يامان ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ دورىلىرى
مۇسۇلمان ئەڭ ئاۋۋال قەلبىنى پاكىزلىشى لازىم. چۈنكى قەلب پۈتۈن بەدەننىڭ رەئىسىدۇر. پۈتۈن ئەزالار قەلبنىڭ ئەمرى ئاستىدا بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم« ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ئەزالار بۇزۇلىدۇ ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئۇ بولسا قەلبتۇر.»دېگەن. يەنى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن بۇ نەرسە يۈرەكنىڭ ئىچىدىكى كۆڭۈلدۈر. ئۇنىڭ ساقلىقى يامان ئەخلاقلاردىن پاك تۇرىشى ، ياخشى ئەخلاقلار بىلەن بېزىلىشىدىندۇر. ئىنساننىڭ قىياپەت تۇرقى بەدەن دىيىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبىدىكى قۇۋۋەت ۋە ھال خۇلق- خۇي دىيىلىدۇ. ئەخلاقى زەمىمە يەنى ناچار ئەخلاق قەلبنىڭ كېسەللىكىدۇر. ئۇنىڭ داۋاسى مۈشكۈلدۇر. بۇ كېسەلنىڭ دورىلىرىنى بىلىش ۋە جايىدا قوللىنىش كېرەك. خۇلق يەنى خۇي قەلبتىكى ئۆزلەشمە – ئۆزلەشتۈرمە ۋە ئارزۇ – ھاللار دىمەكتۇر.
ئىنساننىڭ ئىقتىدارى، سۆزلىرى ، ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قۇۋۋەتتىن ھاسىل بولىدۇ. ئىختىيارى ھەرىكەتلەر خۇي پەيدا قىلغان نەرسىدۇر. ئەخلاقنى تۈزىمەك، يامانلىقنى يوقىتىپ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئورۇن ئالدۇرماق تامامەن مۇمكىندۇر. ھەدىسى شەرىفتە« ئەخلاقىڭلارنى ياخشىلاڭلار» دىيىلگەن. ئىسلامىيەت مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى ئەمىر قىلماس. تەجرىبىلەر ھەم مۇشۇنداق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. تەجرىبە مۇتلەق تونۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئۈچ ۋاستىسىنىڭ بىرىدۇر. (بۇ ۋاستىنىڭ ئىككىنچىسى مۇخبىرى سادىق يەنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئېرىشىش، ئۈچىنچىسى ، قىياس- پەرەز بىلەن ئېرىشىلگەن بىلىملەر.) ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەش ئىستىداتى ھەممە ئادەمدە ئوپئوخشاش بولمايدۇ. ئەخلاقنىڭ مەنبەسى، سەۋەبى ئىنسانى روھنىڭ ئۈچ قۇۋۋىتىدۇر. بىرىنچىسى، روھنىڭ ئىدراك قۇۋۋىتى- بۇنى ئەقىل ۋە ناتىقلىق دەيمىز. نۇتۇقنىڭ يۈزەكى نامايەندىسىنى ئىلىم دەيمىز. ئۇنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىپادىسىنى ھېكمەت دەيمىز. ھېكمەت ياخشىنى ياماندىن، ھەقنى باتىلدىن ئايرىيدىغان قۇۋۋەتتۇر. بۇ قۇۋۋەت لازىمىدىن ئېشىپ كەتسە ھەددىدىن ئارتۇق ئەقىللىقلىق يەنى جەربەزە دىيىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى چۈشىنىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. مۇتەشابىھ(مەنىسى ئېنىق بولمىغان) ئايەتلەرگە مەنە بېرىدۇ، قازا- قەدەرگە زىيادە ئانالىز قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ھىيلە- مىكىر ، سېھىر دىگەندەك زىيانلىق ئىشلارغا قول ئۇزىتىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ لازىمدىن ئاز بولىشىنى بەلادەت يەنى ئەخمەقلىق دەيمىز. بۇنداق ئادەم ياخشى بىلەن ياماننى بىر- بىرىدىن ئايرىيالمايدۇ. نۇتۇقنىڭ ئەمەل قۇۋۋىتىنىڭ ئوتتۇراھال ھالىنى ئادالەت دەيمىز. ئادالەتنىڭ ئېزى ياكى كۆپى بولماس.
ئەخلاقنىڭ مەنبەسى بولغان قۇۋۋەتنىڭ ئىككىنچىسى غەزەپتۇر. ياقتۇرمىغان- خالىمىغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا قېنى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئىنسانى روھ تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان ئوتتۇراھال مىقدارىنى شىجائەت- جاسارەت دەيمىز. بۇ لازىملىق – پايدىلىق ئىشلارغا ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشىشى ، مەزلۇمنىڭ زالىمدىن قۇتۇلىشى غەزەپنىڭ پايدىلىق ئىشلارغا ئاتالغىنىدىندۇر. بۇ قۇۋۋەتنىڭ كېرەكتىن كۆپ بوپ كېتىشىنى ئۇرۇشقاقلىق دەيمىز. بۇنداق كىشى كېرەكسىز يەرلەرگە ئاسانلا غەزەبلىنىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئاز بولىشىنى قورقۇنچاقلىق دەيمىز، بۇنداق ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش كۆز ئالدىغا ئۇچرىغاندا جۈرئەتسىزلىكىدىن ئۇنىڭغا يېقىن كېلەلمەيدۇ.
روھنىڭ قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى شەھۋەتتۇر. ھايۋانى روھنىڭ ئۆزىگە خۇش ياقىدىغان نەرسىلەرنى خالىشىدۇر. بۇنىڭ ئىنسانى روھ تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئوتتۇراھال مىقدارى ئىففەت- نومۇس دىيىلىدۇ. ئىنسان ئۆز تەبىئىتى موھتاج بولغان نەرسىلەرنى ئىسلامىيەت ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە قىلىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ لازىمدىن كۆپى ھېرىس- ھەۋەس دەيمىز. ھارامدىن ياكى ھالالدىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ھەتتا باشقىلارغا زىيان كېلىدىغانلىقىغىمۇ قارىماي ئۇنى قوغلىشىدۇ. شەھۋەتنىڭ لازىمدىن ئاز بولغىنى خامۇشلۇق- بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق بولىدۇ. ئۇ ئۆزى موھتاج بولغان شەيئىلەرگە ئېرىشىشكە تىرىشماي بوشاڭلىق قىلىدۇ.
ئەلى بىن ئەمرۇللاھ مۇھەممەد خادىمىنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق كىتابىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
مەنبە ؛ دىنىمىز ئىسلام تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahrir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 12:38 PM