مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 890|ئىنكاس: 5

جالالىددىن رۇمى ۋە خاراباتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83901
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 06:12:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جالالىددىن رۇمى ۋە خاراباتى



9782226034236-x.jpg



شةرىق ھةقنى تاپتى كېچىپ دۇنيادىن
غةرىب دۇنيا تاپتى كېچىپ ئاللاھدىن





مەۋلانا جالالىددىن رۇمى (1207 - 1273) سوفىستىك شائىر، ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزم ئېقىمىنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغۇچى، دۇنياۋى مۇتەپەككۈر ۋە شائىر بولۇپ 1207-يىلى بەلخ (ھازىرقى ئافغانىستاندا) تە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسى بىلەن غەربكە كۆچۈپ، تەخمىنەن 1226-يىلى كىچىك ئاسىيادىكى سەلجۇق تۈركلىرىگە قاراشلىق كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئاناتولىيە ئىلگىرى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغاچقا ئەرەپلەر تەرىپىدىن رۇم دەپ ئاتىلاتتى. جالالىدىن رۇمىمۇ شۇنىڭ تەسىرىدە ئۆزى ياشىغان يۇرتنىڭ نامى بىلەن رۇمى دەپ ئاتالغان. جالالىدىن رۇمى 1230-يىلى دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جايدا ئوقۇتقۇچى بولغان. سوفىزم پېشۋاسى شەمشىددىن تەبرىزى (؟ - 1247) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىلمى تەتقىقاتتىن ۋاز كېچىپ تەسەۋۋۇپقا بېرىلگەن ۋە سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆز ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان «مەسنەۋىي» (پەند - نەسىھەت) بىر قاتار مەسەل شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەركى دۇنيالىق ۋە سىرلىقلاشتۇرمچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇ ئەسەر كېيىن سوفىزمنىڭ «قۇرئان» ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىددىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جالالىدىن رۇمى «ھەققە يەتكۈچە ئەقلىڭنى ئىشلەت، ھەققە يەتتىڭمۇ بولدى، ئەقلىڭنى تاشلاپ، تەقۋانى دوست تۇتۇپ پىكىرنى تەرك ئەت» دىگەن ئەقىدىنى قالدۇرۇپ ئۆزىدىن كېيىنكى سوپىزىم ئەقىدىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاجايىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇتەپەككۈر بولغانلىقتىن ھۆرمەتلىنىپ مەۋلانە جالالىدىن رۇمى دەپ ئاتىلىدۇ.
جالالىدىن رۇمى پەلسەپىۋى ئىدىيىدە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسان يېتىشىدىغان ئالىي چەك <فەنا>، يەنى ئاللا بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىش، دەپ قارىغان. جالالىددىن رۇمى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان دىنىي مۇراسىمنى يارىتىپ، بۇ مۇراسىمنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا ئەسلى تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تەكىتلىنىشىگە ئەگىشىپ جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازى ئاجىزلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىر ۋە ئاجايىپ تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان، ئىنسان قەدرى قىممىتى ۋە تەرىقەتنى كۈيلىگەن مەسنەۋىلىرى 19-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور زىل-زىلە قوزغىغان ۋە ياۋروپا ئىرادىچىلىك، سېھرى رىيالىزىم ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان شەرق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھىساپلىنىدىغان «مەسنەۋى رۇمى» بۈگۈنكى كۈندىمۇ بازىرى ئىتتىك كىتاپ بولۇپ، دۇنيانىڭ نادىر مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
گەرچە جالالىدىن رۇمى بەلختە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەسەرلىرىنى شۇ دەۋردە مودا بولغان پارىس تىلىدا يازغانلىقتىن باشقىلار تەرپىدىن ئىرانلىق، پارىس دەپ تونۇلغان ئەمما بەلخ تۈركى تىللىقلارنىڭ قولىدا بولغان شۇ دەۋردىمۇ ۋە پارىس تىللىقلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ئافغانىستانغا تەۋە بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىزچىل تۈركى تىللىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولغاچقا ، تۈركىيە ئالىملىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىران نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. � شۇ كۈنلەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەدىمىي كونيا شەھىرىدە ئۆزگىچە بىر شادلىق ھۆكۈمران . كونيادا بۈيۈك مۇتەسسەۋۇف شائىر مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى ۋاپاتىنىڭ 733يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جالالىدىن رۇمى مەقبەرىسى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى مۇزېيى، مەدرىسىلەر، خانىقالاردا زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.
2006- يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان تەبرىكلەش پائالىيىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋاپات بولغان 12-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.مول مەزمۇنلۇق بۇ پائالىيەتتە مەۋلانانىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ، دۇنيا قاراشلىرى، پەلسەىىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. مۇراسىم كۈنتەرتىىلىرى بويىچە يەنە مۇشۇ كۈنلەردە مەۋلەۋىيە تەرىقىتى ۋەكىللىرىنىڭ ساماغا چۈشۈشلىرى، تەسەۋۋۇپ تېمىسىدىكى فوتو كۆرگەزمىلەر، ئالىملارنىڭ رۇمى ھاياتى ئىجادى ھەققىدىكى كاتتا مۇنازىرە – مۇھاكىمىلىرى، تەسەۋۋۇپ كۈي-نەغمىلىرى بويىچە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋالى قاتارلىقلار داۋام ئەتمەكتە. بۇ پائالىيەت ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئەدەبىياتشۇناسلار، ئالىملار ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراكچىلىقىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باكانلىقى ( مىنىستىرلىكى)، كونيا شەھەر مەمۇرىيىتى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى 12-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنئەنىۋى تەرزدە ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە بولۇپ ، بۇ يىلقى مۇراسىمغا ئالاھىدە تەييارلىق بېغىشلانغان.
جالالىدىن رۇمى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەسەۋۋۇپ كۈي-نەغمىلىرى بويىچە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋال مېھمانلار ۋە كونيا پۇقرالىرىدا قالتىس گۈزەل تەسىرات-ئەسلىمىلەرنى قالدۇرماقتا. فېستىۋالغا ئەزەربەيجانلىق ھافىز ئالىم قاسىموۋ، ئۆزبېكىستان خەلق ھافىزى شىرئەلى جورايېۋ، داغىستاندىن ئەھمەد ئەھمەدوۋ ھەمدە ئىراندىن شەھرام نەزىرىي كەبى مەشھۇر تۈرك-ئەجەم سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلىپ كۈي-نەغمە پاساھىتىنى نامايان قىلماقتا ...
17كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتتە مەۋلەۋىيە تەرىقىتى ۋەكىللىرى ئىجراسىدا 23 ساما رەققاسلىرى كارامىتىنى تەقدىم قىلدى. دىنىي كۈي تەڭكەشلىكىدە ماھارەت كۆرسەتكەن ساما رەققاسلىرىنى 70مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن تاماشا قىلدى. شۇنى ئەسكەرتىش جائىزكى، ساما رەققاسلىرى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى خاتىرە پائالىيىتىدە تاماشىبىنلارنى ئەڭ قاتتىق جەلب قىلغان پائالىيەت بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ساما رەققاسلىرىنىڭ ماھارىتى تۈركىيەنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە ھەم ئۆتكۈزۈلمەكتە.
مەلۇمكى، 2007- يىل مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى تۇغۇلغانلىقىغا 800يىل تولۇش مۇناسىۋىتىدە يۇنېسكو ( UNESKO) تەرىپىدىن «خەلقئارا جالالىدىن رۇمى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان.





پارس تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرى ھېسابلانغان فەرىدىدىن ئەتتار بىلەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ، جۈملىدىن ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر.
بۇ شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ھەتتا مەدرىسلەردە دەرسلىك ئورنىدىمۇ قوللىنىلغان . كېيىنكى شائىرلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پىر-ئۇستازلىرى سانىشىپ ، ناملىرىنى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بىلەن ئەسلەشكەن . ئەسەرلىرىنى بولسا ئۆمۈر بويى مۇتالەئە قىلىشىپ ، ئۆگىنىپ نەزىرە يېزىشقان ، ھەتتا مەۋزۇ ۋە غايىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقان . تەدرىجىي ھالدا بۇ ھادىسە تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلىنىپ ، ئۆزىگە خاس مەكتەپ بولۇپ شەكىللەنگەن .
ⅩⅤⅡ-ⅪⅩ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى كۆرىمىز . ئىبراھىم ئىبن يۈسۈپ خوتەنى ، مۇھەممەد سىددىق رۇشىدى ، ئابدۇللا خاراباتى ، بابارەھىم مەشرەپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى پىكرىمىزنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
ماقالىمىزدە ئەنە شۇ مىساللاردىن بىرى سۈپىتىدە مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئۇيغۇر شائىرى خاراباتى ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالماقچىمىز.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى ، بىزدە ھازىرغىچە «مەسنەۋى خاراباتى» تولۇق ھالدا نەشر قىلىنمىغانلىقى ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۇنىڭ قوليازما ۋە تاش باسما نۇسخىلىرى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ ئۆگىنىلمىگەنلىكى ئۈچۈن شائىر خاراباتىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭغا مەنىۋى رەھنەما بولغان بۈيۈك مۇتەسەۋۋىپ شائىر مەۋلانا جالالىددىن رۇمى بىلەن شائىر خاراباتى ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى باغلىنىش ، تەسىر مەسىلىلىرى ئېتىبارىمىزدىن چەتتە قېلىپ كەلدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ مەسىلىنى يورۇتۇش خاراباتىنىڭ مەنىۋى يېتىلىشى ، «مەنىۋى خاراباتى» ئەسىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە ئەسەرنىڭ غايىۋى مەزمۇنى كەبى مەسىلىلەرنى يورۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ ، خاراباتى روھىيىتىگە كىرىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
بۇ قېتىم ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قوليازمىلار خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان «مەسنەۋى خاراباتى»نىڭ قوليازما ۋە تاش باسمىلىرى بولۇپ 02دىن ئارتۇق نۇسخىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم . بۇ نۇسخىلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ، قىياسلاپ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە (بۇنى ئايرىم ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلماقچىمىز— ھ . ف) بىرمۇنچە يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىدىم . شۇلاردىن بىرى مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ۋە ئۇنىڭ «مەسنەۋى مەئىنەۋى» ئەسىرىنىڭ خاراباتى  مەنىۋى دۇنياسىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى مەسىلىسى بولدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشمۇ تەبىئىي ھالدا خاراباتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ ئالاھىدە بىر ماۋزۇسىنى تەشكىل قىلدى.
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى كېيىنكى ئەۋلادلارغا غەزەللىرى ۋە رۇبائىيلىرىدىن تۈزۈلگەن «دىۋانىي شەمسىددىن تىرمىزى» («دىۋانى كەبىر»مۇ دېيىلىدۇ) ، ئالتە جىلددىن ئىبارەت بولغان «مەسنەۋى» ، تۈرلۈك جايلاردا سورالغان سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە بەس-مۇنازىرىلەردىن تەشكىل تاپقان ئەسىرى «فھى مافھى» (ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر) ۋە «مەجالىسى سەبئە» ، «مەكتۇبات» قاتارلىق ناھايىتىمۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرغان بولۇپ ، بۇئەسەرلىرى ئىچىدە مەۋلانانى جاھانغا تونۇتقىنى ، شۈبھىسىزكى «مەسنەۋى»دۇر.
«مەسنەۋى»دىكى ئاساسىي غايە ۋە باش ماۋزۇ – ئىشقدۇر . ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسىدىن ئىشق ئوتىنىڭ يالقۇنى كېلىپ تۇرىدۇ.


mathnawi_3.jpg


چەند ئەز ئىن ئەلفازۇ ئىزمارۇ مەجاز،
سوز خاھەم ، سوز ، بائان سوز ساز.
(قاچانغىچە بۇ سۆزلەر ، كىنايە ۋە مەجازلارنى كەلتۈرىسەن،
ئوت-ئاتەش خالايمەن ، ئاتەش ، ئاتەش بىلەن كۆيدۈرگىن)
مانا ئىشق ئاتەشى شائىر قەلبىنى ياندۇرۇپ ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغانىدى . شۇڭا شائىر ئۆزىنى ئانىدىن ئەمەس ، بەلكى ئىشقدىن تۇغۇلغان دەيدۇ:
ئىشق بىزگە رەھنەما ، رەۋانىمىزدۇر،
بىزنى ئىشق تۇغقاندۇر ، ئىشق ئانىمىزدۇر.


لاۋۇلداۋاتقان ئوتنىڭ كۆيۈشى ۋە كۆيدۈرۈشى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى ، چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس . شائىر «مەسنەۋى»نىڭ ئىككىنچى دەپتىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدىلا يازىدۇ:


سورىدى: نە ئىمىشدۇر ئىشقۇ ئاشىق؟
دېدىمكى ، بىزچە بول ، بىلۈرىسەن…
دەرھەقىقەت ، كۆيمىگەن كۆيگەننىڭ دەردىنى قانداق ھېس قىلالىسۇن . شائىر قەلبىنى كۆيدۈرگەن بۇ ئوت — ئىشق ئوتى ، يەنى ئىلاھىي ئىشق ئىدى . شائىر نەزىرىدە ، ئىنساننى ئەسلى ماھىيەتكە مانا شۇ ئىشق ئېلىپ باراتتى . «شۇنىڭ ئۈچۈن جالالىددىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋى مەئىنەۋى» ئەسىرىنى ئىنسان تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ ، ئىلاھىي ماھىيەتنى چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشقنىڭ تەپسىرى دېسە بولىدۇ»نەجمىددىن كامىلوف ، «رۇمىنى ئاڭلاش ئىشتىياقى» — جالالىددىن رۇمى ، «مەئىنەۋى مەسنەۋى» (فارسىيدىن ئەسقەر مەھكەم تەرجىمىسى) ، تاشكەنت ، 1999-يىل ، 6-مارت.


مەۋلانا مانا شۇ ئىشقنىڭ بۈيۈك كۈيچىسى بولۇپ ، ئەسىرىدە ئىلاھىي ئىشقنى كۆيۈپ-يېنىپ تەرەننۇم ئەتكەنكى ، ئۇنىڭ قەلب يالقۇنى سەككىز ئەسىردىن بۇيان «پۈتۈن تۈركىي زەبان ، فارسىي زەبان خەلقلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ، دوستلاشتۇرۇپ ، باغلاپ ، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق ، بۇرادەرلىك ، مېھىر-شەپقەت ، مۇھەببەت ، جەۋانمەردلىك (سېخىيلىق) ، مۇرۇۋەت ، فۇتۇۋەت ، پاكلىق ، ھالاللىق ، ئالىي ھىممەتلىك ۋە ئالىيجانابلىق كەبى چىن ئىنسانى ، ئۈمۇمبەشەرىي ئىلغار ئەخلاقىي قەدىرىيەتلەرنى كۈيلەپ كېلىۋاتىدۇ ۋە كېلەچەكتىمۇ مەزكۇر ئۇلۇغۋار كۈي ئەبەدىلئەبەد جاراڭلاپ يۈرەكلەردە ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ ، دەپ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىز».ئارف ئۇسمان ، «مەنەۋىيەت دېڭىزى» — جالالىددىن رۇمى ، «مەسنەۋى مەئىنەۋى» (فارسىيدىن جامال كامال تەرجىمىسى) ، 1-كىتاب ، تاشكەنت ، 2001-يىل ، 12-، 13-بەتلەر. ئەسرار ۋە مەنىلەرنى ئۆز تىللىرىدا كەشىپ ئېتىشكە تۇتۇنغانلىقى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە «مەبدەئى نۇر» ، «مەسنەۋى خاراباتى» ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى يۈرەكلەردە جاراڭلىغان ئەنە شۇنداق ئەكس سادالارنىڭ يارقىن مىساللىرىدىن ئىبارەت ئىدى.


مەشرەپ ئۆز تەبىئىتىگە كۆرە مەۋلانانىڭ ئىلاھىي ئىشق بىلەن كۆيۈپ بىھوش بولغان مەستۇمۇستەغرەق ھاللىرىدىكى شەۋق-زەۋق ۋە روھىي ئىسيانلىرىغا كۆپرەك ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان بولسا ، خاراباتى «مەسنەۋى»نىڭ مەرىفىي — ئىرفانىي ۋە ئەخلاقىي-تەربىيىۋى تەرەپلىرىگە كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن . ئەمما ، ھەر ئىككى شائىر ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئاساسىي بولغان نەرسە ئىنساننى ماھىيەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئىشقتۇر . ئىشق ۋە ئۇنىڭ رەمزى بولغان مەي (پادە) ھەققىدە ئېيتىلغان ئاجايىپ مىسرالارنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا شۇ پىكرىمىزنىڭ توغرىلىقىغا ئەمىن بولىمىز.


بۇ خاراباتى ئەزەلدىن مەي پەرەست،
كېچە-كۈندۈز بادەنى يادىدە مەست


ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار خەزىنىسى 13816 نومۇرلۇق تاش باسما نۇسخىسىدىكى «مەسنەۋى خاراباتى» كېيىنكى ئەسىر ، يەنى «مەسنەۋى خاراباتى پەرزەنتى مەۋلانا رۇمى» 14-بەت.


دېمەك ، خاراباتى ئۆزىدىكى «مەيپەرەسلىك ۋە مەي يادىدە كېچە-كۈندۈز مەستلىك»نى «ئەزەلدىن» دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ ، ئۇنىڭغا ۋاسىتە ياكى رەھنەما ، شۈبھىسىزكى ، مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋى»سى ئىدى.


Andr04.jpg


بىز شائىر خاراباتىنىڭ تەرجىمىھالى ، بولۇپمۇ ئىلىم تەھسىلى ۋە مەنىۋى يېتىلىشىگە ئائىت ئېنىق مەلۇمات ۋە مەنبەگە ئىگە بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، شائىرنىڭ «مەسنەۋى»نى قاچاندىن باشلاپ مۇتالەئە قىلىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە كەسكىن بىر پىكىر ئېيتالمايمىز . ئەمما شۇنى ئېيتىشىمىز مۇمكىنكى ، خاراباتىنىڭ مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئەسەرلىرى ، بولۇپمۇ «مەسنەۋى» بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇشى خېلى بالدۇرلا باشلانغان.
خۇددى نەۋائىيغا يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى بالىلىقىدىلا شەيخ ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير»دىن تۇتاشقان ئوت كەبى ، خاراباتى ھەم ياشلىقىدىنلا «مەسنەۋى»دە كۈيلەنگەن ئىشق ئوتى بىلەن كۆيۈشكە باشلىغان بولسا ئەجەب ئەمەس . نەۋائىي شۇ ئوت بىلەن بىر ئۆمۈر كۆيۈپ ، تۈركىي شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارىغا ئايلانغاندىن كېيىن ، يەنى يېشى 60 قا بارغاندا ئاندىن شۇ ئوتنى تۈركىيىدە شەرھى ئېيتىپ «لىسانۇتتەير»نى يېزىشقا جۈرئەت قىلغىنىدىن قارىغاندا ، خاراباتىنىمۇ مەۋلانانىڭ روھىيەت ئالىمىدە بىر ئۆمۈر كەزمىگەن دەپ ئېيتىش قىيىن . چۈنكى تەرجىمە ياكى شەرھى ئەتمىگەن ، تەسىرلىنىپ ۋە ئىلھاملىنىپ نەزىرە يازمىغان تەقدىردىمۇ ، «مەسنەۋى»دەك باتنىي ئىلىملەر قامۇسىنى مۇتالەئە قىلىپ ، مېغىزىنى چېقىشقا بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى كەملىك قىلىدۇ دېسەك ، خاتا ئېيتقان بولمايمىز.


شۇ مەنىدە شائىر خاراباتىنى ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەۋلانانىڭ «مەسنەۋى»سىنى مۇتالەئە قىلىش ، ئۇنىڭدىكى ئىلاھىي سىرلارنىڭ تېگىگە يېتىش ، رۇمى بىلەن ھەمدەرد ۋە ھەمراز بولۇشقا سەرىپلىگەن دېيەلىشىمىز مۇمكىن . بۇ شائىر ئۆمرىدە باشقا ئەسەرلەرنى مۇتالەئە قىلمىغان ، باشقا مۇتەپەككۇرلاردىن تەسىرلەنمىگەن ، ئىلھام ئالمىغان دېگەن مەنىنى ئاڭلاتمايدۇ ، ئەلۋەتتە . چۈنكى «ئەدەبىي ئالاقە ۋە تەسىر كۆپ قىرلىق ، كۆپ تارماقلىق ھادىسىدۇر . ھەربىر يازغۇچىنىڭ ئۆزى سۆيگەن ، دىلىغا ، روھىغا ماس چۈشىدىغان ، ئۇسلۇبى ياقىدىغان سەنئەتكار ئۇستازى بولۇشى مۇمكىن . ئەمما ئەدىب پەقەت شۇ >ئۆز ئۇستازى<دىنلا تەسىرلىنىدۇ . باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇتلەق ئوقۇمايدۇ ۋە ئۇلاردىن تەسىرلەنمەيدۇ ، دېگەن سۆز ئەمەس . تەسىرلىنىش — كۆپ چەشمىدىن سۇ ئىچىشكە ئوخشاشتۇر . يازغۇچىغا پۈتۈن بىر ئەدەبىيات ، پۈتۈن بىر ئېقىم ئىجادكارلىرى تەسىر قىلىشى  مۇمكىن» نەجمىددىن كامىلوف ، «بۇ قەدىمىي سەنئەت» ، تاشكەنت ، 1988-يىل ، 133-بەت.
ئەلۋەتتە ، خاراباتىمۇ مەۋلانادىن باشقا كۆپلىگەن شەرق مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپىي — ئىرپانىي ئەسەرلەر ، تەزكىرە — مەنقەبەلەر ، ئەدەبىي ، پەلسەپىۋى ، ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي ، ھەتتا تېببىي ئەسەرلەرنى (ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان 5938 نومۇرلۇق قوليازما 1086-ۋاراقتىكى تۆت ئەناسىر ۋە ئۇنىڭ ئىنسان مىجەزىدە پەيدا قىلىدىغان تەبىئىتى ھەققىدىكى مىسرالار خاراباتىنىڭ تېبابەت ئىلمىدىن ھەم خېلىلا خەۋەردار ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ — ھ . ف)ئوقۇغانلىقى ، ئۆگەنگەنلىكى شۈبھىسىز . بۇنىڭغا شائىرنىڭ «مەسنەۋى»دەك چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش قىيىن ئەسەرنىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ ، مېغىزىنى چاقالىغىنى ھەم گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرۇپتۇ .
ئەمما ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، شائىر كۆپرەك مەۋلانا ۋە ئۇنىڭ «مەسنەۋى»سىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئۆز ئەسىرىنى ئەينى شۇ «مەسنەۋى»نىڭ دەسلەپكى مىسرالىرى بىلەن باشلىشى ، «مەسنەۋى»دىكى مىسرالار ۋە ھېكايەتلەرنىڭ خاراباتى ئەسىرىدە تېز ئۇچراپ تۇرۇشى ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۆز ئەسىرىنى مەۋلانا رۇمىنىڭ «مەسنەۋى»سىدىن تۇغۇلغان مەنەۋى  پەرزەنت ھېسابلىشى پىكرىمىزنى يەنىمۇ تەستىقلايدۇ.
تۆۋەندىكى مىسرالار «مەسنەۋى خاراباتى»نىڭ قوليازما نۇسخىلىرىنىڭ باشلىنىشىدۇر.


Shams_ud-Din_Tabriz_1502-1504_BNF_Paris.jpg


ئاڭلاغىل نەي نې ھېكايەتلەر قىلۇر،
ئۇل جۇدالىغدىن شىكايەتلەر قىلۇر.
ئول مېنى قىلغاچ نەيستاندىن جۇدا،
خەلقى ئالەم ئىچرە بولدۇم بىنەۋا.
نالە ئەيلەرمەنكى بولغاچ بىۋەتەن،
نالە ئەيلەر نالىشىمدىن مەردۇ زەن.
بىھېساب سىينەمدە بار شەرھۇ فىراق،
شەرھ قىلسام جۈملە دەردى ئىشتىياق.
كىمكى بولغاچ بولسا ئەسلىدىن يىراق،
اول كىشىدە كۆپ ئىرۇر ۋەسلى ئىشتىياق.
گەر كىشى ياد ئەتسە دائىم ئەسلىنى،
كېچە-كۈندۈز ئىستەگەي ئول ۋەسلىنى.
مەن بەھرى جەمئىيغە قىلدىم نالە-زار،
نىكۇ ھەم بەدلىرغە بولدۇم سازۋار.
كىمكى خۇشزەن بىرلە بولسا يارى مەن،
ئىستەڭەي سىينەمدىن ئول ئەسرارى مەن.
سىررى مەن نالەمدىن ھەرگىز دۇر ئەمەس،
لېك بۇ كۆز-قۇلاقىڭ نۇر ئەمەس.
جىسىم جان ، جان جىسىمدىن مەستۇر ئەمەس،
جاننى كۆرمەكلىك ۋەلى دەستۇر ئەمەس.
باڭى نەي ئوتدۇركى بۇ ئېرمەس شامال،
كىمدە بۇ ئوت بولمىغاي بولغاي زەۋال.
بولسەلەر ھەر كىمكى بۇ ئوتتىن يىراق،
ئۇل كىشىدىن گاۋو خىرىسەگ ياخشىراق.
ئىشق ئوتىدۇركى تۇشنى نەي ئارا،
جوشەشى ئىشق ئىچرە تۈشتى مەي ئارا.
جۇنبىش جۈنبەندەلەر ئىشق شىددەتى،
ساكىن ھەرىز سەلار ئىشق ھەيرەتى.
نەي كەبى زەھەر ھەم تەرياك يوق،
نەي كەبى دەمسازۇ ھەم مۇشتاق يوق.
رازى نەي زەھەر ئىلىن پۇرخۇن قىلۇر،
قىسسەئى ئىشق ئاڭلاسا مەجنۇن قىلۇر.



«مەسنەۋى»نىڭ دەسلەپكى مىسرالىرى شۇ يەرگىچە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، شۇنىڭدىن كېيىن شائىر «مەسنەۋى» ۋەسپىدە يازىدۇ:



«مەسنەۋى» ئاينەئى ئەنۋارى دىل،
«مەسنەۋى» گەنجىنەئى ئەسرارى دىل.
«مەسنەۋى» دەردى نىھانلارغە دەۋا،
«مەسنەۋى» ناسۇرى جانلارغا شىفا.
«مەسنەۋى» كىم بادەئى ۋەھدەت ئېرۇر،
لەززەتى ھەم ئىشرەتى رەھمەت ئېرۇر.
«مەسنەۋى» كىم ھادىسى ھەييى قەدىم،
«مەسنەۋى»دۇر گوييا بەھرى ئەزىم.
«مەسنەۋى» كىم مەئىنئى قۇرئان ئېرۇر،
سەربەسەر ھەم ھۆججەتۇ بۇرھان ئېرۇر.
بولسە كىمنىڭ ھالى زەئىفىدىن خاراب،
«مەسنەۋى»دۇر ئۇشبۇ زەئىفىفە جۇلاب.
بۇ جۇلابدىن ئىچسە جان ئەفزۇت بولۇر،
ماددەئى يۈز ياغنى بېرون قىلۇر.
«مەسنەۋى» كىم گۇمراھلارغە رەھنەما،
«مەسنەۋى»دۇر روھ تا ئۇچغاي ھەۋا.
رەشھەلەر بۇ بەھرەدە بىسياردۇر،
بىنھايەت گەۋھەر ئابداردۇر.
«مەسنەۋى» ھەم جان ، ھەم جانان ئېرۇر،
«مەسنەۋى» ھەم دەرد ، ھەم دەرمان ئېرۇر.
دېسە كىم ئىشقى كۆھنەنى نەۋ قىلاي،
كېچە-كۈندۈز «مەسنەۋى»نى ئوقۇغاي.
ئۆچكەن ئوتنى «مەسنەۋى» رەۋشەن قىلۇر،
بولسە خارسان ئەگەر گۈلشەن قىلۇر.
«مەسنەۋى» كىم بىر ئۇلۇغ دەريا ئېرۇر،
ئايدىن ھەرقايسى رەۋشەن ئېرۇر.
ئىچسە گەر بىر فەرد بولۇپ سىردىن نىھان،
بولغاي ئۇل ھالەتدە تازە نەۋ جۇۋان.
اي خەراباتىي بۇ بەھرەغە غەرق بول،
كېلگۈسى شايەد سېنى ئىلكىڭە ئول.
ئەي خەراباتىي سۇ خەنى ئاغاز قىل،
قىسسەنى كوتاھ سۆزنى ئاز قىل.


ئۇ ، شۇ ئىككى مىسرا كۆپگىنە مەزمۇنلارنىڭ ئاخىرىدا تەكرارلىنىدۇكى ، ئۇ مەۋلانانىڭ دەسلەپكى 18 بېيىتىنىڭ ئاخىرقى سەتىرلىرى بولمىش


دەر نەيابەد ھالى پۇختا ھېچ خام،
پەس سۇخە كوتاھ بايەد ، ۋەسەلام.
(پۇختىنىڭ ھالىنى خام قانداق بىلسۇن،
قىسقا قىلغىل سۆزۈڭنى ، ۋەسەلام.)


دېگەن مىسرالىرىنى ئەسلىتىدۇ.
ئۇنداق بولسا ، خاراباتى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەسىرىنى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ مىسرالىرى بىلەن باشلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خاراباتىمۇ ئۆز ئەسىرىگە باشقا بىرەر نام قويماستىن مەۋلاناغا ئوخشاش شېئىر شەكلىنىڭ نامى بىلەنلا «مەسنەۋى خاراباتى» دەپ ئاتايدۇ؟
ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، خاراباتى يىللاپ-يىللاپ «مەسنەۋى»نى ئوقۇش ، مۇتالەئە قىلىش ، «مەسنەۋى»دىكى روھىيەت ئالەمى ۋە سىرلار دۇنياسىدا كېزىش جەريانىدا مەسنەۋىگە يوشۇرۇنغان مەنە قىزلىرى شائىرنىڭ ئۆتكۈر نىگاھىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدىكى ، شائىر ئۈچۈن «مەسنەۋى»دىكى روھ ، ئىلاھىي ئەسرار ، باتنىي مەنىلەر ئايدىنمۇ روشەن بولۇپلا قالماي ، ئەسەرنىڭ بارچە مەزمۇنى ، ھەتتا سەتىرلىرى دىيەرلىك خاراباتىنىڭ قەلبىگە ئورنىشىپ ، ياد بولۇپ كەتكەنىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ مىسرالىرىدىن ھەر ۋاقىت «مەسنەۋى»نىڭ دەمى ئۇرۇپ ، ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ:


ھەر دۇكانى بار سەۋداسى دىگەر،
«مەسنەۋى» دۇكانى قىقرۇ سەربەسەر.
مەن كۆتەردىم مەغزى قۇرئان مەئنەسىن،
تاشلادىم بىر پارە پوست تىرەسىن


ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار خەزىنىسى 5938-نومۇرلۇق قوليازما ، 986-ۋاراق؛ 13816-نومۇرلۇق تاش باسما ، كېيىنكى ئەسەر ، 8-بەت (يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن مىسرالارمۇ 5938-، 219-نومۇرلۇق قوليازمىلار ۋە 13861- ، 8884- نومۇرلۇق تاش باسمىلارنى ئاساس قىلىپ ئېلىندى).


Turkey.Konya021.jpg

شائىر ئۆزى بەھرە ئالغان ، شەۋق-زەۋق تاپقان بۇ مەنىلەر دېڭىزىدىن ئۆز خەلقىنىڭ بىبەھرە قېلىشىدىن ، بولۇپمۇ پارسچىنى ياخشى بىلمەيدىغان ئاۋامنىڭ بۇ ئۇمماندىكى ھېكمەت ئۈنچىلىرىدىن بىخەۋەر قالماسلىقى ئۈچۈن «مەسنەۋى»دىن خەلقنى بەھرىمەن ئېتىشكە بەل باغلايدۇ . قارىغاندا ، شائىر «مەسنەۋى»نى تۈركىيىگە تەرجىمە قىلماقچىمۇ بولغاندەك تۇرىدۇ.


يوق ئىدى ئالەمدە تۈركىي «مەسنەۋى»،
ئاڭلا سەھەر كىمكى دىن بولغاي قەۋى.
ئەزبىرايى خاتىرى ياران ئۈچۈن،
تۈركىي قىلدىم سىينەئى سوزان ئۈچۈن.
قالمىسۇن پۈشىيدە دەپ بۇ گەنجنى،
تارتتىم بىرنەچچە كۈن بۇ رەنجىنى


خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 399-نومۇرلۇق «مەسنەۋى خاراباتى» قوليازما نۇسخىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى . (تاشكەنتتىكى قوليازما ۋە باسما نۇسخىلاردا بۇ مىسرالار باش-ئاخىرى تولۇق ھالدا مەۋجۇت . ماقالىنىڭ ھەجىمى ئېتىبارى بىلەن بۇ يەردە كەلتۈرمىدۇق . ئەسەرنىڭ قوليازما ۋە تاش باسمىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىمىزدە تەپسىلىي كەلتۈرمەكچىمىز — ھ . ف) . ئەمما ، «مەسنەۋى»نى سۆزمۇسۆز ، قۇرمۇقۇر تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا ئىمكانىيەت ھەم كەم ئىدى . چۈنكى «مەسنەۋى»دىكى ئىلاھىي سىرلارنى ، باتنىي مەنىلەرنى ھېس قىلماستىن ، چۈشەنمەستىن ، سۆز ۋە قاپىيىگە ئېتىبار قارىتىش بىلەن «مەسنەۋى»نىڭ نېمىسىنى ھەم يەتكۈزۈپ بېرىش مۇمكىن؟ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «مەسنەۋى»نى باشقا تىللارغا ئۆرىگەنلەر ياكى مەنىسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلار ئىشنى شەرھدىن باشلىغان ۋە تەرجىمە بىلەن شەرھنى بىرگە ئەمەلگە ئاشۇرغان.
خاراباتى ئەسىرىنىڭ باشلىنىشى بولغان ۋە «مەسنەۋى»دىن ئېلىنغان بېيىتلەرنىمۇ (16 بېيىت) فارسىيدىن سۆزمۇسۆز تەرجىمە دەپ بولمايدۇ . بولۇپمۇ كېيىنكى مىسرالاردا شائىر خېلىلا ئەركىن يول تۇتقان ۋە شۇ 16 بېيىتنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن «مەسنەۋى» تەرىپىدە يۇقىرىدا بىز كۆرۈپ ئۆتكەن مىسرالارنى پۈتۈپ ئۆز ئىجادىنى باشلىغان . باشقىچە ئېيتقاندا ، «مەسنەۋى»دىن كەشىپ قىلغانلىرى ئاساسىدا ئۆز تىلى ۋە دىلى بىلەن يېڭى ئەسەر ياراتقان.
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان «مەسنەۋى خاراباتى» قوليازما نۇسخىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «مەسنەۋى خاراباتى»نىڭ تۆت قوليازما نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا بىز كۆرۈپ ئۆتكەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ مىسرالىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ ، ئىچىدىكى باب-پەسىللەرنىڭ ناملىرى ۋە مەزمۇنى 1986-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قىسقارتما ھالدا نەشر قىلغان ۋە شۇ نەشرگە ئاساس بولغان تاش باسما نۇسخىلارنىڭ باشلىنىشىدىن ۋە مەزمۇنىدىن پەرقلىنىدۇ.
شائىر مەۋلانا جالالىددىن رۇمى «مەسنەۋى»سىنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى بىلەن ئىجادقا كىرىشكىنى ئۈچۈن ، ئۆز ئەسىرىنى مەۋلانانىڭ «مەسنەۋى»سىدىن تۇغۇلغان مەنەۋى پەرزەنت دەپ بىلگەن . شۇ بائىس ئەسىرىگە «مەسنەۋى خاراباتى پەرزەنتى مەۋلانايى رۇمى» دەپ نام بەرگەندەك تۇرىدۇ . مەۋلاناغا بولغان ئىخلاسى ۋە ھۆرمىتى يۈزىسىدىن ئەسىرىنى مەۋلانانىڭ مىسرالىرى بىلەن باشلاپ (شەرق شېئىرىيىتىدە ئۆز ئەسىرىنى ئۇستازىنىڭ مىسرالىرى باشلاشمۇ ئەنئەنە بولغان) ، ئاندىن «مەسنەۋى» تەرىپىدە ئوتلۇق قەسىدىلەرنى پۈتۈشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈشمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىسە كېرەك.
دېمەك ، شائىر خاراباتىنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەدەبىي مىراسى قىسقارتما نەشرىگە ئاساس بولغان تاش باسما نۇسخىلاردىكى 13 مىڭ مىسراغا يېقىن «مەسنەۋى خاراباتى» ياكى «كۈللىياتى مەسنەۋى خاراباتى»دىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماي ، بىز ھازىرغىچە خاراباتىنىڭ ئەدەبىي مىراسى سۈپىتىدە تىلغىمۇ ئالمىغان ، ئۆگەنمىگەن ، تەتقىق قىلمىغان ، ئەمما بىزدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى ئىلىم دەرگاھلىرىدا ، خەلقنىڭ قوللىرىدا ئوخشاشلا «مەسنەۋى خاراباتى» نامى بىلەن ساقلىنىۋاتقان قوليازما نۇسخىسىدىكى ئەسەر ، يەنى «مەسنەۋى خاراباتى پەرزەنتى مەۋلانايى رۇمى» دەپ ئاتالغان ئەسەردىكى بەش مىڭ مىسراغا يېقىن شېئىرمۇ خاراباتى قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزنى كۈتمەكتە.


ئاخىرىدا ، خاراباتىنىڭ «مەسنەۋى»نى تۈركىي قىلدىم دېگەن مىسرالىرىغا كەلسەك ، گەرچە شائىر كەمتەرلىك قىلىپ ئۆز ئىجادىنى «مەسنەۋى»نىڭ تۈركىيسى دەپ ئېيتقان ۋە ئەسىرىگە باشقا نام قويمىغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە «مەسنەۋى»دىكى روھنى ئۆز قەلب مۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ ئىجاد ئەتكەن . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «مەسنەۋى خاراباتى» ھەقىقىي ئىجاد مەھسۇلىدۇر . «مەسنەۋى»دە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ كۈيلەنگەن ۋە تەسەۋۋۇپتىكى باش ماۋزۇ بولغان ئىشقنىڭ خاراباتى تەرىپىدىن كۈيلىنىشىدۇر ، خالاس.

مەنبە:
http://www.dewr.org/kishilik/?p=3639  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahrir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 11:44 AM  


زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر. - جالالىدىن رومى .  ئەجرىڭىزگە رەھمەت . ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ يوللىنىشى ، ئوقۇلۇشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 04:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا خاراباتىنىڭ كىتابى بار ئىدى ، ئاقسۇ 1.ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى ئابباس مونياز مۇئەللىم يازغان. رىيازەتكار ئەدىب خاراباتى، دىگەن كىتابنى  مەن يەنئەنلۇدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن سېتىۋالغان ، ئابباس مۇئەللىم  خاراباتىنىڭ رومانىنى يېزىۋېتىپتۇ ،ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەچى يېزا تەۋەسىدە خاراباتىنىڭ  مازاسى بار ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شةرىق ھةقنى تاپتى كېچىپ دۇنيادىن
غةرىب دۇنيا تاپتى كېچىپ ئاللاھدىن



بۇ سۆز نىم دىگەن توغرا ھە؟

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 12:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر   چاغلاردا  ئوقۇغان  ئىدىم  ،  جالالىدىن  رۇمىنىڭ  ئۆيدىكىلەر بىلەن باشقا
يۇرىتلارغا  كۆچۈش جەريانى  ،  مۇھەببىتى   توغرۇلۇق   ھېلىقى  ،  قايسى
كىتابتى  ئۇ  ؟

غۇرا  ئىدىم ،  پىشتىم  سارغايدىم  . دېگەن  گېپى  ئىسىمدە قاپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 12:36 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 04:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarimlih يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 04:58 PM
ئابدۇللا خاراباتىنىڭ كىتابى بار ئىدى ، ئاقسۇ 1.ئوتتۇرا  ...

ھە مەنمۇ ئوقۇغان  ئەڭ ئاخىردا سارەڭدەك بوپ قالىدۇ ئاپپاق خوجا  زاماندىكى خەلقنىڭ نادانلقىنى كۆرۈپ چىدىماي ئۇ ئادەم ،

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش