|
|
|
|
ئەي قىز،ساڭا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
سېنىڭ تىكىلگەن كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمنىڭ چەكسىزلىكىگە يېشىلمەس سىرلارنى كۆمۈپ قۇيىدۇ،مەن ئاشۇ سىرلار ئىچىدىكى مەنالارنى يىشىش ھەلەكچىلكىدە تىركىشىمەن.لەۋلىرىڭدىن بالقىپ چىققان تاتلىق كۈلكەڭ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ مەسىتخۇشلۇق پۈتۈن جىسمىمغا تارايدۇ.ماگمىدەك ئىللىق ئېقىن تۇمۇرلىرىمدا كۈۋەجەپ ئاققاندا قەدەملىرىم ئۆزىنىڭ يۈنلىشىنى سەزمىگەن ھالدا ساڭا ئەگىشىدۇ.سېنىڭ لەرزان قەدەملىرىڭ كۈلبەڭ ئالدىغا يەتكەندە مەن بۇسۇغاڭ سىرتىدا ئۆزۈم يالغۇز غېرىپسىنىپ قالىمەن.يۇلتۇزلار چاراقلىشىپ ئۈستۈمدە پەنەر ياندۇرىدۇ،مەن يانچۇق نىيىمنى ئېلىپ سەن ئامراق كۈيگە چالىمەن.سەن دېرىزەڭ سىرتىدىن جىسمىڭنى سۆيۈپ تۇرغان نۇر ئېقىمى ئىچىدە تاتلىق ئۇيقۇغا مەلەك بۇلىسەن.مەن كەمپۈتتەك تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈلۈپ سېنىڭ ئويغۇنشىڭنى كۈتىمەن،كۈتۈش تەكرارلىقىدا بىدىلىك بېغىڭنى سەيلە قىلغاچ ساڭا ئاتاپ تەرگەن قۇياش گۈللىرىنى تەكچەڭ ئۈستىگە بىر-بىرلەپ تىزىپ چىقىمەن.تاڭ خۇرىزى چىللىغان دەملەردە ئىشىكىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۆزۈڭگە ناتۇنۇش يىگىتنى غەرىق ئۇيقۇلۇق ھالەتتە كۆرىسەن.چېھرىمدىكى سۇلغۇنلۇق سېنىڭ ھېسداشلىقىڭنى قوزغايدۇ.قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى چاقىرماقچى بۇلسەنيۇ مېنىڭ ئىسمىمنى نىمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالىسەن.مەن سېنىڭ ئىشىك ئالدىغا چىققانلىقىڭنى تۇيماي بىخىرامان ھالەتتە ئۇخلاۋىرىمەن.كېچىدىن بېرى ساڭا ئېيتىشنى دىلىمغا پۈكۈپ يادا بۇلۇپ كەتكەن قەلىب سۆزلىرىم ساڭا سىر پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ.سەن ماڭا ئۇزاق تىكىلگەندىن كىيىن تاڭ قۇياشى ئىللىق نۇر چاچقان چەكسىزلىك قوينىغا ئۇزاپ كېتىسەن.مەن ئويغانغان چېغىمدا ئىشىكىڭ قۇلۇپلانغان ھالەتتە بۇلىدۇ.ئەلەمزېدە بولغان يۈرىكىم پىغانلىق ئاھاڭدا سۇقىدۇ.سېنى كۈتۈپ بۇلالماي ئۇيقۇغا كەتكەن ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىمەن.سېنى يۇقۇتۇپ قۇيغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە قەغىشلىك قىلىمەن.زارلىنىشلىرىم ھېچنىمىگە دال بۇلالمايدۇ،يوقلۇق ئىچىدە قالدۇرۇپ قويغان چېكىم ئىزىلىرىڭنى بۇيلاپ سەن تامان يۈرۈپ كېتىمەن.قەدەملىرىم ساڭا ئەگىشىدۇ،يوقۇتۇپ قويغان ساڭا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ.ئەي قىز،مەن سېنى سۆيىمەن،بارلىقىم بىلەن ئەبەدىلئەبەد سۆيىمەن.
2012-يىل 9-ئاي 8-كۈن (مارالبېشى)
مەنبە:ئجادى ئەسەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا @OTKAX@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 10:50 PM
|
|
|
|
|
|