قايناقسۇ ئىچىش يۈرەك ھەركىتى تىزلىشىپ كىتىش كېسەللىكىگە داۋا.
نېرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى تىزلىشىپ كىتىش كېسەللىكى ئوتتۇرا
ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.مەن بۇ كېسەللىككە گىرىپدار بولغانغا20يىلدىن ئاشتى،ھەر قېتىم كېسىلىم قوزغالغاندا ئىچىم سىقىلىدۇ،تىت-تىت بولىمەن،يۈرۈكۈم مىنۇتىغا 120-170قېتىم سوقۇدۇ
بەزىدە يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى بۇزۇلۇپ كىتىپ،خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا
ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.شەھەردىكى چوڭ-چوڭ دۇختۇرخانىلارغا بېرىپ
داڭلىق مۇتەخەسسلەرگە كېسىلىمنى كۆرسەتتىم.قىممەت دورىلارنى يەپ،ئوكۇللارنى ئۇرغۇزدۇم.لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.تۆت يىل ئىلگىرى،كېسىلىم قوزغالغاندا قايناقسۇ ئىچسەم،ئەھۋالىم ياخشىلىنىپ
قالىدىغانلىقىنى تەساددىپى بايقاپ قالدىم.كىيىن كۆپ قېتىم سىنىدىم،
راستلا ئۈنۈمى بولدى.شۇنىڭ بىلەن كېسىلىم قوزغالمىسىمۇ سەللا كەيپىياتىم ناچارلىشىپ قالسا،قايناقسۇ ئىچىدىغان بولدۇم.بېشىممۇ ئاغرىمايدىغان بولدى.دوختۇرغا تەكشۈرتسەم كېسىلىم ساقىيىپ سالامەتلىكىم نورماللىشىپتۇ.(جاڭيىشىڭ)
مەنبە:«كۆرۈنمەس دوختۇر›› ناملىق كىتاپ.
يوللۇغۇچى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي