730
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8189
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 03:09:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن تەھلىل قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بۇ.  ئانچە مۇنچە ئەمەس خىلى ئوبدانلا يىزىپتۇ

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8796
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 03:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز !!اللاھ ھەممە بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!

بەختىمنى ئۇلۇغ  اللادىن تىلەيمە ، اللا ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 04:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۆزىمزىنى قايتا دەڭسەپ باقايلى،ئۆزىمىزگە ۋە بىزگە تەۋە بولغان ئۆزگىگە ئىگە بولايلى.ئەجىبا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بىزگە يۈز كىلەلمىگىدەك ئىش قىپ قويۇپتىكەنمۇ،؟ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يىتەرلىك بولغان نۇرغۇن تارىخلانى ياراتقان،بىزگە نۇرغۇن ئىلمىي،مەدەنىي ئۆرۈپ-ئادەتنى قالدۇرغان .ئۇنداقتا بىز ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىگىدەك ئىش قىلمىساق ئۇلانىڭ يۈزلىرىگە قانداق قارايمىز ؟قايسى ۋىجدانىمىز بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ بىرىمىز؟

ھەقىقىي نەق گەپنى قىلىپسىز ، جېنى بار گەپ.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83975
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 05:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېگەن گەپلىرىڭىزغۇ بەك توغرا ، لېكىن ئاتا بوۋىمىز ياشىغان دەۋىر بىلەن ھازىرقى دەۋىر ئوخشامدۇ ؟ سىز -بىز ئۆز ئۆزىمىزگە خوجا بولالامدۇق ؟ ئاۋال شۇنى دېيىش كېرەك . ئىنشائاللا بۇ ئىشلار ھامان ئوڭشۇلىدۇ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش