مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1735|ئىنكاس: 22

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1718
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8634
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 03:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ
تۈر ئىسمى: «ئىكولوگىيەلىك يانتولۇق يېزا ئىگىلىكى»
كەشىپ قىلغۇچى ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى: باتۇر دانى، ئەر، ئۇيغۇر، 54 ياش. ئورمانچىلىق ئىنژىنىرى، ھازىرغىچە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك 69 تۈردە كەشپىيات ياراتقان ۋە تېخنىكا يېڭىلىغان. بۇلاردىن 13 تۈردە پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. «ئىنىرگىيە تىجەيدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كاۋاپدان (مۇھىت ئاسرايدۇ)»، «قۇش ئۇۋا مۇنارى (بوشلۇق باقمىچىلىقى)»، «كۆچەتلەرنى توسقان قاساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى»، «ئىكولوگىيەلىك مۇھت ئاراقىلىق كېسەل- ھاشارات يوقىتىش (ئۆسۈملۈك مۇھىىتنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى B A A پارشوگىمۇ بار)»، «ئۆسۈملۈك غولىغا دورا سۈرتكۈچ» قاتارلىق مۇستەقىل تەتقىق قىلغان نۇرغۇن تۈرلىرى ئاپتونۇم رايونى ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ۋە زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. «باتۇر سۈيى»نىڭ كەشپىياتچىسى. نەتىجىسىگە ئاساسەن مەملىكەت بويىچە     3 قېتىم، ئاپتونۇم رايون،ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ئۇ ئۆزنى كەسىپكە بېغىشلىۋەتكىنى ئۈچۈن بۇ 33 يىللىق ئىلمى تەتقىقات ھاياتىدا ئايرىم كىشلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئېغىر رىيازەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بەل قويىۋەتمەي، تەتقىقاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، غەلبىلىك تاماملىغان. ئىش ئىزلىرى دۆلەت، ئاپتونۇم رايونى دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ ھازىر «جۇڭگو ئورمانچىلىق ئىلمى جەمئىيىتى»نىڭ مەڭگۈلۈك ئالىي ئەزاسى، «جۇڭگو ئىكولوگىيە ئىلمىي ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى، «جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى، «جۇڭگو مۇھىت ئىلىم- پەن جەمئىيىتى»نىڭ ئادەتتىكى ئەزاسى.
سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغان «ئىكولوگىيىلىك يانتولۇق يېزا ئىگىلىكى» ئۇنىڭ 76-، 77- ۋە 78- تۈرلۈك بىر يۈرۈش كەشپىياتلىرى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ تەتقىقاتى 1980- يىلى 6- ئايدا باشلىنىپ، 2012- يىلى 8- ئايدا توللۇق تاماملىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا تەييار تېخنىكىغا ئايلانغان.
قوللىنىش دائىرىسى: جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي، غەربىي جەنۇبى رايونلىرى، ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سۇ كەمچىلىكىدىن ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش مۇمكىن بولمايۋاتقان قاقاس تاغ يانتولۇقلىرى (ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئافرىقا رايونلىرى، ئاۋستىرالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باپ كېلىدىغان بولۇپ، شۇ يانتولۇق قاقاسلىقلاردا مېۋىلىك- مېۋىسىز دەرەخلەرنى ئۆستۈرگىلى، ئاشلىق، كۆكتات، ھەرخىل دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش بىلەن ھازىرقىدىن باشقا يەنە دۇنيادا بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كېيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ تۈر ئارقىلىق دۇنيادا 70 مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى يەنە يۈز يىلغىچە مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شەھەر، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ئەشياسى قىلىدۇ. بۇ تېخنىكا قوللىنىدىغان رايونلارنىڭ يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى دەسلەپكى قەدەمدە ㎜280دىن ئاشىدىغان رايونلار (تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىش، ئىنسانلار چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ㎜250-㎜200 غىچە رايونلاردىمۇ قوللانغىلى بولىدۇ). تۇز مىقدارى %4دىن تۆۋەن، باشقا جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە خېمىيەلىك بۇلغىنىش جەھەتتىن، سۇ بولسىلا ئۆسۈملۈك ئۆسەتتى دەپ قارىغان يانتولۇق دەرىجىسى 10 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە بولغان (ئادەملەر نورمال ھەركەت قىلالايدىغان) يانتولۇقتا، شەھەر ئىچى، شەھەر ئەتراپى ۋە باشقا چۆل- جەزىر يانتولۇقى بولسۇن بۇ تېخنىكا قوللىنىدىغانلىكى رايونلاردا ئۆستەڭ چېپىپ، قۇدۇق كولاپ، تۇربا ياتقۇزۇپ سۇ باشلاش تامامەن ھاجەتسىز.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى: (تېخنىكا كەشپىياتى) ئىنسانلار سۇ قوغلىشىپ ئويمانلىق تەكشىلىك يېزا ئىگىلىكىگە تاينىۋېلىپ، توپلىشىپ ئۆز- ئۆزىنى بۇلغۇنۇپ نابۇت قىلىشتىن، تارىخى بۇرۇلۇش نوقتىسى بولىدىغان، بوستانلىق كۆلەمدىكى نوپۇسنىڭ زىچلىقىنى شالاڭلىتىپ، ھازىرقى 7 مىليارد نوپۇستىن باشقا يەنە 5 مىليارد نوپۇسنىڭ يەنە 100 يىلغىچە ئازادە ۋە تەڭپۇڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتتا ياشىشىغا ئاساس سالىدۇ. پەقەت بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىلا يەنە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدەك مەملىكەت بويىچە مۇھىتى ناچار شەھەرلەردە ئاتمۇسفىرا بۇلغىنىشتىن ياشاش مۇمكىنچىلىكى ئاخىرلىشىپ قالغاندىمۇ، جاھىللىق بىلەن ئۈنۈملۈك تەدىبىر قوللانماي تۇرىۋالىدىغان ھەر مىللەت ئىلغار زىيالىلىرىمىزنى شەھەر ئەتراپىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، شەھەرنى ۋە شەھەر ئەتراپى مۇھىتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتا زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۆتۈنۈپ ئالغۇچىنىڭ سالاھىيەت ۋە ساپا تەلىۋى: نىيتى دۇرۇس، كىشىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك مېۋىىسنى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىدىغان يامان ئادىتى بولمىغان، ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان مەلۇم ئىنسانىي ساپاغا ئىگە ۋە كەسپى ساپاغا ئىگە كارخانىلارنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئۆتۈنۈپ ئالغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ماتىرىياللار: ‹1› بارلىق چۈشەنچە يازما ماتىرىيالى ‹2› بىر يۈرۈش ئىشلىتىشچان مودىل سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى: بۇ تۈرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى 15 مىليۇن يۈەن. بۇنىڭدىن تېخنىكىنى كۆرۈش ھەققى (ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل) 10 مىليۇن يۈەن، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى 10 مىليۇن يۈەننى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ غەزىنىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تارقاق ساقلانغان ماتىرىياللارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ تاپشۇرغان ماتىرىيال ۋە بارلىق كۆرسەتمە ماتىرىيالنى كۆرۈپ بولغان ھامان قالغان 5 مىليۇن يۈەن پۇلنى بىر قېتىمدىلا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىگە تاپشۇرىدۇ. ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تېخنىكىنى كۆرۈۋېلىپ، ئاساسى ماھىيىتىنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن، قالغان پۇلنى تاپشۇرمىسا ياكى ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى بىلەن باشقا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ تېخنىكىنى كۆرۈش ھەققى ئۈچۈن تاپشۇرۋالغان 10 مىليۇن يۈەننى قايتۇرمايلا قالماستىن، بۇ بىر يۈرۈش تەتقىقات نەتىجىسىنى بارلىق تورلاردا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە ئاشكارە ئېلان قېلىۋېتىدۇ.
ئېتىبار شەرتى: ئەگەر بۇ «ئىكولوگىيەلىك يانتولۇق يېزا ئىگىلىكى تۈرىنى ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى تەرەپ ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ 1980- يىلى باشلىنىپ، 28 ميىل تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 2008- يىلى 8- ئايدا تاماملانغان. 2010- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى كېچىدە ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىناسى 1- قەۋىتىدىن كومپىيۇتېر بىلەن قوشۇپ ئوغۇرلانغان «باتۇر سۈيى» (قۇياش تىمپىراتۇرىسىنىڭ تەسىرىدە يەردىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلىۋاتقان سۇ پارىنى يىغىۋېلىپ سۇغا قايتۇرۇپ، قۇملۇق، قاقاسلىق رايونلاردا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرىدىغان، ئىچىملىك سۈيىنى ھەل قىلىدىغان، نېفىت سۈيىنى ھەل قىلىدىغان، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي، غەربىي جەنۇبى رايونلىرىدىكى تەكلىماكان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى چۆللۈكلەر، ئافرىقىدىكى چۆللۈكلەر، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى بارلىق قاقاس چۆللۈكلەردە ئومۇميۈزلۈك مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخ ئۆستۈرىدىغان، ئاشلىق، كۆكتات ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، قاقاسلىقلارنى يېشىللىق بىلەن قاپلايدىغان، 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قورسىقىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلغىلى بولىدىغان ئۆستەڭ چېپىپ، قودۇق كولاپ، تۇربا ياتقۇزۇپ سۇ باشلاش تامامەن ھاجەتسىز بولىدىغان سۇ) نىڭ ئوغرىسىنى پاش قىلىپ، 10 مىليۇن يۈەنلىك ئوغۇرلۇق جىنايىتى، زور تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاش ۋە بۇزىۋېتىش جىنايىتى بويىچە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتالىسا، بۇ «ئىكولوگىيەلىك يانتولۇق يېزا ئىگىلىكى» تۈرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى %63.3 ئېتىبار قىلىپ، پەقەت 5 مىليۇن يۈەننى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرسا، بۇ تۈرنى توللۇق ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ ۋە «باتۇر سۈيى» تېخنىكىسىنىڭ %49لىك پايچېكى قىلىپ، تېخنىكا ھەمرايى قىلىدۇ.
كەشىپ قىلغۇچى ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى: باتۇر دانى     تېلفۇن: 13579105731


ئۇيغۇر يىگىتلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21563
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9975
تۆھپە نۇمۇرى: 752
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 04:58:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    كەشپىياتچىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە بارىكاللا ، لېكىن بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتقا  چىقىش قىلالايدىغان ۋە تەۋەككۇل قىلالايدىغان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ چىقىشى بەسى مۈشكۈلدۈر .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurboys تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 04:58 PM  


ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ھەيۋەت  ئاڭلىندىكىنا  1 مىليارد ىسە

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەشپىيات بەكلا ھەيۋەت ئوخشايدۇ؟ئەرەپ قاقاسلىقىدا ئىشلەتكىلى بولسا،نەچچە پۇل بولشىدىن قورقىماي ئەرەپلەر ئېلىشى مۇمكىن،بۇ كەشپىياتنى ئىنگىلىزچە،ئەرەپچە تۇر بەتلەرگە يولاپ قويغۇلۇق!!!
قېرىندىشمىزنىڭ تېخىمۇ كوپ كەشپىياتلارنى ھۇجۇدقا چىقىرشىنى تىلەيمەن!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 642
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10790
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلاپ قالدىم ،زادى نىمىشا  ئوغرىغا بېرىپ قويىسىز دەيمەن
!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:43:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىملىك ئىلمى ئىشلار بىلەن تىجارەت قىلىماقچى بولغانلاردا پۇل يوق، پۇلى بارلار  تالقان بىلەن سوغوق ئىچىملىك ئىشلەپ . بۇمۇ باشقا مىللەتنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتمىسە بۇلاتتى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 06:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپلىق مەبلەخ سالغۇچىدىن بىرسى چىقىپ قالا !    كەشپىياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55118
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3037 سائەت
تىزىم: 2011-9-7
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 08:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن ئاڭلىمىغان كەشپىياتلاركەن .
                   مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭلا ....

تۈمۈرچى سەنـدىلى ھەممىگە تۇنۇش ! كار قىلماس ئۇنىڭغا مىڭ بازغان ئۇرۇش ! دۈشمەنلەر ئۇرسىمۇ تۆھـمەت بازغـىنى - قەلبىمنىڭ ئادىتى - سەندەلدەك تۇرۇش !

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22101
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باتۇر دانى، سىز  ھارماي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ كىلىۋتىسىز،مەن سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 09:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 10:03:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئۇيغۇرلاردىن سېتىۋالىدىغانلار چىقماسمىكىن ... باشقا تىلدا ئېلان قىلىنىپ چەتئەلگە يۈزلىنىپ باقسىڭىز قانداق بولار ؟؟ بۇ تەكلىپىم يارارمۇ سىزگە ؟ تەرجىمان كېرەك بولسا تەرجىمانلار بار . بۇ كەشپىياتلار ئاسان ئاددىي كەشپىياتلار ئەمەسكەن .
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش