مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3623|ئىنكاس: 35

مۇئەللىم نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز !!!؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 08:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     كۆزلىرىدىن ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ ئېغىر سومكىللىرنى يۈدۈپ مەكتەپكە ماڭغان سەبىيلەرنى ئۇچراتقىنىمدا ،ئىختىيارسىز خىجىللىق ھىس قىلىدىغان ،ئۇقۇتقۇچى بولغۇنىمدىن نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە كىلىپ مۇئەللىم بالامنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى قانداقراق ئۆگىنىش ئەھۋالىچۇ ؟دەپ سۇرسا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي تىلىم كالۋالىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.بىر ئاينىڭ ئالدىدا بولسا ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە باللىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۇراپ قالسا ئاغزى -ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كىتەتتىم ،ئاتا-ئانىلارمۇ رازىمەنلىك باش لىڭشىتىپ ،خۇددى مەن ئىيىتقان بۇيچىلا بالىنى يىتەكلەيدىغان بولسا بالسى پات ئارىدىلا  ئالىم بولۇپ كىتىدىغاندەك خۇشال بۇلۇپ قايتىشاتتى.ئەپسۇس !بىر ئاي بۇرۇنقى بىر ئائىلە باشلىقى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كىيىن مەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراشتىن ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىششتىن نۇمۇس قىلىدىغان ھەتتا ئۆزۈمنى قاچۇردىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم .سۆھبەت مەزمۇنى مۇنداق .
مۇئەللىم ،مەن بۈگۈن بالامىنى مەكتەپتىن يۆتكىگىلى كەلدىم ،بولسا رەسمىيەتلىرىنى تىزرەك بىجىرىپ بەرگەن بولسىلا ،بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن باشقا يۇرتقا كۆچمەكچى شۇڭا بالىنىڭ ئوقۇش ئىشىنى ئالدىن بىجىرەي دىگەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم .دە-سۇرىدىم .بالا شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىدىغۇ ؟بىزدىن رازى بولمىغان بولسىلا ،بىز تۈزەتسەك بۇلىدۇ ،سىلىنىڭ باللرى سىنىپىمىز بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا ،بۇنداق ئوقۇغۇچى قولدىن كەتسە بىز مۇئەللىملەر ئەلۋەتتە چىدىمايمىز ،ئەگەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق بولسا...................گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگمەيلا ،بۇ ئادەم ماڭا قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى .
  -بولدى ،تۇلا كاپشىماڭ .ماڭا ياردەم قىلىمەن دىگۈچە ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىڭ ،سزگە ئوخشاش ساختىپەزلەر باشقىلارغا ئەمەس ئۆزىگىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ.ماڭا ئەمدى بۇ يۇرتنىڭ نېنى ھارام .بالامنى يۆتكەپ بەرسىڭىز بىرىڭ بولمىسا كىتىۋىرىمەن ،ئش قىلىپ ئەمدى مەكتەپتە بالا ئوقۇتۇشتىن تويدۇم دىگىنىچە بالىسىنى ئېلىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى.
  توۋا شۇنداق ئوبدان ئوقۇۋاتقان بالىنى ئېلىپ كەتتىغۇ ؟بۇ ئادەم باللىرىنى مەكتەپتە ناھايتى ياخشى ئوقۇتاتتى ،قىزىمۇ مەندە 3يىل ئوقۇغان ھازىر تۇلۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدىغۇ دەيمەن ،شۇ قىزنىمۇ ناھايتى ياخشى ئوقۇتقان ،قىزىمۇ ھەريىلى يىزا بۇيچە"ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "،"مۇنەۋۋەر پىئونىر "بولۇپ ئوقۇغانتى ،ئەجەپ ئوغلىغا كەلگەندە بۇنداق دەيدا؟ئويلىغانسىرى كاللامدىن ئۆتمەيتتى،ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيىگە باردىم .بارسام ئۆزى يوق ئايالى بار ئىكەن ،كەلسىلە مۇئەللىم دەپ ئۆيگە باشلىدى،ئاز تۇلا چاي ئىچكەندىن كىيىن سورىدىم .رۇزىكام كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ ئايال بىر ئاز تۇرۇپ كىتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا :ماشىنا ئۇقۇشقىلى كەتتى ،دىدى.
  نىمە قىلىسىلەر ماشىننى ؟زۆرۈر بولسا مەن ئاغىينىللىرىمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىلەيمۇ يا؟
  -ياق ،مۇئەللىم ،بىز بۇيۇرتتىن كۆچۈپ كەتمەكچى ،شۇڭا چوڭ ماشىنا تېپىپ كەلگىلى كەتتى .
-توۋا دىسىلە زورىخان ئاچا ،سىلەر مەن تۇغۇلسام مۇشۇ يۇرتتا بار ئىكەنسىلەر ،ئۇرۇق-تۇغقان دوسىت يارەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە تۇرسا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئاناڭلار ياشنىپ قالغان تۇرسا ،ئەمدى كۆچۈپ نىمىمۇ قىلارسىلەر .گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگمەي تۇرۇپ زورىخان ئاچام بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .بولدى سۆزلىمىسلە مۇئەللىم .بىزنىڭ بۇ يۇرتتا تۇرغۇدەك يۈزىمىز قالمىدى .سىلىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بالىسغا ئوخشاش ،بىزنىڭ ئادەمنىڭ خۇينى ئوبدان بىلىلا ،ئۇ ئادەم يۈز-ئابرۇينى ھەممىدىن ئۈستۈن قۇيىدىغان ئادەم ،بۇنداق نۇمۇسنى كۆتۈرۈپ بۇيۇرتتا تۇرالمايدۇ.
زورىخان ئاچا ،يىغلىماي دىسلە زادى نىمە ئىش بولدى بۇنچە قىلغۇدەك ؟
  زورىخان ئاچام بىر ھازا يىغلاپ بولغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى ،بالام سىزمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا چوڭ بولغان ،ئاخىرى يەنە مەھەللىمىزدىكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدىڭىز ،مەھەللىمىزدىكى ھەممەيلەن سىزدىن پەخىرلىنمىز ،چوڭ -كىچىك ھەممەيلەن سىزنى ھۆرمەتلەيمىز ،چۈنكى سىز مەھەللىمىزدىن چىققان بىردىن بىر ئوقۇتقۇچى ،سىز ياخشى ئوقۇپ "جىگدە ياغچى بادرا بولماس،دېھقان بالىسى كادىر(بولماس)"دىگەن تەمسىلگە خاتىمە بەرگەن ئىدىڭىز ،شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممەيلەن باللىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇشقا تىرىشتۇق ،قىزىم 3-سىنىپقا چىققان يىلى سىز خىزمەتكە چۈشىڭىز ،ھەمدە قىزىمغا سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ دەرس ئۆتتىڭىز ،قىزىم شۇنداق ياخشى ئوقۇغان ،بىزمۇ ،سىزمۇ شۇنداق چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن ئىدۇق .ئەپسۇس...................زورىخان ئاچام گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي يەنە يىغلاپ كەتتى .يىغلىمىسلا قىزلىرىغا زادى نىمە بولدى ؟قىزىم ............ئۇ ..........بىر نائەھلى بىلەن قېچىپ كەتتى.
نىمە ......!؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .توۋا .بىر ۋاقىتلاردا سۇئال سۇرسام تۇمۇچۇقتەك سايراپ ،ھەربىر سۇئالغا شۇنداق جانلىق توغرا جاۋاپ بىرىدىغان ،مەكتەپتە مەنلا ئەمەس پۈتۈن ئۇقۇتقۇچىلار بۇ قىز كەلگۈسدە چۇقۇم ياراملىق ئوقۇتقۇچى بۇلىدۇ دەپ يۈرگەن قەدىرىيە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .ئۆز قۇلىقىمقا ئىشەنمەيلا قالدىم .ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىشك جالاققىدە ئېچىلىپ ،رۇزىكام كىرىپ كەلدى ،دە- مىنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى ،ھە ھەممىنى ئالدىن بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا ئۇكام ،كەلگۈسىدە ئۇقۇتقۇچى بۇلىدۇ ،ماڭا ئوخشاش مەھەللىمىزنىڭ باللىرىنى تەربىيلەيدۇ دەپ ماختىغان قەدىرىيە نىڭ تاماششاسىنى كۆرەي دەپ كەلدىلىمۇ ؟خەقنىڭ مازاق قىلغىنىمۇ يىتەر بەزدەك قاراپ ئولتۇرماي كۆزۈمدىن يۇقالسىلا ،سىلەردەك ئالدامچىلارنى ئەمدى كۆرەر كۆزۈم يوق .......سەنمۇ ماڭقاڭنى تارتىپ بۇ ئالدامچىغا دەرت تۆككىچە نەرسىلەرنى يىغىشتۇرساڭ بولمامدۇ .قۇپە ماڭ ،رۇزىكام شۇنداق دىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .مەنمۇ ئاستا سىرىتقا چىقتىم .دەرۋازا ئالدىدا بىر يۈك ماشنىسى تۇراتتى .بۇلارنىڭ تۇغقانلرىنىڭ ھەممىسى يىغلىپ بولغان ئىدى،سىرىتقا چىقشىمغا ھەممسى خۇددى بىر جىنايەتچىگە قاراۋاتقاندەك نەزەر بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى، مەن نىمە ديشىمنى بىلەلمەي ئاستا قايتتىم .
  كىيىن ئاڭلىسام رۇزىكامنىڭ تۇلۇقسىز 3-يىىللىقتا ئوقۇۋاتقان قىزى سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى بىلەن قېچىپ كىتىپتۇ ،بۇلار بىر نەچچە ھەپتە ئىزدەپ قىزىنىڭ بىرسى بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ ،ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلارنى قايتۇرۇپ كىلىپ رۇزىكامنىڭ ئالدىغا چاي قۇيۇپتۇ ،بىراق رۇزىكام مىنىڭ بۇنداق قىزىم يوق ،سىلەرگە بىرۋەتتىم ،كىلىن قىلساڭلارمۇ مەيلى ،ھەيدەپ چىقىرۋەتسەڭلەرمۇ مەيلى ،دەپ تۇرۋاپتۇ ،رۇزىكامنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنداق قىلساق قىزىڭنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قۇيسەن دەپ ئۇغۇل تەرەەپنىڭ داستىخانىنى قۇبۇل قىلىپ تۇيىنى قىلىپ قۇيۇشقا قۇشۇلۇپتۇ ،بۇ ئەلەمگە چىدىيالمىغان رۇزىكام تۈنۈگۈن قىزىنىڭ تۇيىنى قىلىۋىتىپ بۈگۈن كۆچۈپ كىتىشكە تەييارلىنىپتۇ . شۇنداق قىلىىپ رۇزىكام ئائىلىسى بۇيىچە يۇرتتىن كۆچۈپ كەتتى.بىراق رۇزىكامنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرى قەلبىمنىڭ بىريىردە پارازىت قۇرۇتتەك ئۆمىلەپ مىنى ئازاپلىماقتا ئىدى.پىراكتىكا ،ۋاقىتلىق ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقىتلىرىمنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 9يىل بولۇپ قالدى ،بۇ 9يىل جەرياندا مەن ساختىپەز .ئالدامچى دىگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتىم .مەن ئوقۇتقۇچى بولغان كۈنۈمدىن باشلاپلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۇرتىمىزنىڭ باللىرىنى ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم ،ئەپسۇس ،تېخى بىرەر ئوقۇغۇچىممۇ تۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ ،ئالدامچى ،ساختىپەز ئاتىلىپ قالدىم .توۋا باشلانغۇچتا شۇنچە ياخشى ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى تېخى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ ؟ بۇ بالىلار زادى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟بۇلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆزۈم باشلانغۇچتا تۇنجى تەربىيلىگەن ،يەنى قەدىرىيەنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم ،شۇ ۋاقىتتا 26نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن تۇلۇقسىزغا ئاپرىپ بەرگەندىم ،بۈگۈن ئۇ سەۋەپ ،بۇ سەۋەب بىلەن مىنىڭ ئۆيۈمگە 17نەپەر ئوقۇغۇچى يىغلىپتۇ ،مەن بۇلارغا چاي قۇيغاچ ئانچە ،مۇنچە چاخچاق قىلدىم ،بىراق بۇلار خۇددى گۇناھكارلاردەك جىمجىت ئولتۇردى ،بىرەرسىمۇ گەپ قىلمايتتى ،چايدىن كىيىن قىزلار بىز خانىمغا ياردەملىشىپ تاماق ئىتەيلى دەپ چىقىپ كەتتى .ئوغۇللارلا قالدى ،بۇلار قىلغىلى گەپ تاپالماي تۇرغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى سىنىپ باشلىقى گەپ ئاچتى .
-مۇئەللىم ،تاماق پشقىچە بىز چىقىپ دادىڭىزنىڭ ئىتىز ئىشلرىنى قىلىشىپ بىرەيلىمۇ ؟ئۇ شۇنداق دىيشىگە باشقىلارمۇ تەڭلا شۇنداق مۇ ئەللىم .شۇنداق قىلايلى ،سىز ئارام ئىلىپ تۇرۇڭ بىز چىقىپ دادىڭىزغا ياردەملىشەيلى ،دىيىشتى ،
  بۇلارنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتقىنى ئېنىق ئىدى ،چۈنكى نەچچىسنىڭ ئۆيىگە ئۆزۈم بىرىپ ئىلىپ كەلگەن ئىدىم .بولدى ،ئولتۇرۇڭلار ،بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن پاراڭلىشش ئۈچۈن بۇ ئۆيگە چاقىرىپ كەلدىم .گەپنى ئۇچۇقلا دەي ،قەدىرىيەنىڭ ئىشى مىنى بەكلا ئۇسال قىلدى ،شۇڭا سىلەردىن بىر قىسم ئەھۋاللارنى سۇرىماقچى ،راستچىللىق بىلەن جاۋاب بىرشىڭلارنى ،كۆڭلۈڭلەردە قانداق گەپ بولسا ئوچۇق دىيىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ،بىز ئاكا-ئۇكلارغا ئوخشاش شۇڭا ئەركىن ئازادە سۆزلەڭلار ،شۇنداق دىگەچ قىزلارنىمۇ چاقىرىپ كىردىم ،دە -سۇرىدىم .
ھەممىڭلار شۇنداق ياخشى ئوقۇغان ،بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئەينى ۋاقتتا سىنىپىمىزدا ئەڭ ياخشى ئوقۇغانلار ئىكەنسىلەر .ئۇنداقتا دەپ بېقىڭلار ،تۇلۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن قانداق ئوقۇدىڭلار ؟نىمە ئىشلارنى قىلدىڭلار ؟قەدىرىيە نىمە ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن ئەقىللىق تۇرۇپ ،ئاشۇنداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى ............؟
بۇ سۇئاللارغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش جاۋاپ بەردى .
بىرىنچى ئوقۇغۇچى :
  مۇئەللىم سىز دىگەندەك بىز باشلانغۇچتا ناھايتى ياخشى ئوقۇدۇق ،نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمۈدلەر بىلەن تۇلۇقسىزغا چىقتۇق ،بۇ يەردە بىزگە ھەممە دەرسنى سىز ئۆتكەن بىلەن تۇلۇقسىزدا ئۇنداق ئەمەسكەن .(بىزنىڭ كەنىت دەرجىلىك باشلانغۇچتا ھازىرمۇ كەسىپلىشش تۇلۇق ئەمەلگە ئاشمىدى)كۈندە نەچچە خىل ئوقۇتقۇچى كىرىپ دەرس بىرىدىكەن ،بىز يىڭى بارغاندا بۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ خۇي -پەيلىنى چۈشىنىپ بولغۇچە بىر مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ قالدى .بۇ جەرياندا سىنىپ مەسئۇلىمىز ئانچە -مۇنچە سىنىپ يىغنى ئېچىىپ ،بىزنىڭ پەقەت مەكتەپكە تۇلۇق كىلىپ ،كۈندە ئېلىندىغان ئۈچ ۋاخ سانغا تۇلۇق قاتنىشىپ بەرسەكلا بۇلىدىغانلىقىمىزنى ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بارلار تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققاندا دەرىسلەرنى تىرشىپ ياخشى ئۆگەنسە بۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى،بىز پەقەت مەكتەپكە تۇلۇق كىلىپ سانغا تۇلۇق ئۆتسەكلا باشقا ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس.ئىمتىھانمۇ ئانچە چىڭ ئەمەس ،باشلانغۇچتىكىدەك ،بىز تۇنۇمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار كەلمەيدۇ،ئىمتىھانغا تۇلۇق قاتنىشىپ بەرسەكلا قالغان ئىشلارنى مۇئەللىملەر ئۆزلىرى ئوڭشايدۇ.
ئىككىنچى ئوقۇغۇچى:
  بىزگە دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ياش كۆپ قىسمى بويتاق ،بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىن قورقىدۇ ،دەرس ۋاقتىدا ئوينىساق گەپ قىلالمايدۇ ،گەپ قىلسا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇرشىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كىلىپ مەكتەپتە جىدەل قىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بىز بىلەن ئانچە كارى يوق ،دەرس ۋاقتىدا كىتابنىڭ پالانە بېتىنى سىزۋېلىڭلار ،پۇستانە بەتنى يادلىۋېلىڭلار دەپ قۇيىدۇ ،بىۋمۇ ھە دەپ قۇيىمز،قالغان ۋاقىتلاردا تىلىفۇندا سۆزلىشىدۇ ياكى ئۇچۇر يوللاپ ئولتۇردۇ.بىر قىسىملىرى تىزس يازىدۇ.بىرقىسىملىرى ئۇخلايدۇ........................
ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى :
  بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە خانىملار(ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى دىمەكچى )بەك كۆپ ،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ،بويتاق ،ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيمىنى دىمەيلا قۇيايلى ،بىركۈنى مىنىڭ دادام مەكتەپكە خانىم كۈرۈشكىلى كىلىپ قالدى ،خانىمنىڭ كىيۋالغان كىيمىگە قاراپ مەيداندىلا پۈتۈن ئوقۇتقۇچى بار يەردە ،مەن بۇنداق جالاپ چىراي بىر نىمىدە قىزىمنى ئوقۇتمايمەن ،بۇ ساراڭ ئوقۇغۇچىلارغا نىمىنى ئۆگىتىدۇ ،يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشنىمۇ ؟بۇ مەكتەپتە ئەخلاق تەربىيە دىگەن نەرسە بارمۇ يوق دەپ بىرمۇنچە جىدەل قىلىپ مىنى مەكتەپتىن ياندۇرۇپ كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن 1ئايغىچە مەكتەپكە ئىبەرتمىدى ،بىر كۈنى بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى ئۆيىمىزگە كىلىپ ئۇ ئوقۇتقۇچىنى سىنىپ مەسئۇللىقىدىن قالدۇرغانلىقنى ،يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ مىنى مەكتەپكە ئاپاردى ،مەكتەپكە بارسام ھىلىقى خانىم سەن مەتۇنىڭ دادسى كىلىپ قالايىمىقان سۆزلەپ خالىغانچە كىيەلمەيدىغان بولدۇق دەپ بىر مۇنچە تەنقىدلىدى ،راسىت دىگەندەك مەكتەپ ئىچىدە خىزمەت كىيمى كىيىش تۈزىمى قاتتىق يولغا قۇيۇلۇپتۇ .شۇنداق بولسىمىۇ يەنە بىر قىسىم خانىملا ركىيىشىنى ئۇنتۇپ قىلىپ جەرىمانە تۈلەپ يۈرۈپتۇ ،ئۇلار ھەرقىتىم جەرىمانە تۈلىگەندە ھىلىقى خانىم كىرىپ مىنى تىللاپ قۇياتتى ،شۇڭا مەكتىپىمىزدىكى بىر قىسىم قىزلارمۇ شۇ خانىملارنى دوراپ كىيىشنى ،گىرىم قىلىشنى ئۆگەندى،ياشتا چوڭ خانىملار ،ئەر مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىرىم قىلىشغا يول قۇيۇلمايدىغانلىقنى تۇلا سۆزلەپ ھاردى ،شۇڭا قىزلار مەكتەپكە ياسىنىپ كىلىدغان بولدى .
تۆتىنجى ئوقۇغۇچى :
  مەكتەپتىكى بىر قىسىم خانىم مۇئەللىملەر سىنىپتىن چىقىپلا بىر-بىرنى چىمدىشىپ چاخچاقلىشىپ ئىشخانىللرىغا ماڭىدۇ،سىنىپتا تىلىفۇندا ئادەم دىيشتىن خىجىل بۇلىدىغان گەپلەرنى قىلىشىپ چاخچاقلىشىپ ،كەچتە نەلەردىدۇ كۆرۈشۈشنى دىيشىپ خوشلىشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ تىلىفۇن ئالدۇق ،ئوقۇتقۇچىلار قۇلىغا تىلىفۇن ئېلىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن تىلىفۇنلىرىمىزنى چىقىرىپ سۆزلىششكە ياكى ئۇچۇر يوللاشقا باشلايمىز ،بىر قىتىم مەكتەپ مۇدىرىمىز كىرىپ قىلىپ ھەممەيلەننى مەيدانغا ھەيدەپ چىقاردى ،ھەمدە مەكتەپ بۇيىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ تەنقىد قىلىپ ھەممەيلەننىڭ تىلىفۇنىنى تىغۋالدى ،ھىلقى خانىمنىڭ بىر ئايلىق ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قىلىش ،بىر ئىشخانا تازلاش قاتارلىق جازالارنى بىردىغانلىقىنى ئىلان قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تىلىفۇن ئشلىتىشنى مەنئىي قىلىدىغانلىقنى كىم تىلىفۇن ئشلەتسە يىغۋالدىغانلىقنى ئۇقتۇردى ،بىراق بۇ ئىشمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.تىلىفۇن يەنە ئوقۇغۇچىلاردا تۇرىۋەردى ،چۈنكى بىر نەچچە مەكتەپ رەھبەرلىرى نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىغا يىتىشىپ بۇلالمايدۇ-دە.
   بەشىنچى ئوقۇغۇچى:
  ياش ئوقۇتقۇچىلار (بويتاق)نىڭ ھەممىسىنىڭ مۇھاببىتى بار ،ئۇلارئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن مەكتەپ گۈللۈكلىرىدە ،ياتاقلىرىدا بىر-بىرىگە بولمىغۇر قىلىقلار بىلەن مۇھاببەت ئىزھار قىلىشىدۇ ،بىز ئاخشاملىرى تەكرار قىلغاندا ياكى ھاجەتخانىغا ماڭغاندا بۇنداق ئىشلارنى ئۇچىرتىپ قالىمىز ،بىر كۈنى سىنىپىمىزدىكى مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى بىر جۈپ ئەرئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ياتاقتا ناشايان ئىش قىلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ قاپتۇ،ئەتسى خانىم دەرىسكە كىرشىگە ئۇ ئوقۇغۇچى ئوتتۇردا مىڭىپ ئويندى،خانىم ئۇنى ئولتۇر دىدى ،بىراق ئۇ مەن ئولتۇرالماي قالدىم دىدى،خانىم نىمىشقا دىيشىگە ،سىز ئاخشام ياتىقىڭىزدا پالانى مۇئەللىمنىڭ تىگىدە ئىڭراۋاتاتتىڭىز ،مەن كۆرۈپ چىدىيالماي قالدىم ،شۇڭا بۈگۈن كەچتە ماڭا ماقۇل دىسىڭىز ئاندىن ئولتۇراي ،دىدى،خانىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى ،بىز ئەمدى بۇ ئۇقۇغۇچىنى ئوقۇغۇچىلار بۈلۈمدىن چاقىرتىدىغان بولدى ،دەپ ئويلىدۇق ،بىراق ھىچ ئىش بولمىدى ،ھىلىقى خانىم يۇقاپ كەتىتى،كىين ئوقساق تۈۋەن يىللىققا دەرس بەرگىلى تۇرۇپتۇ .بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ،دەرستىن چۈشتىمۇ بولدى ،بىر-بىرنى قولتۇقلىشىپ كۆزئالدىمىزدىنلا ئۆتۈپ كىتىدۇ ،بىر قىسىملارنىڭ شۇپۇر مۇھاببتى بار ،ئۇلار مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇرشىدۇ.خانىملار ئىشتىن چۈشۈپلا دەرۋازا ئالدىغا چاپىدۇ.بۇلارنى كۆرۈپ بىزمۇ چدىمىدۇق ،قىسقىسى .مۇئەللىملەر شۇنداق قىلىۋاتقان يەردە بىز نىمىشقا شۇنداق قىلمايمىز دەپ بىز مۇھاببەتلەشتۇق .
  شۇنداق مۇئەللىم بىز ھەقىقەتەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمىز ،ئاتا-ئانىمىزغا يۈز كىلەلمەيمىز ،بىز سىزگە،ئاتا-ئانىمىزغا يۈز كىلەلمەيدىغانلىىمىزنى قەدىرىيەنىڭ ئشىدىن كىيىن ھىس قىلدۇق ،سىز بىز نى چاقىرتقاندا بولسا نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇق .باشقىلار نىمە ئۈچۈن كەلمىگەندۇ دەپ ئويلىغانسىز ،ئۇلار ھەممىگە پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ كەتتى ،ئۇلار ھازىر قاۋاقتىن چىقمايدۇ،بۇنى كىم ئۆگەتتى دەمسىز ؟يەنە شۇ مۇئەللىم ،بىر نەچچە ياقا يۇرتتىن  كەلگەن ئوقۇتقۇچى بار ئىدى،ئۇلار ياتىقىدا يالغۇز زىرىكىپ دائىم بىرنەچچىسىنى چاقىرۋالاتتى ،دەسلەپتە تاماكىغا ،كىين ھاراققا بۇيرۇيدىغان بولدى،ئاخىردا بولسا بىرگە ئىچىدىغان ،بىرگە چىكىدىغان بولدى ،بۇنداق بىرگە ئىچىدىغان ،بىر گە چىكىدىغان ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ھازىر خىلى كۆپ ،ئوقۇغۇچىلار پۇل تاپسىلا مۇئەللىملەرنى چاقىرىپ بىرگە ئىچىدۇ ،ئەتىسى شەرەپ بىلەن مەن ئاخشام پالانى ،پۇكۇنى مۇئەللىم بىلەن ھاراق ئىچتىم دەپ ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلىشدۇ......................بولدى قىلىڭلار ،بالىلارنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرنى ئاڭلاشقا تاقتىم قالمىدى ،ئارنى جىمجىتلىق باستى .گەرچە ئەمدى ھىچنىمە ئاڭلىغۇم بولمىسمۇ يەنىلا قەدرىيەنىڭ ئىشىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى بىلگۈم كەلدى .
ئۇنداقتا قەدىرىيەنىڭ ئىشى زادى قانداق ئىش ؟
  كونا سىنىپ باشلىقى سۆزلەشكە باشلىدى ،قەدىرىيە دەسلەپتە ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى .سىنىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش باشلىقىمۇ بولغاندى .ئىككنچى يىللىققا چىققاندا مۇزىكا ئۆتىمەن دەپ بىر خانىم كىرىپ كەلدى ،بۇخانىمنىڭ كىينىشى ،گىرىم قىلىش ئامرىكا كىنولىرىدىكى ئاياللارغا بەك ئوخشايتتى،ھەتتا بىر نەچچە كەپسىز ئوقۇغۇچى نەچچە قېتىم بۇ خانىمنىڭ كۆكسىنى مايكىسىنڭ تېشىغا چىقىرۋەتكەن ئىدى.بۇ خانىم جايىل بولغاچقا ئاخىردا بىزنى ئۆزىگە بوي ئەگدۈردى ،بۇ خانىم سىنىپىمىزدا قەدىرىيە بىلەن ھىلىقى ئوغۇل بالىغا (قەدىرىيەنى ئېلىپ قاچقان )بەكلا ئامراق ئىدى ،بۇ ئىككىسىنى دائىم ياتىقىغا بەزىدە بىللە بەزىدە ئايرىم چاقىراتتى،تورخانىلارغا بىرگە ئېىلىپ باراتتى .قەدىرىيە مۇ بارغانسىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى ،دادىسىغا يالغان گەپ قىلىپ تىلىفۇن ئالدۇردى،دادىسى ھەرقىتىم نەتىجە سۈيلەپ كەلسە مۇزىكىچى خانىم ۋاي قىزىڭىز بەك بەلەن ئوقۇۋاتىدۇ دەپ يولغا سالاتتى.دىمىسمۇ قەدىرىيە نىڭ مۇزىكا تالانتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدى ،ئۇ ئۇسسۇل ئوينىسا ھەممەيلەن تاڭ قالاتتۇق.ناخشائېىيتسا چىۋىننىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.چاتاق يىرى بۇ يىل ياشلار بايرىمىدا قەدىرىيە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسى كىلىپ قالدى ،قەدىرىيەنىڭ بەللرىنى تولغاپ ،ھەممە يىرىنى تەڭ لىغىرلىتىپ ئويناۋاتقان كوچا ئۇسسۇلى ھەممەيلەننى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانتى ،دادىسى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا سەھنىدىن قەدىرىيەنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ كەتتى،مەكتەپتىكلەر بارسا ،سەنلەر ئادەم ئەمەس ھايۋان تەربىيەلەيدىكەنسەن ،ئۇيغۇر قىزلىرى قانداق كىينىدۇ ؟ئۇيغۇر مەدەنىيتى دىگەن نىمە دىگەننى بىلمىگەن سەندەك ئشەكلەرگە بىرىدىغان بالام يوق دەپ مەكتەپكە ئىبەرتىمىدى.كىيىن بىرنەچچە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى تەربىيە قىلىش ئارقىلىق قەدىريەنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلدى ،كىم بىلسۇن ،ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا ھىلقى ئوغۇل بىلەن قېچىپ كەتتى .ئاتا-ئانىسى نۇمۇس كۇچىدا يۇرتتىن چىقىپ كەتتى.....................................
  بالىلارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە ئاڭلاپ ئۇلارغا بولدى ،ھەرگىز قايغۇرماڭلار .سىلەرگە يەنە پۇرسەت بار تۇلۇق ئوتتۇردا ياخشى ئوقۇڭلار دەپ تەسەللى بەردىم ،بىراق قىزلار بىردەك بىزنى ئاتا-ئانىمىز ئەمدى ھەرگىز ئوقۇتمايدۇ دەپ كۆز يېشى قىلىشتى.مەنمۇ نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي ،ئۇلارغا قانداق قىيىنچىلىق بولسا منى ئىزدەشنى تاپىلاپ ئۇزىتىپ قويدۇم .لىكىن قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيتىىم .
  توۋا يۇقارقىلار راسىتمىدۇ؟بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈنلا ئۆزلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىزدىۋاتقان "ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى"غا يۈزسىزلىك بىلەن بەتنام چاپلاۋاتامدىغاندۇ؟
ياق !ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەس .ھەم راستمۇ ئەمەس .مەن تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرلا بالىسىنڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىللە ھاراق چاتاق تېرىپ ساقچىخانىغا كىرىپ قالغان بالىنىڭ دادسى مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغانلىقنى ئاڭلىغان ،ھەم تۇنۇش بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىللرى بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىۋاتقانلىقنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن .قىز خانىملارنىڭ چاچلىرىنى ھەررەڭ-سەرەڭ بۇياپ ،بۇدرە قىلىپ كۇساركۇلارنى كىيىپ ،كۆكسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ،ئۆزگۈزەللكىنى تۇلۇق نامايەن قىلىدىغان تار ،قىسقا نىپىز كىيىملىلەرنى كيىپ يۈرشى كۆزئالدىمىزدىلا بۇلۇۋاتقان ئىش ،خىزمەت كىيمى كىيىش تۈزۈمى ئەمەل قىلىدىغانلارغا چىقىرىلغان ياكى ئۇ مەكتەپ ئىچىدىلا كۈچكە ئىگە،ئىشتىن چۈشكەندە بىزنى ھىچكىم باشقۇرالمايدۇ دە!
بىراق مۇئەللىم ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟سىز دىگەن مۇئەللىم ، سىز مەيلى ئەر بولۇڭ ياكى ئايال بۇلۇڭ ،سىز دىگەن مۇئەللىم ،سىز ئىنسان رۇھىنىڭ ئىنژىنىرى.سىز ئۆز نۆۋىتىدە دوختۇر ،ساقچى،سوتچى.يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يول كۆرسەتكۈچى ماياك .بىلىڭكى مۇئەللىم سىزنىڭ رولىڭىز ئىنتايىن ئۆزگىرىشچان ھەم ئىنتايىن چوڭ .سىزنىڭ ئولۇغلۇقىڭىزنى خەق دەپ بەرمىسۇن بەلكى ئۆزئەملىي  ھەركىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭىزنى ئىپادىلەڭ .توغرا توم -توم كىتابلاردا ئۇقۇتقۇچى ئانداق ئۇلۇغ ،مۇنداق ئۇلۇغ دەپ يېزىلغان .دۆلىتىمىزمۇ ئۇقۇتقۇچى  ئۇلۇغ دەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن قانۇن سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى ،بىراق خەلق ئاغزىدا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىمىزنى ئانچە ھىس قىلالمىدۇق .ئەتراپىمىزدىكى كىشلەر بىزنى ئادەتتە بىر مەھەللە باشلىقىچىلىك كۆرمەيدۇ ،نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئولۇغلۇقى پەقەت كىتاب يۈزدىلا بار ،بىزنى ھىچكىم ھۆرمەتلىمەيدۇ دىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ،ئاغرىنىشنىغۇ بىلىپتۇق ،ئۇنداقتا ئۆزىمزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقنىمۇ بىلىمىزمۇ؟
  سىز باشقىلارنىڭ مۇئەللىم تۇرۇپمۇ ھاراق ئىچىدىكىنا؟مۇئەللىم تۇرۇپمۇ تاماكا چىكىدىكىنا؟مۇئەللىم تۇرۇپمۇ قىمار ئوينايدىكىنا ؟مۇئەللىم تۇرۇپمۇ ئاجايىپ پاھىشە ئاياللارغا ئوخشاش كىينىۋالدىكىنىا؟مۇئەللىم تۇرۇپمۇ شۇنداق سەت گەپ قىلىدكىنا ؟مۇئەللىم تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق سورۇندا يۈردىكىنا ؟مۇئەللىم تۇرۇپ قىلغان ئىشنى قارا........................................ۋاھاكىزالار...نى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟
  چۇقۇم ئاڭلىغان ،توغرا مۇئەللىممۇ ئوخشاشلا ئادەم .ئومۇ باشقا نۇرمال ئادەملەرگە ئوخشاش ياشايدۇ،بىراق مۇئەللىم سىز ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايسىز ،چۈنكى ئاتا-ئانىلار ئائىلىنىڭ كىلەچىكىنى ،دۆلەت ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ،مىللەت مىللەتننىڭ كەلگۈسىنى سىزگە تاپشۇرغان <<دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى مائارىپتا ،مائارىپنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئوقۇتقۇچىلاردا >>دىگەن سۆزنى ھەممە ئوقۇتقۇچى بىلىدغۇ دەيمەن ،شۇنداق بولغان ئىكەن بارلىق تەرەققىيات پەقەت ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق .كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلىشى پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچىغا باغلىق ،شۇڭا مۇئەللىم سىز مەن ئىشتىن چۈشتۈم ،نىمە ئىش قىلسام ،نىمە يىسەم ،نمە كىيسەم ،نىمە ئىچسەم .............قىسقىسى قانداق ياشىسام ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى ،پەقەت مەكتەپتىلا ئوقۇتقۇچىلىق مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىپ كەسپى ئەخلاققا رۇئايە قىلساملا بۇلىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز بەكلا خاتالاشقان بۇلىىسز .چۈنكى سىزنىڭ جىسمىڭىز دەم ئالغان بىلەن ،ئىشتىن چۈشكەن بىلەن سىزنىڭ <<مۇئەللىم>>دىگەن بۇ ئۇلۇغ نامىڭىز كىچە -كۈندۈز ،ھەتتا سىز ئۆلگەندىمۇ ئىشتىن چۈشمەيدۇ ،دەم ئالمايدۇ.شۇڭا سىزنىڭ مەكتەپ ئىچى سىرتدا قىلغان ھەربىر ئىش ھەركىتىڭىز باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بولۇپمۇ سىز تەربىيلەۋاتقان ئوقۇغۇچىغا ھەممدىن بەك تىز تەسىر كۆرسىتىدۇ،سىز پسخولوگىيە ئوقۇغان بولسىڭىسز چۇقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ دوراش پىسخكىسنىڭ ئەڭ يۇقىرى بۇلىدىغانلىقنى بىلىسز.كىشلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى نىمە ئۈچۈن كۆيۋاتقان شامغا ئوخشىتىدىغانلىقىنى بىلەمسز؟چۈنكى شام قارڭغۇلۇقنى يۇرتۇپ بىردۇ شۇڭا دىيشىڭىز مۇمكىن ،بۇمۇ بىر قىسمى كەڭ دائىرلىك قىلىپ ئىيىتقاندا ئوقۇتقۇچى دىگەن بۇ نامنىڭ مەڭگۈ  چاقناپ تۇردىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق تەبىر بەرگەن ،بۇ نامنى مەڭگۈ چاقنىتىش چاقنىتالماسلىق بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق ،بىز مىڭ يىللاردىن بېرى <<مەھمۇد قەشقەرى>>،يۈسۈپ خاس ھاجىب>>لارنى ماختاپ كەلدۇق ،بىراق شۇلاردەكلەردىن بىرەرنى رۇياپقا چىقىرالمىدۇق .ئوقۇتقۇچى شۇ ۋاقىتتىمۇ بارئىدى،ئوقۇتقۇچىنى ئولۇغلايدىغان سۆزلەر شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بىزگە ،ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۇدۇم ،قالغان ،شۇڭا تارىختىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنى مەدھيىلەيدىغان سۆزلەر ئۈزلۈپ قالمىدى،بىراق ئالىملارنى ،ئادەملەرنى تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈپ قالغىلىۋاتىدۇ،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشۈپلا ئويۇن تاماششىغا بىرىلسە بىر قىسىملار تۈرلۈك يوللار بىلەن پۇل تېپىشنىڭ كۇيىغا كىرمەكتە،ئەڭ بولمىغاندا قەرىزبىجىرىپ بولسىمۇ بىرەر ماشىنا سېتىۋىلىپ كىرا تارتىپ جان بېقىشنىڭ كۇيىغا چۈشتى ،بىكار ۋاقتىنى ئىلىم تەتقىق قىلىشقا دۆلەت ،مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بېغىشلايدىغانلار يوق دىيەرلىك ھالەتكە يەتتى.بۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نىمە بولماقچى ،ئاخىردا مائارىپىمىزنى كىمگە تاپشۇرىمىز ؟بالىلىرىمىز كىمنىڭ قۇلىدا قانداق تەربىيە ئالىدۇ؟<<گەربولسا ئىت ئارسىلانغا باش ،ئارسىلانمۇ بۇلۇر ھەم ئىتتەك ھامان>>دىگەندەك پەرزەنتىللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قۇلىمىز بىلەن ۋەيران قىلامدۇق ؟
  قىسقىسى ،مۇئەللىم كەلگۈسىدە ۋەتەننڭ مىللەتننىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ قالمايلى ،بىزگە زور ئۈمۈدلەرنى باغلاپ ،پەرزەنتىللىرىنى بىزگە تاپشۇرغان ئاتا-ئانلار ئالدىدا ئالدامچى ساختىپەزلەردىن بولۇپ قالمايلى .دۆلەت بىزگە ئىشەنچ بىلەن تاپشۇرغان مۇنبەردە ئاخىردا جاۋابكار ھالەتتە تۇرۇپ قالمايلى ،پۇلنى سودىگەرلەر تاپسۇن ،بىز شۇلار ئۈچۈن ئەقىل تاپايلى.پىشقەدەم مائارىپچى چىن خى شىن ئەپەندى <<ئوقۇتقىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلا بار>>دەپ ئېيىتقان ،بىز ئاشۇ ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالمايلى .ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ھەقىقەتەن جاپالىق ،ھەم نامراتچىلقتا ئۆتىدىغان خىزمەت .ئەگەر زىرىككەن بولساق <<كۇرۇك تۇخۇ ياتىدۇ،ئۇۋلۇقنى ئىگەللەپ ،تۇغمايدۇ يا كاتەكنى باشقىلارغا بەرمەيدۇ>>دىگەندەك ئىش قىلماي ۋاقتىدا ئىستىپا بىرىپ باشقا ئىش قىلساق ،ئورنىمىزغا چۇقۇم لايەقەتلىك ئوقۇتقۇچىدىن چىقىشى مۇمكىن .
خۇلاسە كالام : مۇئەللىم مۇئەللىمدەك ياشاڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   vmvdwar-uyhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 08:50 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mahbusman + 100 مانا دىنسىز مائارىپ.
Gvljahan + 200 قالتىس تەشەببۇس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13699
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز  ئەجرىڭىزگە تەشەككۇرلەر بولسۇن يەنىمۇ ئىزدىنىڭ

ئىمىنجان ھىدايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئوقۇتقۇچىلارغا يۈز كىلەلمەيمىز ، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا يۈز كىلەلمەيدۇ ، بالىلار كەلگۈسىگە يۈز كىلەلمەيدۇ ، ئىشقىلىپ ھەممىمىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالمىدۇق .

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تېمىكەن .                             رەخمەت.

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كۆرۇپ تۇرۇشنى ئۇمۈد قىلىمەن .
  ياخشى تېمىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايمىغايسىز.               

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭزگە تەشەككۈر

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ەەرچە تېمىدا ئېيتىىلۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان،ئوقۇتقۇچى دېگەن نامغا ماس كەلمەيدىغان،ئۆزىنى بېغىشلاپ ئىشلەۋاتقان كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشىرىۋاتقان،ئوقۇتقۇچىلىققا لايىق بولمىغان  بىر قىسىم پاراژىت قۇرۇتلاردىن بەكلا نومۇس قىلدىم،بەك ئەپسۇس،مۇشۇنداق پەسكەش،پاراژىت ‹‹ئاتالمىش ئوقۇتقۇچى››لار بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىۋاتىدۇ....

بىراق جەمىيىتىمىزدە بارلىقىنى سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاتىغان ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا كۆپ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇيغۇردىيار قۇرغۇچىسى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18455
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 1719 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مائارىپ سېپىمۇ چىرىكلىشىپ كەتتى . ئوقۇتقۇچىلار مۇ شۇنداق .

www.uydyar.com
سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز.كىرمىگەن سىزلا قالدىڭىز.
مۇكاپاتلىق پائالىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قىسىم ئادەملەر بار!

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 10:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلاش دەرىس ئۈتۈش ئىشلىرى بىر ياقتا قېلىپ قانداقتۇر بولمىغۇر قۇشۇمچە ماتىريال ۋە  قۇشۇمچەخىزمەتلەر  ئۇلارنى ھالسىراتماقتا.

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش