مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 923|ئىنكاس: 20

قەلىبكە دەپنە قىلىنغان مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83863
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3045
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 08:16:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  قەلىبكە دەپنە قىلىنغان مۇھەببەت
                             

                                                                [دىلچىن]



پۈتكۈل كائىنات ئاپپاق لىباسغا ئورانغان.قۇربان ھىيتنىڭ بىرىنجى كۈنى بولسىمۇ سوغۇقتىن قورقتىمۇ ئەيتاۋۇر مەھەللە -كوچىلار ئادەمسىز.يىڭى ياغقان قىلىن قارغا تىخى بىرەرسى ئىز سىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى . .مەھەللىنىڭ ئايىغىغا ئىنىقراق قىلىپ ئىيتقاندا دەريا تەرەپكە قاراپ يىپيىڭى ئىزلارنى قالدۇرۇپ كىتىپ بارىمەن . نىمىدىگەن ھوزۇر بۇ ھاۋا ،بۇ ئاپپاق مەنزىرە. قۇربان ھىيتلىق ياغقان بۇ قىلىن قار ھەممە مەينەتچىلىكلەرنى ھىچكىم كۆرمىسۇن دىگەندەك ھەممىنى كۆمۈپلا تاشلىغان ئىدى.
بىر -بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ماڭغان ئىزلار دەريا بويىغا يەتتى.دەريامۇ قار-مۇز تەكتىدە ئۈنسىز ئاقماقتا ،خۇددى مەندەك بىر ئۇزۇن يىللىق سىردىشىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك. ئىقىننىڭ مۇزى ئويۇلۇپ كەتكەن بىر يىرىگە كەلدىمدە ھاياتلىقىمنى ياشناتقان بۇ ئەزىم دەريانىڭ سۈيىنى ئۇچۇملاپ ئىچتىم . -نىمىدىگەن ھوزۇر،نىمىدىگەن ساپ جاننى ياشنىتىدىغان سۇ -ھە؟ باشقىلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىدە ناشتا قىلىشسا مەن ھىيىت نامىزىدىن يىنىپ قوينى سويۇۋىتىپلا دەريا بويىغا كىلىپ مۇزدەك سۇدا ناشتا قىلدىم.كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشال.چىرايىمدىكى شاتلىق كۆز ئالدىمدا كۆرۈنەتتى.بۈتكۈل تەبىئەتمۇ ماڭا ھەۋەس بىلەن تەبەسسۇم قىلاتتى.نىمىدىگەن ئىنتىزارلىق كۈن .كۆرۈشمىگىلى،ھەتتا ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىلى يىرىم يىلدىن ئاشقان قەلبىمدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى بولغان قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان كۈندە.بەلكىم بۈگۈن يا ئەتە دىدارىنى كۆرۈشمۇ نىسىپ بوپ قىلىشى مۇمكىن.
شۇنداق ھاياجان بىلەن تىلفۇننى ئىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نومۇرىنى باسستىم.توۋا نىمانداق تىترەيدىغاندۇ بۇ قوللىرىم.ئۆزۈم تەقەززا بولغان مىنۇتقۇ بۇ؟ تىلفۇن ئۇلاندى.يۈرىكىم[ بىردەم يىرىلماي تۇر ].
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم.- دىدىم يەڭگىل .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىز كىمۇ؟ئۇ تىلفۇننىي ئىلىپ شۇنداق جاۋاپ قايتۇردى.      نىمانداق يىقىملىق ئاۋاز،يۈرەككە ئورناپ كەتكەن ئاۋاز .يەنە يۈز يىل ئاڭلىمىساممۇ تونۇۋىلىشىم ئىنىق.
-ھىيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن.سالماق دىدىم،بىراق ئاۋازىم بىرخىل تىترەيتى.
-ۋاي بۇ سەنمۇ -قەيسەر؟بار ئىكەنسەن-ھە؟سىنىڭمۇ ئايىمىڭگە مۇبارەك.ھەر بىر كۈن ھىيىت بولسا بولغۇدەك.
-ياخشى تۇرامسەن ؟سىنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ تىلفۇن قىلىشىم،سەن بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكىم بار ئىدى.
-ياخشى.ئۆزۈڭچۇ؟
-مەنمۇ يامان ئەمەس.
-كەلمىسەم دىرىكىمنىمۇ قىلمايسەن.ئاكاڭنىڭ ئۆيىگە نەچچە تىلفۇن قىلدىم سەن بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.مىنىڭمۇ سەن بىلەن كۆرۈشكۈم بار .بۈگۈن مەن ئۆيدە يالغۇز قىپ قالغان ،ئەتە سىنىڭكىگە باراي .
-ماقۇل.
ئۇنىڭ بىلەن خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق .ئۇنى ئىزدەپ ياكى تىلفۇن نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلماسلىقىمدىمۇ سەۋەپ بار ئىدى.ئۇنى خاتىرجەم ئوقۇشىنى ئوقۇسۇن،دىققىتىنى چاچمىسۇن دەپ ئويلايتتىم. گەرچە بىز بىر بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشسەكمۇ لىكىن ھەقىقى تۈردە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشمىغانىدۇق. مەن ئۇنىڭ ھامان ماڭا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.
مەن يەنە كەلگۈسىدىكى ئايالىمنىڭ بىلىملىك ،ئەخلاقلىق ،شەرمىي-ھايالىق بىر قىز بولۇشىنى ،ئۇنىڭ دۇنيادا ئوقۇپ تۈگەتكۈسىز ،ھەم تىخى بىر ئىنسان ئوقۇپ باقمىغان بىر كىتاپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ھايا قىلاتتىم.كۆزىگە بەكرەك تىكىلىپ قاراپ سالساممۇ نەۋاققىچە قىزىرىپ كىتەتتىم. ئۇ تۇرقۇمغا قاراپ تاتلىق جىلۋە قىلاتتى.كوزلىرى تارتىنغان كۆزۈمگە تىكىلگىنىدە بولسا گاھ كۆزۈمنى قاچۇرسام يەنە گاھ قىيماسلىق بىلەن كۆزىگە تىكىلەتتىم.تويماي قارىشاتتۇق. دەريا ساھىلىدىقى يۇلغۇن چىچەقلىرى غۇبارسىز دوسلۇقىمىزغا ھەۋەس قىلغاندەك يەڭگىل تەۋرىنىشەتتى.كەچكى قوياشنى بىللە تاماشا قىلىپ بولغاندىن كىيىنلا ئۇنى قارغىشاتتۇق.چۈنكى بىز كۆرۈشكەن كۈنى كۈنمۇ قىرىشقاندەك بىردەمدە يىراقتىكى تاغنىڭ كەينىگە ئۆزىنى ئاتاتتى.
ھەي توۋا تىلفۇننىمۇ قويماي خىيالغا كەتكىنىمنى. ئۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ.تىلفۇنغا قارىسام ئۇمۇ قويماپتۇ.قۇلىقىمغا يىقىن تۇتتۇم ،يەڭگىل تىنىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.تىنىقلىرىمىز سىرداشماقتا.
-شەمسىنۇر تىلفۇننى قويمىدىڭمۇ؟سورىدىم .
-ياق تىخى . سىنىڭ گىپىڭنى ساقلاۋاتىمەن .نىمە ؟يەنە خىيالدىمۇسەن؟ سەن ھازىر نەدە؟
ئۇنىڭ ئاخىرقى گىپىگىلا جاۋاپ قايتۇردۇم. -دەريا بويىدا.
-ۋاي ساراڭ مۇشۇ سوغۇقتىمۇ؟ ئاغرىپ قالىسەن تىز ئۆيۈڭگە بارغىن.
-ماڭا بىلىنمىدى.بۇ يەردە سىنىڭ سىمايىڭنى كۆرەلەيمەن.كىيىنكى كۈنلەردە مىنى كۆرمەكچى بولساڭ بۇ ساھىلدا مىنىڭمۇ سىمايىم،ئاياغ ئىزلىرىم بار.سەنمۇ ھەرقاچان بۇ يەردە پەرۋاز قىلىپ كىلىۋاتىسەن.مەڭگۈ شۇنداق.
-قەيسەر
-شەمشىنۇر
راس ھەقىقەتەن ئۇ يوق مىنۇتلاردا بۇ جايدا ئۇنىڭ پەرۋازى مەۋجۇت . توغرا بۈگۈن ئىيتاي .پۇرسەت بىر كىلىدۇ،ئۇمۇ چوڭ بوپ قالدى .ياخشى كۆرۈشۈمنى دوسلۇقتىنلا دەپ ئويلاپ مەن بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان ئىش بولمىسۇن.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز تۇرانە دىيىش ماڭا تەس،تىلفۇندا دەي بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز يەنىلا پاكلىق،ھايالىق ئىلكىدە داۋاملاشسۇن- شۇنداق ئويلىدىمدە بار جۈرئىتىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىغىز ئاچتىم.
-شەمشىنۇر سىنى ياخشى كۆرىمەن
-نىمە ؟نىمە دىدىڭ قەيسەر؟-ئۇنىڭ ئاۋازى ھەيرانلىق ئارىلاش چىقاتتى.
-شۇنداق سىنى ياخشى كۆرىمەن.سەن مىنى ياخشى كۆرىمەمسەن؟
-ياق ئۇنداق ئەمەس ،سەن مىنىڭ ياخشى دوستۇم .سەندەك دوستۇمنىڭ بارلىقىدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىمەن.
-ياق ،ياق شەمشىنۇر  مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئۇ ئەمەس .
-شۇنداقمۇ؟دىدىمغۇ مەنمۇ سىنى ياخشى كۆرىمەن.
ئاھ خۇدا يۈرىكىم يىرىلىپ كەتمىگەيسەن .تىخى خۇشاللىق ئالدىڭدا.6 يىل كۈتكەن جاۋابنى ئاخىر ئاڭلىدىم. بىراق قانچە تىز خۇش بولغان بولسام شۇنچە تىز قايغۇغا چۆمدۈم.
-بىراق كەچۈر، قەيسەر.  مەن ھازىر ئامالسىز سەنمۇ مىنى كۈتۈپ ئاۋارە بولما.
-نىمىشقا شەمشىنۇر ،؟نىمىشقا؟ .ئىيتقىنا ،زادى نىمىشقا؟
-كەچۈر.
خۇدا ، تۈگىدىممۇ؟ شەمشىنۇر ۋىجدانىڭ بىلەن كەسكىن بىر جاۋاپ بەرگىنە زادى مۇمكىن ئەمەسمۇ ؟ مەن پەقەت مۇشۇنچىلىك سورىيالايدىكەنمەن. بىر ئىيتقىنا .
-كەچۈر قەيسەر ،مۇمكىن ئەمەس بىز بىر يولدا ئەمەس .بىراق مەن يىنە ئويلىشىپ بىقىپ جاۋاپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
-ياق ھازىر جاۋاپ بەر ئوتنىڭ تىشىدا كۆيگىچە ئىچىدە كۆيەي .مەن ساڭا بەرگەن ۋاقىت يىتەرلىكقۇ؟ مىنىڭ مۇھەببىتىم شۇنچىلىك ئىككىلەنگۈدەك مۇھەببەتمۇ؟سەن مىنى چۈشىنىسەن ئەزەلدىن كەسكىن بوپ ياشاپ كەلدىم.بۈگۈنكىدەك غەيرەتمۇ ماڭا ئاسانغا كەلمىگەن. سەن چۈشىنىسەن.
-بىراق راسلا ئامالسىزمەن ،سىنى ئوشۇق ساقلىتىپ كىيىن ئازابلىغۇم يوق.كەچۈر قەيسەر.
شۇ تەرىقىدە 3-4 سائەتچە ئىتىشتۇق جاۋاپ بىرلا .[كەچۈر]
كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ مۇز بوپ قاتقان ،كۆزلىرىم چىمچىقلاشنىمۇ ئۇنۇتقان ئۈستىۋىشىم ئاپ قارغا كۆمۈلگەن.شۇ تاپتا بىر ھازىدارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم .ئىقتىسادى ئەھۋالىمنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي ئالغان ،ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈچۈن سىتىۋالغان 1400 يۇئەنلىك تىلفۇنۇمنى دەرياغا چۆرىدىم.ئۇنىڭ كىيىنكى ئاۋازلىرى سۇغا چۆكمەكتە .ئۇنىڭ بولغان سۆيگۈم ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى بىلەن قوشۇلۇپ يۈرىكىمنىڭ قىتىغا مۇنداقچە ئىيقاندا قەلبىمدىكى مۇھەببەب گۆرىگە  شۇڭغىماقتا.
كۆكەرگەن كالپۇكلىرىم بىرلا ئىسىمنى يادلايدۇ...شەمشىنۇر.....شەمشىنۇر....
سوغۇقتا قۇلاق تۈۋۈمدە قاتقان قولۇم بىر ھەيكەلنىڭ قولىدەك كۆكتە لەيلەپ تۇرماقتا ،،، قار ئاستىدىىكى پۇتلىرىم بۇ ئەزەز دەرياغا يىلتىزلاپ كەتكەندەك مىدىر -سىدىر يوق. كۈنمۇ ئۆچتى .قەلبىمدىكى قوياشمۇ پاتتى. ئەتىدىن باشلاپ كۆتۈرۈلگەن قوياش مىنىڭ ھاياتىمدا ئەمدى ئۇنداق نۇر چاچمايدۇ.
نىدالىرىم جانسىز ياڭرىماقتا.....
ئىھ جانابى ھەق ئىنسان ئارىسىغا ئىشىقنىمۇ سەن سالغانغۇ؟مەن بۇ يولدا ئەزەلدىن دىنىمغا -ئىسلامغا - ساڭا  يۈز كىلەلمەيدىغان قەدەمنى باسمىغانىدىمغۇ؟ مۇھەببەتكە ئىسلام نۇقتىسىدىن،ئەخلاق -شەرمى ھايا نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلغانىدىمغۇ؟ ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ،دىدارسىز كۆڭۈللەرنى مەقسەتكە يەتكۈزگۈچى، سەن ھەقىقەتەن ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن. كىيىنكى تەغدىرىم يەنە سىنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سىنىڭ ماڭا بەرگەن ھەر بىر دەقىقەڭ مىنىڭ تەلىيىمدۇر.كۆز ياشلىرىمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن.يىشىمنى پىنھاندا ئاققۇز ھەرگىز دوس -دۈشمىنىم ئالدىدا،قىيامەتتە ئاققۇزمىغىن.
قاچانلاردا قايتقىنىمنى بىلمەيمەن .شۇ كۈندىن باشلاپ چىرايىمدىن تەبەسسۇم ئۆچكەن ،ئىمانىم سۇسلاشقان ھالەت مەندە شەكىللىنىشكە باشلىدى. تامىقىممۇ كۈدىن -كۈنگە ئازلاپ كەتتى. كۆز ئالدىمدا بىرلا سىما.قۇلاق تۈۋىمدە بىرلا ئاۋاز . مەندىن يىراقلاۋاتقاندەك.

  خاتىمە ئورنىدا ؛ شۇندىن كىيىن 6 يىلنى قانداق ئۈمىد ،قانداق پاكلىق ،قانداق خۇشاللىق بىلەن ئۆتۆۈزگەن  بولسام 6 يىلنى دەل ئەكسىچە ئۆتكۈزدۈم.
خاتىمە 2؛ بۇ بىر  ئەڭ يىقىن دوستۇمنىڭ ئەينەن مۇھەببەت ھىكايىسى. چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن بىرىنجى شەخىس تىلىدا بايان قىلدىم.توغرا چۈشىنەرسىلەر.

2010.يىلى 9.ئاۋغۇسىت    ئۈرۈمچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83940
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2012-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 10:37:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلچىن ،بارغانسىرى ھېكايە يوللاشقا ئۇستا بۇلۇپ كىتىپ بارىسىز جۇمۇ...............

لىكىن ئاخىرىنى تازا ئاڭقىرالماي قالدىم،قىز ئاخىرىدا يىگىت بىلەن كۈرۈشمەيدىغان ئوخشىمامدۇ........

غالىپلارچە ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 419
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11794
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2498 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 11:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىسىغۇ ياخشى قۇيۇلۇپتۇ بىراق، سەللە يوغان ئىمان يوق، دىگەندەكلا بىر ئىش بوپتۇ. بۇ تېمىنى تەستىقلاشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەندۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlgaNazar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 11:03 AM  


غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايسەن.

كىيىنكى پۇشمان ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3573
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 965 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 11:24:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېي رەببىم ،بەندىنى، بەندىگە خارۇ _ زار قىلمىغايسەن!

دۇئا _ رەخمەت ئىشىكلىرىنىڭ ئاچقۇچى،مۆمىنىنىڭ قۇرالى،دىننىڭ تۆۋرۈكىدۇر.
دۇئا _ ئىبادەتتۇر،ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5368
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 03:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ چۈشەنمىگەن ھەم ئەڭ قىززىققان يىرىم ئۇ قىزنىڭ كىيىنكى قىسمىىتى تورغۇلۇق ئازراق توختالغان بولسىىڭىز؟ ئۇ نىمىشقا مىنى كەچۈرلا دەيدۇ؟ ئىپپىتىنى يوقاتقانمۇ ياكى باشقا بىرىگە ماقول دەپ بولغانمۇ ياكى ئۆيدىكىلىرى باشقا يەرگە بەرمەكچىمۇ؟ مۇشۇ نوقتىلارنى ھەل ئىنىقراق يازغان بولسىڭىز ؟

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6334
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 04:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئۇقىزمۇ ئۇقۇپ خانىم بولاي دىگەن ئوخشايدۇ،ئا بالىنىڭ خىزمىتى يوق ئوخشايدا شۇنىڭ بىلەن شۇ ياراتمىغان چېغى ۋا...................شۇنداما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3448
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 06:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 04:49 PM
مىنىڭچە ئۇقىزمۇ ئۇقۇپ خانىم بولاي دىگەن ئوخشايدۇ،ئا ب ...

مەنمۇ سېز ئويلغاندەك ئويلغان .چۈنكى ...  مەنمۇ شۇنداق ئېشقا دۇچار كەلگەن ،دەل سېز ئويلغاندەك،چۇنكى بېز بېكارچى ،يەنى ئالي مەلۇماتلىق ئەمەس.شۇڭا ... ئۇ كەچۈرلا دېيەلەيدۇ.چۈنكى ئۇساغقا ئارپا نېنى باھانە .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئىنكاسلاردىمۇ دوستلار بىلەن بەھىرلىنىڭ

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83863
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3045
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:40:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلار مىنىڭ بۇ ئەسەرنى شۇنداقلا توختىتىشتا ئامالسىز قالىدىغان يەرلىرىم بار .ئىنكاستا سىلەر بىلەن بىرگە بولۇش مىنىڭمۇ ئارزۇيۇم.بۇ بىر ھەقىقى رىئال ھىكايە بولغاچقا يالغاندىن توقۇغۇم كەلمىدى. دوستۇممۇ ئاخىرىنى سۆزلەشكە ئاجىز كەلدى .چۈنكى راس گەپ نى نوچىنىمۇ چىچاڭشىتىۋىتىدۇ. ئۇ دوستۇمممۇ ھازىر بىر بىكا تالاپ ئەمەس .بىر كەسىپتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىۋاتقان دادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 09:23:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى يىزىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ  بوغۇپلا قويۇپسىز ئەسەرنى

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش